ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3589 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئالدى بىلەن بارلىق مۇنبەر ئەھلىگە تەشەككۈر.
تۈنۈگۈن كەچتىن بېرى ئۇزۇندىن بېرى چالا ئىشلەپ كەلگەن ئۈندىدارىم تۇيۇقسىز قايناپ، مېنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىمنى نۇرغۇن كىشىلەردىن تاپشۇرۋالدىم، دوستلار چەمبىرىكىدىمۇ ئۇچراتتىم.
ئەسلىدە بۇ تەرجىمىھال ئالدىنقى يىلى دۇنيا لوڭقىسى ۋاقتىدا مەن «چىمبۇلاق» تورىغا تەمىنلىگەن تەرجىمىھال بولۇپ، تۈنۈگۈندىن بېرى «نۇر» تورىنىڭ تەنتەربىيە كۆزنىكىگە چىقىرىلىپتۇ.
تېما ئىگىسى بوۋاي ئاكام بىلەن گەرچە بىر قېتىممۇ كۆرۈشۈپ باقمىغان بولساممۇ ئەمما مۇنبەردە كونا سىرداش. ئۇنىڭغا كۆپ تەشەككۈر.
ئەمەلىيەتتە، ئەمەلىي قىلىۋاتقان ئىشىمىز مىللەت پەخرى، داڭلىق دېگەن ئىبارىلەردىن كۆپ يىراق. ھېسابلاپ باقسام دۇنيا لوڭقىسى، ياۋروپا لوڭقىسى ۋە شىنجاڭنىڭ ھەرخىل مۇسابىقىسى بولۇپ 48 مەيدان مۇسابىقە چۈشەندۈرۈپتىمەن، دېمەك، بۇ كىچىككىنە سان شۇنداقلا يوق ھېسابتىكى سۈپەت خۇددى ساقالدىكى ئاشتەك تولىمۇ ئاجىزدۇر. ئۆزۈمنىڭ غايىسى ۋە قىزىقىشىم بىلەن ئەمدى باشلانغان بۇ ئىشىم يەنە تېخى نەچچە ئون تاغ ۋە نەچچە يۈز دەريادىن كەچكەندىن كېيىن ئاندىن تېما ئىگىسىنىڭ قەلىمىگە يۈز كېلەلىشى مۇمكىن.
خېرىدارىڭ بولـمىسا زىبالىقىڭ نە ئەتىۋا دەپ، دوستلارنىڭ قوللىشى ۋە مەدەت بېرىشى مەن ۋە باشقا چۈشەندۈرگۈچى سەبداشلىرىمىزنىڭ بەخت - تەلىيى. بىز ئۆزىمىزنىڭ سەۋىيەسىنى توختىماي ئۆستۈرۈش بىلەن تەڭ يەنە، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ مۇسابىقىنى ئاڭلىتىشقا كۈچ چىقىرىمىز. |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|