ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 192 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tilsim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-10 20:36
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى تىمىنى كۆرەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن باشقىلاردىن تەلەپ قىلىپ كۆچۈرۈپ ئەۋەتىلگەندىن كىيىن كۆردۈم . ھەقىقەتەن ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلىلەركەن .مىنىڭچە مۇنبەر يۇقىرى قاتلىمىغا يىڭىچە ئىسلاھات يۈرگۈزۈش كىرەك . بۇنىڭغا باشتىن باشلاشقا توغرا كىلىدۇ ھەممە ئادەم ئۆز كەسپىنى چۈشەنگەندەك مەنمۇ ئۆز كەسپىمگە تەتبىقلاپ بىر ئىككى ئېغىز تەكلىپ پىكىر بايان قىلاي . مۇنبىرىمىزدە پۇتبول ئېيتىپ ئۆتكەندەك مەسىلىلەر مەۋجۈت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغانلا ئەلۋەتتە مۇنبەر يۇقىرى قاتلىمى . بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەڭ يۇقىرىدىن باشلىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ . مۇنبەر خەلىقنىڭ بولغدن بىپەن خەلىقنى ياخشى باشقۇرىدىغان يۇقىرى قاتلام بولمىسا خەلىق ھەر خىل يوسۇندا ئۆزى بىلگەن يولدا مىڭىپ زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ . مۇنبەرنىڭ قانۇنى ۋەكىلى كىم مۇنبەرنى كىم ۋەكىل بولۇپ قۇرغان بۇنىسى مۇھىم ئەمەس لىكىن مۇنبەرنى قۇرغان ياخشى نىيەتلىك ئادەم ئۆزىنى كىچىك ئىشلارغا سەرىپ قىلىپ مۇنبەردە ھەممە ئىشلارغا ئارلىشىپ يۈرۈپ بولالمايدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزى بولمىسىمۇ مۇنبەرنىڭ خىزمەتلىرى نورمال تەرەققى قىلىش ئۈچۈن بىر لاھىيە تۈزۈشى كىرەك . مەن بۇ يەردە ئۆز كەسپىمگە تەتبىقلاپ بىر نەچچە خىل لاھىيەنى تەۋسىيە قىلاي.
1- مۇنەرنىڭ قانۇنى ۋەكىلى مىنىڭ كەسپىم يويىچە ئېيتقاندا لىدىرى . مۇنبەرگە چوقۇم دېرىكتوردىن بىرنى تەيىنلىشى كىرەك .
2 - مۇنبەردە بىر نەچچە ئىشخانا تەسىس قىلىش كىرەك .
مەسىلەن تەلىم تەربىيە ئىشخانىسى
خىيالى بىرلەشمە ئىشخانىسى
ئامانلىق.ئىشخانىسى
نازارەتچىلەر ئىشخانىسى دىگەندەك .
تەلىم تەربىيە ئىشخانىسىنىڭ رولى : بۇ ئىشخانىغا 4تىن 6 گىچە ئالى ئەزا تۆھپىكار ئەزا ۋە باشقۇرغۇچىلارنى ھەمدە ھەر بىر كۇلۇپ مەستانىلىردىن بىردىن تۈزۈلگەن كەندىدات ئەزالارنى ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك .
تەلىم تەربىيە ئىشخانىسىدىلىكەرنىڭ خىزمەتلىرى.. بۇ ئىشخاندىكى كاندىدات ئەزالارنىڭ مەجبۇرىيىتى مۇنبەردە سەزگۈر ئىنكاس يېزىۋاتقان لارنى ئىشخانىدىكى مەسئۇللارغا مەلۇم قىلىش ئىشخانا خادىملىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى بولسا ئەزالارغا تەلىم تەربىيە ئىشلەپ مۇنبەرنىڭ ئىناق ئىتىپاقلىقىنى ياخشىلاشنى تەشەببۇس قىلىش . ئەلۋەتتە خادىملار ھەر بىر كۇلۇپ مەستانىلىرى ئالى ئەزا باشقۇرغىچىلار بىر كۇلۇپتىن پەقەت بىرسىلا بولۇش .
خىيەلى بىرلەشمە ئىشخانىسىغا خىيالى بىرلەشمە بىرلەشمىنى باشقۇرىۋاتقان تۆھپىكار باشقۇرغىچىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ باشقا ئىشلارغا ئارلاشتۇرماي بۇلارنىڭمۇ يۈكىنى يەڭگىللەتسەك .
ئامانلىق ئىشخانىسى مەسىلىسىگە كەلسەك بۇ ئىشخانىغا خادىملىرى مەخسۇس مۇنبەرنىڭ ئامانلىقى ۋە نورمال تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇنبەردىكى ئەزا چەكلەش ھوقۇقىنى مۇشۇ ئىشخانىغا بېرىۋەتسەك . ئەزالارنىڭ ھەل خىل ئوي پىكىرلىرىدىن يىراق بولۇش ئۈچۈن ھەر بىر كۇلۇپ مەستانىلىرىدىن بىردىن باشقۇرغۇچىنى مۇشۇ ئىشخانىغا تەكلىپ قىلساق . بىر كۇلۇپتىن كۆپ ئادەملەرنى قىلساق باشقىچە پىكىر بولۇپ قالىدىكەن شۇڭا ئادەم ئاز بولسىمۇ مەخسۇس شۇ ئىشنىلا باشقۇرغانكىن ئادەم ئازلىق قىلمايدۇ . نازارەتچىلەر ئىشخانىسى بۇ ئىشخانىغا مۇنبەرنى سۆيىدىغان ئەزالاردىن ھەر بىر كۇلۇپ مەستانىسىدىن بىردىن قەتتى ئەخپى ھالدا تاللاپ چىقىپ مەخسۇس مۇنبەر ئىشچى خادىملىرىنى نازارەت قىلدۇرساق . بۇنداق قىلغاندا خىزمەتنى ياخشى ئىشلىمىگەنلەرنى چۈشۈرۈپ يىڭى خادىمنى ئورنىغا قويۇپ تەرەققىياتنىڭ ئاستىلاپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ بۇ نازارەت چىلەرنى مۇنبەرنىڭ قانۇنى ۋەكىلى ئۆزى مەخپى ھالدا خىزمەت قىلدۇرسا .
مۇنبەرد چەكلەنگەنلەرنى ئامانلىق ئىشخانىسىدا مەسلەھەت قىلىپ چەكلەش مۇددىتى بەلگىلەنگەندىن كىيىن دېرىكتۇرغا تاپشۇرسا دېرىكتور تامغا ئۇرغاندىن كىين جازا مۇددىتىنى بەلگىلەپ چەكلەنسە . بولمىسا ئالدىراپ چەكلەپ كىيىن ئالدىرپ قويۋىتىدىغان ئىشلار چىقىدىكەن . ئەزا نىڭ چەكلىنىش مۇددىتى تەڭشەلمەكچى بولسا 3 كۈنگىچە ئوبدان ئويلۇنۇپ ئاندىن قارار قىلىپ مۇددەت بەلگىلەپ چەكلەش كىرەك دەپ ئويلايمەن . مەن مۇشۇنچىلىك پىكىر قاتناشتۇرۇپ تۇراي ئازراق ئىشىم چىقىپ قالدى |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|