-
2011-02-23
مەمەت ئاۋاق ھەققىدە پاراڭ2-قىسىم داۋامى Memet Awaq Heqqide Parang 2-qisim Dawami
داۋامى ئىنكاس شەكىلدە يوللاندى
مەمەت ئاۋاق ئوسمان چوڭنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ ئىككى كۈن تاغ ئىچىدە يۈرۈپتۇ
ئاندىن يېزىسىغا يېقىنلاشقاندا تۈزلەڭلىككە چۈشۈپتۇ. يول ئۈستىدە كەسمە يېزىسىدىن ئۆتۈپتۇ. بالىلىق دەۋرىدىكى يېققىنلىرى ئېسىگە كەپتۇ. يېزىسىدىن قاچقاندا ئىسسىق قۇچىغىغا ئالغان سۇلايمان خوجا بىلەن ئايالى مۇشۇ يېزىدا ئەمەسمۇ. كەچ كىرگىچە يېزىنىڭ سىرتىدا يوشۇرنۇپ يېتىپتۇ.كەچ كىرگەندە سۇلايماننىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ. سۇلايمان ئۇنى كۆرۈپ ھودۇقۇپتۇ. باشقىلاردىن ئاۋاق مەمەتنىڭ "قاراقچى مەمەت ئاۋاق" بولغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىۋاتقان ئىكەن. كۆزىگە ئىشەنمەپتۇ. بوۋاي مەمەتتىكى ناتونۇش بەلگىلەرگە، ھەركەتلەرگە ھەيران بولۇپ قارايدىكەن. مەمەت بولسا سۇلايماننىڭ ئۈستى-بېشىدىن، ئۇنىڭ ئۆيىدىن بالىلىق دەۋرىدىكى ئۆزىگە تونۇش بولغان يەرلەرنى ئىزدەيدىكەن. مۇڭدىشىپتۇ. كېچىچە ئۇخلىماپتۇ.
پاراڭ ئارىلىقىدا سۇلايمان چال مەمەتتىن:
- ئەمدى نەگە بارماقچىسەن ئوغلۇم- دەپ سوراپتۇ. مەمەت بالىلىق چېغىدا ئېيتقاندەك:ھېلىقى يېزىغا كېتىۋاتىمەن- دەپتۇ. ئاندىن:
- تاغا، مەن ئۇ يېزىنى ھېلىغىچە تاپالمىدىم . ئەمدى نەگە بېرىشنىمۇ بىلمىدىم. - دەپتۇ.
سۇلايمان باشقا گەپ قىلماپتۇ. ئىچىدە "جېنىم بالام مەنمۇ شۇ يېزىنى ئىزدەۋاتقىلى مانا سەكسەن يىل بولدى. ھېلىغىچە ئۇچرىمىدى" دەپ ئويلاپتۇ. مەمەتكە،
جېنىم بالام شۇ يېزىنىڭ دەردىغۇ بۇ - دەپتۇ.
مەمەت ئېھتىيات قىلمىسا ھەممە نەرسە يوقاپ كېتىدىغاندەك شۇنداق ئاجىز يالۋۇرغان ئاۋاز بىلەن؛
تاغا، شۇ يېزا بارمۇ ياكى يوقمۇ ؟ مەن يوق نەرسىنى ئىزدەپ يۈرگەندىمەنمۇ ؟ - دەپ سوراپتۇ. سۇلايمان چوڭ مۈكچىيىپ قاپتۇ. بىچارە ئادەم نىمىمۇ دىيەلىسۇن. "مانا ياخشى بولار، ئەنە ياخشى بولار" دەپ بىر ئۆمۈر ياخشىلىقنىڭ تاماسى بىلەن ياشىغان ئادەم نىمە دىيىشىنى بىلەلمەپتۇ.
- بالام، خۇدانىڭ نەدىلىكىنى بىلدىم. ئەمما ئۇ يېزىنىڭ نەدىلىكىنى مەنمۇ بىلمىدىم. دەپ بېشىنى تۆۋەن ساپتۇ. كەينىدىن مەمەتكە ئىلتىجا قىلغاندەك:
- تەلىيىڭ بولسا ساڭا ئۇچراپ قالار- دەپ پىچىرلاپ قويۇپتۇ.
مەمەت سۇلايمان چوڭنىڭ ئۆيىدە ئىككى كۈندىن ئارتۇق تۇرالماپتۇ. بالىلىق دەۋرىدىكىدەك خالىغانچە تۇرسا بولمايدىكەن. ھازىر بىرلا ئابدى ئاغا ئىزدىمەستىن خۇدانىڭ جىمى مەخلۇقاتى ئۇنى ئىزدەۋاتقان ئىكەن. شۇڭا تۇرالمايدىكەن. بۇرۇن سۇلايماننىڭ ئۆيىدىن ئابدى ئاغا ئېلىپ كەتكەن بولسا، بۇ قېتىم قاراقچى مەمەت ئېلىپ كېتىپتۇ. ئۆزىگە دۈشمەن بولىۋاتقان ئۆزىنىڭ نامى ئېلىپ كېتىپتۇ. مەجبۇرى ئېلىپ كېتىپتۇ. مەمەتنىڭ ئىختىيارىچە بولسا مۇشۇ ئۆيدە بىر ئاي خاتىرجەم يېتىۋالغۇسى بار ئىكەن. ئەمما ھازىر مۈمكىن بولمايدىكەن. قاراقچى مەمەت ئاۋاقنى جىمى مەۋجۇدات ئىزدەيدىكەن.
مەمەت كەسمە يېزىسىدىن چىقىپ يېرىم كېچە بىلەن دەگىرمەن ئولۈككە، تۇغۇلۇپ تونۇغان يېزىسىغا كەپتۇ.
يېزىسىنى يىراقتىن كۆرگىلى بارىدىغان ھېلىقى دوڭگە بېرىپتۇ. بالىلىق چاغلىرىدا يالغۇز ئوينايدىغان بۇلاق بويىغا بېرىپتۇ. بۇلاقنىڭ تېگى كۆكۈش قۇملۇق ئىكەن. يىراقتىن يېزىسىغا قاراپتۇ. بالىلىق چاغلىرى، بۇ ئەتراپتا قوي باققاچ ئوينىغانلىرى ئېسىگە كەپتۇ. كۆزلىرىگە ياش كەپتۇ. شۇ چاغلاردا بۈگۈنكىدەك كۈنگە قېلىشنى ئويلاپمۇ باقمىغانلىقى ئېسىگە كەپتۇ. ئېلىۋالغان مۇزدەك گۆش بىلەن پىيازنى ۋە ناننى چىقىرىپ تاماق يەپتۇ. "ھۆكۈمەتكە تەسلىم بولسام كەچۈرۈم قىلارمۇ ؟ بۇنداق كۈندە ياشىغاندىن ھەمزەنىڭ ياكى ئەلى ساپا باينىڭ ئوتاقچىلىقىنى قىلساممۇ مەيلىتتى" دەپ ئويلاپتۇ.
ئۆزىنى كەچۈرۈمگە ئىشەندۈرۈشكە تىرىشىپتۇ. "چوقۇم كەچۈرىدۇ. ھۆكۈمەت دىگەن يۈزىنى ئويلايدۇ. يالغان ئېيتمايدۇ..... ياق، ياق..." دەيدىكەن كەينىدىنلا. "كەچۈرۈمگە ئىشىنىپ تاغدىن چۈشكەن قاراقچىلار كوزان تۈرمىسىگە قامالدىغۇ، كەچۈرۈم دىگىنى شۇمۇ. ئاستىڭدا يېتىپ، ئاكا دىگەنگە ئىشەنگىلى بولامدۇ.......ۋاي كەچۈرۈمىڭنى سى......" كاللىسىدىكى ئويلار ئۇنى يېتىلەپتۇ. كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرى ھەممىسى خىيالىغا كېلىۋاپتۇ. ئوي-خىيالنىڭ لەززەتلىك ھېس-تۇيغۇسى ئۇنى پەپىلەپتۇ. شەھۋەت بىلەن پەپىلەپ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى ئۈمۈتسىزلىك ئوتىدا تولغاپتۇ.
دەگىرمەن ئولۈك نامازشامدىن كېيىنكى سۇس قاراڭغۇلىققا سىڭىپ كېتىۋاتقان ئىكەن. كوچىلاردا ئادەممۇ يوقكەن. پەقەت بىرنەچچە تۇرخۇندىن چىقىۋاتقان ئىس بىلەنلا يېزىدا ھاياتلىقنىڭ بارلىقىنى بىلگىلى بولىدىكەن. مەمەت تامىقىنى يەپ بولۇپ ئاۋال يېزىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئۈممەتنىڭ ئۆيىگە مېڭىپتۇ. ئۈممەت سېرىقنىڭ ئۆيى يېزىنىڭ ئەڭ چېتىدە ئىكەن. مەمەت ئۆينى بىر سائەتتەك كۈزىتىپ ئاندىن يېققىن بېرىپتۇ. ئىشىككە ئۇددۇل بارماي مۈشۈكتەك ئېھتىيات بىلەن ئۆينىڭ تۆۋىسىگە چىقىپتۇ. ئىلگىركىدەك ئۆگزىنى يېنىك ئۇرۇپ ئىشارەت قىپتۇ. شۇنداق قىلسا ئۈممەت سېرىق چىقىدىكەن. بىر چاغدا ئۆيدىن بىر گەۋدە چىقىپ تام ياقىلاپ ئۆينىڭ كەينىگە ئۆتۈپتۇ. مەمەتنىڭ ئۇددۇلىغا كەلگەندە مەمەتكە "تېز يات" دەپتۇ. ئۈممەت سېرىق شىۋىرلاپ تۇرۇپ؛
سېنىڭ تورۇس تاغلىرىغا قايتىپ كەلگەنلىكىڭنى ھۆكۈمەت بىلىپتۇ. ھازىر ئۆيدە لىق ئەسكەر ئۇخلاۋاتىدۇ. بۇ بوران ئۆتۈپ كەتكۈچە تورۇستىن يىراق تۇر- دەپتۇ.
مەمەت "يېزام قانداقراق تۇرىدۇ؟ " دەپ سوراپتۇ. ئۈممەت ئاچىقلاپتۇ:
يېزاڭ قانداق تۇراتتى. جايىدا تۇرۇپتۇ. خۇدا ساقلىسۇن، يېزاڭغا بارمىغىن توزاققا چۈشىسەن. ئەسكەرلەر تىمىسقىلاپ يۇرىيدۇ. دىخانلار غالجىرلىشىپ كەتتى. داداڭ بولسىمۇ، قېرىندىشىڭ بولسىمۇ كۆرۈنمە. تورۇستىن كەت- دەپتۇدە مەمەتنىڭ مۈزدەك بولۇپ كەتكەن قولىنى سىقىپ قويۇپتۇ. ئاندىن ئاستا تام ياقىلاپ ئۆيگە كىرىپ كېتىپتۇ.
مەمەت بۇ يەردىن تېزلا ئايرىلىپتۇ. ئۆزى بىلىدىغان چىغىر يول بىلەن ئىتتىك مېڭىپ يىراقلىشىپتۇ. يۈرىگىدىكى قورقۇنۇچ تۇيغۇسى بارغانچە كۈچىيىپتۇ. يېزىسىغا كەلگۈچە قورقۇپ تۇرسىمۇ ئەمما قەلبىدە بىر خىل قىزىقىش ئارىلاشقان سېغىنىش بار ئىكەن. ئەمما ھازىر ھېچنىمە يوق، قاپ-قاراڭغۇلۇق ئىچىدە يالغۇز قاپتۇ. ئۈممەتنىڭ، "قېرىندىشىڭ بولسىمۇ كۆرۈنمە دىگىنى نىمىسى، دىخانلار غالجىرلىشىپ كەتتى دىگىنىچۇ"....مەمەت ھەر-خىل قىياسلارنى قىپتۇ. "يېزامغا نىمە بولغاندۇ ؟ دىخانلار يەرلىرىنى ئۆزى تېرىغانمىدۇ؟ دىخانلارغا نىمە بولغاندۇ ؟ ھەي ئۈممەت سېرىق، مېنى كەت دىدىڭ. نەگە كېتىمەن. دۇنيانىڭ ئۆزەم بارالايدىغانلىكى يېرىگە باردىم. ئامانلىق، تىنىچلىق تاپالمىدىم. تورۇسقا كەلدىم. ئاخىرقى قېتىم كۆرۈۋېلىش، پۇرىۋېلىش ئۈچۈن كەلدىم. ئۆلسەم تورۇستا ئۆلەي دەپ كەلدىم......" مېڭىۋاتقان قەدەملىرى توختاپ قاپتۇ. "نەگە باراي. بۇنداق تېز مېڭىپ نەگە بارماقچىدىم....." كېچىنىڭ قاراڭغۇلىقىدا تۇرۇپ قاپتۇ. قاياققا مېڭىشنى بىلەلمەپتۇ. ئانىسىنى ، خەدىچەنى ئويلاپتۇ. بالىسىنى،ئىراز ئاچىسىنى ئويلاپتۇ. ھورى ئانىسىنى، پانجار ھۆسۈكنى ئويلاپتۇ. جاپپارنى ئويلاپتۇ، كەرىم ئوغلىنى ئويلاپتۇ.....
مەمەت بۇ كېچە ئۆزىنىڭ شۇنچىلىك يالغۇز ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپتۇ. ئۆزىگە يېقىن ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى ئويلاپ، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلماقچى بوپتۇ. ئەمما يەنىلا قۇتۇلالماپتۇ. شۇندىلا ئۆزىنىڭ قانچىلىك بىچارە ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ. شۇ تاپتا قاراڭغۇلۇققا لىق توشقان دۇنيادا يالغۇز ئۆزى قالغاندەك تۇيغۇ بېسىپ كەپتۇ. شۇنداق بىر دەھشەتلىك ئۈمۈتسىزلىك ئۇنىڭغا يامىشىپتۇ. يۈرەكلىرى سىقىلىپ كېتىپتۇ. يىغلاي دىسە قانداق يىغلاشنى بىلمەيدىكەن. پەقەت خۇدالا بىلىدىغان بۇ يالغۇزلۇق، بۇ ئۈمۈتسىزلىك ئۇنىڭ روھى دۇنياسىنى لەختە-لەختە قىلىۋېتىپتۇ.
مەمەت قىمىر قىلمايدىكەن. سۇس ئاي يورۇقىدا يىراقتىن قارىغان ئادەمگە ھەيكەلدەك كۆرۈنىدىكەن. تاش ھەيكەلگە ئوخشايدىكەن............
بىر چاغدا بۇ ھەيكەل مىدىراپتۇ. قوزغۇلۇپ مېڭىپتۇ. مەمەت ئاۋاق كەينىگە يېنىپتۇ. شۇنچە يەردىن كېلىپ يېزىسىنىڭ ئەھۋالىنى ، يېزىلىقلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەي كەتسە قانداق بولىدۇ ؟ مەمەت قانداقلا بولمىسۇن بىرەر يېزىلىقىنى كۆرۈشنى، ئۇنىڭدىن يېزىسى توغرىلىق ئازراق بولسىمۇ ئاڭلاشنى ئويلاپتۇ. "يەنە بىر كەلگۈچە كىم بار، كىم يوق. جان دىگەن تەندە ئامانەت. قانداقلا بولمىسۇن بىرەر يېزىلىقىمنى بولسىمۇ كۆرۈۋالاي" دەپ ئويلاپتۇ. كېتىۋېتىپ ناخشا ئېيتىپتۇ. دەسلەپتە ئاۋازى بوغۇلۇپ ئۈزۈلۈپ ئېيتىپتۇ. ئاستا-ئاستا ئاۋازىمۇ ئوڭشىلىپ قاپتۇ. خۇددى تويغا ماڭغاندەك گادايدەك يېزىسى تەرەپكە ناخشا ئېيتقىنىچە مېڭىپتۇ. ئۇنىڭ ئاۋازى يۇقۇرى بولسىمۇ بىچارە ئاڭلىنىدىكەن. ئۇنىڭ ناخشىسى تۆمۈر جىسا ھاجىنىڭ ئۆلۈمگە كېتىۋېتىپ ۋارقىراپ ئېيتقان ۋەسىيىتىدەك ئېچىنىشلىق ئىكەن........
كۆزۈم ياشلىق بالىتتىم.
قولى قانلىق ئەر بولدۇم،
مەمەت يېزىنىڭ شەرق تەرىپىگە، ئىسمائىل چولاقنىڭ تۈگمىنىگە يېقىن يەرگە كېلىپ ئولتۇرۇپتۇ. تاڭ يورۇۋاتقان ئىكەن. يىراقتىن ۋەيرانە تۈگمەننى كۈزەتكەچ ئولتۇرۇپتۇ. بالا ۋاقىتلىرىدا شەھەرگە بارغان چاغلىرىنى ئەسلەپتۇ......"نىمىشقىمۇ شەھەرگە بارغاندىمەن !؟ ھەسەن ئون بېشىغا نىمىشقىمۇ ئۇچراپ قالغاندىمەن. ئۇنىڭ گەپلىرىنى نىمىشقا ئاڭلىغاندىمەن" دىگەنلەرنى ئويلاپتۇ......"پۇتلىرىم چولاق بولغان بولسا شەھەرگە بارالمىغان بولسام. بۈگۈنكىدەك مۇشۇ پۇتلىرىم توختىماي قاچمىغان بولاتتى. كۆزلىرىم قارغۇ بولغان بولسا قۇلاقلىرىم پاڭ بولغان بولسا ھەسەن ئون بېشىنى كۆرمىگەن بولاتتىم. بۈگۈنكىدەك يامان كۈنگە قالغان قەھرىمانمۇ بولمايتتىم....." دەپ ئويلاپتۇ. "ھەي قەھرىمان...كۆرىۋاتقان كۈنىڭگە، تۇرغان ئەپتىڭگە قارىغىنا....يۈرگەن كۈنىڭ شۇمۇ...سەندىن ئاچ قالسىمۇ خاتىرجەم تېرىقچىلىق قىلىدىغان دىخاننىڭ ياكى تامنىڭ تۈۋىدە غەمسىز ئولتۇرغان قەلەندەرنىڭ كۈنى ياخشىغۇ....." دىگەنلەرنى ئويلاپتۇ. ئۆزىگە ئىچى ئاغرىپتۇ. تۈنجى قېتىم ئىچى ئاغرىپتۇ. ھېچكىم مەمەتنىڭ ئۆزىگە ئىچى ئاغرىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن. ئويلاپمۇ باقمايدىكەن. باشقىلار "ئۇ دىگەن قاراقچى مەمەت ئاۋاق! تاغلارنىڭ بۈركۈتى! ئۇ بىچارە بولامدۇ" دەپ ئويلايدىكەن. مەمەتنىڭ دەردىنى ئۇنىڭ مۇشتۇمدەك قورقۇپ تىترەپ تۇرغان يۈرىكىنى كۆرۈپ باقمىغاچقا بىلمەيدىكەن.
ئۇلار مەمەتنىڭ ئوقلارنى چەپراس باغلىغان، تاسمىلىق مىلتىقىنى مۈرىسىگە ئاسقان، تاپانچىسىنى ئوڭ تەرەپكە خەنجىرىنى سول تەرەپكە تاقىۋالغان قىياپىتىنىلا كۆرىدىكەن. پەقەت ئەشۇ ھەيۋەتلىك قىياپىتىنىلا كۆرىدىكەن. چاشقاندەك تىمىسقىلاپ ئالقانچىلىك بولسىمۇ تىنىچ بىر يەرگە مۇھتاجلىقىنى بىلمەيدىكەن.
ئاسىم چاۋۇش" مەمەت ئەسلى ئەۋلىيا بولىدىغان ئادەم، نىمىشقىمۇ قاراقچى بولۇپ قالغاندۇ" دەپتىكەن. مېنىڭچە ئەۋلىيا ئاپپاق ساقاللىقلا بولماي بەزىدە كوسا بەزىدە قاراقچى ۋە ياكى بەزىدە ئوغرى شەكىللىكمۇ بولامدىكىن. ئاق ساقاللىق خىزىر دۇئاسى بىلەن باشقىلارغا ياردەم بېرىدۇ. ئەمما كېيىنكى خىزىرلار ئىككى قولى، ئىككى پۇتى ۋە ئىسسىق جېنى بىلەن خەلىقلەرگە باشپانا بولىدۇ.
ھەممىمىز بىلىمىز. خىزىر ھاجەتمەنلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدۇ. ئۇنداقتا خىزىرنىڭمۇ ھاجىتى بولامدۇ ؟ ھاجىتى يوق، مۇھتاجىلىقى يوق خىزىر بولمايدۇ. چۈنكى مۇھتاجلىقنىڭ نىمىلىكىنى بىلمىسە قانداقمۇ خىزىر بولىدۇ ؟! خىزىرنىڭ مۇھتاجلىقىغا كىم ياردەم بېرىدۇ ؟ ھېچكىم ياردەم بەرمەيدۇ. ھەم بېرەلمەيدۇ. ئۇ بىر ئۆمۈر مۇھتاجلىقتا ياشاپ ئاخىرى مۇھتاجلىقتا ئۆلىدۇ. شۇندىلا بىر ئۆمۈر خىزىر بولالايدۇ. باشقىلارغا ياردەم بېرىپ ئۆزى ياردەمگە ئېرىشەلمىگەن ئادەمنى ئەڭ ياخشى خىزىر دىسەك بولىدۇ.....
مەمەت قىزارغان شەپەققە قاراپتۇ. يەنە ئولتىرىۋەرسە بولمايدىكەن. ئەتراپ يورۇپ كەتمەستە ئىشىنى تۈگەتسۇن. ئۇ يېزىنىڭ چېتىدىكى ئىسمائىل چولاقنىڭ تۈگمىنىگە قاراپ مېڭىپتۇ.
مەمەت تۈگمەنگە بارغاندا ئىسمائىل چولاق ئۇخلاۋاتقان ئىكەن. ئەسلىدە بۇ پەسىلدە تۈگمەنچى ئۇخلىيالمايدىكەن. تۈگمەننىڭ بېسىقلىقىدىن نەچچە كۈنلەپ ئۇخلىيالمايدىكەن. ئەمما ئىسمائىل ئۇخلاۋاتقان ئىكەن. يېزىلىقلارنىڭ تۈگمەنگە ئەكەلگۈدەك بىر تۇتام ئاشلىقى بولمىسا تۈگمەنچى ئۇخلىماي نىمە ئىش قىلسۇن.
مەمەت ئۇخلاۋاتقان تۈگمەنچىنى ئويغۇتۇپتۇ.
ئىسمائىل ئاكا ياخشىمۇسەن؟ مەن مەمەت ئاۋاق- دەپ تونۇشلۇق بېرىپتۇ. تۈگمەنچى ئويغۇنۇپتۇ. قايسى مەمەت ئاۋاقلىقىنى سوراپتۇ. مەمەت ئۇنىڭ بىلەن بىر يېزىلىق قاراقچى بولۇپ كەتكەن مەمەت ئاۋاقلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئۇيقۇلۇق كۆزلىرىنى ئاچالماي تۇرغان تۈگمەنچى ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىپتۇ. سەكرىگەندەك تۇرۇپتۇ سەن ئابدى ئاغىمىزنى ئۆلتۈرگەن مەمەت ئاۋاق شۇمۇ- يورۇققا كۆنەلمەيۋاتقان چوپاق كۆزلىرى چەكچىيىپ كېتىپتۇ. "شۇ" دىگەن جاۋاپ بىلەن جىددىلىشىپتۇ. ئۇياق-بۇياقنى سىپاشتۇرۇدىكەن. بىر چاغدا قولىغا بىر توخماق ئىلىشىپتۇ.سەن كاپىر، گۈلدەك ئاغىمىزنى نىمىشقا ئۆلتۈرىسەن. ھەي قانخور، ئاغىمىزنى ئۆلتۈردۈڭ، بىزنى خاراپ قىلدىڭغۇ......- نەدىندۇ پەيدا بولىۋاتقان ياش-ماڭقىلىرى، ئېغىزىدىن ئاققان شۆلگەيلىرى ئارىلىشىپ كېتىپتۇ. يىغلايدىكەن. تىللايدىكەن. قاغايدىكەن. مەمەتنى ئۇرۇشقا، تاتىلاشقا تىرىشىدىكەن. مەمەت ھودۇقۇپ كېتىپتۇ. نىمە بولغانلىقىنى، قۇرتقىمۇ ئازار بەرمەيدىغان بۇ تۈگمەنچىنىڭ بۈگۈن نىمە بولغانلىقىنى بىلەلمەيدىكەن. ھەيران قالىدىكەن. تاياقتىن ئۆزىنى ئەپقاچىدىكەن.
ئۇنىڭ ئورۇق بىلەكلىرىدىن تۇتىۋاپتۇ. مەھكەم تۇتىۋاپتۇ. ئىسمائىل چولاق دىر-دىر تىترەيدىكەن. بوشىنىشقا تىرىشىدىكەن. ئېغىزى توختىماي نالە قىلىدىكەن. ئۈچ يىل بۈرۈن ئۆلگەن ئابدى ئاغىسىغا ھازا تۇتىدىكەن. مەمەتنى قاغايدىكەن.......
مەمەت ئامال قىلالماپتۇ. سىلكەپ بېقىپتۇ. توختىماپتۇ. يالۋۇرۇپ بېقىپتۇ. ئىسمائىل چولاق توختىمايدىكەن تىللايدىكەن.
ئەمدى ئۈنۈڭنى ئۆچەر، بولمىسا ئېتىۋېتىمەن....-دەپ قورالىنى قولىغا ئاپتۇ. تۈگمەنچىنىڭ ئاۋازى پەسلەپتۇ. يىغلامسىراپتۇ. يەردە ئولتۇرۇپلا قاپتۇ. قولى تىترەيدىكەن. غۈدۈڭشۇپ تۇرىدىكەن. يىرتىق كىيىمىدىن بېقىنلىرى، ئورۇقلىقىدىن بېلىگە يىغىلىپ قالغان كىر بەدەنلىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدىكەن. مەمەتنىڭ ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىپتۇ.
يىغلىما ئىسمائىل- . كۆزلىرىنى يۇمۇپ، مەمەتنى كۆرۈشنى خالىمىغاندەك ئولتارغان ئىسمائىل چولاق غۇدۇڭشۇشقا ئۆتۈپتۇ؛
كىم ساڭا ئاغىمىزنى ئۆلتۈرۈپ بەر دىدى- ھە، گۈلدەك ئاغىمىزنى، ئۆيىمىزنىڭ چىرىغىنى كىم ئۆچەر دىدى. ئۇ ئۆلمىسە ھەمزە كەلمەيتتىغۇ، شۇ قانخور بەگ بولمايتتىغۇ ......... مەمەت؛
- بولدى. گېپىمنى ئاڭلا، كېيىن يىغلىۋال. يېزىغا نىمە بولدى؟-دەپ سوراپتۇ. ئىسمائىلنىڭ ئاۋازى كۆتۈرلۈپتۇ. كۆزلىرى غەزەپلىك ئېچىلىپتۇ؛
نىمە بولاتتى. بالىلار ئاچلىقتىن قىرىلىپ كەتتى. شۇلارنىڭ قولى قىيامەت كۈنى ياقاڭدىن تۇتىدۇ. ھەمزە ھەممىنى يىغىۋالدى. ئۆت-چۆپ ئۇرۇقلىرىغىچە يىغىۋالدى. ئىت-مۈشۈكلىرىمىزغىچە يىغىۋالدى. ھۆكۈمەت قوللىدى. ساقچىلارنىڭ نازارىتىدە يىغىۋالدى. يېزىلىقلار ئاچلىقتىن قوۋزاق يىدۇق. يانتاق يىدۇق. قەيغاشنىڭ يوپۇرماقلىرىغىچە سېرىپ يىدۇق. قوساقلىرى ئىششىپ كەتتى. قىرىلىپ كەتتى. ئېيتە ھەي قاراقچى، تاغلارنىڭ بۈركۈتى، يوقسۇللارنىڭ قاياشى. ئابدى ئاغىمىز قەرزگە بولسىمۇ ئاشلىق بېرەتتى. بىرنىمىلەر قىلىپ تىرىك ياشايتتۇق. سەن يوقاتتىڭ. ساڭا كىم قويدى. قوڭۇڭنى قىسماي ئاغىمىزنى ئۆلتۈردۈڭ. بىزنى يىتىم قىلدۇڭغۇ ؟! بىزنى ۋەيران قىلدۇڭغۇ ؟ ......مەمەت جىممىتە بولۇپ قاپتۇ. ئىسمائىل يىغلايدىكەن . ھازا تۇتىدىكەن. يۈرىگىدىن چىقىرىپ ئابدى ئاغىسىغا يىغلايدىكەن. بىر چاغدا مەمەت؛
بولدى ئىسمائىل ئاغا، يىغلىما. بىرنەرسە يەۋالايلى- دەپتۇ. خۇرجۇندىن ئىككى نانغا ئورالغان بىر توخونى ئاپتۇ. ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. ئىسمائىل يىغىدىن توختاپتۇ. ئورنىدىن تۇرۇپ يۈزىنى يۇيۇپ كەپتۇ. مەمەت؛ قېنى ئال، ئىسمائىل ئاغام- دەپ تەكلىپ قىپتۇ. ئىسمائىل ئاچ بۆرىدەك توخوغا چاڭگال ساپتۇ. مەمەت ئۇنىڭ توخونى دەھشەتلىك يىيىشىگە قاراپ ئولتۇرۇپتۇ. ئىسمائىل ئىككى قولى، ئاغزى-بۇرنى، ئىڭىگى، كۆزلىرى، قاشلىرى بىلەن توخونى بېرىلىپ يەپتۇ. بىردەمدىلا يەپ بوپتۇ. ئۇستىخانلىرىنىڭ يۇمشاقراقلىرىنى چايناپ يۇتىۋېتىپتۇ. قاتتىقلىرىنى تەپسىلى غاجاپ شوراپتۇ. ھەممىنى يەپ بولۇپ كەينىدىن ئىككى ساپلىق سۇ ئىچىپتۇ. قوللىرىنى چاپىنىغا سۈركىۋېتىپ بىرنى كىكىرىپتۇ. ئاندىن:
- ھە بالام نەلەردە يۈردۈڭ ؟ داداڭ بىلەن بەك يېققىنتىم، ئەيىپكە بۇيرىما. بىزنى بەك پەرىشان قىلدىڭ. بىر تال تاماكاڭ بارمۇ ؟ ياخشى كەپسەن. سالامەت كۆرۈشتۇق. قېنى سۆزلىگىنە ئاڭلايلى. نەلەردە نىمىلەر قىلىپ يۈردۈڭ ؟مەمەت ئۇنڭغا بېشىدىن ئۆتكەنلىرىنى پاراڭ سېلىپ بېرىپتۇ....
قوسىقى تويغان تۈگمەنچى مەمەت كەتكەندىن كېيىن يېزىدا بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىپتۇ.
........مەمەت ئابدىنى ئۆلتۈرىۋەتكەندىن كېيىن دەگىرمەن ئۆلۈك يېزىسىدىكىلەر كاپىتالىزىمدا ياشىغاندەك ياشاپتۇ. يەرلىرى ئۆزىنىڭكەن، سۇلىرى ئۆزىنىڭكەن. كالا-قويلىرىمۇ ئۆزىنىڭكەن. ئىشقىلىپ دىخاننىڭ مال-مۈلكى ئۆزىنىڭكەن. ھۆكۈمەتنىڭ دەيدىغان گەپ يوقكەن.......
ئەمما بۇنداق كۈنلەر ئۇزۇنغا باراپتۇ. يېزا خەلقى ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇپ ئۈچۈنچى يىلى ئەتىيازدا ھەمزە قايتىپ كەپتۇ..........ھەمزە ئابدىنىڭ باشقا قورساقتىن بولغان ئىنىسى بولۇپ،ئابدى ھايات چېغىدا ئۇنىڭغا بەكمۇ ئۆچ بولغاچقا يېزىدىن ھەيدىۋەتكەن ئىكەن. ھەمزە ئابدى ئاغىدىن قورقۇپ يېزىغا قايتىپ كېلەلمىگەن ئىكەن. ئۇ تاغ تەرەپلەردە تاغچىلارغا ياللىنىپ قوي بېقىپتۇ. جاڭزىلاردا مەدىكارچىلىق قىلىپتۇ...كېيىن ئاكىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلاپ شۇنداق خوشال بولۇپتۇ.....ئۇچرىغانلا ئادەمگە " ئاكام ئۆلۈپتۇ..." دەپ سۆزلەپ يۈرۈپتۇ....كېيىنچە بۇ خوشاللىقىمۇ ئۇنتۇلۇپ بۇرۇنقىدەك مەدىكارچىلىقىنى قىلىپ يۈرىۋېرىپتۇ. بىر كۈنى ئۇنىڭ مەدىكارچىلىق قىلىۋاتقان يېرىگە پىترەك ئوغلى دىگەن يېزىلىقى ئىزدەپ كەپتۇ. پىترەك ئوغلى تولىمۇ مەمەددان ئادەم ئىكەن. ھەرقانداق ئادەمنى قايىل قىلالايدىكەن. سېغىزنى سېرىق ماي دەپ ئىشەندۈرەلەيدىكەن. ئۇ ھەمزە بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن؛
- ھەي نادان، بۇ يەردە مەدىكار بولۇپ يۈرگىچە دىكەنلىگە بېرىپ پادىشا بولمامسەن- دەپتۇ. ھەمدە ئەگەر ئۆزىنىڭ دىگىنىدەك قىلسا چوقۇم ئاكىسىنىڭ ئورنىغا يېزا باشلىغى بولدىغانلىقىنى ئېزىپ چۈشەندۈرۈپتۇ. ھەمزە ئاكىسىنىڭ ئۆلگىنىگە خوشال بولغان ئىكەن. ئەسلىدە خوشال بولىدىغان ئىش ئۇ ئەمەسكەن. خوشاللىق ئالدىدا ئىكەن ئەمەسمۇ . ھەمزەگە پىترەك ئوغلى خىزىردەك كۆرۈنۈپتۇ. "سەن نىمە دىسەڭ شۇ. قېنى يول باشلا " دەپتۇ.....
ھەمزە شۇ كۈنىلا پىترەك ئوغلىنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن ئاخىرقى نەچچە تال دەسمايىسىنى خەجلەپ بىر ئات، بىر قۇر ياخشى كىيىم، ۋە بىر تال گېرمانكىنى ئوقلىرى بىلەن سېتىۋاپتۇ. بىكا تەلەپلەردىن نەچچىسىنى يىغىپ ئۇلارغا يەر، سۇ، پۇل ۋەدە قىلىپ ئەگەشتۈرۈپتۇ. قاتار ئاتلىقلار ھەيۋەت بىلەن يېزىغا كەپتۇ. ئۇددۇل بېرىپ ئاكىسىنىڭ ئۆيلىرىنى ئىگەللەپتۇ. نەچچە كۈن ئىچىدە ئىشلارنى قولىغا ئاپتۇ. يېزىنىڭ ئىمامىنى چاقىرىپ ئابدىنىڭ ئىككى خوتۇنىنى نىكاھىغا ئېلىپتۇ. چوڭ توي قىلىپ بېرىپتۇ. پۈتۈن يېزىنى تويغا چاقىرىپتۇ. يېزىلىقلار ھەيران قاپتۇ. ئابدى ئاغا نەزىرمۇ بېرىپ باقماپتىكەن. قايناقسۇمۇ بېرىپ باقماپتىكەن. ھەمزە توي ئېشى بېرىپتۇ. يېزىلىقلار پادىشانىڭ تويىغا بارغاندەك تويۇپتۇ. مەشرەپ ساپتۇ. چوڭ-كىچىك ئۇسۇلغا چۈشۈپتۇ. شاھزادىنىڭ تويىدەك خوشال ئويناپتۇ. يەپتۇ-ئىچىپتۇ. بۇ تويغا ھۆرى ئانىلا قاتناشماپتۇ. مەنسىتمىگەندەك يۈرىۋېرىپتۇ. دىخانلارنىڭ چىرايىغىمۇ قارىمايدىكەن. ئۇنى كۆرگەن يېزىلىقلار تەنە قىلىدىكەن؛
-قاراڭلار ھۆرى خوتۇن نەگە ماڭغاندۇ ؟
-دۇرمۇش ئەلىنىڭ قارىسى تۈگىمىگەن ئوخشىمامدۇ ؟
-ھورى خاتۇن، مەمەت ئاۋاقنىڭ تويىدىن باشقا تويغا بارمايدۇ.
-كىشىگە قىلسا ئۆزىگە، دىگەن شۇ. دۇرمۇش ئەلى مەمەتنى بەك ۋاي دەپ كەتكەن . - بۇ خوتۇنمۇ شۇ. تارتقۇلىقىنى تارتتى...........
-ھېلىمۇ ئاغىمىزنىڭ يەرلىرىنى ئۈچ يىل تېرىدۇق. ئاشلىق-چارۋىلار ساڭ-ئېغىللارغا توشتى. يۈزىمىز قىزارسۇن قايتۇرۇپ بەرسەك ئەرزىيدۇ.
- ھەمزەگە يەر كېرەك ئەمەسكەن. يېزىلىقلار بىلەن ئىناق ئۆتسىلا شۇ كۇپايىكەن.
- ئاغىسىز يېزىنى يېزا دىگىلى بولامدۇ، باشسىز يۈرگىلى بولاتتىمۇ. ھېلىمۇ ھەمزە كېلىپ قالدى. خۇداغا شۈكرى.....
يېزىلىقلار ھەمزەنى "ئاكىسىغا ئوخشىمايدىغان شۇنداق چىقىشقاق، مېھرىبان، مەرت ئادەم بوپتۇ" دىيىشىپتۇ. تويلار ئاخىرلىشىپتۇ. تويغا كەلگەن شەھەرلىك مېھمانلار ئۇزاپتۇ. ساقچىلار بىلەن چاۋۇش قايتماپتۇ. بىر كۈنى يېزىلىقلارنى يىغىپتۇ. دىخانلار توينىڭ چىللاشقىسى ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتۇ. چاۋۇش ھەممەيلەن يىغىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلارغا؛
-سىلەر ئابدى ئاغىنى ئۆلتۈرۈپ يەرلىرىنى مال-چارۋىلىرىنى تارتىۋېلىپسىلەر. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قانۇنىدا بىراۋنىڭ مۈلكىنى تارتىۋېلىش جىنايەت . بۇنداق ئوغرىلارنى، بۇلاڭچىلارنى بىز باشقۇرالايمىز. بۈگۈندىن باشلاپ ئېلىۋالغان نەرسىلەرنى پۈتۈنلەي قايتۇرىسىلەر. يىڭنە چاغلىق نەرسىنىمۇ قالدۇرمايسىلەر....
ئارىدىن بىر ئىككەيلەن؛
- بىز ئابدى ئاغىنى ئۆلتۈرمىدۇق. مەمەت ئاۋاق ئۆلتۈردى...- دىيىشىگە ساقچىلاردىن تۆتى كېلىپ ئۇلارنى سۆرەپ مەيداننىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ تازا ئۇرۇپتۇ. ھەمزە سەل ئۆتكۈزۈپ ساقچىلارنىڭ يېنىغا بېرىپتۇ؛
- بولدى ئۇلار قانۇننى بىلمەيدۇ. ساۋاتسىز. كەچۈرۋېتەيلى. ئەمدى ئادەم بولار.- دەپ تاياقتىن قۇتۇلدۇرغان بولۇپتۇ. يېزىلىقلار مەڭدەپ قاپتۇ. تاياقنى، تىلنى ئۈچ يىلغىچە كۆرمەي ئۇنتۇپ قالاي دەپتىكەن. ئەمدى ئېسىگە كەپتۇ. تېزلا ئېسىگە كەپتۇ. يېزىلىقلار تارقىشىپتۇ. كېيىن تالىشىپتۇ. بەزىلەر "ھەمزەنىڭ توغرا" دەيدىكەن، بەزىلەر "خاتا" دەيدىكەن. ئۇلار شۇنچىلىك ھودۇقۇپتىكى، نىمىنىڭ خاتا، نىمىنىڭ توغرىلىقىنى بىلەلمەيلا قاپتۇ.....
ئەتىسىدىن باشلاپ ھەر ئون ساقچىنى بىر گۈرۈپا قىلىپ ئۆيمۇ-ئۆي ئاختۇرۇپتۇ. ئۇچرىغاننى توشۇپتۇ. بۇغدايدىن تارتىپ ئۇنغىچە ھەتتا يۇغۇرۇپ قويغان خېمىرغىچە قويماپتۇ. ئات، كالا، قوي، توخوغىچە ھەممىنى يىغىپتۇ...شەھەردىن مالچىلارنى چاقىرىپ بارلىق ھايۋاناتنى ئۇلارغا سېتىپتۇ. يېزىدىن شەھەرگە ئۈچ كۈنگىچە مال پادىسى مېڭىپ تۇرۇپتۇ.....ئاشلىق سودىگەرلىرى خېچىر كارۋانلىرى بىلەن ئاشلىقلارنى توشۇپتۇ. دىخانلارغا بۇ ئىش ئويۇندەك بىلىنىپ ئىشەنگۈسى كەلمەپتۇ. ھەمزە يېزىلىقلارغا يەر ھەيدەيدىغان كالىلارنىلا قالدۇرۇپتۇ. يەر ھەيدىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلارنىمۇ يىغىۋاپتۇ. ھەمزە؛
-ئاكام ئۆلگەندىن كېيىن سىلەر ئۈچ يىلغىچە بىر تال دانمۇ بەرمىدىڭلار. مەن ئەمدى بەش يىلغىچە سىلەرگە بىر تال دانمۇ بەرمەيمەن- دەپتۇ. "ئادالەت دىگەن مۇشۇ. مانا بۇ ھەققانىيەتچىلىك" دەپتۇ.شۇ يىلى قىشتا دىخانلارنىڭ يەيدىغىنى يوق ئاچ قاپتۇ. ھەمزەنىڭ يېنىغا بېرىپتۇ.
-بىز قىلغاننى سەن قىلما، ئىچىڭ ئاغرىسۇن ئاچلىقتىن قىرىلىپ كەتمەيلى- دەپتۇ. ھەمزە پەرۋا قىلماپتۇ. ئاچلىقتىن نۇرغۇن ئادەم ئىششىپ كېتىپ ئۆلۈپتۇ. ئابدى ئاغا دەۋرىدە ھەرقانچە بولسىمۇ ئاچلىقتىن بىرەرسى ئۆلمىگەن ئىكەن. كۆپىنچە دىخان يېزىنى تاشلاپ كېتىپتۇ.........ئەتىياز كىرىشى بىلەن يېزىدا ئۆلگەنلەر كۆپىيىپتۇ. دىخانلار ئۆمرىدە بۇ قىشتىكىدەك قىينالمىغان ئىكەن. ئۆيلىرىگە تىقىلىپ كېتىپتۇ. دۇنيادىكى ئەڭ گەپتان ئادەملەر تورۇس دىخانلىرى دىيىشىدۇ. ئەمما ھازىر بۇلارنىڭ ئاغىزى تىكىۋېتىلگەندەك گەپ قىلىشمايدىكەن. بىر نەرسىگە خاپىكەن. ئورنىدىن تۇرىۋېتىپ قولاشمىغان پۇتىغىمۇ خاپىكەن. يولدا كېتىۋېتىپ ئالدىدىن ئۆتۈپ كەتكەن قۇشقاچقىمۇ خاپىكەن. قۇرۇت-قوڭۇزغىمۇ خاپىكەن. ئاسمانغا، تاغلارغا، دەل-دەرەخلەرگە خاپىكەن......
يەرلەر كۆكۈرۈشكە باشلاپتۇ. باش چىقارغان يېشىل چۆپ ياكى ئەمدىلا بىخ يارغان يوپۇرماق بولسۇن ئۇلارغا ئاران ئۈلگىرىدىكەن. باھار كەپتۇ. يىگۈدەك نەرسە پەيدا بوپتۇ. يالماپ يىگۈدەك بولمىسىمۇ ئۈزۈپ يىگۈدەك بوپتۇ. يېزىلىقلار ئۈمۈتسىز ياشايدىكەن. راستىنى ئېيتقاندا نىمىنى ئۈمۈت قىلىشنىمۇ بىلمەيدىكەن. بىر تال چوپ ياكى بىرەر تال قۇرۇت ئۇلارنىڭ ئۈمۈدىكەن. قوساقنىڭ تاماسى بىلەن گاراڭكەن. كەمبەغەلچىلىك ئادەمنى يۇۋاش قىلىۋېتىدىكەن. جىمىتىدىكەن...........
بىر كۈنى كېچىدە يېزىلىقلار "مەمەت ئاۋاق يېزىغا كەپتۇ." دىگەن گەپنى ئاڭلاپ قاپتۇ. ھەممىسى ئۆيلىرىدىن چىقىپتۇ. قوللىرىغا تاياق-توخماق ئېلىپتۇ. پەرەڭلەرنىڭ تاجاۋۇزىدىن كېيىن تۇتۇپ باقمىغان قىلىچلىرىنى، مىلتىقلىرىنى نەدىندۇ تېپىپتۇ. مەمەتنىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ. تاپالماپتۇ. ئۆينى ئۆرۈۋېتىپتۇ. ھۆرى ئانىنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كەپتۇ. ئۆيلەرنى ئاختار دەپتەر قىلىۋېتىپتۇ. قېزىۋېتىپتۇ. ئىشىك-دېرىزىلەرنى ئۇرۇپ چېقىپ قومۇرىۋېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ قولىدىن ئېغىل-سامانلىقمۇ قۇتۇلالماپتۇ. ھەممە ئۆينىڭ تاملىرىنىمۇ، ئۆگزىلىرىنىمۇ ئۆرۈپ
ئاختۇرۇپتۇ. ئاچچىقىنى باسالماپتۇ. تۇيۇقسىز سەمەتنىڭ قولى ئەمەتنىڭ بۇرنىغا تېگىپ كېتىپتۇ. تىللىشىپتۇ. ئەلى بىلمەستىن ۋەلىنىڭ پۇتىنى دەسسىۋاپتۇ. ئىتىرىشىپتۇ. بولدى قىلماي ياقىلىشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ بولۇپ ئۇرۇشۇپتۇ. كېيىنچە نەچچە تەرەپلىكىنى بىلگىلىمۇ بولماپتۇ. بىر-بىرىنى ئايىماي ئۇرىدىكەن. ئالدىغا كەلگەننى ئۇرىدىكەن. ئاتا-بالا، ئۇرۇق-تۇققان، ئاغىينە-بۇرادەر....ھېچكىمنىڭ كۆزى ھېچنىمىنى كۆرمەيدىكەن. باشلار يېرىلىپ، قول-پۇتلار سۇنىدىكەن. يېزىلىقلارنىڭ بۇ دەھشەتلىك ئەلپازىدىن ھەمزە ئاغا بىلەن چاۋۇش، ساقچىلار قورقۇپ كېتىپتۇ. قورقۇنۇچتىن بىر بۇلۇڭغا تىقىلىپ نىمە بولغانلىقىنى بىلەلمەي كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ قاراپتۇ. دىخانلارغا يېقىنلاشقىلى بولامدۇ. يوشۇرنىۋالغان يېرىدىن تۇرىدىكەن. "قاچان باستۇرۇپ كېلەر...." دەپ تىترەيدىكەن.
يېزىلىقلار يېرىم كېچىگىچە ئۇرۇشۇپتۇ. ئازاتلىق ئۇرىشىدىمۇ بۇنداق ئۇرۇشۇپ باقماپتىكەن. پەرەڭلەر بىلەنمۇ بۇنداق ئۇرۇشۇپ باقماپتىكەن. ھەيران قالغۇدەك ئۇرۇشۇپتۇ. ھىچكىم قاتاردىن قالماي باتۇرلۇق كۆرسۈتۈپتۇ. تاياق يىمىگەن، يارىدار بولمىغان ئادەم قالماپتۇ. شېھىت بولغان ئادەمدىن بىرىمۇ يوقكەن. ھەممىس غازى بوپتۇ. بۇزۇلمىغان چېقىلمىغان ھېچنىمە قالماپتۇ. يېرىم كېچىگە يېقىن ئۇرۇش ئاخىرلىشىپتۇ. ئۇرۇشنىڭ قانداق ئاخىرلاشقانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدىكەن. شۇ كېچىسى يېزىلىقلار شۇنداق شېرىن ئۇخلاپتۇ. ھەممە دەرتلىرى چىقىپ كەتكەندەك يېنىك ئۇخلاپتۇ..........
ئىسمائىل چولاق ھىكايىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ:
- دىخانلار كوچىغىمۇ چىقالمايدۇ. ئۇچىسىغا كەيگۈدەك كىىيىممۇ يوق. مانا كۆرۈپ تۇرۇپسەن. تۈگمەننىڭ تېشىنى تور بېسىپ كەتتى. قاچان بۇغداي تارتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. بىر سىقىم دان سالمىغىلى ئۈچ يىل بولدى.....بىز نىمە كۈنگە قالدۇق-ھە ؟ قايسى گۇناھىمىزغا بۇنچىلىك دەرت تارتىمىز ؟!.......
مەمەت ئۈندىمەپتۇ. بېشىنى سالغىنىچە ئولتۇرىدىكەن. ئىسمائىل چولاق توختىماي ئۇھ تارتىدىكەن. كۈن ئولتۇرۇپتۇ. مەمەت قىمىر قىلماي ئولتۇرىدىكەن. يەرگە قاراپ ئولتۇرىدىكەن. شۇنداق ئۇزۇن ئولتۇرۇپتۇ. مەمەت يەر تېشىلىپ كەتكۈدەك قاراپ ئولتۇرىدىكەن. ئىسمائىل چولاق ئەسنەپتۇ. تەرىتى قىستىغانمۇ سىرتقا مېڭىپتۇ. ھودۇققىنىچە تېزلا قايتىپ كىرىپتۇ: - مەمەت.... سىرتتا.......لىق ئەسكەر.....-. كەينىنى دىيەلمەپتۇ.
ئەسلىدە ئۇلار پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندا مەمەتنىڭ ئىزىنى تاپقان ئەسكەرلەر تۇيدۇرماي تۈگمەننى قورشاپ بولغان ئىكەن. سىرتتىن يۇقۇرى ئاۋازلىق كاناي بىلەن:
- مەمەت تەسلىم بول. قورشاۋدا قالدىڭ – دەپ ئاگاھلاندۇرۇپتۇ. ئەسكەرلەرنى باشلاپ كەلگەن ئىبراھىم قارا دىگەن كونا قاراقچى ئىكەن. ئۇ ئىلگىرى تورۇس تاغلىرىدا ئاسقىنى ئاسقان، چاپقىنى چاپقان ئادەم ئىكەندۇق. كېيىن تۇيۇقسىزلا ھۆكۈمەت تەرەپتىمۇ پەيدا بولۇپ قاپتۇ. ئۇ دەسلەپتە ھۆكۈمەت بىلەن قاراقچىلار ئارىسىدا ئايلىنىپ يۈرۈپتۇ. ھۆكۈمەتنىڭ "تەسلىم بولغانلار كېچىىم قىلىنىدۇ" دىگەن سىياسىتىنى ئېلىپ تاغلاردا يۈرۈپ، ئوتتۇزدەك قاراقچىنى تەسلىم قىلدۇرۇپتۇ. بۇ قاراقچىلار شەھەرگە كەلگەندىن كېيىن ھەممىسى قولغا ئېلىنىپ كوزان تۈرمىسىگە سولىنىپتۇ. مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئۇلارنىڭ قوللىرىنى چېتىپ كويزىلاپ "ئاداناغا ئاپىرىمىز" دەپ يولغا ساپتۇ. قاراقچىلار كوزاندىن چىقىپ بىر كۈن يول يۈرگەندىن كېيىن سارى چام دىگەن يەردە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئېتىۋېتىپ كۆمۈپ تاشلاپتۇ. يۇقۇرىغا "قاچقان ئىدى، ئېتىۋەتتۇق" دەپ دوكىلات يوللاپتۇ. ئىبراھىم قارا ئەنە شۇنداق تۆھپىلىرى بىلەن ھۆكۈمەتكە ياراپ قاپتۇ. بەكرەك يارىغان يېرى، ھۆكۈمەت قاراقچىلارنى ئىبراھىمدەك چۈشەنمەيدىكەن. شۇڭا بۇ قارىۋاي بەك مۇھىمكەن. قاراقچىلارنىڭ ئالدىنىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلىنىپ قالغاندىن كېيىن ئىبراھىم تاغلارغا يالغۇز چىقالماپتۇ. كەچۈرۈم دەستىكىنىڭ ئورنىغا قورال ئېلىپ ساقچىلارغا قوشۇلۇپ بىۋاستە جەڭگە چىقىپتۇ. ئەمما ئىلگىركىدەك چوڭ تۆھپە كۆرسىتىش ئۇنىڭغا نېسىپ بولماپتۇ.
ئالدىنقى ھەپتە ئىبراھىم قارا چۈمۈلىدەك ئەسكەرلەرنى باشلاپ بىر قاراقچىلار ئەترىتىنى قورشىۋاپتىكەن. ئىشەنچىلىك مەلۇماتتا بۇلار مەمەت ئاۋاقنىڭ ئەترىتى دىيىلگەن ئىكەن. ئەمما ئۇلارنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن قارىسا مەمەتلەر ئەمەسكەن.
زالانىڭ ئوغلى باشلىق قاراقچىلار ئەترىتىكەن. زالانىڭ ئوغلى ئۆزلىرىنىڭ يېرىنى تارتىۋالغان ئابدۇللا ئوغلى دىگەننى ئۆلتۈرۈپ تاغقا چىقىپ كەتكەن ئىكەن. ئاپىسى زالا ئۇنىڭغا بەك ئامراق بولغاچقا ئۆزىنىڭ ئوغلىنى زالانىڭ ئوغلى دەپ چاقىرىدىكەن. شۇڭا ئىسمى ئۇنتۇلۇپ "زالانىڭ ئوغلى" دەپ ئاتىلىپ قاپتۇ. ئىبراھىم قارىنىڭ تەلىيى كەپتۇ. بۇ قاراقچىلارنىڭ ئىچىدە قاراقچى تاز دەيدىغان داڭلىق قاراقچىمۇ بار ئىكەن. سەككىز قاراقچىنىڭ ھەممىسىنى ئېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ ئۆلۈكلىرىنى ئاتلارغا ئارتىپ شەھەرگە ئېلىپ كەپتۇ. ئۆلۈكلەرنى تامغا يۆلەپ ئايرىم- ئايرىم رەسىمگە ئاپتۇ. رەسىمگە تارتىشتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ بېشىدىكى بوكلىرىنى ئېلىۋېتىپ ناھايىتى سىپتا تىكىلگەن فەس(دوپپا)نى كىيگۈزۈپ تارتىپتۇ. بۇنىڭدىن ئەتراپتىكى شەھەرلىكلەر كۈلۈشۈپ كېتىپتۇ. شەھەرلىكلەرنىڭ دىيىشىچە مۇستاپا كامال فەس(دوپپا)كە ناھايىتى ئۆچمىش.
ئۆلۈكلەرنى ئۈچ كۈنگىچە ئىگىلىرىگە بەرمەپتۇ. زالا ئوغلىنىڭ ئۆلۈكىگە يىراقتىن قارايدىكەن. قۇشتەك سايرايدىكەن. "....جېنىم ئوغلۇم سۆيۈشكىمۇ كۆزۈم قىيمايتتى. يۈزلىرىڭگە چىۋىنلار قونۇۋاپتىغۇ، لاي توپىغا تاشلاپتىغۇ، قىزىل قانغا بوياپتىغۇ ، بىر دانەم....." تۇققانلىرى قارايدىكەن. ئۈن-سىز يىغلايدىكەن. ئەمما بۇيرۇق قاتتىق "ئۆلۈكنى بەرمەيمىز." ئىككى كۈنگىچە ئۆلۈكلەر ئىششىپ كىيىملىرى ئېتىلىپ كەتكۈدەك بوپتۇ. زالانىڭ ئوغلىنىڭ كېلىشكەن بەدىنى ئىششىغاندىن كېيىن تېخىمۇ ھەيۋەتلىك بولۇپ كېتىپتۇ. چىرايى ئۆلگەن چاغدىكىدەك يەنىلا كۈلۈمسىرەپ تۇرىدىكەن. سېسىپ كەتسىمۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرىدىكەن. قوماندانلىق شىتاپلا ئەمەس، پۈتۈن شەھەر سېسىقچىلىققا توشۇپتۇ. ئەسلىدىنلا مۇقىم پۇرىغى يوق شەھەرنى سېسىقچىلىق ئاسانلا ئىگەللەپتۇ. ئاخىرقى كۈنى ساقچىلار بۇ سېسىقچىلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئويلىدىمۇ "ئۆلۈكلەرنى ئېلىۋېلىڭلار" دەپتۇ. ھۆكۈمەت ئۆلۈكلەرنى سېسىتىپ سازايى قىلىش ئارقىلىق قاراقچى تازىلاشتىكى قۇدرىتىنى نامايەن قىپتۇ. قىسىر ئىنەك بۇرنىنى ئاسمانغا قىپتۇ. خۇمارىنى بېسىپتۇ.
بىرىنچى بولۇپ زالا ئوغلىنىڭ ئۆلۈكىگە ئۆزىنى ئېتىپتۇ. پۇراپ سېسىپ كەتكەن ئوغلىنىڭ جەسىتىنى خۇددى بۇرنى پۇرىمايدىغاندەك قۇچاغلاپ پۇراپتۇ..........
ئىبراھىم قارا زالانىڭ ئوغلىنى يوقىتىپ ھەپتە ئۆتمەي مانا بۈگۈن مەمەتنى كىچىككىنە تۈگمەندە قورشىۋاپتۇ. خۇدايىم بېرىپتۇ. ھەر ھەپتىدە بىر ئەترەتنى يوقاتسا، تېزلا ئەنقەرەگە ئاڭلىنىدۇ. ياراملىق ئادەم سانىلىپ يۆتكىلىپ كېتەمدۇ-تېخى.
مەمەت تەسلىم بولمايدىكەن. ئۇرۇش باشلىنىپتۇ. سىرتتىكىلەر تۈگمەننى ئوققا تۇتۇپتۇ. مەمەت بىر دەم دېرىزىدىن بىر دەم ئىشىكنىڭ يوچۇقلىرىدىن سىرتتىكىلەرنى ئېتىپتۇ. ئوق يامغۇرى تۈگمەننىڭ دېرىزە، ئىشىك، تام يېرىقلىرىدىن كىرىپ تۇرىدىكەن. ئىبراھىم قارا تۇرۇپ-تۇرۇپ "ھەي مەمەت بالا، تەسلىم بول. ئەمدى ساق چىقالمايسەن." دەپ توۋلايدىكەن. مەمەت ئۈنچىقمايدىكەن. ئوق ئېتىشنى توختاتمايدىكەن. توختاتسا سىرتتىكىلەر ئۇنىڭ ئوي-پىكىرىنى بىلىۋالدىكەن.
قانداق قىلىش كېرەك؟ مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسە ئاۋاقنىڭ قورشاۋغا چۈشكەنلىكىنى ئاڭلىغان جىمى ساقچى، ئەسكەرلەر ئۇلارغا قوشۇلۇپ دىخانلارمۇ كەتمەن-گۈرجەكلىرىنى كۆتۈرۈپ يېتىپ كېلىدىكەن. ئەمدى قۇتۇلالمايدىكەن. ئاسمىنى كەڭ تاغلىق ياكى قومۇشلۇق ئەمەسكەن. چولاقنىڭ بىر ئېغىزلىق ئەسكى تۈگمىنىكەن. ئىسمائىل بىر بۇلۇڭدا بېشىنى تىزلىرىنىڭ ئارىسىغا تىققىنىچە تۈگۈلۈپ ئولتۇرىدىكەن. "قۇتۇلۇش يوق. ئەمدى كۈنۈم توشتى. ئەتە دەگىرمەن ئۆلۈكتىكىلەر مەمەتنىڭ تۈگۈلۈپ قالغان ئۆلۈكىنى كۆرىدۇ. ۋاي ئاۋاق، كۆرۈدىغان كۈنۈڭ مۇشۇتتى دىيىشىپ تۈكۈرىدۇ."
مەمەت تۇيۇقسىز ئىبراھىم قارىنى كۆرۈپ قاپتۇ. ئىبراھىم قارا ئۇزۇنغا سوزۇلغان قورشاۋدا بىخۇتلىشىپ قالغان ئىكەن. قورشاۋدا قالغان مەمەتنى كۆزگە ئىلمىغان ئىكەن. "توختا ، سېنى نەچچە قېتىم ئايىغانتىم. ئەمدى يېتەر. ئاۋال سەن مېڭىپ تۇر ئاندىن مەن ماڭساممۇ بولار" دەپ ئويلاپتۇ. مەمەت ئۇنى چەنلەپ تەپكىنى بېسىۋېتىپتۇ.
ئېڭىشىپ تۇرغان قارىپاقا خۇددى ئوقيانىڭ دەستىدەك ھاۋاغا كېرىلىپ قاپتۇ. دەھشەتلىك ۋاقىراپتۇ. ئاندىن دۇمۇلىغىنىچە تاش-تۇپراقلارنى تاتىلاپ، تېپچەكلەپ جىمىپ قاپتۇ. سىرتتىكىلەر ئوق ئېتىشتىن توختاپتۇ. مەمەتمۇ توختاپتۇ. سەل ئۆتۈپ سىرتتىكىلەر شۇنداق ئوق ياغدۇرۇپتىكى مەمەت يەرگە يېتىۋېلىپتۇ. "قانداق قىلاي ؟ نىمىگە ئېرىشتىم ئابدى كەتتى ھەمزە كەلدى. كۈتكۈنۈم مۇشۇمۇ......سەل تۇرۇپ مەنمۇ ئىبراھىمدەك تېپچەكلەرمەنمۇ........"
بارا-بارا قاراڭغۇ چۈشۈپتۇ. مەمەتنىڭ ئوقىمۇ ئاز قاپتۇ. كاللىسى يەنىلا قۇپقۇرۇق ئىكەن. "ئابدى كەتتى، ھەمزە كەلدى.....قىلغان ئىشلىرىم، تارتقان دەرتلىرىم قۇرۇق بولدىمۇ، پايدىسى بولمىدىمۇ.......يەنە نىمىشقا تىركىشىمەن....."
شۇ چاغدا فەرۇخ يۈز بېشىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ.
-تۈگمەنگە بومبا تاشلاڭلار.- مانا فەرۇخ يۈز بېشىمۇ يېتىپ كەپتۇ. ئەمدى قېچىش مۈمكىن ئەمەس. بومبىلار ئېتىلىپتۇ. ئىشىك ئۆرۈلۈپ چۈشۈپتۇ. كەينىدىنلا يەنە ئىككى بومبا ئېتىلىپتۇ. تۈگمەننىڭ تۆۋىسىنىڭ يېرىمى بىلەن بىر تېمى مەمەتلەرنىڭ ئۈستىگە ئۆرۈلۈپ چۈشۈپتۇ. شۇ توپا-چاڭ ئىچىدە تۇيۇقسىز بىرسىنىڭ قولى مەمەتنىڭ قولىنى تۇتۇپتۇ: -
-ئەخمەق ئادەم قاراقچى بولىدۇ. ھەي ئاۋاق. سەن ئۆلمەي تۇر. سەن ئۆلسەڭ بولمىغىدەك. ئىككى ئاي بۇرۇن قاراقچى تاز بىر گېرمانكا بىلەن يۈز پاي ئوقنى ئامانەت قويۇپ كەتكەن. مەن شۇ قورال بىلەن ئۇلارغا توختىماي ئوق ئېتىپ تۇرىمەن. سەن تۈگمەننىڭ نوسىدىن ئۆتكەن سۇ بىلەن ئېقىپ بۇ قورشاۋدىن چىقىپ كەت-دەپتۇ. مەمەت ئىسمائىلنىڭ گېپىنى تولۇق ئاڭلىغان بولسىمۇ، ئاڭقىرالماپتۇ. قېتىپلا قاپتۇ. ئىسمائىل چولاق؛
-ھەي تىكىلپ تۇرما تېز بول،.... ماڭساڭچۇ.....بولدى كېيىن ئويلا....- دەپتۇ. بىر تەرەپتىن سىرتتىكى قاراڭغۇلۇققا قارىتىپ ئوق ئاتىدىكەن. يەنە قايتىپ كېلىدىكەن مەمەتكە يالۋۇرۇدىكەن؛
-ئۇنداق قىلما جېنىم قوزام...ماڭساڭچۇ......ھەي ماڭقا گەپ قىلىۋاتىمەن. تېز ماڭ......ماڭ دەيمەن بۇرادەر....سېنىڭ ئۆلىدىغان ۋاقتىڭ ھازىر ئەمەس. مەن ئويلۇدۇم. توختىماي ئويلۇدۇم...ئۇنداق قىلما....- يۈگۈرۈپ بېرىپ نەچچە پاي ئوق ئاتىدىكەن يەنە كېلىدىكەن مەمەتنىڭ قولىغا ئېسىلىدىكەن:
-كۆزۈڭدىن ئايلىناي...جېنىم بالام، ئۇنداق قىلما...ماڭە... ھەي كاپىر...مۇشۇنداق ئۆلمەكچىمۇ سەن...شۇنداق ئاسانلا ئۆلۈپ قۇتۇلماقچىمۇ....مېنى كەچۈر...ئاچلىق ئەقلىمنى يوقاتتى...ئىغۋاغا ئىشەندىم...جاپا تارتىپ كەلسەڭ...كۆڭۈل سوراپ كەلسەڭ...ياخشى كۈتمىدىم.....
مەمەت مىچچىتە ھۆل بولۇپ كەتكەن ئىكەن.
- مەمىتىم، ئۇنداق قىلما مەن چوڭ، سەن كىچىك...سەن مېنى كەچۈر....ئۇنداق قىلما...ھازىر ئۆلمە.....- مەمەت تۇيۇقسىز ئىسمائىل چولاقنى قۇچاغلاپتۇ. كۆزلىرىدىكى ياش بىلەن تەرلەر قوشۇلۇپ كەتكەن ئىكەن:
- خوش ئىسمائىل ئاغا. يەنە كېلىمەن. ھازىرچە خۇدايىمغا ئامانەت. يېزىلىقلارغا دەپ قوي. بالىلىق قىپتىمەن. سىلەرنى يامان كۈنگە قويۇپتىمەن. مېنى كەچۈرۈڭلار.....- ئارتۇق گەپ قىلماپتۇ. توغرىسى قىلالماپتۇ. شۇنداق سىلىق، خۇددى بېلىقتەكلا سۇغا چۈشۈپتۇ. سۇنىڭ ئېقىشىغا ئۆزىنى قويۇۋېتىپتۇ.......
ئىسمائىل چولاق تاڭ ئاتقىچە ئوق ئېتىشنى توختاتماپتۇ. بىر كېچە توختىماي ئېتىپ چىقىپتۇ. تاڭ ئاتقاندا يۈز بېشى فارۇق ھەممە ئەسكەرنى ھەممە قورالنى ئىشلىتىپ ھۇجۇمغا ئۆتۈپتۇ. تۈگمەن تۈزلىنىپ كېتىپتۇ. جىمجىتكەن. ھىچقانداق ئاۋاز يوق. ئەسكەرلەر ئارىسىدىكى ئاسىم چاۋۇش بىراقلا يىگىرمە ياش قېرىپ كەتكەندەك. ماغدۇرى قالمىغاندەك بولۇپ قاپتۇ. ئەسكەرلەر ئۆرۈلگەن تۆۋىنىڭ بىر بۇلۇڭىدىن ئىسمائىل چولاقنىڭ ئۆلىگىنى تېپىپتۇ. تۈگۈلۈپلا قالغان ئىكەن. بىر تال ئوق سول كۆكسىدىن كىرىپ دۇمبىسىدىن چىقىپ كەتكەن ئىكەن. يېنىدا بىر دۆۋە پىستان بار ئىكەن. ئاسىم چاۋۇش يۈز بېشىغا خەۋەر قىپتۇ؛_ مەمەت ئەمەسكەن.... - چاۋۇشنىڭ چىرايىدا بىر خىل خوشاللىق ئارىلاش كۈلۈمسىرەش بار ئىكەن............
ۋاي ۋاي يېزىسىدىكىلەر بۇ يىلقى ھوسۇلدىن ئۈمۈتلىككەن. بۇ يىلقى ئاشلىق شۇنداق ئوخشاپتۇ. بېشى ئېگىلمىگەن بۇغداي، قوناق يوقكەن. ئالدىرغانلار ئورمىنى باشلاپتۇ. ئۈنچىلەرنىڭ ئالدى خامانغا توشۇلۇپتۇ.
ئەلى ساپا باي خاپىكەن. يەرنى بۇرۇنراق ئىگەللەپ بولغان بولسا شۇنچە ئوخشىغان ئاشلىقلار ئۇنىڭ بولاركەن. ئەمدىچۇ ؟ كېچە ئۇيقۇ يوقكەن. كۈندىزى بىئارامكەن. ئىچىنى بىرنەرسە توختىماي غاجايدىكەن. "توختا. قېنى كۆرۈپ باقاي. قانچىلىك چىدايسىلەركىن. ساڭىمۇ يوق ماڭىمۇ يوق قىلمىسام....."
بىر كېچىسى ئادەملىرىنى ئېۋەتىپ يېزىلىقلارنىڭ خامانغا دۆۋىلىۋەتكەن ئۈنچىلىرىگە، تېخى ئورۇلمىغان بۇغدايلىقلىرىغا ئوت قويۇپتۇ. ئوت ئۈچ كۈنگىچە كۆيۈپتۇ. يېزىنىڭ تۆۋەنكى قىسمىدىن ئاقچاسازغىچە، ئاقچاسازدىن قاراچالىققىچە تاكى سەل دارىسىغا قەدەر ئوت كۆيۈپتۇ. بىپايان ئاناۋارزانىڭ ھەممە يېرى كۆيۈپتۇ. ئوتتىن يىلان پاقا، ھاشارەت، ئۆمۈچۈكلەر تۈلكىلەر ئىشقىلىپ جىمىكى جانلىق قېچىپتۇ.
دىخانلار مەھەلىنىڭ چېتىدە تۇرۇپ يىراقتىن ئوتنى تاماشا قىپتۇ. سۆزلەشمەپتۇ. ئاھ ئۇرماپتۇ. شۇ پېتتى قاراپ تۇرۇپتۇ. ئوسمان چوڭ؛
- قولىدىن كەلگىننى قىلسۇن، قورقمايمىز-دەپتۇ. بىرنەچچەيلەن؛
- قورقمىغان بىلەن قوساق تويمايدۇ. ئەمدى نىمە يەيمىز- دىيىشىپتۇ.يەرگە باغلاپ تۇرغان ئۈمۈت كۆيۈپ كېتىپتۇ. "ئەمدى نىمىگە تارتىشىمىز، كېتەيلى" دىيىشىپتۇ. يېزىنىڭ يېرىمى نارلى قىشلاققا يولغا چىقىپتۇ. پەرھات ئىمام ئۇلارنى توسىۋېلىپ بىرمۇنچە ۋەزخانلىق قىپتۇ. "زۇلۇمغا قارشى تۇرماسلىق كاپىرلىق، يۇرتىنى بالىلىرىنى قوغدىماسلىق باشقا يەرگە قېچىش كاپىرلىق! زۇلۇمغا قارشى تۇرماسلىق كاپىر بىلەن ئورتاقلاشقانلىق" دەپتۇ. ھەممە نىمە دەپتۇ. "خۇدايىم بىزگىمۇ بىر ئىگە ئېۋەتىدۇ . قاراپ تۇرمايدۇ." دەپتۇ. "قۇدۇقتىن يۈسۈپنى قۇتقازغان خۇدا بىزنىمۇ قۇتقۇزىدۇ" دەپتۇ. ماڭغانلار قۇلاق سالماپتۇ. "بوپتۇ ئىمام، كاپىر بولساقمۇ تېچ بولايلى.." دىيىشىپ نارلى قىشلاققا، سارىچامغا كېتىپتۇ......
ئارىدىن ھەپتە ئۆتكەن بىر چىڭقى چۈشتە يېزىنىڭ كوچىسىدا بىر ئادەم پەيدا بولۇپ قاپتۇ. ئۇياقتىن-بۇياققا ماڭىدىكەن. تۇرۇپ توختايدىكەن. ئەس-ھۇشى جايىدا ئەمەسكەن. ئۈستى-بېشى لاي، شۇنداق ھارغىن كۆرۈنىدىكەن. بىرەيلەن پەرھات ئىمامغا خەۋەر قىپتۇ؛
-يېزىدا بىر ئادەم يۈرۈيدۇ. قوراللىق، لايغا مىلەنگەن. خۇددى مەستەكلا. خەنجەر دۇربۇنلىرىمۇ باركەن.- پىشىننى ئوقۇپ بولۇپ دەم ئالغاچ ياتقان ئىمام سىرتقا چىقىپتۇ. خامانلارنىڭ كۆيدۈرىلىشى بېلىنى پۇكىۋەتكەن ئىكەن. خوشياقماستىن سىرتقا چىقىپتۇ. ئۇ ئادەمگە قاراپتۇ. كۆرمىگەن ئادەمكەن. سەيپەلىنى چاقىرىپتۇ؛
- قارا، يېزىدا خېلىدىن بېرى ئايلىنىپ يۈرۈيدۇ. ھەر بىر ئۆينىڭ ئىشىگىگە بارىدۇ يەنە يانىدۇ.- ئادەملەر بىرلەپ-ئىككىلەپ يىغىلىپتۇ. قوراللىقنىڭ مېڭىشىدىن، تۇرىشىدىن چارچاپ ھۆشىنىمۇ تاپالمايدىغان بولۇپ قالغان ئادەمكەن. ئىككى پۇتىنى بەدىنى سۆرەيدىكەن. بىر پەستە ئۇنى پۈتۈن يېزىلىق ئورىۋاپتۇ. ئورۇققىنە بەدىنىگە ئېسىۋالغان قوراللىرى، چەپراس ئوقلىرى،خەنجىرى بىلەن خۇددى ئۇرۇش ئويۇنى ئويناۋاتقان كىچىك بالىدەكلىكەن.
ئادەملەر يىغىلىپتۇ. دەرەخنىڭ ئاستىدا پات-پاراقچىلىق باشلىنىپتۇ. ئاڭلىمىغانلار ئاڭلىشىپ ئىشلىرىنى تاشلاپ كېلىپتۇ. تاكى ئوسمان چوڭ كەلگۈچە ھىچكىم ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشمەپتۇ. ئۇنىڭمۇ سۆزلەشكۈدەكمۇ ھالى يوقكەن. ئوسمان چوڭ كەپتۇ. سىنچىلاپ قاراپتۇ:
- ۋاي خۇدا چۈشۈممۇ بۇ....- قولىدىن ھاسسا تايىقى چۈشۈپ كېتىپتۇ.
يائاللا ...يا رەببىم ....ھەي بالىلار قوراللىقمىكەن-دەپ سوراپتۇ. يېزىلىقلار "قوراللىقكەن" دەپتۇ. ئوسمان چوڭ يۈگۈرۈپتۇ. ئاسقاقلاپ يۈگۈرۈپتۇ. بېرىپلا مەمەتنى قۇچاغلاپتۇ:
بالام يامان چاغدا كەلدىڭ. سەن كېلەتتىڭ. تاشلىمايتتىڭ. خۇداغا شۈكرى....بىزنى خاراپ قىلدى....خامانلىرىمىزنى ئاشلىقلىرىمىزنى كۆيدۈرىۋەتتى...- . بۇ چاغدا پەرھات ئىماممۇ ئۇلارنىڭ يېنىغا كەپتۇ ئىمام دىمىگەنمىدىم. مانا شۇڭقارىم كەپتۇ. بىزنى تاشلىمايدۇ. يۈسۈپنى قۇدۇقتىن چىقارغان خۇدا بىزنى تاشلىمايدۇ. .......ھەممەيلەن كەپتۇ. ئورىۋاپتۇ. مەمەتنىڭ يۈزىدە ياكى كۆزىدە ئازراقمۇ ئىنكاس يوقكەن. ھەتتا كۆزىنى چىمىلداتقۇدەكمۇ ھالى يوقكەن. پەرھات ئىمام:
قارا ئوسمان. بالىدا بىر دەرت بار. ھالى خاراپكەن. كىيىملىرى تۈگىشىپتۇ....ئۇنى قويۇۋەت، ئاۋال ئۇنىڭ ھالىغا يېتەيلى- دەپتۇ. ئوسمان چوڭ ھودۇقۇپ قاپتۇ. "ياخشىراق قاراڭلار. شۇڭقارىم يارىدارمىكىن. يۆلەڭلار....كۆتۈرۋېلىڭلار..." دەپ يول باشلاپتۇ. مەمەتنى ئوسمان چوڭنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كەپتۇ.
داۋامى ئىنكاس شەكىلدە يوللاندى
收藏到:Del.icio.us
评论
ئابدۇرېھىم ئابلەتخان تورخاتېرىسى
http://ablathan.blogbus.com/
ھەممەيلەن ئوسمان چوڭنىڭ ئۆيىنىڭ ئەتراپىغا يىغىلىپتۇ. ئۆينىڭ تېمىغا، يول بويىدىكى كۆتەككە.... ئۇچرىغان نەرسىگىلا يۆلىنىپ ئولتۇرۇشۇپتۇ. سۆزلەشمەپتۇ.
ئوسمان چوڭ مەمەت ئاۋاقنى ئۆزى يېشىندۈرۈپتۇ. لاي كىيىملىرىنى قەمەر ئانىغا يۇيۇشقا بېرىپتۇ. پەرھات ئىمام بىلەن ئىككىسى مەمەتنىڭ بەدىنىنى تەپسىلى تەكشۈرۈپتۇ. يوتىسىدىن ، بېقىنىدىن ئىككى ئوق يارىسىنى تېپىپتۇ. مەمەت ھېچنىمىنى تۇيمايدىكەن.
چىشلىرىنىڭ كىرىشىپ كەتكەنلىكىنى شۇ چاغدىلا بايقاپتۇ. ئۇنىڭ قانچىلىك قورقۇپ كەتكەنلىكىنى، قاتتىق قورقۇنۇچتىن شۇنداق كىيىشىپ قالغانلىقىنى بىلىپتۇ. قېرىلار بىرلىشىپ ئوقلارنى چىقىرىپتۇ. تىقىپ قويغان دورىلىق مەلھەملىرىنى چىقىرىپ مەھكەم تېڭىپتۇ. ھۆرى ئانا مەمەتنىڭ يۈزلىرىنى بويۇنلىرىنى، پۇت قوللىرىنى ئىسسىق سۇ بىلەن يۇيۇپتۇ. ئاندىن ئورۇن سېلىپ بېرىپ ياتقۇزۇپ قويۇپتۇ.
ئاپتاپ قىزدۇرىدىكەن. ئوسمان چوڭنىڭ ئۆيىگە يىغىلغانلار شۇنداق ئولتۇرىدىكەن. سۆزلەشمەيدىكەن. بىر چاغدا مۇسلۇ تەلۋە ئورنىدىن تۇرۇپتۇ. ئۇزۇن قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ سۆزلەپتۇ؛
ھەي ئەقىلسىزلەر، نىمە دىمەكچى سىلەر، سىلەر لاچىننى بىلەمسىلەر، ئۆزى كىچىككىنە. ھىچقانداق ئوۋنى قاچۇرمايدۇ. مانا ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ. بىر پۈتۈن ئارمىيەنى ئۆزى تار-مار قىلىپ ئالدىمىزغا تىرىك كەپتۇ. بىزنى دەپ كەپتۇ. قۇتۇلدۇرۇشقا كەپتۇ. شۇڭقارىمىز كىچىك، ئەمما قايسى بۈركۈت ئۇنىڭ بىلەن سوقۇشالايدۇ. كىم سوقۇشالايدۇ؟ نەچچە يىلدىن ئۇنى يەڭگەن بىرسىنى ئاڭلىدىڭلارمۇ ؟ ۋاي ئۈمۈتسىزلەر!........
ھەممەيلەن ئاستا مىدىراپتۇ. قۇملۇقتا بوران ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن قارا بۇلۇتتەك كارۋاننى كۆرگەندەك ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىپتۇ. "راست ئەمەسمۇ....شۇ جېنى بىلەن ھۆكۈمەتكە تۇتۇق بەرمىدىغۇ...." كۈلۈشۈپتۇ. قوۋۇزلىرىنى تولدۇرۇپ كۈلۈشۈپتۇ. يىللاپ كەتكەن ماتەم بۇلۇتلىرى ئۈستىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىپتۇ. يېزىلىقلار تارقىلىپتۇ. ئۆيلەردە، كوچىلاردا، دوقمۇشلاردا مەمەتنىڭ پارىڭى بولىدىكەن. ھىچكىم "مەمەت" دىمەيدىكەن. "شۇڭقارىمىز" ياكى "ئۇ" دەپ ئاتايدىكەن. ۋەقە ئاستا ئەتراپقا تاراپتۇ. كەچقۇرۇن ئاشىر ئاشىق بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ناغرىسىنى ئېتىغا ئارتىپ، سۇنايچى ئوغلىنى ئەگەشتۈرۈپ يېزىغا كەپتۇ. يېزىلىقلار ئادەتتە ياز پەسلىدە، بولۇپمۇ ياز ئاخشاملىرى ساماغا چۈشمەيدىكەن. ئۇنداق ئادەت يوقكەن. ئەمما بۇ قېتىم، تۇنجى قېتىم ھەممەيلەن ساماغا چۈشۈپتۇ.
نارلى قىشلاققا خەۋەر ماڭدۇرۇپتۇ. سارىچامغا ئەمدىلا يېتىپ بارغان كۆچ-كۆچ كارۋىنى ۋاي ۋاي يېزىسىغا قاراپ ئالدىراش قايتىپتۇ.......
ئەلى ساپا باي قايسى تەرەپتە تۇرۇشنى بىلىدىكەن. ئۇ ھۆكۈمەت ئادىمىكەن. ھۆكۈمەت تەرەپتە تۇرمىغان ئادەمنىڭ ئىشى چاتاق. بۇنى بىلىدىكەن. يەر-سۇغا ھۆكۈمەت تەرەپتە تۇرۇپمۇ ئېرىشكىلى بولىدىكەن. قاراقچى بولۇپمۇ ئېرىشكىلى بولىدىكەن. ھۆكۈمەت تەرەپتە تۇرۇپ ئېرىشكەن نەرسە خەيرىلىك بولىدىكەن. قاراقچى بولسىچۇ ؟ ھەرقانچە يامان قاراقچىمۇ ئۆزىنىڭ جېنىنى ساقلاپ قالالمايدىكەن. ھېلىقى چاكىرجالىق ئەبەي دىگەن ئوسمان ئىمپىريىسىنىڭ ئارمىيىسىنى ئون تۆت يىل يەڭگەن ئىدى. ئەمما ئاخىرى يەنىلا ئۆلتۈرۈلدىغۇ ؟!
ھەرقانچە بولسىمۇ يېڭىلمەس قاراقچى يوقكەن. ھەرقانچە بولسىمۇ ھۆكۈمەت يەنىلا ھۆكۈمەت بولىدىكەن. مەيلى ئوسمانىيلار ياكى بۇ تۈرك جۇمھۇرىيىتى بولسۇن ھامىنى ھۆكۈمەت. پەرقى يوق. ھامىنى يېڭىدۇ. شۇڭا قايسىلا ھۆكۈمەت بولسۇن ھۆكۈمەت تەرەپتە تۇرۇش كېرەك. ئوسمانىي ھۆكۈمىتىدىكى نۇرغۇن ھۆكۈمەت ئادەملىرى ھازىرقى ھۆكۈمەتتە يەنىلا ئىززەت بىلەن ياشاۋاتمامدۇ!؟
ئىشقىلىپ خەلق تەرەپتە تۇرمىساڭلا بولدى. ھەرقانداق دەۋردە خەلق تەرەپتە تۇرساڭ دەۋر ئوخشىمىسىمۇ سېنىڭ تەغدىرىڭ ئوخشاش. ئەجىلىڭدىن بۇرۇن ئۆلىسەن.....
ئەلى ساپانىڭ ئويلىغانلىرى توغرا ئىدى. ئۇنىڭ ئوسمانىي دەۋرى ياكى بۈگۈنكى دەۋردە بولسۇن بۇرنىمۇ قانىمىدى. خەلق دىگەن يىلىكى شورلۇقنىڭ تەرىپىدە تۇرمىغانلىقى ئۈچۈنلا ھەممە ئىشلىرى يۈرۈشۈپ كەلدى.
سۇ ئۇخلىسا ئۇخلار، دۈشمەن ئۇخلىماس دىگەندەك ئەلى ساپا باي يېزىنىڭ قاچان بىكار بولىشىنى ساقلاپ ئولتۇرىدىكەن. ئاشلىقلىرى كۆيدۈرۈلگەن دىخانلارنىڭ بېلى پۈكۈلۈپ كېتىپتۇ. ئۇزۇنغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىكەن. "توختىماي قىسىش كېرەك. شۇندىلا يېزىلىق دىگەننىڭ روھى سۇنىدۇ. ۋاقىت بەرسەڭ بولمايدۇ. دىخان دىگەن بەك تېز ئەسلىگە كېلىۋالىدۇ." شۇڭا كەينىدىن ئۇلاپلا يەنە بىر قېتىملىق زەربە بەرسە پۈتۈن يېزا قۇرۇقدىلىنىدىكەن. "
ئەلى ساپا يەنە بىر قېتىملىق زەربىگە تەييارلىق قىلىۋاتقاندا، زەينەل بىر خەۋەرنى كۆتۈرۈپ كەپتۇ. "نارلى قىشلاققا كەتكەنلەر قايتىپ كەپتۇ" خەۋەردىن ئەلى ساپا باينىڭ خىياللىرى قالايمىقان بولۇپ كېتىپتۇ. "بۇ قانداق گەپ، پەرھات ئىماملار كاپىر بولىسەن دەپمۇ قايتۇرۇپ كېلەلمىگەن يېزىلىقلار نىمىشقا قايتىپ كېلىدۇ ؟! نىمە ئىش بولغاندۇ ؟ ....." باي زەينەلنى مىنۇت تۇرغۇزماي يېزىغا ياندۇرۇپتۇ. "نىمە ئىشلىقىنى بىلىش كېرەك ؟ بۇ كىمنىڭ ئويۇنى....." مۇسلۇ تايغاندەك ئورۇق، ئىنچىكە يىگىت بولۇپ سەل دۈمچىيىپ ماڭىدىكەن. ئەخمەت چوقۇر، سۇلايمان ئۈچىسى كىچىكىدىن تەڭ ئويناپ چوڭ بولغان ئىكەن. يازلىقى مىۋە-چىۋە، قىشلىقى توخو-كەپتەر ئوغۇرلاش دىگەندەك ئويۇن-تاماشىلار بىلەن كۈنلىرىنى ئۆتكۈزىدىكەن. مەمەتنىڭ يېزىدا پەيدا بولىشى، ئۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشىغا ئايلىنىپتۇ كېچىسى تونۇر بېشىدا، كۈندۈزى ئېرىق ياقىسىدا مەمەت توغرىلىقلا پاراڭلىشىدىكەن. "كىچىككىنە بويى بىلەن-ھە.....ھۆكۈمەتنى شۇنچە يىل ئەخمەق قىلىۋاتىدۇ...." پاراڭ تۈگىمەيدىكەن. مەمەت توغرىلىق سۆزلىشىش ئۇلارغا ئەڭ ھوزورلىق ئىش ئىكەن. "مەمەت مۇسلۇدىن پاكار ئىكەن.....قوراللىرى ئاجايىپ...ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ" بىر-بىرىنىڭ سۆزىنى تارتىۋېلىشقا تىرىشىدىكەن. ھەمراھىدىن ئاشۇرۇپ سۆزلەشكە تىرىشىدىكەن. پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ئۇنى ئىزدەۋاتقانلىقى، تۇتالمىغانلىقى، تۇتسىمۇ قولىدىن سۈغۈردەك چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى سۆزلىشىدىكەن. مەمەتنىڭ شۈنچە قورقۇمسىزلىقى، كۈپ-كۈندۈزدە يېزىغا كىرگەنلىكىگە ھەيران قالغانلىقىنى ئېيتىدىكەن.
تۇيۇقسىز ئۇلارنىڭ يادىغا زەينەل كەپتۇ. "توغرا، زەينەل مەمەتنىڭ خەۋىرىنى بايغا يەتكۈزىدۇ. .... ئۇ ئادەم ئەمەس. بىر پارچە نان ئۈچۈن ھەممىنى قىلىدۇ...." سۆيۈنۈش ئىچىدىكى پاراڭلارنى ئەندىشە ۋە جىددىلىك ئىگەللەپتۇ. بىر-بىرىنى ئالدىرتىپتۇ. "زەينەلنى تېپىش كېرەك ؟ بولمىسا شۇڭقارىمىزنى تۇتۇپ بېرىدۇ....." ئۈچىسى ئورنىدىن تۇرۇپتۇ. تولىمۇ جىددى قىياپەتكە كېلىپتۇ. خۇددى مۇقەددەس بىر ۋەزىپىنى تاپشۇرىۋالغاندەك قىسقا ئەمما سۈرلۈك سۆزلىشىپتۇ. مۇسلۇ ئۆيىگە تاپانچا تاپقىلى كېتىپتۇ. يېزىدىن چىقىدىغان يولدىكى قومۇشلۇقتا ئۇچرىشىشقا كېلىشىپتۇ.
كەچقۇرۇن ئۇلار مۆكۈپ تۇرغان قومۇشلۇقتىن بىرسى ئۆتۈپتۇ. چاقىرىپتۇ. زەينەلكەن. "نەگە ماڭدىڭ ؟" دەپ سوراپتۇ. زەينەل ئۈچەيلەننىڭ چىرايىغا قاراپلا يۇمشاق بولۇپ ئولتۇرۇپلا قاپتۇ. ھەممىنى چۈشۈنۈپتۇ. "مېنى قويۇۋېتىڭلار. ھېچكىمگە دىمەيمەن. ئۇششاق بالىلىرىم بار. سىلەرگە پايدام تېگىدۇ....." ئۇلار زەينەلنى يۆلەپتۇ. "قورقما.." دەپتۇ. قومۇشلۇقنىڭ ئارىسىغا ئەكىرىپتۇ. بىر تالدىن تاماكا چېكىشىپتۇ. زەينەلنىڭ قوللىرى تىترەپ تاماكىنىمۇ تۈزۈك تۇتالماپتۇ. مۇسلۇ زەينەلگە "قورقما، قورققاننىڭ پايدىسى يوق. ھەممە ئىشنىڭ ئاخىرلىشىدىغان ۋاقتى بولىدۇ. ...." دەپتۇ. زەينەل پۈكلىشىپلا قاپتۇ. ئاسمان، يەر قومۇشلۇق ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىدىكەن.....توختىماي ئايلىنىدىكەن.
بىر چاغدا ئىككى پاي ئوق ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ. زەينەل ئېڭىشكەن پېتىلا پاتقاققا يۈزى بىلەن يىقىلىپتۇ. بېشىدىن شورۇلداپ ئاققان قان سۇلۇق پاتقاقنىڭ ئۈستىدە لەيلەپ يېيىلىپتۇ. ئەخمەت بىلەن سۇلايمانمۇ زەينەلگە ئىككى پايدىن ئوق ئېتىپتۇ.......
شۇ كېچىسى قاتتىق بوران چىقىپتۇ. يېزىنى ئۇچۇرۇپ كەتكۈدەك چىقىپتۇ. تاڭغا يېققىن ئەلى ساپا باينىڭ خامانلىرىغا، يېڭىلا توشۇپ قويغان چەشلىرىگە ئوت كېتىپتۇ. كەينىدىن ئېتىزلىقلىرىغىمۇ ئوت كېتىپتۇ. ئوت دېڭىزى چايقىلىدىكەن. پۈتۈن يېزا خەلقى "ئەلى ساپانىڭ خامانلىرى كۆيۈۋاتىدۇ..." دىيىشىپ، تاملارنىڭ ئۈستىگە، تۆۋىلەرگە چىقىشىپ ئوتنى تاماشا قىلىپتۇ.........
ئوسمان چوڭ سىرتقا چىقىدىكەن. ئۆيگە كىرىدىكەن. تاپانچىسىنى بەتلەيدىكەن، يەنە بېلىگە قىستۇرىدىكەن. قەدەملىرى بەك كۈچلۈككەن:
- مانا پەرھات ئىمام. ئېيتقىنىڭ توغرا. خەققە قىلساڭ، ئۆزۈڭگە......شۇڭقارىمنىڭ خاسىيىتى...ئۇ ئۆيدە ئۇخلاپ ياتىدۇ....مەيلى ياتىۋەرسۇن..قىيامەتكىچە شۇنداق ياتسىمۇ مەيلى....يېزىمىزدىن يوقاپ كەتمىسىلا بولدى.....شۇ يېتىدۇ...ھەممىگە يېتىدۇ.....يېزىلىق دىگەن شۇنداق قورقۇنچاق كېلىدۇ. ئەمما يولىنىدىغان ئازراق نىمە تېپىۋالسۇن. بۇغداينىڭ غولىچە بولسىمۇ مەيلى....يۆلىنىدىغان نەرسە تېپىۋالسىلا...ۋەھشىلىشىدۇ. يانمايدۇ......
چۈشكە يېققىن يېزىغا يېڭى بىر خەۋەر كەپتۇ. كېچە ئەلى ساپا باينىڭ يېزىدىكى سارايلىرى ئوققا تۇتۇلۇپتۇ. قوتاندا قانچىلىك ئېتى بولسا ھەممىنى ئوغۇرلاپ كېتىپتۇ.
ئەلى ساپا باينىڭ يىغلىغىنىنى ھېچكىم كۆرمەپتىكەن. مەلىخە خېنىممۇ كۆرمەپتىكەن. شۆلگىيىنى، ياشلىرىنى ئېقىتىپ يىغلاپتۇ:
مەن نىمە قىلدىم....ھە ؟!...مېنىڭ گۇناھىم نىمە.....شۇ بىر پارچە يەر ئۈچۈن مۇشۇ كۈننى سالامدۇ...ئۇلار ئادەممۇ....خەپ!....كۆرسىتىمەن. جېنىمنى تىكتىم...كۆرسىتىمەن.....
ئەلى ساپا باي قۇتراپ كېتىپتۇ. مىكىجىننى تارتقۇزۇپ قويغان تۇڭڭۇزدەك بولۇپ قاپتۇ. "توختا....بۇلارغا نىمە بولدى؟ قانداق كۈچ بىلەن خامانلىرىمغا ئوت قويالىدى ؟...ئۇلارغا تىرەك بولغان زادى كىم ؟...." مەيدىسىنى تاتىلاپ يېرىۋەتكۈدەك جىلى بوپتۇ. تاپالماپتۇ. "پەرھات ئىماممۇ ؟......توغرا سۈرۈشتۈرۈش كېرەك...قان قۇستۇرۇش كېرەك" زەينەلنى چاقارتىپتۇ. بىراق ئىككى كۈندىن بۇيان زەينەل ھېچيەردە يوقكەن.
ئەلى ساپا باي شەھەرگە مېڭىپتۇ. مېڭىشتىن بۇرۇن ئادەملىرىنى تولۇق قوراللاندۇرۇپتۇ. ئادەملىرى ئۈستى-بېشىغا ئارتىلغان قورال-ئوقلارنى ئاران كۆتۈرىدىكەن. داچىسىنى مەھكەم قوغداشنى تاپىلاپتۇ. ئۆزى شەھەرگە مېڭىپتۇ. شەھەردە بۇ ۋەقە پۇر كەتكەن ئىكەن. چايخانە، موزدۇزخانە، دوقمۇشلارغىچە ئىككى ئادەم يىغىلغان بولسىلا مۇشۇ گەپكەن.
شەھەرلىكلەر سالقىن كېلىدىكەن. مەسىلىلەرنى بېرىلىپ مۇلاھىزە قىلىدىكەن. ئەمما ئىككىلا تەرەپتە تۇرمايدىكەن. مۇھەببەت ياكى نەپرىتىنى بىلگىلى بولمايدىكەن. شەھەردە شۇنداق سۆزلەر ئېقىپ يۈرۈيدىكەن. بۇ چوقۇم مەمەت ئاۋاق دەيدىكەن. "....يېققىندا مەمەت ئاۋاق پەيدا بولۇپ قاپتۇ. ئۇ چوقۇم ھەمزەنى ئۆلتۈرگىلى قايتىپ كەلگەن گەپ.... بۇنداق ئىشنى ئەشۇلا قىلالايدۇ....." ئەلى ساپا باي قاراقچى مەمەت ئاۋاقنى بىلىدىكەن. ئەمما ئۇنىڭ بۇ ئىشلارنى قىلغانلىقىنى ئويلىماپتىكەن. ئۇنىڭ مەمەت بىلەن ئاداۋىتى بولمىسا نىمىشقا ئۇنداق بولىدىكەن. مەمەت قىلسا ھەمزەنى قىلمامدۇ ؟
ھاكىم بىلەن كۆرۈشۈپتۇ. ۋالى بىلەن كۆرۈشۈپتۇ:
- يەرلىرىمنى تارتىۋالدى. ھاكىمىيەتكە تەھدىد سېلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ ئارمىيە نىمە ئىش قىلىدۇ. تۈركىيە قانۇنى ئىشلىمەيدۇ.....تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىزگە ئوخشاش تىرەكلىرىنى ئۆرۈشكە ھەركەت قىلىۋاتىدۇ....
شەھەرلىكلەر ئەپسۇسلىنىدىكەن. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئېچىنىدىكەن. بىراق بۇ پوقنى تۇتۇپ قويسا قولىغا چاپلىشىپ قېلىشتىن، ئۆزىنىڭ ئاۋارىچىلىققا قېلىشىدىن قورقىدىكەن. ئاخىرقى يامان كۈنلەر ئۈچۈن بايلىق توپلاۋاتقان ئادەملەر ۋاقتىنى زايە قىلىشنى خالىمايدىكەن.
بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەلدارلىرى، ھۆكۈمىتىنىڭ كەلگۈسىگە ئىشەنمەيدىكەن. ئىشەنگەن بولسا بايلىق يىغماسكەندۇق. ئىشەنمىگەچكە ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى ئويلاش كېرەككەن. مال-دۇنيا يامان كۈنلەردە لازىم بولىدىكەن. شۇڭا سۇ كەلمەستىن بۇرۇن توغان سېلىشقا تىرىشىدىكەن. مەرىكىز ھۆكۈمەتنىڭ پەرمانلىرىنى جان-دىل بىلەن ئىجرا قىلمايدىكەن. سۇسلۇق قىلىدىكەن. كۈن ئۆتكۈزىدىكەن. باشقا ئىشقا كاللىسىنى چاچماي بايلىق توپلايدىكەن. شۇڭا ھاجەتمەنگە ئېمىزگە سېلىپ قويىدىكەن. " بىز تەكشۈرەيلى........"
ئەلى ساپا باي خامانلىرى كۆيگەندىن بەكرەك تولغىنىپ كېتىپتۇ. ھۆكۈمەت ئادەملىرىدىكى بىپەرۋالىق، جېنىدىن ئۆتۈپ دۈمبىسىدە توختاپتۇ. ئەمەليەتتە ھازىرغا قەدەر ئەمەلدارلاردىكى بىپەرۋالىقنىڭ سەۋەبىدىن ئۇنىڭ قىلغانلىرى ئوڭۇشلۇق بولغان ئىكەن. ئەمدى شۇ بىپەرۋا ئەمەلدارلار، ئۇنىڭ مەنپەئەتىگە كەلگەندىمۇ بىپەرۋالىق قىپتۇ:
- مۇشۇمۇ ھۆكۈمەت بولدىمۇ ؟ پاشاسى بىلەن مىللەت ۋەكىلى ئۆزىچە ھۆكۈمەت قۇردۇق دەپ كېرىلەمدىكەن. بۇنداق ھۆكۈمەتنى بىزنىڭ مەھەلىدىكى كىچىك بالىلارمۇ قۇرىدۇ. بۇنداق دۆلەت سورىغىچە ئىززىتى بىلەن ئورۇننى بوشاتسا بولمامدۇ؟ ئەنقەرەنى دىخانلار ئەمەس، ھۆكۈمەتنىڭ ئادەملىرى ئۆزى كۆزگە ئىلمايدۇ. مۇشۇلار ئۆرىدۇ. ئەنقەرەدىكىلەر ئاندىغەي-ماندىغەي دەپ سۆزلەشنىلا بىلىدۇ . قولىدىن ئۆزىنىڭ ئىشتىنىنى يۆلەشمۇ كەلمەيدۇ. كۈسۈككە كىرگەن ئىتتەك قاۋاشنى بىلىدۇ...........
ئەلى ساپا باي يېزىدىن بىرنەچچە ئادىمىنى چاقىرىپ كەپتۇ. ئەڭ سۆزمەنلىرىنى چاقارتىپتۇ. ئۇلارغا شەھەرنىڭ كوچىلىرىدا قانداق سۆزلەرنى تارقىتىشنى ئۈگۈتۈپتۇ. ئاندىن ھەممىسى ھەر تەرەپكە تارقاپتۇ. ئەتىسىدىن باشلاپ شەھەردە ئەلى ساپا باينىڭ مېھرىبانلىقى زىكرى قىلىنىشقا باشلاپتۇ. ۋاي ۋاي ئەكسىلئىنقىلاپچىلىرىنىڭ زۇلۇملىرى، رادىكال دىنىي ئۇنسۇرلارنىڭ پاراكەندىچىلىكى سۆزلىنىشكە باشلاپتۇ. "....ئەلى ساپا باي يېزىلىقلىرى ئاغرىپ قالسىمۇ چىدىمايدىكەن. شەھەردىن، ئەگەر تېپىلمىسا ئادانادىن بولسىمۇ ئۇستا دوختۇرلارنى تەكلىپ قىلىدىكەن. يېزىلىقىنى، قېرىندىشىنى چوقۇم داۋالاشنى ئۆتىنىدىكەن. ئۇلار بىلەن ھەپنەپەسكەن. تەغدىرداشكەن..... مەلىخە خېنىم تاماق ئەتسە ئالدى بىلەن يېزىدىكى چوڭلارنى ئۆيىگە چاقىرىپ تاماقنى ئالدىغا قويىدىكەن. ئالدى بىلەن شۇلارنىڭ يىيىشىنى ئۆتىنىدىكەن......بەزىلەر ئەلى ساپاغا سەن دىخان دىگەنگە بۇنچىلىك قىلىپ كەتمە....بولمىسا بېششىڭغا چىقىدۇ... دەپتۇ. ئەلى ساپا باي قۇلاق سالماپتۇ. قانداقمۇ قۇلاق سالسۇن. ئۇلارنى قېرىندىشىدىن ئارتۇق كۆرىدىغان تۇرسا ..... بىراق ، يېزىلىق يەنىلا يېزىلىقلىقىنى قىپتۇ. بىر كۈنى ھەممە دىخان يوپۇرلۇپ كەپتۇ. ئەلى ساپا باينىڭ ساراي-داچىلىرىنى ئوققا تۇتۇپتۇ....بىر نەچچە ئادىمىنى تۇتىۋېلىپ دەرەخقە ئېسىپتۇ. بالىلىرىنى، خوتۇنلىرىنى قارىتىپ تۇرۇپ تىرىك سويىۋېتىپتۇ. .........يېزىنىڭ ئىمامى بولىۋالغان تېگى نامەلۇم بىر موللام ئۇلارنىڭ باشلىقى ئىكەن. دىنىي ئەسەببىيلىكتە ئۇچىغا چىققان ئىكەن..............."
شەھەرنىڭ كۆتتىگە يېقىلغان ئوت ئاستا تۇتىشىپتۇ. شەھەر قايناشقا باشلاپتۇ.....ئەلى ساپا باينىڭ ئۇچرىغان زۇلۇملىرى شەھەرلىكلەرنى ھەيران قالدۇرۇپتۇ. فېئودالىزىم دەۋرى ئەمەس، جۇمھۇرىيەت دەۋرىدىمۇ بۇنداق زۇلۇملارغا ئۇچرىسا قانداق بولىدۇ ؟ يېزىلىق دىگەن قارا قوساققا ، دىخان دىگەن ساۋاتسىزغا قىلغان ئادىمەتچىلىكى ئۈچۈن تارتقان ئازاپلىرىغا ھېسداشلىق قىپتۇ. ئەلى ساپا باينىڭ ئۇچرىغان زۇلۇملىرى شەھەرلىكلەرنى قايغۇغا ساپتۇ. ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتقان مىڭلىغان خەلىقلەر ھەققانىيەتنى ياقلىماقچى بوپتۇ. يۈز بېششىنىڭ خوتۇنىمۇ ئاڭلاپتۇ. ھاكىمنىڭ خوتۇنىمۇ ئاڭلاپتۇ. ئېرىگە دەپتۇ. شەھەر كوچىسىدا لىقمۇ-لىق ئېقىۋاتقان ھىسداشلىقنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. ۋالىمۇ ئاڭلاپتۇ. كوچىدا ئېقىۋاتقان بۇ ھىسداشلىققا قۇلاق سالمىسا بولمايدىكەن. تەدبىر كۆرۈپ ھىسداشلىق دەرياسىنىڭ يار ئېلىپ كېتىشىدىن ساقلانمىسا بولمايدىكەن. جەمىيەت كەيپىياتى ئەڭ زور سىياسى بېسىمكەن. مۇھىم يېرى، بۇ ئىشقا بىر موللام باشلىقكەن. بۇ تېپىلماس پۇرسەتكەن. ئەنقەرە موللاملارنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا ئارلاشقانلىقىنى بىلىپلا قالسا، چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن ۋاقتىدا ئۇجۇقتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىكەن. شۇڭا يەرلىك ھۆكۈمەت پۈتۈن ئۆلكىنى چىرىكلىك قاپلاپ كەتسىمۇ سۈرۈشتۈرمەيدىكەن. ئەمما مولاملارنىڭ ئادەتتىكىدەك يۆتىلىپ قويىشىنىمۇ سۈرۈشتۈرۈپ تۇرىدىكەن. موللىلار ئادەتتە مەخسەتسىز يۆتەلمەيدىكەن. شۇڭا سەزگۈرلىكنى ئاشۇرۇش كېرەككەن. بولۇپمۇ ھازىرقىدەك ۋاقىتتا بىر موللىنىڭ جىنايىتىنى بايقىغان ئادەم ھىساپسىز تۆھپىگە ئېرىشىدىغان تۇرسا، كىم بۇ تۆھپە-مۇكاپاتقا قىزىقمايدۇ دەيسىز .
ئەلى ساپا باينىڭ نالىسى ھۆكۈمەتنى تەسىرلەندۈرۈپتۇ. بىر پۇقرا بولۇش سالاھىيىتى بىلەن قانۇنغا مۇراجەت قىلغاچقا ھۆكۈمەت دەردىگە يېتىپتۇ. قانۇن بىلەن سىياسىنىڭ ئەركە بالىسى بولىۋالغان ۋالى، سوت باشلىقىغا بۇيرۇق قىپتۇ. شەھەردىكى مۇنەۋۋەر توقۇمچى سانىلىدىغان سوت باشلىقى بۇ ئىككەيلەنگە "ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىدىن زەينەل قاتارلىقلارنى ئۆلتۈرگەن، تېرورلۇق بىلەن شۇغۇللىنىپ پۇقرالارنى ئوققا تۇتقان...." دىگەن جىنايەتنى توقۇپ بېرىپتۇ. تۆھپىسىراپ غالجىرلىشىپ كەتكەن ساقچىلار، ھۆكۈم بويىچە يېزىغا بېرىپ رادىكال دىنىي ئۇنسۇر پەرھات موللام بىلەن قىزىلپاچاق(كومىنىست) يوباز ئوغلى ھەسەننى قولغا ئاپتۇ. پەرھات موللامنى ساقچىلار ئېلىپ ماڭغاندا يېزىلىقلىرىغا:
ئەھۋالدىن قارىغاندا كېلەلمەيدىغان ئوخشايمەن. ئادەم ئۆلتۈرۈش يامان ئىش. بۇنى ھەممىمىز بىلىمىز. مەن ئادەم ئۆلتۈرمىدىم. سىلەر ماڭا ئىشىنىسىلەر. ئەمما ھۆكۈمەت ئىشەنمەيدۇ. ئۆزىگە ئىشەنمىگەن ھۆكۈمەت ماڭا ئىشىنەمدۇ...... مېنى دارغا ئاسىدۇ. گۇناھىم نىمە !؟ سىلەرگە ئىمامەتچىلىك قىلىپ نامازغا باشلىدىم. بۇلاڭچىلىققا، كەيپى-ساپاغا باشلىمىدىم........بالىلىرىم سىلەرگە ئامەنەت قالدى. قالغىنىنى خۇداغا تاپشۇردۇم....قانداقلا بولمىسۇن مۇشۇ كۈنگىچە قېرىنداش بوپ ئۆتتۇق، مەندىن رازى بولۇڭلار- دەپتۇ. قاپ-قارا كۆزلىرىگە ياش تۆشۈپتۇ. ئېقىپ چۈشمەپتۇ. يېزىلىقلار "خۇدايىمغا ئامانەت موللام. سەنمۇ بىزدىن رازى بول. بىز سەندىن مىڭ مەررە رازى" دىيىشىپتۇ......
ئەتىسى چۈش ۋاقتىدا ئۇلارنى ناھىيەگە ئېلىپ كەپتۇ. پەرھات موللامنىڭ ھېلىقى چىرايلىق كۆزلىرى كۆكۈرۈپ كەتكەن ئىكەن. ئىشىپ كەتكەن يۈزلىرىمۇ كۆپ-كۆك ئىكەن. ئىڭەكلىرى بىلەن ئېقىپ چۈشكەن قان، قاپ-قارا ساقىلىنىڭ ئۈچىدا قېتىپ قالغان ئىكەن. پۇتى يالىڭاياق، ئاياقلىرى نەلەردە چۈشۈپ قالدىكىن، پاقالچاقلىرىدىنمۇ قان سىرغىپ تۇرىدىكەن. چىرايىدىن ھېچنىمىنى بىلگىلى بولمايدىكەن. لەۋلىرى ئاران قىمىرلاپ تۇرىدىكەن، ئېھتىمال دۇئا ئوقۇۋاتقان بولسا كېرەك. يوباز ئوغلىنىڭ ئەھۋالى موللامنىڭكىدىنمۇ يامانكەن. بىر پارچە قان دۆۋىسىگە ئوخشاشكەن.
شەھەرگە كىرگۈچە ئىككىسىنىڭ بوينىغا قارا ئاغامچىنى باغلاپتۇ. يولنىڭ ئىككى قاسنىغىدا قوللىرىغا سېسسىق تۇخۇم ، تاۋۇز-قوغۇن شاپاقلىرىنى، سېسسىق شوخلىلانى، تاش-داڭگاللارنى كۆتۈرۈۋالغان خەلق ئاممىسى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن. پەرھات موللاملارنى خەلق مەيدانىنىڭ ئالدىغا ئەكەپتۇ. ناھىيىلىك تەشۋىقاتنىڭ سۆزمەن ناتىقى ئەخمەت ئالدى بىلەن خەلىق ئاممىسىغا نۇتۇق سۆزلەپتۇ. ۋەھشىلىك، ئىنسانىيەتكە يات قىلمىشلار، تېرورلىقنىڭ زىيانلىرى، ئەخلاقسىزلىق، قان تۆكۈشتەك ئادەمگەرچىلىككە زىت جىنايەتلەرنى سۆزلەپتۇ. شۇنداق تەسىرلىك سۆزلەپتۇ. ئاڭلىغانلارنىڭ غەزپ-نەپرىتى پەلەككە يېتىپتۇ. ئۇلارنى قويۇۋەتسە موللام بىلەن ئىككەيلەننى، بۇلارغا ئوخشاش ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمەنلىرىنى چاينىۋەتسىمۇ دەردى چىقمىغۇدەك غەزەپلىنىپتۇ. ئەخمەتنىڭ نۇتىقى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن موللام بىلەن يوباز ئوغلىنى كوچا ئايلاندۇرۇپتۇ. كوچىنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى شەھەر خەلقى قوللىرىدىكى سېسسىق نەرسىلەرنى، تاش-داڭگاللارنى بۇ ئىككى قانخور جىنايەتچىگە ئېتىپتۇ. توختىماي ئېتىپتۇ. تەككۈزىۋالسا ئەرەپاتتا شەيتانغا تاش ئاتقاندىنمۇ بەكرەك ھاياجانلىنىپتۇ.
پەرھات موللام ئالدىدا ، يوباز ئوغلى كەينىدە ماڭىدىكەن. مەسچىتكە كېتىۋاتقاندەك ئىلگىرى-كېيىن بولۇشۇپ ماڭىدىكەن. ھېچنىمىنى سەزمەيدىكەن، غەزەپلەنگەن قۇدرەتلىك خەلقنىڭ قەھرۇ-غەزىۋىنى كۆرمەيدىكەن. خەلق ئاممىسىنىڭ تىل-ھاقارەتلىرى قۇلاقلىرىغا كىرمەيدىكەن. ساقچىلار بوينىغا قارا ئاغامچا سېلىنغان ئىككى جىنايەتچىنى ناھىيىنىڭ ھەممە كوچىسىدا سۆرەپ يۈرۈپ ئايلاندۇرۇپتۇ. كەينىدە يۈزلەرچە ئامما تىللايدىكەن، ئامال قىلىپ ئۇرىۋېلىشقا، دۈمبىسىگە تېپىۋېلىشقا تىرىشىدىكەن. تۈرمىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ئىككەيلەننى ئايرىم كامىرلارغا تاشلاپ قويۇپتۇ.....
ھۆكۈمەت ئىگىسىنى تاپالمىسا ئىقتىدارسىزلىشىدۇ. ئىقتىدارسىز ھۆكۈمەتنىڭ زىيانكەشلىكىگە، ئەشۇ ھۆكۈمەتنى ئىقتىدارسىز قىلغان ئەمەلدارلار ئۇچرىمايدۇ. ئۇلار خالىغان يەرگە چىچىپ قويۇپ قوڭىنى سۈرتىۋېتىپلا قوپۇپ كېتىدۇ. بۇ دەۋرنىڭ زىيانكەشلىكى، پەرھات موللام ۋە يوباز ئوغلىغا ئوخشاش ئاددى تۇرمۇش تەلىۋى بىلەن ياشاۋاتقان ئادەملەرگە بولىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلار بۇنداق دەۋرگە ياق ! دىيىشكە مەجبۇرلىنىدۇ. ئاددى بىر ئادەمدىن دەۋرنىڭ ئاۋانگارتى بولۇشقا قىستاپ قويۇلىدۇ.
شۇ ئاخشىمى ئەلى ساپا باي شەھەردىكى ئەڭ ياخشى رېستوراندا ناھىيىنىڭ ھەربى ۋە مەمۇرى كاتتىلىرىغا ھاراق زىياپىتى بېرىپتۇ. زىياپەتتە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇدرەتلىك ھۆكۈمىتىگە تەنتەنە قىلىنىپ قەدەھلەر سوقۇشتۇرۇلۇپتۇ................
مەمەت ئوسمان چوڭنىڭ ئۆيىدە ئاستا-ئاستا ئېسىگە كەپتۇ. قېتىپ كەتكەن چىرايلىرىغا قان يۈگۈرۈپتۇ. كۆزىنى ئاچقىنىچە كۈنلەپ ياتىدىكەن. كېچىسىمۇ شۇنداق ياتىدىكەن. ئۇنىڭ قاچان ئۇخلاپ، قاچان ئويغىنىۋاتقانلىقىنى قەمەر ئانىمۇ بىلەلمەيدىكەن. كېيىنچە مەمەت ئورنىدىن تۇرۇپ ھويلىغا، تەرەت قىلىش ئۈچۈن ئېغىلغا ئۆزى كىرىدىغان بوپتۇ. قەمەر ئانا يېزىدا بولىۋاتقان ئىشلارنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بېرىدىكەن. يىپتىن يىڭنىسىگە قەدەر سۆزلەيدىكەن. مەمەت ئولتۇرۇپ ئاڭلايدىكەن. ئەمما بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلمايدىكەن. ئەلى ساپا باينىڭ سارايلىرىنى، خامانلىرىنى كىملەرنىڭدۇ كۆيدۈرىۋەتكەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەندە مەممەتنىڭ يۈزلىرى دەسلەپ قىزىرىپ كېتىپتۇ. كۆزلىرى چاقناپ كېتىپتۇ. كەينىدىن قىزارغان يۈزلىرى ئاستا-ئاستا سارغىيىپ كېتىپتۇ. قەمەر ئانا ئۇنىڭغا قاراپ ئەنسىرەپ قاپتۇ. شۇ كېچىسى مەمەت ئۇخلىماپتۇ. ئۇ ياتقان ئۆيدىن ئېغىر تارتقان ئۇھلار تاڭ ئاتقىچە توختىماپتۇ. ئەتىسى مەمەت چاي ئىچىپ ئولتۇرۇپ ئوسمان چوڭدىن:
تاغا، نىمە ئۈچۈن ئابدىلارنى ئۆلتۈرسەك كەينىدىن ھەمزەلەر كېلىۋېرىدۇ ، ئۇلار تۈگىمەمدۇ ؟- دەپ سوراپتۇ. ئوسمان چوڭ بۇنداق سوئالنى ئاڭلاپ باقماپتىكەن:
بالام بۇنىڭ سېنىڭغا نىمە لازىمنى بار ؟ ئادەم دىگەننى ئۆلتۈرۈپ تۈگەتكىلى بولمايدۇدە دەپتۇ.
-تاغا، مەن نۇرغۇن ئويلاندىم. ئۇچرىغاندىن سوراپمۇ باقتىم. ئابدىنى ئۆلتۈردۇم. يېزىلىقلار بىر كۈن بولسىمۇ ياخشى كۈن كۆرسۇن دىگەنتىم. ئەمما كەينىدىن ھەمزە پەيدا بولدى. دەگىرمەن ئولۈكتىكىلەر بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك يامان كۈنگە قالدى. مېنىڭ تاغمۇ-تاغ قېچىپ يۈرۈشۈم، جېنىمنى ئالقانغا ئالغانلىرىمنىڭ ھىچ بىر پايدىسى بولمىدى...ھازىر پۈتۈن يېزا سەكرات ئىچىدە ياتىدۇ. ھەمزەنىمۇ ئۆلتۈرۈشنى ئويلىدىم. ئەمما ئۇنىڭدىن كېيىنچۇ ؟! ھەمزەدىنمۇ يامان بىرسى پەيدا بولماسمۇ ؟ يېزىلىقلار تېخىمۇ ئازاپقا پاتماسمۇ ؟! .....- ئوسمان چوڭ دەسلەپ ئۈندىمەپتۇ. كېيىن "بالام مەن بۇنداق چوڭ ئىشلارنى چۈشەنمەيدىكەنمەن. بىلىدىغىنىم ئابدى ئۆلدى نىمە؟ ھەمزە ئۆلدى نىمە ؟ ھەممىسى ئوخشاش. بۇنى پەرھات موللام بىلەمدىكىن ؟"
دەپتۇ.
قارىغاندا مەمەت ئاۋاقنىڭ ھىساپسىز ئارزۇلىرى، غايىۋى جەننىتى كۈمپەيكۈم بولۇپ كەتمەپتۇ. ئەمما كىچىككىنە قاپتۇ. تا بۈگۈنگە قەدەر ئۆزىنىڭ باھاسىنى قىممەترەك ھېس قىلغانلىقىغا ئۆكۈنۈپتۇ. ئۇ "ئابدىنى ئۆلتۈرسەم يېزىلىقلار ئۈچۈن ھېچكىم قىلىپ بېرەلمىگەن ئىشنى قىلىپ بەرگەن بولىمەن" دەپ ئويلاپتىكەن. ئەمما ئۇنداق بولماپتۇ. تېخىمۇ يامان كۈنگە قويۇپتۇ. "......نىمىدىگەن كاج تەلەي بۇ، شۇنچىۋالا ئەجىر-مېھنەت نىمىگە تەڭ بولدى !؟؟.....ئانىسىنىڭ، خەدىچەنىڭ ئۆلىمى.....ئۆزىنىڭ ھەر مىنۇت ئۆلۈم پۇراپ ياشىغانلىرى، ئوننەچچە قېتىم يارىدار بولغىنى......نەچچە يىلدىن بۇيان تاغمۇ-تاغ، سايمۇ-ساي قېچىپ ياشىغىنى...بىر قېتىممۇ ئارامخۇدا ئۇخلاپ باقمىغىنى....نىمىگە تەڭ بولدى !!!؟....."
مەمەت كېچىنىڭ قاراڭغۇسىدا شۇنداق ئويلار بىلەن ياتىدىكەن. دەگىرمەن ئولۈكتىكىلەر ئۇنىڭ ئۆلىمىنى خالايدىكەن. ئەمما ۋاي ۋايلىقلار بىلەن ئوسمان چوڭ بۇنى خالىمايدىكەن. ھەتتا ياخشى كۆرىدىكەن. بىراق قاچانغىچە ياخشى كۆرىدۇ؟!
ھازىر ۋاي ۋاي يېزىسىدىكىلەر مەمەت يېزىسىدا بولغاچقا ئەلى ساپا بىلەن قارشىلىشىۋېتىپتۇ. مەمەت ئاخىرىنى بىلىدىكەن . بۇ قارشىلىقنىڭ كەينى ھامان ئەلى ساپانىڭ غەلبىسى ئىكەن. ئەگەر مەمەت ئەلى ساپانى ئۆلتۈرۋەتسىچۇ !؟ ئۇ چاغدا ئابدىنىڭ ئورنىغا ھەمزە كەلگەندەك ئەلى ساپادىنمۇ يامان بىرى كېلىدىكەن. ۋاي ۋاي يېزىسىدىكىلەر بۇنى بىلمەيدىكەن. پەقەت مەمەتنىڭ ئەلى ساپانى ئۆلتۈرۋېتىشىنى ئۈمۈت قىلىدىكەن. "ئەلى ساپا باي ئۆلسە ھەممە ئىش ياخشى بولۇپ كېتىدۇ" دەپ ئويلايدىكەن. ئەمما ئابدى ئاغا ئۆلگەن بىلەن دەگىرمەن ئولۈكتىكىلەرنىڭ ئىشلىرى ياخشى بولۇپ كەتمىدىغۇ ؟ ۋاي ۋايلىقلار بۇنىڭدىنمۇ يامان كۈنگە بارغاندا ئاندىن ئەلى ساپانىڭ قەدرىگە يېتىدىكەن. شۇ چاغدا مەمەتنى قاغايدىكەن....... ;
ئېغىر ئۇھ! تارتىش بىلەن ئىچىنى قىستاۋاتقان ھەسرەتتىن قۇتۇلماقچى بولۇپتۇ. ھەر كېچىسى مىڭلارچە ئۇھ! تارتىدىكەن. ھەر ئەتتىگىنى ئورنىدىن تۇرغاندا ياستۇقىنىڭ ياش بىلەن ھۆل بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرىدىكەن.............
پەرھات موللاملار قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئوسمان چوڭ ۋە يېزىلىقلارنىڭ ئۈمۈدى ۋەيرانچىلىققا يۈزلىنىپتۇ. ئەلى ساپانىڭ خامانلىرىنى كۆيدۈرۈشلەر، سارايلىرىنى ئوققا تۇتۇشلار ئۇنى توختىتالماپتۇ. قىلىدىغىنىنى يەنىلا قىپتۇ. بىر قەدەم چېكىنمەپتۇ. يېزىلىقلارنىڭ نەزىرىدە مەمەت ئاۋاق بۇ ئىشلارنى بىلمەيدىغاندەك جىمجىت ياتىدىكەن. يېزىلىقلارنىڭ يەيدىغىنى تۈگەپتۇ. مەمەت يېزىلىقلارنىڭ كۆرۈۋاتقان كۈنلىرىنى كۆرمىگەندەك ياتىدىكەن. قەمەر ئانىنىڭ نەلەردىندۇ تېپىپ قىلىپ بەرگەن تاماقلىرىنى يەپ، مۈزدەك ئۇسۇلۇقلىرىنى ئىچىپ ياتىۋېرىدىكەن.
ئوسمان چوڭ يېتىپ قاپتۇ. مەمەت يېزىغا كەلمىگەن چاغدىكىدەك ماغدۇرسىزلىق، ئۈمۈتسىزلىك ئۇنىڭغا يەنە چاپلىشىپتۇ. كۆزىنىمۇ ئاچمايدىكەن. بىر ئۆيدە مەمەت ئاۋاق يەنە بىر ئۆيدە ئوسمان چوڭ ياتىدىكەن. ھەر ئىككىسىلا ئۇھ! تارتىدىكەن......
ئەلى ساپا باي ئۆزىنىڭ ھامىنى يېڭىدىغانلىقىغا ئىىشنىدىكەن. يېزىلىقلارنى قەدەممۇ-قەدەم قىستاپ كەپتۇ. ئوڭۇشلۇق بولىۋېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ چىقىش يولى بىرلا يولكەن. ئۇ بولسىمۇ كۆچۈش !
يەيدىغىنى يوقالغان يېزىلىقلارنىڭ ئىچىدىغىنى بار ئىكەن. ئەلى ساپا باي بۇنىمۇ ئۈزىۋېتىش ئارقىلىق مەسىلىنى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلماقچى بوپتۇ. بەش يېزىغا كېلىۋاتقان سۇنى توختىتىۋېتىپتۇ. سۇ ئامبىرنى باشقۇرىدىغان پۇشمان ئوغلى ئۇنىڭ يېققىنىكەن. ئەلى ساپا باينىڭ يەر ئۈچۈن قىلىۋاتقان كۈرەشلىرىگە ياردەم بېرىپتۇ. سۇنى توختاتسا ئەلى ساپانىڭ يەرلىرىمۇ سۇ ئىچەلمەيدىكەن. مەيلى بىر يىلغا نىمە بولاتتى. ئازراق بەدەل تۆلىسۇن.
سۇنى توختاتقاندىن كېيىن ئۆستەڭدە بىر تېمىممۇ سۇ قالماپتۇ. تېگىدىن تاش-قۇملۇق تۇپراقلىق يېزىدا ئىلگىرى قۇدۇق كولىماپتىكەن. ئەمدىلىكتە ئىچىدىغان سۇ ئۈچۈن كولىغان قۇدۇقلار ئىككى مېتىر كولىمايلا گۆمۈرلۈپ چۈشۈپتۇ.
بىر ھەپتىگە بارماي يېزىلىقلارنىڭ ھەممە سۈيى پاك-پاكىز تۈگەپتۇ. سازلىقلاردىكى سۇلارمۇ قالماپتۇ. ئالدى بىلەن ئېتىزلار كەينىدىن ئوتلاق ۋە سازلىقلار يېرىلىشقا باشلاپتۇ. قەدىمدىن بۇيان توختىماي كېلىۋاتقان سۇ بىلەنلا كۆكۈرىۋاتقان يېزا سۇ توختاش بىلەن تېزلا جېنىدىن ئايرىلىشقا باشلاپتۇ.
بەش يېزىنىڭ ئادەملىرى ھاكىمغا ۋەكىل ئېۋەتىپتۇ. ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپتۇ. ھاكىم:
مەن قانداق قىلاي، سىلەر ئۈچۈن قايغۇرىۋاتىمەن. بىراق پۇشمان ئوغلى مۇستاپا باي شال تېرىپتۇ. بۇ شاللىق دۆلەت بايلىغى تۇرسا، قۇرۇتۇپ قويۇشقا بولمايدۇدە .- دەپتۇ.
دىخانلارغا يېزىسىدا يېتىپ ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلۈش ياكى كۆچۈشتىن ئىبارەت ئىككىلا يول قاپتۇ.
مەمەت ئاۋاقنىڭ ھەسرىتى كۈچىيىپتۇ. قۇرۇپ كېتىۋاتقان يېزىغا قاراپ "بۇ ئادەملەرگە بالا بولدۇم. ئاخىرى بالا بولدۇم" دەپ توختىماي قىينىلىدىكەن. يېزىدا سۇ قىيىنچىلىقى بولغاچقا مەمەتنى خېلىلنىڭ ئېتىزلىقتىكى قوغۇنلىقىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپتۇ. ئۇ يەردە سۇدىن قىينىلىپ كەتمەيدىكەن. قانداقلا بولمىسۇن سىرغىغان سۇلار بىلەن ئىككى ئادەم ئۇسسۇزلىقىنى كەڭتاشا باسالايدىكەن.
دىخانلار مەمەتتىن، ئوسمان چوڭدىن رەنجىشكە باشلاپتۇ؛
- قېنى بىزنىڭ شۇڭقارىمىز ؟
ئىسمىنى ئاڭلاپ سارىچامدىن قايىتپ كەلگەنتۇق، ئۈمۈدىمىز شۇمىتتى.....
قۇرۇپ كەتكۈر ئۈمۈت. مالدىن ئايرىدى.....ئەمدى جېنىمىزغا كەلدى......
پەرھات موللاملارمۇ چىرىپ ياتىدۇ....ئەشۇنىڭ كاساپىتىدىن.......بىچارىلەر....
بۇ گەپلەر ئوسمان چوڭنىڭ، قەمەر ئانىنىڭ قۇلاقلىرىغا كىرىپ تۇرىدىكەن. نىمە قىلالىسۇن. ئىچىلىرى ئارداپ كېتىدىكەن. قەمەر ئانىمۇ مەمەتكە بىلدۈرمەسلىككە تىرىشىدىكەن. ئەمما قالغان كۆڭۈلنى تاشمۇ سېزىدىغان يەردە مەمەت سەزمەسمۇ ؟ دىمەك، قەمەر ئانىسى ئىلگىركىدەك سۇيۇقئاش ئەتكەندە سامساق، كۆكتاتلارنى ئازراقتىن چاناپ سېلىۋېتمەيدىغان بولۇپ قاپتۇ.......
بىر كۈنى ئەتتىگەندە تۆۋەن تەرەپتىكى يېزىلاردىن بىر توپ ئادەم شەھەرگە قاراپ مېڭىپتۇ. ئۇلار قايسى يېزىدىن ئۆتسە شۇ يېزىنىڭ ئادەملىرىمۇ قوشۇلۇپتۇ. ئەر-ئايال، بالا-چاقا، قېرى-ياش، ساق-چولاق ھەممىسى بىر توپ بولۇپ ئۆستەڭ ياقىلاپ شەھەرگە مېڭىپتۇ. ۋاي ۋايلىقلارمۇ قوشۇلۇپتۇ. بەش يېزىنىڭ ئادىمى قويۇق چاڭ-توزاڭلارنى ئۆرلىتىپ سۆزلەشمەي ماڭىدىكەن. يىراقتىن يەر بىلەن ئاسمان ئوتتۇرىسىدا بىر پارچە تۇمان شەھەرگە قاراپ ئاقىدىكەن.
شەھەرلىكلەر بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپتۇ. دۇكانلىرىنى تاقىشىپ ئۆيلىرىگە تىقىلىپتۇ. شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىسيانچى دىخانلارغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى لايىھەسىنى تۈزەپ بولمايلا كېلىۋاتقانلار شەھەرگە يېقىنلاپ كەپتۇ. ئەسكەرلەر، ساقچىلار، كادىرلار يوشۇرنۇپتۇ. "ئۇلار نىمە قىلىدىغاندۇ ؟" كادىرلار دىر-دىر تىترىشىپتۇ. بايلار تەسۋىلىرىنى تېز سېرىپ دۇرۇت ئوقۇشۇپتۇ. تۆت ئەتراپىغا ھۈرۈپتۇ.
دىخانلار شەھەرنىڭ كۆۋرىكىگە كەلگەندىن كېيىن سۇ ئامبىرىنىڭ دامبىسىغا چىقىپتۇ. پۇشمان ئوغلى ساۋرۇن دەرياسىنىڭ سۈيىنى مۇشۇ تومىدىن توساپ قويغان ئىكەن. كەلگەنلەر سۇغا بىر پەس قارىشىپ تۇرغاندىن كېيىن كەينى-كەينىدىن سۇغا سەكرەپتۇ. بىر پەستە سۇنىڭ ئىچى لىق ئادەم بىلەن توشۇپتۇ. ۋارقىراش، كۈلۈش قاپلىغان قىيامەت بولۇپتۇ. دىخانلار سۇنىڭ ئىچىدىن چىققاندا توسمىنىڭ ئورنىدا ھېچنىمە يوق ئىكەن. بىر تال قوزۇقمۇ قالمىغان ئىكەن. نەچچە ۋاقىتتىن يىغىلىپ كېرىلىپ كەتكەن سۇ تۆۋەندىكى يېزىلارغا قاراپ شارقىراپ ئېقىپتۇ.
شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئەھۋالنى چۈشۈنۈپتۇ. خوشال بولۇپ كېتىپتۇ. خۇداغا شۈكرى ھېلىمۇ ئىسيان ئەمەسكەن. بولمىسا شۇنچە دىخانغا قارشى سالىدىغان ئەسكەر ساقچى نەدە دەيسەن. ھەممەيلەن يوشۇرنىۋالغان يەرلىرىدىن چىقىپتۇ. شەھەرنىمۇ كۈلكە قاپلاپتۇ. " ھەرنىمە بولسا.... ئامانلىق بولدى " دىيىشىپتۇ........
ئەلى ساپا باي ھۆكۈمەتكە بېرىپتۇ. "بۇنىڭغا قاراپ تۇرۇشقا بولمايدۇ. بۇ بىر ئىسيان. بۈگۈن يول قويساق ئەتە يەنە نىمە قىلمايدۇ. بۇنداق بولىۋەرسە ناھىيىنى دىخانلار سورايدىغان بولىۋالمامدۇ...." ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئويلىنىپ قاپتۇ. توغرا دىخانلار ھۆكۈمەت بولىۋالسا قانداق بولىدۇ. ھەممە ئىشنى مۇشۇنداق ئەكسىيەتچىل قىلمىشلار بىلەن ھەل قىلىپ ئۈگىنىۋالسا قانۇن نىمىگە ئوخشاپ قالىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىنى قانداق يۈرگۈزىدۇ !؟
ھۆكۈمەت دىخانلارنى تۇتۇشقا ئالدىرىماپتۇ. يېزىلىقلارنىڭ كەلگەن چاغدىكى تەرتىپى قالايمىقانلىشىپتۇ. سۇنى ئالغاندىن كېيىن بىخۇتلىشىپتۇ. كىم نەدە ؟ بۇ قايسى يېزىنىڭ ئادىمى ؟ بىلگىلى بولمايدىكەن. قالايمىقانكەن. ئەمدى قول سالىدىغان پۇرسەت كەپتۇ. شۇ چاغدا تۇتۇش بۇيرىقى چىقىرىپتۇ. تۇتۇلغان دىخانلارنى تۈرمىگە قاماپتۇ. ئەسلىدىمۇ جىنايەتچى توشۇپ كەتكەن تۈرمىلەرگە ھىچقانچە ئادەم سىغماپتۇ. مەكتەپ-ئىدارىلەرنىڭ بوش ئۆيلىرىگىمۇ سولاپتۇ. يەنىلا ئېشىپ قاپتۇ. شەھەردىكى چوڭ جامەگىمۇ سولاپتۇ. شەھەردىن بالدۇر كەتكەن دىخانلار "خۇداغا شۈكرى، ھېلىمۇ كېتىپتىكەنمىز...تۇتۇلمىدۇق." دىيىشىپتۇ.
سولانغان دىخانلارغا تاماق تۇرماق سۇمۇ بەرمەپتۇ. تۈرمە دىگەندە تاماق ۋە سۇنى قىسىپ ئىدىيەسىنى توغرىلىمىسا بولمايدىكەن. ئاچلىق ئۇسسۇزلۇق دىخانلارنى يەتكۈچە قىيناپتۇ. ئىسسىق تومۇزدا نۇرغۇن ئادەمنىڭ نەپەسلىرى، چوڭ-كىچىك تەرەتلىرى قوشۇلۇپ كامىرلارنى دەھشەت سېسىقچىلىق قاپلاپتۇ.....
شۇ كۈنى كېچىدە ئەلى ساپا باينىڭ يېزىدىكى سارايلىرىغا ئوت قويماقچى بولغان بەش نەپەر قاراقچى قولغا چۈشۈپتۇ. ئۇلار مۇسلۇ، ئەخمەت باشلىق ۋاي ۋاي يېزىسىدىكى ياشلار ئىكەن. ئۇلارنى ئاتقا سۆرىتىپ شەھەرگە، توشۇپ كەتكەن تۈرمىلەرگە سىغداپ سولاش ئۈچۈن ئېلىپ كېتىپتۇ.
يېزىنىڭ موتىۋەرلىرى ھاكىمنىڭ، ئەلى ساپا باينىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ. يېزىلىقلارنى قويۇۋەتسە ئۆزلىرىنىڭ ئەتىلا نارلى قىشلاققا كۆچىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.
ھاكىم بىلەن ئەلى ساپا باي نەچچە يىلدىن بېرى كۈتىۋاتقان بۇ سۆزنى ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلاپ ئىچىدە ھەمدۇ-سانا ئېيتىپتۇ. "ماقۇل" دەپتۇ. "ھازىرلا قويۇپ بېرىمىز" دەپتۇ. ئەمما پەرھات ئىمام ، مۇسلۇ باشلىق جىنايەتچىلەر قويۇپ بېرىلمەيدىكەن. ئۇلارنىڭ گۇناھى ئېغىركەن. ۋەكىللەر باشلىرىنى سالغىنىچە قويۇپ بېرىلگەن دىخانلارنى ئەگەشتۈرۈپ يېزىسىغا قايتىپ كەپتۇ. ھاكىمغا، ئەلى ساپاغا بەرگەن ۋەدىسىنى يېزىلىقلارغا ئېيتىپتۇ. ئۇنىڭسىزمۇ ھاياتى مامات بوسۇغىسىغا كېلىپ قالغان يېزىلىقلار بۇ يەردىن تويۇپ تۇرغان ئىكەن. پۈتۈن يېزا كۆچۈشنىڭ تەييارلىقىغا كىرىشىپتۇ.
ئەتىسى سەھەردە كۆچ-كۆچنىڭ ئالدى يولغا چىقىپتۇ. ئوسمان چوڭ بىلەن مۇختار سەيپەلى "يېزىدىن باشقا يەرگە بارمايمىز" دىيىشىپتۇ. ئۇلارغا مەيداندىكى چوڭ جۈجەمنىڭ ئاستىغا ئىككى كارۋات قويۇپ بېرىپتۇ. ئىككى قېرى ياقا يۇرتلاردا ئۆلۈپ قېلىشتىن قورقۇپ يېزىسىدا ئۆلمەكچى بولۇپتۇ......
مەمەت يېزىلىقلارنىڭ كۆچۈشكە باشلىغانلىقىنى ئاڭلاپتۇ. ھەممىنى ئاڭلاپتۇ. ئۇ يېزىلىقلار بىلەن خوشلىشىش ئۈچۈن كىيىملىرىنى كىيىپ، قوراللىرىنى ئېسىپ يېزىغا بېرىپتۇ. ئوسمان چوڭ ياتقان كارۋاتنىڭ بېشىغا كەپتۇ. بوۋاي كۆزىنىمۇ ئاچمايدىكەن. مەمەت "ئوسمان تاغا....." دەپ چاقىرىپتۇ. بوۋاي كۆزىنى ئاچماپتۇ. ئىڭراپ قويۇپتۇ. مەمەت بىلەن بۇرۇنقىدەك "كەلدىڭمۇ شۇڭقارىم" دەپ كۆرۈشمەپتۇ. مەمەت بوۋاينىڭ ئۆزىگە ئاچچىقى بارلىقىنى ھېس قىلىپتۇ......
ھەممە ئادەم ھەتتا ئوسمان چوڭمۇ قاراقچى مەمەت ئاۋاقنى ئەمەس بەلكى ئارزۇيىدىكى ئىشنى قىلىپ بەرگەن ئادەمنى ياخشى كۆرىدىكەن. مەمەت ئاۋاق بۇنى ھېس قىلدىمۇ ياكى ھېس قىلمىدىمۇ بىلمىدىم. ئەمما مەن ئۇنىڭ يۈزىدە قېتىپ تۇرغان ئاچچىق ئەلەمنىڭ كۆلەڭگىسىنى بايقاپ قالدىم.......
مەمەت تۇرۇپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭ بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوقكەن. قەمەر ئانىمۇ ئوسمان چوڭغا قارىغان بولىۋېلىپ مەمەتكە سالام قىلماپتۇ. مەمەت ئاستا قىمىرلاپتۇ. كىيىملىرىنى تۈزەپتۇ. قوراللىرىنى تۈزەپتۇ:
- ئوسمان تاغا، مەندىن رازى بول- دەپتۇ. مەمەتنىڭ ئىككى تامچە يېشى مەڭزىنى بويلاپ ئاققىنىچە ساقاللىرى ئارىسا سىڭىپ كېتىپتۇ. مەمەت ئېتىنى مىنىپتۇ. كەينىگە تويغىچە بىر قارىۋېلىپ ئېتىنى مىنگىچە يېزىدىن چىقىپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭ كەينىدىن ئازراق چااڭ ئۆرلەپ كېيىن يوقاپ كېتىپتۇ..........
مەمەت ئاۋاق شۇ ماڭغىنىچە نامازشام بىلەن شەھەرگە يېتىپ بېرىپتۇ. شەھەر جىنايەتچىلەرنى كەچۈرۈم قىلىپ قويۇپ بەرگەندىن كېيىنكى مەغرۇرلۇق ۋە خوشاللىققا چۆمگەن ئىكەن. ئۇنىڭغا ھېچكىم دىققەت قىلماپتۇ. ئەلى ساپا باينىڭ شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان ئۆيىگە بېرىپتۇ. ئىشىكنى قېقىپتۇ. "كىمسەن" دەپ سوراپتۇ. "تۇرسۇن ئېۋەتتى. يېزىدىكى سارايدىن خەۋەر ئېلىپ كەلدىم" دەپتۇ. ئىشىكنى ئېچىپ مەمەتنى ئۆيگە كىرگۈزۈپتۇ ئاندىن باي دەم ئېلىۋاتقان ئۆيگە باشلاپتۇ.
ئەلى ساپا باي يوغان لامپىلارنىڭ يورۇقىدا مامۇق تۆشەككە يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ گېزىت كۆرۈۋاتقان ئىكەن. مەمەتنى كۆرۈپ:
- ھە كېلە، ئولتۇر. يېزىدىن نىمە خەۋەر ئېلىپ كەلدىڭ ؟- دەپ سوراپتۇ. مەمەت ئولتۇرماپتۇ:
- مەن مەمەت ئاۋاق - دەپتۇ. ئەلى ساپا باي گېزىتنى نەگە قويۇشنى بىلەلمىگەندەك قېتىپلا قاپتۇ. مەمەت بايغا قارىتىپ كەينى-كەينىدىن ئۈچ پاي ئوق ئېتىپتۇ. ئەلى ساپا باي ئۆزىنى ئوڭشاپ بولغىچە ئىككى پاي ئوق مەيدىسىگە تېگىپتۇ. ئاخىرقى ئوق گېزىتتىكى رەئىس مۇستاپا كامالنىڭ "ساپان – تۈركىيە تارىخىنى يازىدىغان قەلەم" دىگەن مەشھۇر نۇتىقىنى تېشىپ ئۆتۈپ باينىڭ قوسىقىغا تېگىپتۇ.
مەمەت ئاۋاق قانداق تېزلىك بىلەن كىرگەن بولسا شۇنداق تېزلىك بىلەن باينىڭ ئۆيىدىن ئايرىلىپتۇ. قورودىكى ئادەملەر نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىپ بولغىچە ئۇ ئېتىنى چاپتۇرۇپ دەگىرمەن ئولۇكنىڭ يولىغا چۈشۈپ بوپتۇ. شەھەردە كۆتۈرۈلگەن ۋاراڭ-چۇرۇڭ كەينىدىن ئاڭلىنىپ تۇرىدىكەن.
مەمەت يېزىسىغا كەلگەندىن كېيىن ئۇددۇل ئابدى ئاغىنىڭ سارىيىغا كەپتۇ. بۇ قېتىمقىسى مەمەتنىڭ بۇ سارايغا قورال كۆتۈرۈپ ئىككىنچى قېتىم كېلىشى ئىكەن. دەرۋازىنى ئۇرۇپتۇ. "ھەمزە ئاغامنى ئىزدەيمەن" دەپتۇ. ھەمزە ھويلىدا ئىكەن. ئادەملىرىنى دىخانلارنىڭ شەھەردىكى مالىمانچىلىقىنى باستۇرۇشقا ياردەمگە ئېۋەتىۋەتكەن ئىكەن. ئۆزى چىقىپ مەمەت بىلەن كۆرۈشۈپتۇ. مەمەت "مەن مەمەت ئاۋاق" دەپتۇ. ھەمزە ئالدىغا ياكى كەينىگە مېڭىشنى بىلەلمەپتۇ. مەڭدەپ قاپتۇ. مەمەت ھەمزەنى ئالدىغا سېلىپ يېزىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مەيدانغا ئەكەپتۇ.
مەمەت ئېتىنى چاپتۇرۇپتۇ. ھەمزەنى ئايلىنىپتۇ. توختىماي ئايلىنىپتۇ. بىر چاغدا ئايلىنىپ تۇرۇپ ھەمزەنىڭ بېشىغا ئېتىپتۇ. ھەمزە يىقىلىپتۇ. پۇت-قوللىرى توختىماي تېپچەكلەيدىكەن. مەمەت توختىماي ئېتىپتۇ. ئېتىنى چاپتۇرۇپ ھەمزەنى ئايلىنىپ تۇرۇپ ئېتىۋېرىپتۇ. ھەمزە تۈگۈلۈپ جىمىپ قالغىچە ئېتىپتۇ. ئاخىرىدا توختاپتۇ. ھەمزەمۇ قىمىر قىلمايدىكەن. مەمەتمۇ قىمىر قىلمايدىكەن. ئات مىنىۋالغان ھەيكەلدەك جىمجىت تۇرىدىكەن.
تاڭ سۈزۈلۈپتۇ. بامداتمۇ ئۆتۈپتۇ. مەمەت مىلتىقىنى قولىدا تۇتقىنىچە شۇنداق تۇرىدىكەن. مەمەت بىر نەرسىگە تەشنا ئىكەن، ساقلايدىكەن. كۆتۈرۈلگەن كۈننىڭ قىزغۇچ نۇرلىرى ئۇنىڭ ئۈستىگە تېگىپتۇ. بىچارە "تىرىق" قىلغان بىرەر ئاۋازنى ئاڭلاشقا تىرىشىدىكەن. دەگىرمەن ئولۇكنىڭ كوچىلىرى جىمجىت ئىكەن. مەمەت ساقلايدىكەن. كوچىدا بىرمۇ جانلىق كۆرۈنمەيدىكەن. مەمەت قىمىر قىلمايدىكەن. كۈن قىززىپتۇ. مەمەتنىڭ، ئاتنىڭ ئۈستىدىن ھورلار ئۆرلەيدىكەن. بىر نەرسىنى ساقلايدىكەن. ئەمما ساقلىغىنى كەلمەيدىكەن. ھېچكىم كەلمەيدىكەن. مەمەت مىدىر قىلمايدىكەن. خۇددى ھەمزە بىلەن تەڭ ئۆلگەندەك جىممىتە تۇرىدىكەن........
بىر چاغدا كوچىدا بىرسى پەيدا بوپتۇ. مەيدان تەرەپكە قاراپ كەپتۇ. مەمەت ئاق ياغلىق سالغان، قۇلاقلىرىغا ھالقىلىرىنى تاقىغان، بوينىغا زۇننار ۋە مارجانلارنى ئاسقان ھەر خىل يىپلاردىن توقۇغان كەڭرى پوتىسىنى بېلىگە مەھكەم باغلىغان ھۆرى ئانىنى كۆرۈپتۇ. ھۆرى ئانا يىراقتىن قاراڭغۇلۇق ئىچىدىكى پەرىزاتتەك كۆرىنىدىكەن. جىمجىت كوچىدا يالغۇز پەرىشتىدەك مېڭىپ كېلىدىكەن. مەمەت ئېتىنى ئۇنىڭغا قارىتىپ چېپىپتۇ. ئالدىغا بېرىپتۇ. ئىككىسىلا بىر-بىرىگە قاراپ كۈلۈمسىرەپتۇ. ئاندىن ئىككىسىلا يېزىنىڭ ئىچىگە بىر نەرسىنى ئىزدىگەندەك قاراپتۇ. ھېچنىمە كۆرۈنمەپتۇ. ئىككەيلەندىن باشقا ھېچكىم، ھېچنىمە يوقكەن. كوچىدا پەقەت ئىككىسىلا بار ئىكەن. مەمەت ھۆرى ئانىسىغا ئېڭىشىپتۇ:
جېنىم ئانا.....مەندىن رازى بول !....- باشقا گەپ قىلالماپتۇ. كۆزىدە بىر زارلىق ، بىر تەلمۈرۈش پارقىرايدىكەن. بوغۇزىدا بىر نەرسە تۇرۇپ قالغاندەك باشقا گەپمۇ قىلماپتۇ. ھۆرى ئانىمۇ گەپ قىلالماپتۇ. كۆزىدىكى ياش لەۋلىرىدىكى كۈلكە گەپ قىلدۇرماپتۇ. نىمە دىيىشنى بىلەلمەپتۇ. مەمەت ئېتىنى بۇراپتۇ. يىراقتا كۆرۈنىۋاتقان ئەلى تېغىغا قاراپ ئۇچقاندەك چېپىپ كېتىپتۇ....
ھەمزەنىڭ ئۆلىگى مەيداندا ئۈچ كۈن تۇرۇپتۇ. ھېچكىم كەلمەپتۇ. يېزىلىقلار ھەتتا ئۆيلىرىدىنمۇ چىقماپتۇ. ئۈچۈنچى كۈنى پانجار ھۆسۈك بىر ئاغامچىنى كۆتۈرۈپ كەپتۇ. ھەمزەنىڭ پۇتىدىن باغلاپ يارداڭلىققا سۆرەپ ئاپىرىپ " ۋاي چىركىن....." دەپ تاشلىۋېتىپتۇ....
دەگىرمەن ئولۈك يېزىسىدا تېرىقچىلىقنى باشلاشتىن بۇرۇن چېقىر تىكەنلىككە ئوت ياقىدىغان ئادەت بار ئىكەن. ئۇنتۇلۇپ كېتەي دىگەن بايرامكەن. بۇ يىل ئۇنۇتماپتۇ. چۈنكى ھەمزە تارتىۋالغان يەرلەرنى قايتۇرۇپ ئاپتۇ. كالىلىرىنىمۇ قايتۇرۋاپتۇ. شۇڭا بايرامنى قىلىش كېرەككەن.
ھەممەيلەن چىرايلىق بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ مەيدانغا يىغىلىپتۇ. ئاندىن چېقىر تىكەنلىككە بېرىپتۇ. يېزىنىڭ مويسىپىتلىرى تىكەنلەرگە ئاۋال ئوت يېقىپتۇ. چېقىر تىكەنلىك گۈرۈلدەپ كۆيۈشكە باشلاپتۇ. ئاخىرىدا ھەممەيلەن يېقىپتۇ. ھەممە ئەتراپ گۇلخانغا ئايلىنىپتۇ. يېزىلىقلار ساماغا چۈشۈپتۇ. بايرام ناغرا چېلىپتۇ. ئوغلى جۈمە سۇناي چېلىپتۇ. ئۇلارنىڭ چالغان نەغمىلىرىنى ئولتۇرۇپ تىڭشىغىلى بولمايدىكەن. تۇرۇپ كېتىدىكەن. غۇلاچنى تاشلاپ ئىختىيارسىز ئۇسۇلغا چۈشىدىكەن.......
ئاناۋارزا قىپ-قىزىل چايقىلىدىكەن. گۈرۈلدەپ چايقىلىدىكەن. بۇ گۇلخان تاكى ۋاي ۋاي يېزىسىغا قەدەر سوزىلىدىكەن. ھەممە ئەتراپ گۈرۈلدەپ كۆيىدىكەن.
شۇ كېچىسىدىن باشلاپ ئەلى تېغىنىڭ چوققىسىدىمۇ بىر پارچە يورۇقلۇق كۆيۈپ تۇرۇپتۇ. ئۇدا ئۈچ كۈنگىچە كۆيۈپتۇ............
شۇنداق قىلىپ مەمەت ئاۋاق ھەققىدىكى پاراڭنىڭ ئىككىنچى قىسمىمۇ ئاخىرلاشتى.
ئىنشائاللە، ئامانلىق يار بولسا، كېيىنكى قېتىم مەمەت ئاۋاق ھەققىدىكى تېخىمۇ تىراگىدىيىلىك ۋەقەلەر سۆھبىتىمىزدە بولغۇسى.
ھۆرمەت بىلەن: ئابدۇرېھىم ئابلەتخان.
قومۇل شەھەر شەھەر ئىچى يېزا جىگدە قۇدۇق كەنت.
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى