elan ornielan orni
ئىگىسى: پۇتبول

مۇنبەردىكى مەسىلىلەر قاچان بىرتەرەپ بولىدۇ؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-3-10 19:18:18 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چەكلەش  توغۇرلۇق  پىكىرنى  قوللايمەن  ئ‍ۆزگەرتىش  قىلىش كېرەك
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-10 19:19:16 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت پۇتبۇل قىرىندىشىم مۇشۇ نچىلىك ئويلىغىنىڭىزغا بۆلەكچە ئويلىنىپ قالماڭ  مەندە پىكىر بەرگۇدەك سەۋىيە يوق  مەن سىللەردەك بۇرادەرلىرىمنىڭ  ئنكاسلرنى ئوقۇپ  شۇنىڭغا قارتا ئىنكاس يازساملام بولدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-10 19:19:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە  مىدال تارقىتىش ئىشى يەنىلا تىللاغا سېتىۋېلىش ھەم ئايلىق باھالاش بويىچە ئېلىپ بېرىلسا بۇلىدۇ چۈنكى ئايلىق باھالاشتا مۇنەۋۋەر ئەزالار  يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ  ئىپادىسىگە ئاساسەن ئېرىشەلەيدۇ . مىدال تارقىتىش ئىشىدا  ۋاقىتنى ئۇزارتىۋەتمەسلىكنى قوللايمەن .

ئىسىل -ناچار دىگەن ئىقتىدار ئەڭ ياخشىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلمىسۇن ، چۈنكى بۇ ئۆز-ئارا ئۆچ ئېلىش ۋاستىسى بولۇپ قالىدىكەن .

كۈچۈرۈلمە تېمىغا يەنىلا يول قويماسلىق كېرەك .

باشقۇرغۇچىلارنى تەڭشەش ئىشى مەسلىھەت قىلىنىۋاتىدۇ .



ھازىرچە مۇشۇنچىلىك دەپ تۇراي يەنە ھىس قىلغانلىرىمنى داۋاملىق دەيمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-10 19:24:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەر ئالتۇن توپ سائىبى دىگەن باشقا گەپتە مۇنبەرنى خۇددى بەش بارمىقىنى چۈشۈنگەندەك چۈشىنىدۇ ( قىز دوستىنىمۇ بۇنچىۋالا چۈشەنمەسمىكىن دەيمە )
ئەمدى تىمىنىڭ ئۇزىگە كەلسەك زادى پۇتبولدەك بىر مۇنبەر مۆتىۋىرىنىڭ ئوتتۇرغا چىقىپ مۇشۇنداق ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرغا قويمىسا بولمايدىغان يىرىگىمۇ كەپ قالغان زادى ( مۇنبەردە ساقلانغان مەسىللەر توغۇرلۇق ئادەتتىكى ئەزالار پىكىر قىلسا ھىچ كىمنىڭ پەرۋايىغا كەپ قويمايدۇ ) ، تىمىدا تىلغا ئېلىنغان ھەممە مەسىلىلىلەر بىر بىردىن مۇھىم چۇقۇم ۋاقتىدا ھەل قىلىنمىسا بولمايدىغان مەسىللەركەن ، ئەلۋەتتە بۇ مەسىللەر ھەل قىلىنمىسىمۇ مۇنبەر يەنىلا ئۆز ئۇقىدا چۆرگىلەۋىرىدۇ ، بىراق ۋاقتىدا ھەل قىلىنسا كىيىنكى تەرەققىياتىغا ناھايىتى چوڭ پايدىسى بۇلىدۇ
ئاخىردا پۇتبۇلنىڭ تىمىدا ئوتتۇرغا قويغان مەسىلىلىلەرنىڭ يېرىمىنىڭ بولسىمۇ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-10 19:25:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايلىق باھالاشقا كۆرسىتىدىغان ۋەكىلنىڭ سانى ئاز بوپقاپتۇ ، بىر كۇلۇپتىن كەم دىگەندە 5 نى تاللىسۇن ، مەستانىسى 5كە يەتمەيدىغان كۇلۇپلار بۇنىڭ سىرتىدا .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-10 19:27:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   غەلبە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-10 20:31  

مەنمۇ تېمىدا ئوتتۇرغا قۇيۇلغان پىكىرلەرگە قارىتا ئۆز كۆز-قارىشىمنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ باقاي.

1-مىدال تارقىتىش ئىشىغا كەلسەك،بۇلۇپمۇ كۇلۇب مىداللىرىنى تىللا ئارقىلىق سېتىۋالىدىغان ئىشقا كەلسەك: ئەڭ ياخشىسى بۇ ئىش توغرىسىدا مۇنبەر چوڭلىرى يەنى مەھمۇدىيە قاتارلىقلار بىر نىمە دەپ باقسۇن. گەرچە مۇنبەرگە مىدال سېتىش ئارقىلىق كىرىدىغان ئىقتىسادى كىرىم تايىنلىق بولسىمۇ ، ئەمما ئەينى چاغدا مەھمۇدىيە مۇنبەردە قايتىدىن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، كەڭ-كۆلەملىك ئۆزگەرتىش كىرگۈزدىغانلىقى، يەنى مىدالغا تىللا تۆلەپ ئىرىشىدىغان تۈزۈمنى يولغا قۇيىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇنبەرگە ئومۇمى بايانات ئىلان قىلغان چاغدا مۇنبەردىكىلەر بۇ پىكىر ناھايىتى ئورۇنلۇق پىكىر بوپتۇ، ئۆزىمىزنىڭكىنى ئۆزىمىز قوللىمىساق بولمايدۇ دىيىشىپ ھەممەيلەن تەڭ قوللىغان ئىدى.

2-پىكىرگە كەلسەك، گەرچە ياخشى -ناچار دەپ باھالاش مۇنبەرنىڭ ئۈنۈملىك ئىقتىدارى بولغان بىلەن ،لىكىن ئەينى چاغدا مەخسۇس شەخسى ھىسياتقا تايىنىپ،ئۆزى بىلەن مەستانىداش بولمىغان ياكى قالايمىقان ئىنكاس يېزىپ  تېتىقسىزلىق قىلسا چىرايلىقچە تەنبىھ بىرىپ قويغان بالىلار يازغان شۇنداق بىر بەلەن ئىنكاسلارنىمۇ كۆڭلىدە غۇم ساقلىغانلىقى ئۈچۈن توغرا بولسىمۇ ناچار دەپ باھالايدىغان باھالاشقا ھۆددىگەر پىرىملەر ناھايىتى جىق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن تېما- ئىنكلاسلار بىر يەلەردە قېلىپ، مىنىڭ ئىنكاسىمنى ناچار باھالاپسەن دەپ بىر- بىرىگە نەشتەر سانجىشىپ جىدەل چىقىردىغان ئىشلار ئاۋۇپ كەتكەن. شۇڭا مۇنبەر چوڭلىرى مۇشۇ باش ئاغرىقىدىن قېچىپ مۇنبەرنىڭ بۇ ئىقتىدارىنى ئەمەلدىن قالدۇرۋەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەينى چاغدا بۇ ئىقتىدارنى ئەمەلدىن قالدۇرۋېتىش توغرىسىدىمۇ مۇنبەردە خېلى ئورۇنلۇق پىكىرلەر ئوتتۇرغا قۇيۇلۇپ،نۇرغۇن دەتالاش بۇلۇپ ئاخىرى بۇ ئىقتىدار مۇنبەردىكىلەرنىڭ ئورتاق پىكىرى بۇيىچە ئەمەلدىن قالدۇرۋىتىلگەن.

3-پىكىرگە كەلسەك مەنمۇ تېما ئىگىسى بىلەن ئوخشاش قاراشتا. دىمىسىمۇ باشقۇرغۇچىلار تەنتەربىيە تۈرىدىكى ئۇيغۇرچە تور بەتلەرنىڭ ھەممىنى زىيارەت قىلىپ بۇلالمايدۇ. ئۇلارنىڭ زىممىسىدىكى يۈك ناھايىتى ئېغىر. شۇڭا مەنمۇ مەخسۇس كۈچۈرۈلمە تېمىلارغا قارىتا رازۋىتكىلىق تەكشۈرۈش خىزمىتى ئېلىپ بېرىپ،مۇشۇ مەسىلىنى بىرتەرەپ قىلىش ۋەزىپىسىنىلا ئۆتەيدىغان بىر قانچە باشقۇرغۇچى سايلاشنى قوللايمەن. بولسا باشقۇرغۇچىلارنىڭ ھەممسىنىڭ ۋەزىپىسى ئايرىم-ئايرىم بىكىتىلىپ بىرىلسە تېخىمۇ ياخشى بۇلامدىكىن دەيمەن. مەسلەن جاغىستاي، بىرنابۇ قاتارلىق 24 سائەت مۇنبەردىن ئايرىلمايدىغان  ياتاق- تاماق، يېتىپ-قۇپۇشلىرىدىن تارتىپ مۇنبەردە بولغان باشقۇرغۇچىلار مەخسۇس تېما تەستىقلاش ۋەزىپىسىنىلا ئۆتىسە، بوۋايغا ئوخشاش ھازىرقى تالاش-تارتىشنىڭ ئاساسلىق كىلىش مەنبەسى بولغان مادرىد بىلەن بارسىلونا دىگەن مۇنۇ ئىككى كوماندىنىڭ ھىچقايسىسىغا مەستانە ئەمەس، يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا باي بولغان باشقۇرغۇچىلار مەخسۇس بارسا-مادرىد،چىكىت-بۈرگە توغرىسىدىكى جىدەل ماجرالارنى بېسىقتۇرۇشقا ، جىدەل قىلغان ئىككى تەرەپنى ئەپلەشتۈرۈشكە مەسئۇل بولسا ، [ بولمىسا بارسا ياكى مادرىد مەستانىسى بولغان باشقۇرغۇچىلار بۇنداق جىدەلگە ئاگاھلاندۇرۇش بىرىپ ئارلىشىپ قالسا ئاسانلا ئادالەتسىزلىك قىلدىڭ دىگەن قالپاقنى كىيىپ قالىدىكەن]، بۇغدا باشلىق ئايلىق باھالاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولسا دىگەندەك. ئىشقىلىپ ھەممە باشقۇرغۇچىنىڭ خىزمەت تەقسىماتى ئايرىم -ئايرىم بولسا دەپ قارايمەن.

4-پىكىرگە كەلسەك ئايلىق باھالاشتا ئىلغار تېما يوللىغۇچىلارنى باھالاش تۈرى بارغۇ . مۇنەۋۋەر ئەزا دىگەن دەل مۇنەۋۋەر تېما، ئىنكاس يازغۇچىلارنى كۆرسىتىدىغۇ دەيمەن.

5- بۇ پىكىردە تېما ئىگىسىنىڭ ئويلىغىنى مىنىڭكى بىلەن 100% ئوخشاشكەن. مۇنبەر قائىدىسىنى بۇزغانلارغا قارىتا مەقسەت جازالاش ئەمەس بەلكى تۈزەش بولغانىكەن، دىمەك ئەزالارنى جازالاشتىن بەكرەك ئۇلارنى تەربىيە قىلىپ قۇتۇلدۇرۋېلىش مۇھىم . ئۇنىڭ ئۈستىگە چەكلەش مۇددىتىمۇ بەك ئۇزۇن . چەكلەش مۇددىتى توغرىسىدا ئېنىق بىر بەلگىلىمە بارمۇ يوقمۇ ئۇنى بىلمەيمەن. بولسا باشقۇرغۇچىلار مۇشۇ ھەقتە ئېنىق بىر چۈشەندۈرۈش بىرىۋەتسە. ھازىر خېلى -خېلى يامان ئەمەس بالىلارمۇ جىدەلخور كىچىك نۇمۇرلارنىڭ كاساپىتىدىن ئۇزۇن چەكلىنىپ كىتىپ بارىدۇ.  گەپنىڭ قىسقىسى چەكلەش مۇددىتى مۇۋاپىق تەڭشەلسە ، ئىنكاسقا قىزىل كارتا بىرىپ ئاگاھلاندۇرۇشتىن باشقا يەنە بىرىنچى قېتىمدا بىر ھەپتە ، ئىككىنچى قېتىمدا بىر ئاي ، ئۈچىنچى قېتىمدا بىر يىل دېگەندەك چەكلەش تۈزۈمى يولغا قۇيۇلسا ئاندىن ماۋۇ ئەسكەرتىشنىڭ ھەقىقى ئۈنىمى بولغان بۇلاتتى دەپ ئويلايمەن. ئەمما قايتا-قايتا تەربىيە قىلسىمۇ ئوڭشالمىغانلارنى ھەم كىچىك نۇمۇردا كىرىپ قەستەن  جىدەل چىقارغانلارنى مۇددەتسىز چەكلىۋىتىش كىرەك.

8- ماۋۇ پىكىر ئىنتايىن ئورۇنلۇق پىكىر بوپتۇ. دىمىسىمۇ بۇرۇن كىچە-كۈندۇز مۇنبەردىن ئايرىلماي تېما- ئىنكاسلارنى تۆكمە قىلۋىتىدىغان ،ھەتتا بەزى ۋاقىتلاردا ئانچە-مۇنچە شىكەر چاينىشىپ مۇنبەر مۇھىتىنى قىزىتىپ تۇردىغان ئەزالارمۇ باشقۇرغۇچى بولغاندىن كىيىنلا مۇنبەرگە كىرىشكە چولىسى تەگمەمدۇ، ياكى مۇنبەردىكى ۋەزىپىسى بەك ئېغىر بولغاچقا بىرە ئىككى قۇر كەلگۈدەك بولسىمۇ ئىنكاس يازغۇدەكمۇ ۋاقىت چىقىرالمامدۇ، ۋە ياكى باشقۇرغۇچىلىق سالاپىتىمنى ساقلاپ قالاي دەپ ئويلامدۇ، ئەيتاۋۇر باشقۇرغۇچى بولغاندىن كىيىنلا سۇغا چۈشكەن تاشتەك يۇقاپلا كىتىدىكەن. ئەسلى باشقۇرغۇچى ،ئالى ئەزالار مۇنبەر مۇھىتىنى قىزىتىشتا بىزدەك ئادەتتىكى ئەزالاردىن بەكرەك كۈچ چىقىرىشى كىرەك ئىدى. مۇنداق دىسەم  بىز مۇنبەر ئۈچۈن خىزمەت قىلماي ئويناۋېتىپتىمىزمۇ، ھېلىمۇ بىزگە ھىچكىم مائاش بەرمىسىمۇ مۇنبەر ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز خىزمەت قىلىپ كۈچ قوشىۋاتىمىزغۇ دىيىشىڭلار مۇمكىن. دىمىسىمۇ سىلەر مۇنبەر ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز كۈچ قوشىۋاتىسىلەر . ئەمما مىنىڭ دىمەكچى بولغۇنۇم پەقەت بۇرۇن باشقۇرغۇچى ئەمەس ۋاقتىڭلاردىكىدەك ھەممە تېمىلارغا ئىنكاس يېزىپ، كۈندە 4-5تېما يوللاشقا ۋاقتىڭلارنى چىقىرىپ بۇلالمىساڭلارمۇ، لىكىن ئىنكاس يېزىشقا ئەرزىگۈدەك دەپ قارىغان مۇلاھىزە خارەكتىرلىك تېمىلارغا ئانچە-مۇنچە ئىنكاس يېزىپ قۇيۇڭلار. سىلەرنى مۇنبەر ئەھلى پۇتبول توغرىسىدىكى بىلىمى چوڭقۇر ،ئۆتكۈر پىكىرلىك دەپ قارىغاچقا شۇڭا باشقۇرغۇچى قىلىپ سايلىغان. ئەمىليەتتە بىزدەك ئادەتتىكى ئەزالار سىلەرنىڭ قىممەتلىك  بىلىملەرگە تويۇنغان تېتىملىق ئىنكاسىڭلارغا ئىنتايىن ئېھتىياجلىق.

ۋاقىت قىس بولغاچقا بەزى گەپلىرىم قولاشماي ئوڭ-تەتۈر جۆيلۈپ سالغان بولساممۇ ئەمما نىيتىم دۇرۇس.
مىنڭ قاراشلىرىم ياققان-ياقمىغان، كىچىك-چوڭ ،پىششىق-توڭ مۇنبەرداشلارنىڭ ماڭا دەيدىغانلىرى بولسا مۇشۇ ئىنكاسقا نەقىل قىلسا تامامەن بۇلىدۇ. قالغىنىغا كەچتە داۋاملىق پىكىر بايان ئەيلەيمەن.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +1050 يىغىش سەۋەبى
ئېلىخو + 50 ياخشى پىكىر..
بېرنابۇ + 1000 ئېسىل

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-10 19:28:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەردار يوللىغان ۋاقتى  2016-3-10 19:19
مىنىڭچە  مىدال تارقىتىش ئىشى يەنىلا تىللاغا سېتىۋېلىش  ...

1. مىدالنى پۇلغا ساتمايلى دىمىدىم ، پۇلغىمۇ ساتىلى ، لېكىن شەرتى توشىدىغان مۇنەۋۋەر ئەزالارغىمۇ مۇكاپات قىلىپ بېرەيلى دىمەكچى . يەنى كېلىپ مېنىڭ دەۋاتقىنىم كوماندا مىدالى . بۇنى ئايلىق باھالاشتا تارقاتمايدۇ .

2. زىيىنىدىن پايدىسى كۆپرەك بولغىنىنى ئويلاشقاندا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ باقساقمىكىن دېگەن ئۈمىدتىمەن . بولمىسا باھالايدىغانلارنىڭ دەرىجىسىگە چەك قويۇلسا .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-10 19:30:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتبول يوللىغان ۋاقتى  2016-3-10 19:28
1. مىدالنى پۇلغا ساتمايلى دىمىدىم ، پۇلغىمۇ ساتىلى ، ل ...

باھالايدىغانلارنىڭ دەرىجىسىگە چەك قۇيۇلغان تەقدىردىمۇ ، يۇقىرى مەرتىۋىلىكلەرمۇ ھەم شەخسى ھىسياتنى ئارلاشتۇرۋېلىشتىن خالى ئەمەس.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-10 19:34:32 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرگە نىسپەتەن  تارىخى بەك ئ‍ۇزۇن ئ‍ەزا بولمىسام ھەر ھالدا  مۇنبەر ھەم ئ‍ەزالار  توغرىسىدا ئ‍ازدۇر كۆپتۇر چۈشەنچىلەرگە ئ‍ىگە بوپ قالدىم دەپ ئ‍ويلايمەن، شۇ سەۋەب مەنمۇ ئ‍ويلۇغۇنۇمنى دىسەم   مۇنبەرنىڭ ئ‍ىسىل ناچار دىگەن يەرلىرىنى  دەرىجىگە ئ‍ايرىپ ئ‍ىچىۋەتسەك  كۇماندا باشلىقى ياكى مۇنەۋەۋۋەر ھۇجۇمچى دىگەندەك شۇنىڭدىن تارتىپ دەرىجىسى يۇقىرى  ئ‍ەزالار  ئ‍ىشلىتەلەيدىغان بولسا ،     ئ‍اندىن باشقۇرغۇچىلار  جەھەتتىنمۇ تەڭشەش ئ‍ىلىپ بارساق  دەپ    .....   يەنە  دوختۇرخانا توغرۇلۇقمۇ  قايتا بىر ئ‍ويلۇنۇپ قويساڭلا........           
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-10 19:35:36 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇدىيە يوللىغان ۋاقتى  2016-3-10 18:13
باشقۇرغۇچىلارنى يىڭلاش  ئىشىغا  مەن  قىتىلىمەن  ھەممە   ...

ئىسمىنىڭ بېشىغا ز  كىلىدىغان بىر باشقۇرغۇچى باركەن ،نىمىش قىلىدىغىنىنىمۇ بىلگىلى بولمايدىكەن،  

مىنىڭ بىر تەكلىپىم بار : ئۇ بولسىمۇ باشقۇرغۇچىلار مەستانە كوماندىسىدىن ۋاز كەچسۇن.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +1 يىغىش سەۋەبى
بېرنابۇ + 1 ھېي قۇتىراتقۇ

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-10 19:35:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەراس : سەئۇدىنىڭ پادىشاھىمۇ جۈمە  كۈنى چۈشتىن كىيىن پۇقرالىرنىڭ ئەرىزلىرنى ئاڭلايدىكەن ،  نىجات باشلىقمۇ   مۇنبەرنىڭ باشلىقى بولغاندىكىن  ئىنكاسنى ئۆزىدىن باشقىلار كۆرەلمەيدىغان قىلىپ ھەپتىدە 1 تىمايېزىپ  پىكىرلىرىمىزنى ئاڭلاپ باقسۇن بەك بولمىسا 2 ھەپتىدە بىر بولسىمۇ بولىدۇ ، بىزدەك پۇقرالارنىڭمۇ باشقۇرغۇچىلارنىڭ ھەق - ناھەق باشقۇرىۋاتقىنىنى شىكايەت قىلىش  ھوقۇقىمىز بولسا .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +100 يىغىش سەۋەبى
بېرنابۇ + 100 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-10 19:39:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باتىستۇتا11 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-10 19:35
ھەراس : سەئۇدىنىڭ پادىشاھىمۇ جۈمە  كۈنى چۈشتىن كىيىن پۇ ...

ماۋۇ پىكىرنىڭ جېنى بار . لېكىن نىجاتنى كۆرگىلى بولمايۋاتىدۇ ئۇنبەردە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-6-1 09:06

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش