|
ئەسلى مادرىد بىلەن ئاتلىتكا، شەھەر بىلەن بايرىن تۇتۇشۇپ، بايرىننى شەھەر ، ئاتلىتكىنى ماردىد شاللىۋىتىپ ھەل قىلغۇچتا شەھەر بىلەن مادرىد تۇتۇشقان بولسا كۆڭلۈمدىكىدەك ئىش بولغان بۇلاتتى.
مەن دىگەندەك بۇلۇپ ھەلقىلغۇچتا مادرىد شەھەرنى ئۇتىۋالسىغۇ كۆڭلۈمدىكىدەك بولغان بۇلاتتى، ناۋادا شەھەر مادرىدنى ئۇتىۋالسىمۇ مەيلىدى.
مادرىدنىڭ شاللىنىش ئېھتىماللىقىنى ئويلاشقاندا، مادرىتتىن ئۈتۈپ ئاتلىتكىنىڭ ئۇزغۇن بولغىنىدىن، شەھەرنىڭ ئۇزغۇن بولغىنى ياخشىراقتى. شەھەر ئۇزغۇن بولسا گو تازغا بېسىم بۇلاتتى. تەييارغا ھەييار بۇلۇپ ئۇزغۇن بولغان كوماندىنى قولغا ئالغان تۇرۇپ ئىككى ئۈچ يىل ئىچىدە ئۇزغان بۇلالمىسا بىزگىمۇ تازنى تىللايدىغانغا ئوبدان باھانە چىقاتتى . ئەڭ مۇھىمى شەھەر ئۇزغۇن بولالسا ئېنگىلانىد بىرلەشمىسىنىڭ جۇغلانما نۇمۇرى ئېشىپ ئېنگىلانىد بىرلەشمىسى يەنىلا ئىككىنجى بىرلەشمىلىك ئورنىغا چىقالايتى.
گەرچە ئاتلىتكا ئىسپان كۇلۇبى بولسىمۇ، ئەمما مادرىدقا بولغان ئۆچمەنلىكى ھەددىدىن زىيادە كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەلقىلغۇچقا كىرگىنىدىن ئانچە خۇشال بولمۇدۇم. ئەمما بايرىننىڭ كىرگىنىدىن ئاتلىتكىنىڭ كىرگىنىمۇ بىر ھىسابتا ياخشى بولدى. |
|