|
خانلىق مادرىد 1-0 مانچېستېر شەھىرى
ئۈرۈمچى ۋاقتى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى سەھەر سائەت 00:45 تە ئېلىپ بېرىلغان ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ 2-ئۇچۇرۇشىش مۇسابىقىسىدە ئىسپانىيە خانلىق مادرىد كوماندىسى ساھىبخان بولۇپ، ئېنگىلاند مانچېستىر شەھەر كوماندىسىنى كۈتىۋالدى.
مۇسابىقە باشلىنىپ ھەر ئىككى تەرەپ ئېھتىيات بىلەن مۇسابىقىنى داۋاملاشتۇردى.9 مىنۇت بولغاندا مانچېستىرنىڭ قورغانى بولغان كومپانى يارلىنىپ مەيداندىن ئايرىلدى. 19 مىنۇت بولغاندا چەكلەنگەن رايون ئىچىدە كارۋاخال بېلغا پاس تاشلىدى. بېل توپنى بىۋاستە تەپتى دە توپ مانچېستىر شەھەر توپچىسى فېرناندوغا تىگىپ (بىلىنە-بىلىنمەس ھالەتتە) قاپقىنىڭ سول بولۇڭىغا كىرىپ مادرىد ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە مۇشۇنىڭ بىلەن ئاياقلاشتى. كېينكى مەيدان مۇسابىقىدە بېلنىڭ بىر كاللا توپى تۈۋرۈك سوقتى، مۇدرىچ يەكمۇ-يەك توپتىن بىرنى ئسىراپ قىلۋەتتى. 88 مىنۇت بولغاندا ئاگۈيرۇ يىراقتىن يۇقىرى سەۋىيىلىك بىر توپ ئۇرغان بولسىمۇ توپ قاپقىنىڭ ئۈستىگە سۈرۈلۈپ ئۆتۈپ كەتتى. مۇسابىقە ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا بارغاندا جامېس بىر توپنى ئىسراپ قىلۋەتتى. شۇنداق قىلىپ خانلىق مادرىد كوماندىسى 1 توپ بىلەن غەلبە قىلىپ، ئوڭۇشلۇق ھالدا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قادەم باستى. خانلىق مادرىد بىلەن مادرىد ئاتلىتكا كوماندىسى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىتالىيەنىڭ سانسېرو مەيدانىدا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
|
|