|
ئاخشام شەھەر ھەقىقەتەن ياخشى ئوينىيالمىدى ، ھۇجۇمنىغۇ دىمەيلا قۇيايلى پاس بىرىشمۇ بەكلا قالايمىقان تاشلىغان بىر قانچە پاسلىرى ئۇدۇل بېرىپ مادرىت ئەزالىرنىلا تاپتى ، دېبىرونىنىڭمۇ ئالدىنقى قېتىمقى ئەلپازى يوق ، ئاگۇيرونىڭمۇ ئاخىرقى ۋاقىتلاردا ۋارتارنىڭ ئۇستىگە تەپكەن ئاشۇ بىر توپىدىن باشقا ۋاي دىگۈدەك بىر خەتەر ئەپ كىلەلمىدى ، قارىغاندا زىدانى ئەنچىلوتىنىڭ تەلىمىنى قۇبۇل قىلغان چېغى ئاگويروغا بولغان قاراتمىلىق مۇداپىئە ئۈنىمىنى كۆرسەتتى ، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە باشقا قايسى شەھەر توپچىسى توپ ئۇرسىمۇ مەيلى دەيتىم بىراق ئاشۇ ئاگويرونىڭ توپ ئۇرىشىنى خالىمايتىم ، توپ ئۇرۇپ مادرىتنى شاللىۋىتىپ قالغان بولسا بىزنىڭ قېرى شەھەرنىڭ ئىشى ئالدىدا يېتىۋېلىشى تۇرغانلا گەپتى ، ئىش قىلىپ شەھەرنىڭ ئاخشامقى ئوينىشىدا ھەل قىلغۇچقا كىرىپ قالغان بولسا لوڭقا %70 ئۇتانچىلارنىڭ بۇپ كىتەتتىكەن
مادرىت تەرەپتىن خېسەيدىن باشقا ئەزالاردا ئاساسەن سو يوق ، بۇلۇپمۇ بېل بىلەن مارسېلو ئالامەت ئوينىۋەتتى ، مارسېلوغا ياراملىق زاپاستىن بىرنى ئەپ بىرىپ ھۇجۇم ئوينىتىپ سىناپ باقسا بۇلاتتىكەن ، ئالداش ماھارەتلىرى ئادەمنىڭ ئىچىنى كۆيدۈرىدۇ ئەگەر راستىنلا شۇنداق بۇپ قالسا مارسېلو ھەر 3 مەيداندا بىردىن نوقتا توپ قولغا كەلتۈرىشىدە گەپ يوق ، سۇغا سەكرەشكىمۇ خېلى ئەپلىك بۇپ قاپتۇ ئوتتۇر مەيدانچىلار ئالامەت ياخشى ئويناپ قويدى بۇلۇپمۇ مودىرىچ ، مۇداپىئە تەرەپتىمۇ پې پې بىلەن رامۇسنى پولات قورغان دىسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ ، رونالدونىڭ ئىپادىسىنىمۇ ئىرىشكەن نۇمۇرىغا قارىغاندا ياخشى دىيىشكە بۇلىدۇ ، ئىككى قېتىملىق خەتەرلىك كاللا توپ ئۇنىڭدىن باشقا تەپكەن توپلىرنىڭ ھەممىسىلا ئاساسەن ۋارتار رايۇنىدا خېلىلا خەتەر پەيدا قىلدى ، يارلىنىپ ئۈچ مەيدان مۇسابىقىنى ئويىمىغان توپچىغا نىسپەتەن بۇ نەتىجە ھەر ھالدا قۇبۇل قىلغىلى بۇلىدۇ ، يەنە كىلىپ شەھەر توپچىللىرنىڭ رونالدوغا بولغان قاراتمىلىق مۇداپىئەسىنىڭ ئىسكەنجىسىدە ئۇنچىلىك ئوينىماقمۇ ئاسان ئەمەس
ئاخىردا 11 - لوڭقا ئۈچۈن ۋۇررا مادرىت |
|