ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 625 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇن مۇنبەر ئەھلى مەن مۇنبەرگە ئەزە بولغىلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ ئەمما دائىم دىگۈدىك تىما ، ئىنكاسلارنى سىرتتىن زىيارەت قىلىپ تۇرىمەن ، شۇڭلاشقا ھەر بىر قايسىڭلارغا بۇ ساراڭ توپچى ناملىق ئەزا ئۇنچەھ تۇنۇش ئەمەس ، مەن تۆۋەندە بۇ تىمىنىڭ باش پىرشۇناژى ئابلەتجان ۋە تىما ئاپتورى بوۋاي باشچىلىقىدىكى مۇنبەردىكى ئەقلى ھۇشى جايىدا توغرا پىكىر قىلالايدىغان مۇنبەر ئەھلىگە بۇ تىما ۋە ئىنكاسلارغا ئازراق چۈشەنچە بەرمەك مەقسىتىدە ئەزالىق نام بىلەن كىرىپ تۇرۇپتىمەن ، شۇڭلاشقا بۇ نەدىن پەيدا بولغان يىڭى كەلداخۇندۇ دەپ قالمىغايسىلەر ! ئەمدى مەقسەتكە كەلسەم تىمىدا تىلغا ئېلىنغان ئابلەتجان ياسىن ھەقىقەتەن سىلى بىزلەردەك پۇتبول ئىشقىدا مەستانە بولىۋاتقانلار ئۈچۈن مەيلى مۇنبەردە تىما ئىنكاسلارنى يېزىپ ۋە ياكى تىلۋىزوردا مۇسابىقە چۈشەندۈرۈپ بولسۇن مەستانىلىك قەلبىمىزگە مەلھەم بولغۇدەك خۇشاللىق ئاتا قىلدى . شۇ سەۋەب مەيلى مۇنبەردە بولسۇن ۋە ياكى مۇنبەر سىرتىدىكى ئابلەتجاننىڭ مۇسابىقە چۈشەندۈرگىنىنى ئاڭلىغان ھەر بىر تەنتەربىيە ھەۋەسكارى بۇ يىگىتكە ئاپرىن ئېيتىپ قەلبىدە ھۆرمەت بىلدۈرۈشتى ! دەرھەقىقەت بۇ يىگىتنىڭ قىلغان خىزمەتلىرىمۇ ھەقىقەتەن شۇنداق ئىھتىراملاشقا لايىق ! ئەمما ئەزىزانە مۇنبەرداشلار سىلەر دەپ ئېيتقاندەك 《مىللەت پەخرى 》 دىگەن نام شەرەپ كىچىك پىئىل ئابلاتجاننى شۇنچىلىكلا قىلغان بۇ خىزمىتىم ئۈچۈن بۇنچىلىك شەرەپكە تېخى نائىل ئەمەسمەنغۇ دەپ خىجىلسىرىتىپ قويدىغۇ دەيمەن ! 《 مىللەت پەخرى 》 دىگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ نەقەدەر يۈكسەك نەقەدەر بۈيۈك بىر نام ئىكەنلىكىنى ئاددى بىر ئابىت كىشىمۇ ھىس قىلالايدۇ . ھەممىڭلارغا مەلۇم ھازىرقى زامان ئالىملىرى ئۆز ئەمگەك مىۋىسى ئۈچۈن ناھايتى چوڭ ئاتىلىۋاتقان ، ھەم ئىرىشمەك ناھايىتى مۈشكۈل بولغان 《 نوبىل 》 مۇكاپاتىغاڭ ئىرىشنى كىچەيۇ كۈندۈز خىيال قىلىدۇ ھەم توختىماي تەجرىبە تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ ھەم بېرىۋاتىدۇ ! مەن ئويلايمەنكى دۇنيادىكى مەيلى قانداق قايسى تۈردىكى نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشىشتىن بىزدەك بىر 《ئولۇغ مىللەت》نىڭ 《 مىللەت پەخرى 》 شەرىپىگە ئىرىشىش مىڭ ھەسسە قىيىن ! چۈنكى نوبىل بىر ياكى بىر قانچە تەتقىقات ۋە ياكى بىر نەچچىلىگەن تىنىچلىق ، ئىقتىساد نۇتۇقلىرى بىلەن ئىرىشكىلى بولىغان مۇكاپات ! ئەممە ئۇشبۇ 《 مىللەت پەخرى 》 دىگەن بۇ بۈيۈك مۇكاپات ئۇنچىلىك ئاسان قولغا كەلمەيدۇ ! ھە ئەمدى سەن نىمە دىمەكچى دىگەندە بۇ بۈيۈك مۇكاپاتنى ئۇنداق ئاسان بىرىۋەتمىسەك ، ھەم بۇ نام بىلەن ئاتاپ بىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ بىزگە خۇشاللىق ئاتا قىلىۋاتقان ئابلەتجاندەك يىگىتلەرنى خىجىل قىلىپ قويمىساق ۋە قىلۋاتقان خىزمەتلىرىدىن توختاپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولمىساق چۈنكى كىشى مەنزىلىگە يىتىپ بولغاندا قەدەمدىن توختايدۇ ، شۇنىڭدەك ئابلەتجان ۋە ئابلەتجاندەكلەرنىڭ مەنزىلى شۇ چىرايلىق 《 مىللەت پەخرى 》 دىگەن شەرەپ مۇكاپاتقا ئىرىشىىش ! شۇڭلاشقا ئۇلارغا بۇ مۇكاپاتلارنى بىرىش سەل بالدۇر ، ھەم ئۇلارنىڭ قەدەملىرنى ئاستىلىتىپ قويىشىغا سەۋەب بولۇپ قالمايلى ! خۇلاسە كالام ئابلەتجان ۋە ئابلەتجاندەك بىز ۋە بىزنىڭ خۇشاللىقىمىز ئۈچۈن جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا ئاپرىن ئېيتىش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ قەدەملىرىنىڭ سابىت بولىشىنى قىلۋاتقان خىزمەتلىرىنىڭ مىللەت ۋە مىللەتنىڭ پايدىسى تەرەپتە بولىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ! ۋە شۇنداقلا سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردىن بىر پەخىرلىنىمىز ھەم مىننەتدار بولىمىز شۇڭا دەيمەنكى سىلەر بىزلام ئەمەس بەلكى پۈتۈن مىللەت پەخىرلەنگۈدەك بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا ئېلىپ چىقىشىڭلار ۋە 《 مىللەت پەخرى 》 دىگەن نامغا تولۇق شەرتلىرى بىلەن ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن جاپانى كەسىپ قىلىپ تىرىشىشىڭلار كىرەك ! شۇ ئالىيجاناپ مۆتىۋەر مۇكاپات ئۈچۈن ئالغا يىگىت ۋە يىگىتلەر ! ناھايىتى ئۇزاق ئويلىنىشتىن كىيىن قەتئىي ئىرادىگە كىلىپ ئۇشبۇ ئىنكاسنى يازماق بولۇپ قولۇمغا تېلفۇننى ئالغان ئەممە بۇنچە كۆپ سۆزلىمەسمەن دەپ ئويلىغان ، لىكىن شۇ مۇنبەردىكى ئاشتاق ماشتاق مۇنبەرداش قېرىنداشلارنىڭ خاتا چۈشىنىپ ئىچىر مىچىر ئىنكاسلارنى يېزىپ ئادام خاپا قىلماسلىقى ئۈچۈن ئۇزاقراق سۆزلەپ سالدىم توغرا چۈشەنگەيسىلەر ! ئۇف نەق بىر سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت كەتتى دىسە ! |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|