elan ornielan orni
ئىگىسى: تەجەللى

مۇنبەرگە تىما يوللىغۇچىلار دىققەت( تەھرىرلەندى )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-2-11 11:10:20 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرگە پايدىلىق بولسا  قوللايمىز   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-11 11:26:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئورۇنلۇق  تەكلىپلەركەن  قوللايمىز  
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-11 12:20:32 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئورۇنلۇق، پايدىلىق تەكلىپ بوپتۇ… 1. مەن بۇرۇنمۇ ئېيتقان، تەرجىمە تېما يوللىغاندا ئامال بار ئەسلا مەنبەسىنى تولۇق تەمىنلىسەك. بۇنىڭ ھەر جەھەتتىن پايدىسى بار.  1) مۇنبەردە ئۇزۇندىن بېرى نۇرغۇنلىغان جېدەللەرگە شاھىد بولدۇق، بۇنىڭ ئىچىدە خىلى كۆپلىرىدە تېمىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەچكە نۇرغۇنلىغان ئۇقۇشماسلىقلار كېلىپ چىقتى.  ئىنكاسچى دەيدۇ:« سەن پالانىنى كۆرەلمەي، قەستەن قوڭاڭغا ئۇرۇپ گەپ قىلىۋاتىسەن، ئۇنداق گەپنى سەندەك ئىچىدە زەھەر قاينايدىغان ئادەملا قىلىدۇ، ھەرگىز ئىشەنمەيمەن» تېمىچى دەيدۇ:« قوڭامغا ئۇرۇپ گەپ تاپمىدىم، ئەسلى مەنبەدىكىنى ئىقىتماي-تېمىتماي ئۆز ئەينى تەرجىمە قىلدىم، ئىشەنمىسەڭ كۆرۈپ باق، بېلىم چىم بولۇپ كەتكىچە مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ ئاران تەستە يازسام بىر ئېغىز ياخشى گېپىنىڭ تايىنى يوق ناكەس گۇيلا، ئىسپات بىلەن گەپ قىلىش» %#@$!…… شۇنىڭ بىلەن ئېغىزلاردىن پاساھەتلىك ئىبارىلەر تۆكۈلۈشكە باشلايدۇ، نەچچەيلەننىڭ مېڭىسى قىسقا تۇتۇشۇپ قېلىپ، جىددى قۇتقۇزۇشقا يول ئالىدۇ… ئەمەلىيەتتە قارايدىغان بولساق نۇرغۇن تېمىلارنىڭ ئەسلى مەنبەسى تولۇق ئەسكەرتىلمىگەن بولغاچقا تېمىچى «بىر سۆزنىمۇ قوشماي، قىسقارتماي ئەينەن تەرجىمە قىلدىم»  دېگىنىگە ئىسپات كۆرسىتەلمەي، جاپا تارتىپ تېما يوللىغان بىلەن «دوستۇمنىڭ كۆڭلىنى دەپ بويۇمدا قالدى» دېگەندەك نۇرغۇنلىغان كۆڭۈلسىزلىكلەرگە سەۋەپ بولىدۇ، كېيىن تىپىپ قىستۇرۇپ بولغىچە، نۇرغۇنلىغان قان تۆكۈلۈشلەر يۈز بېرىپ بولغان بولىدۇ. شۇڭا خەۋەر مەنبەسىنى ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ! 2) خەۋەر مەنبەسى ئەسكەرتىلگەندە، كۆپنىڭ كۈچى ئارقىلىق تەرجىمىدە كۆرۈلگەن خاتالىقلارنى دەل ۋاقتىدا تۈزەتكىلى شۇ ئارقىلىق خەۋەرنىڭ توغرالىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. 3) خەۋەر مەنبەسى ئەسكەرتىلگەندە، تەرجىمە ماھارىتى، تەرجىمە ئۇسلۇبى… جەھەتلەردە ئۆز-ئارا ئۆگەنگىلى، پىكىر ئالماشتۇرغىلى، تەجرىبە توپلىغىلى بولىدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە مۇنبەردىكى تېمىلارنىڭ سان ۋە سۈپەت جەھەتتىن ئىشىشىغا، بولۇپمۇ يېڭىدىن تېما يېزىشقا كىرىشىۋاتقان بىر تۈركۈم بالىلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە، تەرجىمە قوشۇنىنىڭ زورىيىشىغا تولىمۇ پايدىلىقتۇر. 4) خەۋەر مەنبەسى ئەسكەرتىلگەندە، مۇشۇ ئارقىلىق پۇتبولغا ئائىت ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە سېلىشتۇرما ئاتالغۇ ئامبىرى، جۈملە ئامبىرى تەييارلاش ئارقىلىق، ئاپتوماتىك تەرجىمىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەرجىمە سۈپىتى ۋە سۈرئىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرغىلى بولىدۇ.  مۇشۇ توغۇرلۇق ئۇزۇندىن بىرى ئازراق ئويلىغانلىرىم بار ئىدى، ئاللا خالىسا پات ئارىدا تەپسىلىي بىر تېما يوللايمەن…   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-11 12:55:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2. ئىملا مەسلىسى… مۇنبەردە كۆپ تەكىتلەنگەن بولسىمۇ، ئىجراسى، ئەمىللىشى دېگەندەك ياخشى بولمىدى. كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇكى، تېما-ئىنكاسلاردىكى ئىملا مەسلىسى مۇنبەر ئاتامانلىرىنىڭ تېرىشچانلىقى، ھەر قايسى تورداشلارنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى نەتىجىسىدە بۇرۇنقىدىن كۆپ ياخشىلىنىپ كەتتى، لىكىن بۇ جەھەتتە باشقا ئۇيغۇر تىلىدىكى مۇنبەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا مەسىلە ھەقىقەتەن ئېغىر… ئەمەلىيەتتە مۇنبەرنىڭ ساپاسىنى شۇ مۇنبەرگە ئىشتىراك قىلىپ تۇرۇۋاتقان تورداشلارنىڭ ساپاسى بەلگىلەيدۇ، بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا-مۇنبەر ئاتامانلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ ساپاسىدۇر. ئىملامۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئەڭ ئەقەللىي بىر ساپا ھېساپلىنىدۇ. ھەر قېتىم ئىزدىنىش مۇنبىرىنى كۆرۈپ بولۇپ، پۇتبول مۇنبىرىدىكى قولاشمىغان گەپلار، ئىملاسى خاتا سۆزلەرنى كۆرسەم تولۇقسىزدىكى بىر مۇئەللىمىمىزنىڭ توپ ئويناپ كېچىكىپ قېلىپ، سۇئاللىرى جاۋاپسىز قالغاندا « توپنى ئازراق ئۈسسۈڭلار، بولمىسا مۇشۇنداق سىنىپنىمۇ تاپالمايدىغان ئىش چىقىدۇ……» دېگەن زەھەردەك گېپى يادىمغا كېلىدۇ… شۇڭا بۇ جەھەتتە مۇنبەر ئاتامانلىرى، باشقۇرغۇچىلار ئالدى بىلەن ئۆزلىرى باشلامچى بولسا، تېما تەستىقلاش ئۆتكىلىنى يەنىمۇ چىڭايتىلسا، سانلا قوغلاشماي سۈپەتكىمۇ ئەھمىيەت بېرىلسە، كارانتىن ياخشى قىلىنسا، مۇنبەر سۈپىتىنىڭ، ئىناۋىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى كۆز ئالدىمىزدىكىلا ئىش…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-11 13:04:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرگىز كۆچۈرۈپ تېما يازماسلىق كېرەك ئەلۋەتتە ... مەنبەنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش مۇھىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-11 13:26:28 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تەلھە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-11 13:27  

ناھايىتى ياخشى پاراڭ بوپتۇ ، بولۇپمۇ مۇسابىقە خەۋىرى يوللىغانلار مۇسابىقىدە كىملەر مۇسابىقىنىڭ نەچچىنجى مىنۇتىدا توپ ئ‍ۇردى دېگەنلەرنى تولۇق يازساق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-11 13:40:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ  مۇھىمى مۇشۇ   مۇسابىقە خەۋىرى يوللىغاندا پالانچى كوماندا غەلبە قىلدى . يا تەڭلەشتى دەپ يازماي ..  پالانچى بىرلەشمىسى پۇسكۇنچى ئايلانمىسى دەپ يازساق ...


تېمىنى بالدۇر يىزىۋىلىش نوچى ئىش ئەمەس !
تىمىنى سۈپەتلىك يىزىش نوچى ئىش !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-11 18:22:34 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەر ئۈچۈن توختىماي تېما يوللاۋاتقانلارغا ئايرىم مۇكاپات تەسىس قىلىشنى تەشەببۇس قىلىمەن . بىر ئېسىل تېمىنىڭ مۇنبەردە بولىشى مۇنبەرنىڭ پۇت تىرەپ تۇرىشىدىكى جان تومۇر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-11 19:34:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تۈزۈم بوپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-11 21:08:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاۋكانى چەكلەپ نىمە قىلىسىلەيە بى راس پۇل بولمىسا   ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر مۇنبەردە تاۋكا تېمىسى جېدەل-ماجىراسىز ھەم خېلە كۈڭۈللۈك تۇرسا   مۇنبەرداشلارمۇ خېلە جىق كىردىكەن.،.،.بولسا ئازىراق چەك قۇيساق يۇقۇرىسى مۇنچىلىك دەپ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-11 21:23:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  ھاياسىز مەستانىلەر دىگەن تىمىنى  يوللاپ خاتا قىپ تىمە بەك خىجىل بولدۇم.  مۇنبەر دىكى بارىلىق چوڭ كىچىك ھەممەي لەندىن كەچۇرۇم ، سورايمەن .بۇدا دىققەت قىلمەن ، كەچۇرۇڭلار..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-12 00:02:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقا جەھەتلەردە مەنمۇ قوللايمەن،لېكىن تاۋكا تىمىسىنى چەكلمىسەك ،پەقەت تاۋكا تىمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە تاۋكا پۇلىغا چەكلىمە قويساق دىگەن ئۈمۈدتە مەن !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-6-1 08:53

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش