elan ornielan orni
كۆرۈش: 1430|ئىنكاس: 48

مۇنبەرگە تىما يوللىغۇچىلار دىققەت( تەھرىرلەندى )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   exaniq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-16 00:23  

پۇتبول مۇنبىرىمىز ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى ۋە جەلىپ قىلىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە ،بۇگۇنكى كۇندە دىيارىمىزدىكى نوپۇزلۇق مۇنبەرلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى ، ئەلۋەتتە بۇنى مۇنبەر قۇرغۇچىسى ۋە جاپاكەش باشقۇرغۇچىلاردىن باشقا يەنە مۇنبەرگە ئۇن-تىنسىز كۈچ چىقىرىپ تىما يوللاۋاتقان ۋە نادىر ئىنكاسلىرى ئارقىلىق تىما ھۆسنىگە ھۆسۇن قوشىۋاتقان ئەزالارنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارغىلى بولمايدۇ ،تىما پاخاللىقىنىڭ ئالدىنى ئىلىش،مۇنبەر خاسلىقىنى يەنىمۇ نامايەن قىلىش،تىمىلارنىڭ سەرخىل بولۇشنى قولغا كەلتۇرۇش ئۇچۇن ،مۇنبىرىمىزدە تۇۋەندىكى ئىشلارنى جىددى تۇزتۇش قارار قىلىندى.
1- بۇرۇندىنلا مۇنبەر خاسلىقىنى ساقلاش ئۇچۇن ،كۆچۇرۇلمە تىمىلارغا زەربە بىرىلىپ كەلگەن،بىراق باشقۇرغۇچىلارنىڭ ھەممە مۇنبەرنى زىيارەت قىلىپ بولالماسلىقى سەۋەبىدىن بۇنداق ئىشلاردىن ساقلىنىش يەنىلا قىيىن بولۇپ كەلمەكتە ،ئەگەر بۇ ئىش يەنە تەكرارلانسا،تىما يوللىغۇچىغا ئەسكەرتىش بىرىلىپ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش ئارخىۋى تۇرغۇزىلىدۇ،قىتىم سانى 3 كە يەتكەنلەر بىردەك مۇنبەر دوختۇرخانىسدا تەلىم تەربىيەگە بۇيرىلىدۇ، مۇشۇنداق كۆچۇرۇلمە تىمىلار بايقالسا مەنبەسىنى ئەسكەرتىش ئاساسىدا پاش قىلغانلار موكاپاتلىنىدۇ،يامان غەرەز بىلەن ئىسپاتسىز ھالدا باشقىلارغا قارا چاپلىسا،تۆھمەت قىلغان ھىساپلىنىپ،مۇنبەر قائىدىسى بويچە جازالىنىدۇ.
2- يىقىندىن بۇيان مۇنبىرىمىزگە يوللانغان تىمىلار ئاپتۇر ياكى باشقىلار تەرپىدىن  باشقا مۇنبەرگىمۇ قوشۇپ يوللىنىدىغان ئىشلار بايقالدى، ھەتتا بەزى تىمىلار مۇنبىرمىزدە نادىرلىنىپ ،باشقىلارنىڭ يوقىرى باھاسى ۋە ماختىشىغا سازاۋەر بولغان  تىمىلار ئىدى، بۇگۇندىن باشلاپ بۇنداق قىلمىش مۇنبەردە قەتتى چەكلىنىدۇ ، ئەگەر يەنە شۇنداق ئەھۋاللار بايقالسا ،يوللىغۇچى ئەسلى تىما ئىگىسى بولسا ،نادىرلانغانلىرى نادىرلىقتىن قالدۇرلىدۇ،ئەسكەرتىش بىرىلىدۇ ،يەنە داۋاملاشسا شۇ ئەززانىڭ دەرىجىسى تۇۋەنلىتىلىدۇ، باشقىلارنىڭ تىمىسىنى باشقا مۇنبەرگە يوللىغانلار بايقالسا شۇ ئەزا قاتىق جازالىنىدۇ،قەتتى تۇزەتمىگەنلەر بولسا مۇنبەردىن چەكلىنىدۇ.
3- ئەزالارنىڭ تىما يىزىش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۇرلىش بىلەن بىرگە يوللانغان تىمىلار كۇندىن -كۇنگە ئاۋۇپ ،مۇنبەر كەيپىياتى يۇقىرى كۇتۇرلىۋاتدۇ، بىراق بەزى پۇچەك تىمىلارمۇ مۇنبەر سۆپىتىگە تەسىر يەتكۇزۇش بىلەن بىرگە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ۋاختىنى ئىسراپ قىلىۋاتدۇ ،شۇڭلاشقا مۇنبەر سۆپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۇرۇش ئۇچۇن ،تىمىلارنىڭ مەزمۇنى ۋە سۆپىتىگە تىخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇشنى ئويلاشتۇق : تىما يوللىغاندا مەزمۇن تولۇق بولىشى،خەۋەر مەنبەسى ئەسكەرتىلىشى زورۇر،يەنى ۋاقىت،ئورۇن،جەريان،سەۋەپ-نەتىجە تولۇق يىزىلىشى،مۇناسىۋەتلىك رەسىم ۋە فىلىملار تولۇق قىستۇرلىشى لازىم ،ھەر قايسى بىرلەشمىلەرنىڭ مۇسابىقە خەۋىرىنى يوللىغانلار بىرلا كۇماندىنىڭ نەتىجىسىنى يوللاش بىلەن چەكلەنمەي ،قالغان مۇسابىقىلەرنىڭ خەۋىرىنىمۇ قوشۇپ يىزىشى،ئەگەر مۇسابىقە تىخى ئاياقلاشمىغان بولسا ،خەۋەر يازغۇچى ،مۇسابىقىلەر تولۇق ئاياغلاشقاندا قالغان مۇسابىقە نەتىجىسىنى تەھرىرىلەپ قىستۇرشى لازىم ، مۇسابىقە خەۋىرىنى يوللىغاندىمۇ ،كىم كىملەر توپ ئوردى ، كىملەر قانداق ئىپادە كۆرسەتتى  دىگەندەك مۇسابىقىدىكى قىززىق نوختىلارمۇ قوشۇپ يوللىنىشى لازىم ئۇنداق بولمايدىكەن، تىما بىردەك تەستىقلانمايدۇ ، تەستىقانلانغانلىرى بولسا بىردەك ئۆچۇرلىدۇ.
4-پۇتبۇل كۇرۇنىشلىرى ۋە رەىسىملىرىنى يوللىغاندا مۇناسىپ چۇشەندۇرۇشلىرى ،سان سىفىرلىرى قوشۇپ يوللىنىشى لازىم . كۆرگۇچىلەر مەزمۇن ۋە رەىسىمنى بىرلەشتۇرۇپ ھوزۇر ئالالايدىغان بولىشى لازىم ، بولمىسا بۇنداق تىمىلار تەستىقلانمايدۇ .
5- كەڭ مۇنبەرداشلارنىڭ قىزغىن تەلەپ قىلىشى ۋە مۇنبەر چوڭلىرىنىڭ يىقىندىن قوللاپ قۇۋەتلىشى بىلەن  مۇنبەر تاۋكاسى ئەسلىگە كەلتۇرۇلدى ،مۇنبەرداشلار خالىغانچە تىكىشسە بولىدۇ ، بىراق نەخ پۇلغا ۋە تىللاغا تىكىشىشكە بولمايدۇ .
6-ئاتا تېلىمىزنى قەدىرلەپ،باشقىلارغاساپ ئۇيغۇر تېلىدىن ھوزۇر بىرىش،ئەۋلاتلىرىمىزغا توغرا بولغان تېل بايلىقىمىزنى قالدۇرۇش ئۇچۇن تىما ئىنكاس يازغاندا ئېملاغا دىققەت قىلساق ،ئەگەر تىمىمىزدىكى كىچىككىنە خاتالىقىنى بايقىساق دەرھال تۇزەتسەك ( بىرىنچى بولۇپ مەن بەكرەك دىققەت قىلاي )
يۇقارقى ئىشلارنىڭ مۇشۇ تىمىدىن كىيىن بىردەك قىلىپلىشىپ تۇزىلىپ كىتىشىنى،ئەزالارنىڭ توغرا بولغان كۆز قارشىنى ئىپادىلەپ،مۇنبەر تەرەقىياتى ئۇچۇن ئۆز كۈچىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمۇت قىلىمىز .


ھۆرمەت بىلەن : مۇنبەر كومتىت ئىشخانىسى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2016-2-11 01:05:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامال بار تىما يازغاندا مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇمۇملاشتۇرساق ياخشى بۇلاتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-11 01:14:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تۈزۈم بوپتۇ. مۇمكىن بولسا ئىملاغا ئەھمىيەت بېرىلىشىنمۇ قېتىپ قويغان بولسىلا. تىمىلاردىكى زىيادە خاتا ئىملا ئانا تىلنى خورلاپ قويمىسۇن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-11 01:18:33 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   خانزاد1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-11 01:23  

مەن ئەزەلدىن تىما كۆچۈرمەيمەن. بۇنىڭدىن كىيىنمۇ كۆچۈرمەي...

بولىدۇ.  بۇنىڭدىن كىيىن تىما يوللىغاندا چوقۇم مەنبەنى قوشۇپ يوللاي. يۇقارقى بەلگىلمىلەرنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم. ساغلام مۇنبەر كەيپىياتى يارتىش ئۈچۈن چوقۇم ئەمەل قىلىمەن.
سوراپ باقسام،  چوقۇم يوللىغان شۇ تىمىمىزنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتەمدۇق ياكى ئەشۇ تور بەتنىڭ ئۆزىنىلا ئەسكەرتىش بەرسەك ئادرىسنى يازساق بولامدۇ؟
مەن كۆپىنچە تىمىلارنى دوڭچىيۇدى تورىدىن تەرجىمە قىلىپ يوللايمەن. تىما ئاستىغا دوڭىيۇدى تورى دەپ ئەسكەرتەمدۇق ياكى ئەشۇ مەزمۇن بار ئادرىسنىمۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-11 01:22:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   exaniq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-11 01:35  
خانزاد1 يوللىغان ۋاقتى  2016-2-11 01:18
بولىدۇ.  بۇنىڭدىن كىيىن تىما يوللىغاندا چوقۇم مەنبەنى  ...


تىما مەنبەسىنى ئەسكەرتىمىز ،قايسى تور بەتتىن ئېلىنغانلىقىنى ، بەزى سەزگۇر تىمىلارغا نىسبەتەن تور بەت ئادىرىسىنى قالدۇرساق تىخىمۇ ياخشى،ئەسلى مەنبە بىلەن تەرجىنى سىلىشتۇرۇپ كۆرسە تىخىمۇ ياخشى.ئامال بار خەۋەر مەنبەسىنى ئەسكەرتىمىز ، دوڭ چىيۇدى دەپلا يىزىپ قويسا بولماس .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-11 01:25:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقا جايلار ئاساسەن ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ، ئەمما مۇنبەدە تاۋكا تىمىسىنى چەكلىسەك مىنقڭچە تازا قاملاشمايدۇ، مۇنبەر لاتارىيەخانىسى بولغان بىلەن بەكلا تىنىچ، بۇنداق بولغاندا ئەزالارنىڭ قىزغىنلىقى تۆۋەنلەپ كىتىدۇ،  بەزىدە كۈچلۈك  كوماندا بىلەن ئاجىزراق كوماندا ئوينىغاندا توپ بىرىش، بىرەر ئەزانىڭ توپ ئۇرۇش ياكى ئۇرالمالىقى دىگەندەك مۇلاھىزىلەر بىلەن كەيپىيات يۇقىرى كۆتۈرلەتتى، لاتارىيەخانىدا ئۇتۇش ئۇتتۇرۇشقىلا تىكىشىدىكەنمىز،  مىنىڭچە بولغاندا مۇنبەر تاۋكاسىنى چەكلىمىسەك، ھەممىمىز ئۆز يولىمىزدا پەقەت مۇنبەر پۇلىغىلىلا تىكىشىپ ئوينىساق كەيپىيات يەنىلا ياخشى بولاتتى،  ئەمما مۇلاھىزە تىمىسى بىلەن تاۋكا تىمىسى ئايرىم يىزىلسىكەن دىگەن ئۈمىددىمەن،  يۇقىرقىلارنىڭ ھەممىسى شەخسى قاراش،
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-11 01:27:04 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاۋكا تىمىسىدىن باشقىسىنى يازالمايدىغانلارنىڭ قويىنى بۆرە يىگەندەك ئىش بوپتىدە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-11 01:31:02 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تېما بوپتۇ ، ... تاۋكا تېمىسىغا نىسبەتەن ، تىكىشىش نىسپىتىدە چەك قويساق ، 50 مىڭ ياكى ئۇنىڭدىن ئازـ كۆپ قىلىپ چەك قويساق بولا ... ھەددىدىن ئاشقانلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ ماڭساق بولىدۇ دەپ قارايمەن ... مۇدىركامنڭ تېمىسى بەك ئەتراپلىق بوپتۇ ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-11 01:44:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانۇن قانۇن قانۇن، تۈزۇم ئىنتىزام ھەممىسىگە بوي سۇنىمىز، چۇنكى بىز جوڭگو پۇقراسى..........
مۇنبەر ئىتپاقلىقى، مۇنبەرنىڭ ئىلمىلىقى، مۇنبەر ئەزالىرنىڭ ساپاسى ئۈچۈن پايدىلىق تۈزۇمكەن، لىكىن بىر يىرى ماڭا ياقمىدى، شۇ بولسىمۇ يەنە شۇ چىمچىلىق قىلىپ باشقىلارنى پاش قىلىش، تىخى مۇكاپاتى باركەن تىخى........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-11 01:44:55 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-11 01:49:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللايمىز ياخشى ئ‍ىشكەن، بۇندىن كېيىن تېما يۇللىغاندا يۇقارقىدەك مەزمۇنلارغا دىققەت قىلساق بولغىدەك، بۇمۇ ئەلبەتتە مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن. ئ‍ەگەر بۇۋاي دىگەندەك تەۋكا سوممىسىغا چەك قويىلىدىغان ئ‍ىش بولسا لاتاريىخانىنى سەل جاللاندۇرۇش كېرەكمۇ قانداق؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-11 01:50:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەردە مۇكاپاتلانغان تىمىلار  مۇشۇ مۇنبەرگە  تەۋە  يەنە  باشقا مۇنبەرگە يۇللىسا .وغۇرلۇق قىلغان بىلەن بارابەر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-5-10 13:28

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش