ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2538 |
تۆھپىسى: سەر |
|
تۆگىنىڭ بۇ مەيداندىكى رىسقى شۇنچىلىك ئوخشايدۇ . ئوتتۇز مىنۇتقىچە تۈزۈك كۆرۈنۈپمۇ باقماي ، ئاران ئىلھامى كىلىپ ئاكتىپلىق بىلەن ئارقىغا يىنىپ باققانتى بىر قىتىم ، كەينىدىنلا توپ تالىشىش جەرياندا ئاۋۇنىڭدەك ھەركەتنى ئىشلەپ قويدى .
قىزىل كارتا ئىغىر كەتكەندۇ بەلكىم ، لىكىن سىرىق كارتا بەرسىمۇ ئۇ ھەركەتكە ئاز بولۇپ قالىدۇ . ئامال قانچە بىر يىرىم سىرىق كارتا دىگەن ئۇقۇم يوقكەن ، نەتىجىدە ھۆكۈمگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان رىپىرنىڭ كۆرۈش دائىرىسى ئىبراھىمغا ‹‹ رەھىم ›› قىلغۇزمىدى ، تۆگىدە قەستەنلىك بولمىسىمۇ گەرچە . ( ئەگەر مەن ئادەتتىكى مۇسابىقىلەردە رىپىرلىق قىلىپ قالساممۇ ، رىپىر تۇرغان ئورۇندا تۇرۇپ ئىبراھىمنىڭكىدەك ھەركەتكە قىزىل چىقىرىش نىسبىتىم كۆپرەك بولىدۇ ئەلۋەتتە )
رىپىرنىڭ تەڭشەپ چىلىشى ھەر ھالدا بولۇپ قالىدۇ ، چىلسىغا يان باستى دىيىلسە شۇ كىيىنكى ۋاقىتلاردا كوستا دىگەن گۇيغا ئازراق رەھىم قىلىپ قويغانلا يىرى بار ، باشقا چوڭ مەسىلە يوق . لىكىن ساھىپخان مەيداندا ساھىپخان كوماندىغا ‹‹ئېغىۋاراق چىلىش ›› دىگەن بۈگۈنكى سىتانفوردتىلام كۆرۈلدىغان ئىش ئەمەس . |
|