elan ornielan orni
كۆرۈش: 7585|ئىنكاس: 134

پۇتبول چۈشەندۈرگۈچى ئابلەتجان ياسىن بىلەن تونىشىۋېلىڭ

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەربىدار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-30 11:08  

ھەممىزگە مەلۇم رايونىمىزنىڭ پۇتبول قىزغىنلىقى ياۋرۇپادىكى ھەر قانداق بىر قاينام تاشقىنلىققا تولغان رايون ، ئۆلكە ۋە شەھەردىن تۆۋەن تۇرمايدۇ . شۇنىڭدەك بىزنىڭ  ساھىبخان مەيداندىكى سۈر ھەيۋىمىزمۇ دۇنيانىڭ ھەر قانداق بىر يېرىدىكى ئالۋاستى مەيدانىدىن ئازراقمۇ تۆۋەن ئورۇندا تۇرمايدۇ .
ئەمما رايونىمىز  تەۋەسىدە ئىقتىساد ۋە باشقا مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى تاكى ھازىرغىچە بىر مۇكەممەل بولغان ، ھەمىمىز  ياقتۇردىغان ‹‹ پۇتبول ›› غا ئائىت مەخسۇس چۈشەندۈرۈش قانىلى ۋە ياكى مەلۇم بىر نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاستىسى يوق بولۇپ كەلمەكتە ، ھەمدە  تاكى 2012- يىلغىچە موكەممەل  پۇتبول بىلىمىگە ئىگە بولغان بىر پۇتبول چۈشەندۈرگۈچىسى يوق بولۇپ كەلگەن ئىدى  .


ablat.jpg

گەرچە بىزنىڭ ‹‹ پۇتبول ›› غا ئائىت نوپۇزلۇق بىر ئاخبارات ۋاستىمىز بولىسىمۇ ، 2012- يىلى رايونىمىزدىن شۇنداق بىر ئوت يۈرەك ياش يېتىشىپ چىقىپ رايونىمىزنىڭ  مۇكەممەل  پۇتبول چۈشەندۈرگۈچىسى يوق بولۇشتەك كەمچىللىكىنى يوق قىلدى . ئۆزنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى ، مول پۇتبول بىلىمى ، مۇسابىقە چۈشەندۈرگەن ۋاقىتتا ، مۇسابىقىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ چىقارغان ھەر خىل ئىچكى ھېسىياتلىرى ھەممىزنى ئىختىيارسىز بۇ ياشقا باش بارمىقىمىزنى چىقىرىشقا مەجبۇرلىدى . . .
شۇ  مۇناسىۋەت بىلەن مەن بۈگۈن ئازغىنە ئىمتىيازىمدىن پايدىلىنىپ بۈگۈن ئۇشبۇ پەخىرلىك ئوغلانىمزنى  قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ چىقىشنى لايىق كۆردىم .
مىللىمىز ۋە رايونىمىز پەخىرى  ، ئۇشبۇ پۇتبول مۇنبىرىمىزنىڭ ئىجتاھاتلىق ئەزاسى ، ئوت يۈرەك ياش  ئابلەتجان ياسىن  1988 – يىلى 3 – ئاينىڭ 12 – كۈنى ئەزىزانە قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ . تۇغۇلىشىدىنلا  پۇتبولغا بولغان يۈكسەك ئىشتىياق بۇ ياشنى ئىختىيارسىز يېشىل چىملىقتىن يىراق قىلغۇزمايتى . بالىلىقىدىكى ھەر خىل قىيىنچىلىق ۋە كۆڭۈلسىزلىكلەر بۇ  تالانتلىق ياشنى پۇتبولدىن يىراقلاشتۇرالمىدى  . . .
2007 – يىلىغا كەلگەندە ئابلەتجان يۇرىت ۋە مىللەت ئارزۇسىنى  ئەمەلگەن ئاشۇرۇش ، رايونىمىزنىڭ مۇكەممەل بولغان بىر پۇتبول چۈشەندۈرگۈچىسى يوق بولۇشتىن ئىبارەت بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ،   ئاخبارات – تارقىتىش ئىنىستىتۇتىنىڭ رادىيو – تېلېۋىزىيە ئاخباراتچىلىقى كەسپگە ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنىدۇ . بۇ جەرياندا پۇتبول  بىلمىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئۆزىدىكى پۇتبولغا بولغان تونۇشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ  .  2012 – يىلى 7 – ئايدا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ ،  2013 – يىلى 7 – ئايغىچە «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» دە مۇخبىر ۋە تەھرىر بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ . 2013 – يىلى 7 – ئايدىن ھازىرغىچە «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» دە مۇخبىر ۋە تەھرىر بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

1.jpg

ئۇنىڭ ھازىرغىچە «شىنجاڭ گۇاڭخۇي كوماندىسى چېمپىيونلۇقتىن قانچىلىك يىراقلىقتا» ، « تاشئالما بىزگە نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى» ،  «غەلبىگە ئادەتلەنگەن كىچىك ئەزىمەتلەر» ،  «يېشىللىقتا قاناتلانغان ئارزۇ (بارى مۇھەممەتئېلى توغرىسىدا)»  قاتارلىق 50 پارچىغا يېقىن چوڭ - كىچىك تەنتەربىيە خەۋىرى ۋە ئوبزورى  رايونىمىزدىن ھالقىپ دۆلەتىمىزدىكى چوڭ كىچىك مەنبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن  ناھايىتى زور ئالقىشقا ئېرشىدۇ ۋە غۇلغىلا قوزغايدۇ  .
ئابلەتجان شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسسى 5 – قانىلىدا قويۇلغان ،2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ،  2012 – يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ،  2014 - يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى،  ۋە «شىنجاڭ غەربىي دىيار تاشئالما كوماندىسى» نىڭ 2012 – يىللىق B دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى ساھىبخانا مەيدان مۇسابىقىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلىتىش، چۈشەندۈرۈش خىزمىتىگە قاتناشقان بولۇپ ، ئۆزىدىكى بار بولغان مول پۇتبول بىلىمىگە تايىنىپ تىزلا خەلقىمىز قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى .
ئۆزىمىزنىڭ تىلىدا چۈشەندۈرۈلگەن پۇتبول مۇسابىقىلەرنى كۆرۈپ چوڭلىرىمىز ئابلەتجانغا قوللىرىنى كۆتۈرۈپ دۇئالارنى قىلغان بولسا كىچىكلىرىمىز ئۇنى كۆرۈپ باقمىسىمۇ  ‹‹ ئابلەت ئاكام  سۆزلەيدۇ ››  دېيشىپ مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇپ  ھەممىسى تېلۋېزور ئالدىغا كېلىپ قاتار ئولتۇرشىدىغان ھالەت شەكىللەندى .
بىز مانا موشۇنداق ئوت يۈرەك ياشلارغا مۇھتاج ، بىز موشۇنداق ئۈزلۈكسىز تىرشىپ تۇردىغان ياشلارغا مۇھتاج ، بىز موشۇنداق رايونىمىز ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارتىدىغان ئۈمۈدتلىك ياشلارغا مۇھتاج . . .
ئاخىرىدا مەن پۈتۈن پۇتبول مۇنبىردىكى ئوت يۈرەك ياش؛ئار ۋە ئۆزىنى ياش چاقغلايدىغانلارغا ۋاكالىتەن ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن ئۈن - تىنسىز بىر كىشلىك تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان ، ھەمدە مۇنبىرىمىزدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارتىپ كەم بوشلۇقنى تولدۇرۇپ كېلىۋاتقان  ئابلەتجاننىڭ بۇندىن كېيىنكى خىزمىتىنىڭ كۆڭۈللك ، ئۇتۇقلۇق ، بولىشىنى  ، تۇرمۇشلىرىنىڭ خاتىرجەم تېنىنىڭ سالامەت بولىشىنى ياراتقۇچىدىن تىلەيمەن .  
تىرىشىڭ ئابلەتجان سىز بىزنىڭ پەخرىمىز ، بىز سىزنىڭ ھەقىقى چىن مەستانىللىرىڭىز ۋە قوللىغۇچىللىرىڭز !!!!!!!!!



قوشۇمچە : سۈرەتتە ئابلەتجان ياسىن مۇنبەرداشلار بىلەن ، يەنى قەشقەر شەھىرى  ئىچىدە  بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە بولغان ‹‹ خانجاي ›› كوماندىسى ئەزالىرى بىلەن بىللە ...


020504t0tcwuru7w1w70zr.jpg

020154k5puyl5onlb5p2nb.jpg




ئابلەتجاننىڭ بارلىق تېمىللىرى بۇ يەردە :
/home.php?mo ... w=me&from=space




باھالاش

قاتناشقانلار سانى 4مۇنبەر پۇلى +200 يىغىش سەۋەبى
ئۇچتىكىن + 50
azizi + 50 قالتىس!
پارتىزان + 50 قالتىس!
turgunjan + 50 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-4-28 07:27:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن بارلىق مۇنبەر ئەھلىگە تەشەككۈر.
   تۈنۈگۈن كەچتىن بېرى ئۇزۇندىن بېرى چالا ئىشلەپ كەلگەن ئۈندىدارىم تۇيۇقسىز قايناپ، مېنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىمنى نۇرغۇن كىشىلەردىن تاپشۇرۋالدىم، دوستلار چەمبىرىكىدىمۇ ئۇچراتتىم.
  ئەسلىدە بۇ تەرجىمىھال ئالدىنقى يىلى دۇنيا لوڭقىسى ۋاقتىدا مەن «چىمبۇلاق» تورىغا تەمىنلىگەن تەرجىمىھال بولۇپ، تۈنۈگۈندىن بېرى «نۇر» تورىنىڭ تەنتەربىيە كۆزنىكىگە چىقىرىلىپتۇ.
   تېما ئىگىسى بوۋاي ئاكام بىلەن گەرچە بىر قېتىممۇ كۆرۈشۈپ باقمىغان بولساممۇ ئەمما مۇنبەردە كونا سىرداش. ئۇنىڭغا كۆپ تەشەككۈر.
     ئەمەلىيەتتە، ئەمەلىي قىلىۋاتقان ئىشىمىز مىللەت پەخرى، داڭلىق دېگەن ئىبارىلەردىن كۆپ يىراق. ھېسابلاپ باقسام دۇنيا لوڭقىسى، ياۋروپا لوڭقىسى ۋە شىنجاڭنىڭ ھەرخىل مۇسابىقىسى بولۇپ 48 مەيدان مۇسابىقە چۈشەندۈرۈپتىمەن، دېمەك، بۇ كىچىككىنە سان شۇنداقلا يوق ھېسابتىكى سۈپەت خۇددى ساقالدىكى ئاشتەك تولىمۇ ئاجىزدۇر. ئۆزۈمنىڭ غايىسى ۋە قىزىقىشىم بىلەن ئەمدى باشلانغان بۇ ئىشىم يەنە تېخى نەچچە ئون تاغ ۋە نەچچە يۈز دەريادىن كەچكەندىن كېيىن ئاندىن تېما ئىگىسىنىڭ قەلىمىگە يۈز كېلەلىشى مۇمكىن.
   خېرىدارىڭ بولـمىسا زىبالىقىڭ نە ئەتىۋا دەپ، دوستلارنىڭ قوللىشى ۋە مەدەت بېرىشى مەن ۋە باشقا چۈشەندۈرگۈچى سەبداشلىرىمىزنىڭ بەخت - تەلىيى. بىز ئۆزىمىزنىڭ سەۋىيەسىنى توختىماي ئۆستۈرۈش بىلەن تەڭ يەنە، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ مۇسابىقىنى ئاڭلىتىشقا كۈچ چىقىرىمىز.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 4مۇنبەر پۇلى +10100 تىللا +15 يىغىش سەۋەبى
تەجەللى + 10000
جاغىستاي120 + 15 يىللىق مۇكاپات
azizi + 50 ئەركەك
ئەزمەت7 + 50 تىرشىڭ ئاكا

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-28 09:05:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللىتىمىزنىڭ تۇنجى ئەۋلات پۇتبول چۈشەندۈرگۈچىلىرىنىڭ ئىقتىدارلىق، ھەر تەرەپتىن يېتىشكەن، تالانتلىق ۋەكىلى،  ئۇيغۇر ئاخبارات قوشۇنىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، مۇنبىرىمىزنىڭ سادىق مىلان تەتقىقاتچىسى،  يېتىلۋاتقان ياش ----ئابلەتجان ياسىننىڭ كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ پارلاق، قىلۋاتقان ھەر بىر ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق، غەلبىلىك بولۇشىنى تىلەيمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-28 02:07:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنىمۇ تىرشىڭ بۇرادەر.
مانا بۇ مۇنبەرداشلا image.jpg

image.jpg
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-28 02:56:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپتىن كۆپ تەشەككۈرلەر ، جاپا تارىتتىڭىز بىزلەر ئۈچۈن ئاپىرىپ ، ياشاپ كىتىڭ ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-28 13:46:20 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇرتىمىز پۇتبۇلخۇمارلىرىنىڭ شۇنداقلا بىز ئۇيغۇر مىلان مەستانىللىرىنىڭ پەخرى ! يۇلىڭىز ئۇچۇق , ئىشلىرىڭىز بەرىكەتلىك تۇرمۇشىڭىزغا خاتىرجەملىك يار بولسۇن قېرىندىشىم !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-28 12:37:54 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلەتجان يوللىغان ۋاقتى  2015-4-28 10:51
ئاللا خالىسا ماينىڭ ئاخىرىدا قەشقەرگە قايتىمەن... شۇ چ ...

ئابلەتجان سىلىىنى خانجايلىقلار بىلەن بىرگە توپ تىپىشقا تەكلىپ قىلىمىز...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-28 11:36:12 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلەتجان يوللىغان ۋاقتى  2015-4-28 11:20
سىزگە كۆپ رەھمەت... ئاۋاز مەسىلىسى تېلېۋىزىيە ئىستانى ...

سىلىدە قەشقەر شىۋىسى ، ئۈرۈمچى شىۋىسى ، تۇرپان شىۋىسى ، مانا ئەمدى خوتەن شىۋىسىنىمۇ سويىدىغان بولۇپ كەتلە ھى ھى ھى .... ئاۋاز مەسىلىسىدە مىنىڭچە جەنجۈننىڭ ئاۋازىمۇ ئەمىليەتتە بەكلا سەتتەك تۇيغۇ بەردى ماڭا.   ئۇ كىشىمۇ ئازراق ئۆز ئاۋازىنى كونتىرول قىلشنى ئۈگۈنىپ ئاندىن ھازىرقىدەك ھالغا كەلدى بولغاي   . شۇڭا سىلىمۇ ۋاقىت چىققاندا مەھمۇد سۇلايماننى تېپىپ بۇ جەھەتتە تەلەم ئالسىلا  ....ئەمدى مىنىڭ ئويلىشىمدا ئاۋازلىرىدا سو يوقتەك ياش چوڭايغانسىرى بوملىشىپ ... ۋاڭتاۋدەك خاۋچىيۇۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋ. ..دەپ ۋاقىرسىلا  ئاۋازنىڭ ۋەزنى كاتتا چىققۇدەك دەپ ئويلىدۇم ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-28 11:28:28 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلبارىس يوللىغان ۋاقتى  2015-4-28 11:26
بىزغۇ مەكتەپداش ئىدۇق، مۇنبىرىمىزدە بىر چاغلاردا بىر ...

ھا ھا ھا ماۋۇ راس گەپمۇ يا؟   نىمانچە قىززىق ئاكا ئۇكىلار ئۇ ئەمدى .....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-28 06:17:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ئابلەتجان.  بىزنىڭ مۇنبەردىكى  ئابلەتجان شۇغۇ.  شۇ دەپ ئويلايتتىم لېكىن ياخشى بىلىپ كەتمەيدىكەنمە.  بۈگۈن بىلدىم.  ياشاپ كىتىڭ ئابلەتجان ئاكا.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-28 03:50:41 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلەتجاننىڭ چۈشەندۈرگەن مۇسابىقىلىرىنى كۆرۈشمۇ بىر ھۇزۇر ، بەك ھىسياتلىق ياخشى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ ، تىرىشىڭ ئابلەتجان .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-28 01:33:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilmurat. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-27 10:40  

ئابلەتجان ياسىننىڭ تېخىمۇ تىرىشىپ مۇسابىقە چۈشەندۈرۈش ئىشلىرىدا يەنىمۇ ئىلگىرلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .
ئابلەتجاننىڭ پۇتبول بىلىمى خېلىلا يۇقۇرى    تىرىشىڭ ئابلەتجان !  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-28 01:42:47 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلەتچان ناھايىتى ياخشى رىياسەتچى بولوپلا قالماي مۇشۇ مۇنبەرگىمۇ ئۇن تىنسىز تۇھپە قوشۋاتقانلارنىڭ بىر ياخشى يول باشچىسى ،مەن بۇ مۇنبەرگە يىڭى ئەزا بولغان بىلەن بۇ ئاداشقا بەك قايىل ،يىشىممۇ تەڭ ئىكەن  بۇندىن كىيىنىكى ئىشلىرىغا چىن دىلىمدىن ئۇتۇق تىلەيمەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-28 01:46:27 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزدىن  پەخىرلىنىمىز  ياشاپ  كىتىڭ  ئابلەتجان...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-28 01:49:56 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   خانزاد1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-28 10:52  

ئابلەتجان بىلەن قىشتا يۇرتقا كەلگەندە ئەسرارلىشىپ بىرگە توپ تەپتۇق، ئابلەتجان تولىمۇ كىچىك پئىل، خۇشچاقچاق بالىكەن،ئابلەتجاننىڭ ئائىلسىگە خاتىرجەملىك، خىزمىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-28 01:53:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخىمۇ تېرىشىڭ . سىزدىن زور ئۈمىد كۈتىمىز .  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-28 01:59:24 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ناھايىتى ياخشى يىزىلىپتۇ بولسا ئ‍ابلەتجان ئ‍ەپەندىمنىڭ تەرجىمالى تولوق قىستۇرلۇپ ئ‍وتكەن بولسا نادىر تىما بولوشقا ئ‍ىككى كىشلىك بىلەت تاشلايتىم شۇنداقتىمۇ بىر بىلەتنى سىخىيلىق بىلەن تاشلىدىم رونالدو مىسسىنى تونۇشتۇرۇپ يازغاندىن يۇز ھەسسە ياق مىڭ ھەسسە ئ‍ىسىل چىقىپتۇ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-28 02:05:32 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلەتجان بىزنىڭ قەشقەردىن ئىكەندە    كاساپەت تېخى كىچىك ئىكەنغۇ    ئىستىقبالى پارلاق ئوخشايدۇ          بوۋايغا رەھمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-28 02:15:47 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرغىچە بىزنىڭ مۇنبەر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن  دىسە  , بۇلتۇر يازدا قول قويدۇم   ,يارايسىز داۋاملىق تىرىشىڭ                                                           
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-28 03:37:57 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلەھەتجان ياراملىق پۇتبول  چۈشەندۈرگۈچىسى بۇلۇپلا قالماي  ئۇ بىر مىلانلىق ،تىرىشقىن ئىنىم !بىز سىنى قوللايمىز .خۇدايىم بۇيرىسا سەن باققان تۇخۇ—كەپتەرلەرنى يەپ سەندەك ئەقىللىق بۇلۇشقا تىرىشمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-5-10 14:40

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش