elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
ئىگىسى: بايرېن

چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى خەۋىرى ( 2015.03.12 )

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 15:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qavandaz811 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-13 15:29  
tagderem يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 01:30
بايا دىگەن كۆرۈنۈشنىڭ رەسىمى بار ئىدى ئاداش ،  ئويلا ...


سەن بىلەنغۇ بۇ توغورلۇق جىق تالىشىپ  ئاخىرى  بىر يەرگە كەلگەنمۇ بولغان .....بىراق بۇ قىتىم  قارىسام چىلسىنىڭ شاللىنىشىنى مورىنخونىڭ سەۋەنلىكى ئەمەس دەپ يىزىپ  قويوپسە ...شۇڭا  ئارلاپ ئۆتۈپ كىتىپ بىرىپ  يەنە كىرىشىپ قالدىم .....    ئۇنىڭ ئۈستىگە مورىنخومۇ تاراتقۇلار ئالدىدا سالاھىتى توشمايدىغان گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈپتۇ ...(قارشى تەرەپ بەك قوپال ئوينىدى دەپچۇ )
ئەمدى مورىنخونى ياختۇردىغىنىڭمۇ ياخشى .بىراق بۇ قىتىمقى  ئۇتتۇرۇشتا مورىنخودىن سەۋەنلىك ئۆتكەنلىكىنى ئىتراپ قىلىشىڭ كىرەك ..چۈنكى1. مۇسابىقە تىرانسىفورتتا ئىلىپ بىرىلدى .. 2.ئۇنىڭ ئۈستىگە 36 مىنۇتتىن باشلاپ 10غا قارشى 11 ئادەم ئوينالدى ...3.سەۋەپ مىھمان ھالەتتە مورىنخو ۋارتاسىنىڭ ياخشى ئىپادىسىگە تايىنىپ 1دە1 نەتىجە بىلەن قايتىپ كەلدى   ئۇزغۇنلۇقنىڭ شاللاش باسقۇچىدا مىھمان ھالەتتىكى بۇ نەتىجە دىمىسەممۇ بىلىسەن خىلى ياخشى نەتىجە ..دىمەك يۇقىردىكى ياخشى شارائىتلانىڭ ھىچ قايسىسىدىن مورىنخو ياخشى پايدىلىنالمىدى  .
ياخشى مەشقاۋول دىگەن ئۆزى 10 ئادەم بىلەن قالغاندا بانا سەۋەپ ئىزدىمەي بۇنىڭغا ئامال قىلالىشى ...قارشى تەرەپ 10 ئادەم بىلەن قالغاندا مەيداندا ئۆزگىرىش قوزغاپ ئەجەللىك زەربە بىرەلىشى كىرەك دەپ ئويلايمەن ئۆزەمچە....  ....مورىنخو مادرىتنى تۇتقاندىن تارتىپ  كوماندىنى بىر خىل بىكىنمە ھالەتتە تۇتىدىغان بولوپ قالدى ....بۇنىڭغا بەلكىم بارسىلونانىڭ 3.چۈش كوماندىسىنى يىڭىش ئىستىكى سەۋەپ بولوپ قالغان بولىشى مومكىن  .بىراق ھازىر مورىنخو قولىدىكى خىل ئادەملىرىگە قارىماي ئوتتورا كۈچلۈك كوماندىلار بىلەنمۇ شۇنچىلىك پاسسىپ ئوينايدىغان بولدى ...مادرىتتىمۇ 3.پەسلىدە مورىنخو قارشى تەرەپ بىكىنىپ ئوينىسا توپ ئۇرالماي قىينىلىپ بىلانوۋاغا بىرلەشمىنى تاتقۇزۇپ قويدى (سەنغۇ مسىسىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ياخشى ئىپادىسىگە تايىنىپ ئالدى دەپ قارايسەن بىرلەشمىنى بۇمىغۇ توغرا. ) شۇ يىلى شۇ مەسىلىنى ھەل قىلالماي قۇرۇق قالدىغۇ ....دىمەك مورىنخو بىلەن قانداق ئويناشنى باشقا مەشقاۋوللا بىلىپ كەتتى ...مورىنخو ئەمدى ئۆزگىرىش قىلمىسا بىكىنبورنىڭ گىپى بويىچە بۇندىن كىيىن لوڭقا ئالالمايدۇ ...(بىكىنبو دىگەنغۇ دەيمەن بۇ گەپنى )  بۇنداق دىسەم بىرلەشمىنى ئىلىشى مومكىنغۇ دىيىشىڭ مومكىن ..بىراق ھازىرقى ئەنگىليە بىرلەشمىسىنى سوغوق قانلىق بىلەن تەھلىل قىلىپ باققان ئادەمنىڭ ھەممىسى ھىس قىلالايدۇ ...بۇ 5—6 يىلنىڭ ئالدىدىكى ئەنگىليە بىرلەشمىسى ئەمەس...بولوپمۇ قىرى سىر چىكىنگەندىن كىيىن ئەنگىليە بىرلەشمىسىدە ئۇزغۇنلۇقتا مانا مەن بار دىگىدەك بىرەر كۇلۇبنى كۆرمىدۇق ...
   خەق ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنى  ياراتمىغان بىلەن مورىنخومو ئىتراپ قىلىدىغۇ ئىسپانىيە بىرلەشمىسى دۇنيادا لوڭقا ئالماق ئەڭ تەس بىرلەشمە دەپ....   
سىمونىنى سوراپ قاپسەن....ئۇنىڭ ئاشۇ قولىدىكى ئادەملىرى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىسى ھەرقانداق كوماندىنى تەمتىرتىدۇ ...سەن تىخى مادرىت مەستانىسى تۇرۇپ ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ھىس قىلالمىغىنىڭغا ئىشەنمەيمەن ..مادرىتنىڭ سىمونىغا 4تە 0 ئۇتتۇرىشى تاسادىبىلىق ئەمەسقۇ دەيمەن ئاداش.ئۇ مۇسابىقىدە سىمونى چىكىت رونالدوغا چەكلەنگەن رايون ئىچىدە سۇغا سەكرىگىدەكمۇ پۇرسەت بەرمىدى.....بارسىلونامۇ توپ كونتورولنى تولوق قوغلاشماي تۇرۇپ ئاندىن غەلبىگە ئىرىشەلىدى .ئەلۋەتتە مىسسىنىڭ رولىمۇ ئىنتايىن چوڭ....سىمونىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىيتساق مەخسوس بىر تىما ئاشساق بولا ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-15 14:41

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش