elan ornielan orni
ئىگىسى: تەجەللى

مۇنبەرگە تىما يوللىغۇچىلار دىققەت( تەھرىرلەندى )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-2-26 12:04:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تېۋىلغا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-26 10:07  

ئىملانى ئۆزىڭىز تۈزىتىمەن دەپتىكەنسىز، تەھرىرلەپ قويدۇم توغرىلىقى 95%
----------------------------------------

    پۇتبول مۇنبىرىمىز ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى ۋە جەلپ قىلىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە ،بۈگۈنكى كۈندە دىيارىمىزدىكى نوپۇزلۇق مۇنبەرلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى ، ئەلۋەتتە بۇنى مۇنبەر قۇرغۇچىسى ۋە جاپاكەش باشقۇرغۇچىلاردىن باشقا يەنە مۇنبەرگە ئۇن-تىنسىز كۈچ چىقىرىپ تېما يوللاۋاتقان ۋە نادىر ئىنكاسلىرى ئارقىلىق تېما ھۆسنىگە ھۆسن قوشۇۋاتقان ئەزالارنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ ،تېما پاخاللىقىنىڭ ئالدىنى ئىلىش،مۇنبەر خاسلىقىنى يەنىمۇ نامايان قىلىش،تېمىلارنىڭ سەرخىل بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇچۇن ،مۇنبىرىمىزدە تۆۋەندىكى ئىشلارنى جىددىي تۈزىتىش قارار قىلىندى.
    1- بۇرۇندىنلا مۇنبەر خاسلىقىنى ساقلاش ئۇچۇن ،كۆچۈرۈلمە تېمىلارغا زەربە بېرىلىپ كەلگەن،بىراق باشقۇرغۇچىلارنىڭ ھەممە مۇنبەرنى زىيارەت قىلىپ بولالماسلىقى سەۋەبىدىن بۇنداق ئىشلاردىن ساقلىنىش يەنىلا قىيىن بولۇپ كەلمەكتە ،ئەگەر بۇ ئىش يەنە تەكرارلانسا،تېما يوللىغۇچىغا ئەسكەرتىش بېرىلىپ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش ئارخىپ تۇرغۇزۇلىدۇ،قېتىم سانى 3 كە يەتكەنلەر بىردەك مۇنبەر دوختۇرخانىسىغا تەلىم تەربىيەگە بۇيرۇلىدۇ، مۇشۇنداق كۆچۈرۈلمە تېمىلار بايقالسا مەنبەسىنى ئەسكەرتىش ئاساسىدا پاش قىلغانلار مۇكاپاتلىنىدۇ،يامان غەرەز بىلەن ئىسپاتسىز ھالدا باشقىلارغا قارا چاپلىسا،تۆھمەت قىلغان ھېسابلىنىپ،مۇنبەر قائىدىسى بويىچە جازالىنىدۇ.
    2- يېقىندىن بۇيان مۇنبىرىمىزگە يوللانغان تېمىلار ئاپتور ياكى باشقىلار تەرىپىدىن  باشقا مۇنبەرگىمۇ قوشۇپ يوللىنىدىغان ئىشلار بايقالدى، ھەتتا بەزى تېمىلار مۇنبىرىمىزدە نادىرلىنىپ ،باشقىلارنىڭ يۇقىرى باھاسى ۋە ماختىشىغا سازاۋەر بولغان  تېمىلار ئىدى، بۈگۈندىن باشلاپ بۇنداق قىلمىش مۇنبەردە قەتئىي چەكلىنىدۇ ، ئەگەر يەنە شۇنداق ئەھۋاللار بايقالسا ،يوللىغۇچى ئەسلى تېما ئىگىسى بولسا ،نادىرلانغانلىرى نادىرلىقىتىن قالدۇرلىدۇ،ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ ،يەنە داۋاملاشسا شۇ ئەزانىڭ دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلىدۇ، باشقىلارنىڭ تېمىسىنى باشقا مۇنبەرگە يوللىغانلار بايقالسا شۇ ئەزا قاتتىق جازالىنىدۇ،قەتئىي تۈزەتمىگەنلەر بولسا مۇنبەردىن چەكلىنىدۇ.
    3- ئەزالارنىڭ تېما يېزىش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرلىشى بىلەن بىرگە يوللانغان تېمىلار كۈندىن -كۈنگە ئاۋۇپ ،مۇنبەر كەيپىياتى يۇقىرى كۆتۈرلىۋاتىدۇ، بىراق بەزى پۇچەك تېمىلارمۇ مۇنبەر سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلۋاتدۇ ،شۇڭلاشقا مۇنبەر سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۇچۇن ،تېمىلارنىڭ مەزمۇنى ۋە سۈپىتىگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇشنى ئويلاشتۇق : تېما يوللىغاندا مەزمۇن تولۇق بولۇشى،خەۋەر مەنبەسى ئەسكەرتىلىشى زۆرۈر،يەنى ۋاقىت،ئورۇن،جەريان،سەۋەب-نەتىجە تولۇق يېزىلىشى،مۇناسىۋەتلىك رەسىم ۋە فىلىملار تولۇق قىستۇرۇشى لازىم ،ھەر قايسى بىرلەشمىلەرنىڭ مۇسابىقە خەۋىرىنى يوللىغانلار بىرلا كوماندىنىڭ نەتىجىسىنى يوللاش بىلەن چەكلەنمەي ،قالغان مۇسابىقىلەرنىڭ خەۋىرىنىمۇ قوشۇپ يېزىشى،ئەگەر مۇسابىقە تېخى ئاياغلاشمىغان بولسا ،خەۋەر يازغۇچى ،مۇسابىقىلەر تولۇق ئاياغلاشقاندا قالغان مۇسابىقە نەتىجىسىنى تەھرىرلەپ قىستۇرۇشى لازىم ، مۇسابىقە خەۋىرىنى يوللىغاندىمۇ ‹‹كىم كىملەر توپ ئوردى ، كىملەر قانداق ئىپادە كۆرسەتتى›› دېگەندەك مۇسابىقىدىكى قىزىق نوقتىلارمۇ قوشۇپ يوللىنىشى لازىم ئۇنداق بولمايدىكەن، تېما بىردەك تەستىقلانمايدۇ ، تەستىقانلانغانلىرى بولسا بىردەك ئۆچۈرلىدۇ.
    4-پۇتبول كۆرۈنۈشلىرى ۋە رەسىملىرى يوللىغاندا مۇناسىپ چۈشەندۈرۈشلىرى ،سان-سىپىرلار قوشۇپ يوللىنىشى لازىم . كۆرگۈچىلەر مەزمۇن ۋە رەسىمنى بىرلەشتۈرۈپ ھۇزۇر ئالالايدىغان بولۇشى لازىم ، بولمىسا بۇنداق تېمىلار تەستىقلانمايدۇ.
    5- كەڭ مۇنبەرداشلارنىڭ قىزغىن تەلەپ قىلىشى ۋە مۇنبەر چوڭلىرىنىڭ يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن  مۇنبەر تاۋكاسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى ،مۇنبەرداشلار خالىغانچە تىكىشسە بولىدۇ ، بىراق نەخ پۇلغا ۋە تىللاغا تىكىشىشكە بولمايدۇ.
    6-ئاتا تىلىمىزنى قەدىرلەپ،باشقىلارغا ساپ ئۇيغۇر تىلىدىن ھۇزۇر بېرىش،ئەۋلادلىرىمىزغا توغرا بولغان تېل بايلىقىمىزنى قالدۇرۇش ئۇچۇن تېما ئىنكاس يازغاندا ئىملاغا دىققەت قىلساق ،ئەگەر تېمىمىزدىكى كىچىككىنە خاتالىقىنى بايقىساق دەرھال تۈزەتسەك ( بىرىنچى بولۇپ مەن بەكرەك دىققەت قىلاي )
يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ مۇشۇ تىمىدىن كىيىن بىردەك قېلىپلىشىپ تۈزىلىپ كېتىشىنى،ئەزالارنىڭ توغرا بولغان كۆز قاراشنى ئىپادىلەپ،مۇنبەر تەرەققىياتى ئۇچۇن ئۆز كۈچىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز .

ھۆرمەت بىلەن : مۇنبەر كومىتېت ئىشخانىسى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-6-1 07:02

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش