elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 3655|ئىنكاس: 240

چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى خەۋىرى ( 2015.03.12 )

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بايرېن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-12 06:51  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...







tiyu-ouzhouguanjunliansai-zuqiu.jpg



2015 - يىلى 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى سەھەردە 2014 -2015 - يىللىق ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ 8 كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسى ئوينالدى ، نەتىجىلەر تۆۋەندىكىچە :


بايرېن مىيۇنخېن 7    -    0 دونسىك كان ئىشچىللىرى

گىرمانىيە زەردارى بايرېن كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا ئوكرانىيە كۈچلۈك دونسىك كوماندىسىنى كۈتىۋالدى ، مۇسابىقە باشلىنىپلا كەسكىن ئىلىپ بىرىلدى ، مۇسابىقە باشلىنىپ 4 مىنۇت بولغاندا دونسىك توپچىسى قىزىل كارتا ئىستىمال قىلىپ مەيداندىن ئايرىلدى ، بايرېن توپچىسى مۇللىر نوقتا توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 1 - 0 قىلدى ، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 34 مىنۇت بولغاندا بايرېن توپچىسى بوئاتىڭ بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 2 - 0 قىلدى ، ئالدىنقى مەيدان ئاياغلاشتى ... كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 50 مىنۇت بولغاندا رىبىرى بىر توپ  ، 52 مىنۇت بولغاندا مۇللىر بىر توپ ، 63 مىنۇت بولغاندا بادۇستۇبىر بىر توپ ، 75 مىنۇت بولغاندا لەيۋەندوۋىسكى بىر توپ ، 87 مىنۇت بولغاندا گوتزى بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 7 - 0 قىلىپ بايرېن ئۆزمەيدانىدا دونسىكنى قىرغىن قىلدى ... بۇنىڭ بىلەن بايرېن ئوڭۇشلۇق 8 كۈچلۈككە كىردى ...




چىلسى 2    -    2  پارىژ سانت گىرمان

ئىنگىلاندنىڭ كۈچلۈك چىلسى كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا فىرانسىيەنىڭ كۈچلۈك پارىژ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، ئالدىنقى مەيدان ھەر ئىككىلى تەرەپ كۈچىگەن بولسىمۇ نەتىجە 0 - 0 ئاياغلاشتى ، ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە جەريانىدا پارىژنىڭ داڭلىق ھۇجۇمچىسى ئىبىرايىموۋىچ قىزىل كارتا ئىستىمال قىلىپ مەيداندىن ئايرىلدى ، كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 81 مىنۇت بولغاندا چىلسى توپچىسى كاشىيار بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 1 - 0 قىلدى ، 86 مىنۇت بولغاندا پارىژ توپچىسى لۇيىس بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى ... قۇشۇپ بىرىلگەن ۋاقىتدىكى مۇسابىقە تىخىمۇ كەسكىنلەشتى ، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 96 مىنۇت بولغاندا چىلسى توپچىسى خازارد نوقتا توپ ئۇردى ، 114 مىنۇت بولغاندا پارىژنىڭ كاپىتانى سىلىۋا بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 2 - 2 قىلدى ، كىيىنكى مىنۇتلاردا نەتىجە ئۆزگەرمەي پارىژ 8 كۈچلۈككە كىردى ... ( ئومۇمي نەتىجە 3 - 3 ، پارىژنىڭ مىھمان مەيداندىكى توپ سانى جىق بولغانلىقى ئۈچۈن 8 كۈچلۈككە كىردى . )




پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇڭا ئالدىراپ يوغان گەپ قىلماسلىق كېرەك زادى،بۇ دېگەن پۇتبول!!!

مادرىد 2-0شاللىك04
ئۆز مەيدانىدا قىرغىن قىلىدۇ دەپ ئويلىغان كۆپلىگەن مەستانىلەر،ئاقىۋەت 3-4ئۇتتۇرۇپ ئاران تەستە كىردى8كۈچلۈككە
پارىژ ئۆز مەيدانىدا 1-1چىلسى بىلەن تەڭلەشكەندە يەنە شۇنداق كىشىلەر چىلسى ئۆز مەيدانىدا پارىژنى ئۇتىدۇ-يەي دىيىشىپ پارىژنى كۆزگە ئىلماي كەتكەن،مانا پارىژ دەل شۇ ئۇسۇل بىلەن چىلسىنى شاللىدى.
بارسېلونامۇ ھوشۇنى يىغىپ ئوينىسا بولىدۇ شەھەر بىلەن،بارسېلونا مەستانىلىرىمۇ مۇسابىقىدىن بۇرۇن تولا چوڭ گەپ قىلماڭلار،مۇسابىقە جەريانىدا ھەر قانداق ئىش يۈز بېرىشى مۇمكىن.
ئوينۇلۇپ بولۇنغان 4مەيدان مۇسابىقىدە پورتو بىلەن بايرىندىن باشقىلىرى ناھايتى تەسلىكتە كىردى 8نىڭ ئىچىگە دىسەكمۇ بولىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇدىيە يوللىغان ۋاقتى  2015-3-12 06:18
بوپتا  ياخشى  ئارام  ئېلىپ  بىرلەشمىنىڭ  چېمپىيۇنى  بولا ...

سىلى بولىدىكەنلا، تۆت بەش كوماندىنىڭ مېدالىنى ئېسىۋېلىپ، ئۇتسا ناغرا چېلىپ، ئۇتتۇرسا دەرھال يەنە بىر مېدال ئاسقان كۇلۇبقا مەدەت بېرىپ... ھەممە كىشى سىلىدەك بولسا مۇنبەرمۇ قالايمىقان بولماسمىكىن دەيمەن...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلىم يوللىغان ۋاقتى  2015-3-12 14:39
كوستانىڭ بۇ مەيدانلام ئەمەس  باشقا  مۇسابىقىلەردىمۇ   ...

   ئەسلى ئارىلاشماي دېگەن، كىچىك تىلىم لىپىلداپ كەتتى...
  مۇرىنىئو تاكتىكىدا كەتكۈزدىمۇ - كەتكۈزمىدىمۇ مۇسابىقىنى قېتىرقىنىپ كۆرگەنلەرگە ئايان، بۇنى يەنە چېلسىنىڭ قانچىلىك پۇرسەت يارىتىلىغانلىقىدىن كۆرۋېلىشقىمۇ بولىدۇ. ئەمما، ھەرقانداق تىرېنېرنىڭ ئۆزى تۇتۇۋاتقان كوماندىنى چۈشىنىشى، ماھىرلارنىڭ مەشىقتىكى ئىپادىسىگە ئاساسەن ئۇلارنى ئاساسلىق ياكى زاپاس ماھىر قىلىپ بېكىتىشى ۋە غەلىبىگە بولغان تەلپۈنۈشى ھەرقانداق مەستانە ياكى مۇخبىردىن كۈچلۈك بولىدۇ. ئەگەر تۈنۈگۈن سېلۋانىڭ توپى كىرمىسىلا مۇرىنىئونىڭ تاكتىكىسى ئۈنۈملۈك بولغان بولاتتى (ھېچبولمىغاندا بىزنىڭ نەزەرىمىزدە)، ھېچبولمىغاندا تىللانمىغان بولاتتى... يېڭىلمەس ئويۇن يوق، كەتكۈزمەس بەندە يوق، ئەسەبىي رەقىب ئالدىدا ئامال يوق...
  كوستاغا بولغان بەزى قاراشلىرىڭىزدا مەسىلە بار. بىر پەسىلدە 17 توپ كىرگۈزگەن ھۇجۇمچىدا تەلەيلا بار دېسەك بولمايدۇ. ئۇنداق قارالسا كېرىسپو، ئىنزاگى، ماكەي، ۋان نېستېلروي، جىلاردىنو، پىزارو، تېرىزىگوت قاتارلىق دۇنياۋىي ھۇجۇمچىلارنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلغان بولىمىز. ھۇجۇمچىلارنىڭ ھەممىسى مېسسى، رونالدودەك توپنى توننىلاپ ئۇرمايدۇ، ياكى تۆگىدەك مۇرەككەپ كىرگۈزمەيدۇ، ئاشۇنداق تەلەي توپلارغا كۈچلۈك بولغان ئورۇن ئېلىش تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت يۇغۇرۇلغان توپسىز يۈگۈرەش سىڭگەن بولىدۇ، توررېسنى ئەسلىسەكلا بەزى نەرسىلەرگە جاۋاب بېرەلەيمىز. ئىنزاگىنىڭ ئۆمرىدە كىرگۈزگەن 300 نەچچە توپىدىن ئەڭ ئەڭ چىرايلىق 10 توپىغا قارىساقمۇ باشقىلارنى ئالداپ ئۆتكەن بىرەر تال توپنى، ياكى يىراقتىن كىرگۈزگەن بىرەر تال توپنى، سەپداشلىرىغا بەرگەن راۋۇرۇس بىرەر تال پاسنى ئۇچرىتالمايمىز، ئەمما مىلان تىرېنېرلىرىنى دېمەي، سىز چوڭ بىلدىغان مۇرىنىئونىڭ نەزەرىدىمۇ ئۇ يېقىنقى 10 يىل مەبەينىدىكى مىلاننىڭ ئەڭ خەتەرلىك ھۇجۇمچىسى بولۇپ كەلدى... ئۇنىڭ ئەخلاقى باشقا مەسىلە، كانتوننا ۋە دېكانىئو، رومارىيومۇ ئەخلاقسىزلىق بابىدا يېگانە، ئەدەبسىزلىكتە بىگانە ئىدى. كوستا بۇ مەيداندا تازا ئېچىلالمىدىيۇ ئەمما ھېچبولمغاندا 120 مىنۇت تولۇق ئوينىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خازارد ۋە ۋىللىيامغا كوستا بوشلۇق ئاچمىسا، لۇيىز بىلەن سېلۋانى ئۆزىگە قاراتمىسا چېلسىغا تېخىمۇ چاتاق بولاتتى... ئەمما، بىر قارىشىڭىز توغرا، ئۇنىڭدىن بەك زور ئۈمىد كۈتۈشكىمۇ بولمايدۇ، ئۇ خۇددى فالكاۋغا ئوخشاشلا ئىككى پەسىل ئېچىلىپلا توزۇيدىغان تىپقا تەۋە...  
  يەنە بىرى، قايتۇرما ھۇجۇم مەسىلىسى. ئاپتۇبۇس تىزىشتىكى مەقسەت نېمە؟ ئاۋۋال مۇداپىيە قىلىپ، ئاندىن تېز ھۇجۇمغا ئۆتۈش. ئەمىسە تۈنۈگۈن نېمە بولدى؟ تۈنۈگۈنلا ئەمەس، چېلسى يېقىنقى يىللاردىن بېرى كۈچى ئۆزى بىلەن تەڭ كوماندىلار بىلەن ئوينىغاندا بولۇپمۇ ئۇزغۇنلۇقتا، بەك پايدا ئالالمىدى. سەۋەبى، قايتۇرما ھۇجۇم قارىماققا بەك شاش، بەك سىرلىق كۆرۈنسىمۇ، ئەمما يەنىلا بېسىپ ھۇجۇم قىلغانغا، قارشى تەرەپنى كاتەككە سولىۋالغانغا يەتمەيدۇ. قايتۇرما ھۇجۇمغا نۇرغۇن تاسادىپىيلىق ۋە تۇراقسىزلىق يوشۇرۇنغان. دەپ بېقىڭلار، ئاخشام چېلسى ۋاي دېگۈدەك قايتۇرما ھۇجۇم قىلدىمۇ؟؟ 120 مىنۇت جەريانىدا بىرمۇ ئېسىل قايتۇرما ھۇجۇم تەشكىلىيەلمەسلىك دەل مەسىلىنىڭ  نېگىزى...

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +10 يىغىش سەۋەبى
kakkuk5 + 10 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زادى ئەنچىلوتتى يامانمۇ مۇرېنھومۇ ؟؟؟
جاۋاب : گۇئاردىئولا يامان ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 15:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qavandaz811 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-13 15:29  
tagderem يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 01:30
بايا دىگەن كۆرۈنۈشنىڭ رەسىمى بار ئىدى ئاداش ،  ئويلا ...


سەن بىلەنغۇ بۇ توغورلۇق جىق تالىشىپ  ئاخىرى  بىر يەرگە كەلگەنمۇ بولغان .....بىراق بۇ قىتىم  قارىسام چىلسىنىڭ شاللىنىشىنى مورىنخونىڭ سەۋەنلىكى ئەمەس دەپ يىزىپ  قويوپسە ...شۇڭا  ئارلاپ ئۆتۈپ كىتىپ بىرىپ  يەنە كىرىشىپ قالدىم .....    ئۇنىڭ ئۈستىگە مورىنخومۇ تاراتقۇلار ئالدىدا سالاھىتى توشمايدىغان گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈپتۇ ...(قارشى تەرەپ بەك قوپال ئوينىدى دەپچۇ )
ئەمدى مورىنخونى ياختۇردىغىنىڭمۇ ياخشى .بىراق بۇ قىتىمقى  ئۇتتۇرۇشتا مورىنخودىن سەۋەنلىك ئۆتكەنلىكىنى ئىتراپ قىلىشىڭ كىرەك ..چۈنكى1. مۇسابىقە تىرانسىفورتتا ئىلىپ بىرىلدى .. 2.ئۇنىڭ ئۈستىگە 36 مىنۇتتىن باشلاپ 10غا قارشى 11 ئادەم ئوينالدى ...3.سەۋەپ مىھمان ھالەتتە مورىنخو ۋارتاسىنىڭ ياخشى ئىپادىسىگە تايىنىپ 1دە1 نەتىجە بىلەن قايتىپ كەلدى   ئۇزغۇنلۇقنىڭ شاللاش باسقۇچىدا مىھمان ھالەتتىكى بۇ نەتىجە دىمىسەممۇ بىلىسەن خىلى ياخشى نەتىجە ..دىمەك يۇقىردىكى ياخشى شارائىتلانىڭ ھىچ قايسىسىدىن مورىنخو ياخشى پايدىلىنالمىدى  .
ياخشى مەشقاۋول دىگەن ئۆزى 10 ئادەم بىلەن قالغاندا بانا سەۋەپ ئىزدىمەي بۇنىڭغا ئامال قىلالىشى ...قارشى تەرەپ 10 ئادەم بىلەن قالغاندا مەيداندا ئۆزگىرىش قوزغاپ ئەجەللىك زەربە بىرەلىشى كىرەك دەپ ئويلايمەن ئۆزەمچە....  ....مورىنخو مادرىتنى تۇتقاندىن تارتىپ  كوماندىنى بىر خىل بىكىنمە ھالەتتە تۇتىدىغان بولوپ قالدى ....بۇنىڭغا بەلكىم بارسىلونانىڭ 3.چۈش كوماندىسىنى يىڭىش ئىستىكى سەۋەپ بولوپ قالغان بولىشى مومكىن  .بىراق ھازىر مورىنخو قولىدىكى خىل ئادەملىرىگە قارىماي ئوتتورا كۈچلۈك كوماندىلار بىلەنمۇ شۇنچىلىك پاسسىپ ئوينايدىغان بولدى ...مادرىتتىمۇ 3.پەسلىدە مورىنخو قارشى تەرەپ بىكىنىپ ئوينىسا توپ ئۇرالماي قىينىلىپ بىلانوۋاغا بىرلەشمىنى تاتقۇزۇپ قويدى (سەنغۇ مسىسىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ياخشى ئىپادىسىگە تايىنىپ ئالدى دەپ قارايسەن بىرلەشمىنى بۇمىغۇ توغرا. ) شۇ يىلى شۇ مەسىلىنى ھەل قىلالماي قۇرۇق قالدىغۇ ....دىمەك مورىنخو بىلەن قانداق ئويناشنى باشقا مەشقاۋوللا بىلىپ كەتتى ...مورىنخو ئەمدى ئۆزگىرىش قىلمىسا بىكىنبورنىڭ گىپى بويىچە بۇندىن كىيىن لوڭقا ئالالمايدۇ ...(بىكىنبو دىگەنغۇ دەيمەن بۇ گەپنى )  بۇنداق دىسەم بىرلەشمىنى ئىلىشى مومكىنغۇ دىيىشىڭ مومكىن ..بىراق ھازىرقى ئەنگىليە بىرلەشمىسىنى سوغوق قانلىق بىلەن تەھلىل قىلىپ باققان ئادەمنىڭ ھەممىسى ھىس قىلالايدۇ ...بۇ 5—6 يىلنىڭ ئالدىدىكى ئەنگىليە بىرلەشمىسى ئەمەس...بولوپمۇ قىرى سىر چىكىنگەندىن كىيىن ئەنگىليە بىرلەشمىسىدە ئۇزغۇنلۇقتا مانا مەن بار دىگىدەك بىرەر كۇلۇبنى كۆرمىدۇق ...
   خەق ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنى  ياراتمىغان بىلەن مورىنخومو ئىتراپ قىلىدىغۇ ئىسپانىيە بىرلەشمىسى دۇنيادا لوڭقا ئالماق ئەڭ تەس بىرلەشمە دەپ....   
سىمونىنى سوراپ قاپسەن....ئۇنىڭ ئاشۇ قولىدىكى ئادەملىرى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىسى ھەرقانداق كوماندىنى تەمتىرتىدۇ ...سەن تىخى مادرىت مەستانىسى تۇرۇپ ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ھىس قىلالمىغىنىڭغا ئىشەنمەيمەن ..مادرىتنىڭ سىمونىغا 4تە 0 ئۇتتۇرىشى تاسادىبىلىق ئەمەسقۇ دەيمەن ئاداش.ئۇ مۇسابىقىدە سىمونى چىكىت رونالدوغا چەكلەنگەن رايون ئىچىدە سۇغا سەكرىگىدەكمۇ پۇرسەت بەرمىدى.....بارسىلونامۇ توپ كونتورولنى تولوق قوغلاشماي تۇرۇپ ئاندىن غەلبىگە ئىرىشەلىدى .ئەلۋەتتە مىسسىنىڭ رولىمۇ ئىنتايىن چوڭ....سىمونىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىيتساق مەخسوس بىر تىما ئاشساق بولا ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
januzay يوللىغان ۋاقتى  2015-3-12 11:01
ماۋۇ كوستا دېگەن يېتىم مۇسابىقە ئاياقلاشسىمۇ پارىژنىڭ ...

ماۋۇ مىنىڭ كۆڭلۈمدىكى گەپلەركەن بولوپمۇ لۇيىسنىڭ   ،   ئ‍وغول ، ئ‍ەسلى يىتىپ كۆرەۋاتىتىم لۇيس توپ ئ‍ۇرۇپتى تىلۋىزورنىڭ ئالدىغا كىلىپ كۆردۈم،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tagderem يوللىغان ۋاقتى  2015-3-12 14:25
مۇرىنىئۇغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى .

كوستا   مەيداندا  نىمە  ...

قاچاننىڭزى مو غا ئىچ ئاغرىتىدىغان بوپ قالدىڭلا ؟

مونىڭ شاللىنىشى ناھايىتى ھەق بولدى ، مادرىدتىكى ۋاقىتلىرىدا بارسا توپچىلىرىنى ئاشۇرۋەتتى دەپ تىللاپلا يۈرۈيتى ئاخشامقى چىلسىمۇ ئوياننى راۋۇرۇس قۇيىۋەتتى بۇ جەھەتتە ،ئۆز كۆڭلىدە پارىژ غا ئىغىرراق چالامىكىن دىدى لىكىن خاتالاشتى ،شۇنداقلا مەيداندىكى ئىپادىسىدىن ئىبراھىم چۈپ كىتىپلا رىپىر مۇسابىقە ۋەزىيتى بەلگىلەپ قويدى دەپ ئويلىغاندەك پوزىتسىيدە بولغان ،لىكىن يەنە خاتا مۆلچەرلىدى ،چىلسى نىڭ ھۇجۇمىغا كەلسەك ھىلىمۇ ياخشى ئازار بوپ قاپتىكەن ،بولمىغان بولسا ئۆز مەيدانىدىمۇ قاپقىچى تۇتقىدەك توپمۇ تەپمەي شاللىناتتىكەن .

كوستا چىلسى غا مونىڭ كوماندىسىغا تولىمۇ ماس كىلدىكەن يەنى مو كىم بولسا ئىغىزىنى باشقۇرالمايدىغان تەكەببۇرلاردىن ،كوستا بولسا پۇت قولىنى باشقۇرالمايدىغان كىم بولسا ئۈششۈك تەككەن ھەرىدەك ئۇرۇشۇپ باقىدىغاندىن .....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پارىژ نى بارسېلونا شاللىسا مادرىدنى بايرىن شاللىسا   بايرىن نى بارسېلونا شاللاپ يوغان قۇلاقنى كۆتۈرسەك .   ھا ھا ھا سۈرە خىيال دېگەننى ! ! !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لائارىيە  يوق  بولدى...بۇ  كۆك  ئىشىكلەرنى  بۇنچىۋالا   ناچار  ئوينىماس   دەپتىكەنمەن ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلەتجان يوللىغان ۋاقتى  2015-3-12 06:33
سىلى بولىدىكەنلا، تۆت بەش كوماندىنىڭ مېدالىنى ئېسىۋې ...

شۇ يەر ۋاقتى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىتالىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى AC مىلان كۇلۇبىنىڭ بىر پارچە توختام ئىمزالاش سۈرىتىنى ئېلان قىلغان. كۇلۇب مالىيەسىدە قىيىنچىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، بېرلۇسكىنى AC مىلان كۇلۇبىنىڭ 51% پايچېكىنى سېتىۋەتكەن.« ئىتالىيە پۇتبول گېزىتى »نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ سۈرەتنى رومىنيەلىك داڭلىق مودىل مونىكا-جاپۇر تەمىنلىگەن. مونىكا بولسا بېرلۇسكىنى بىلەن توختام ئىمزالىغان سىرلىق ئادەمنىڭ قىز دوستى ئىكەن. بۇ سىرلىق ئادەممۇ ئىتالىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن ئاشكارلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى پىڭك ئىكەن.ئىتالىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پىڭك ئەپەندى جۇڭگولۇق سودىگەر بولۇپ، ئۇنىڭ قۇۋۋەت ئىچىملىكى شىركىتى بار ئىكەن. ئۇنىڭ شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ئىچىملىكنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى بازىرى بەك ياخشى ئىكەن.بېرلۇسكىنى يېقىندىن بۇيان ھەمكارلاشقۇچى ئىزدەۋاتقان بولۇپ، ئاخىرى بۇ جۇڭگولۇق سودىگەر بىلەن ھەمكارلاشقان. بۇ جۇڭگولۇق سودىگەر AC مىلان كۇلۇبىنىڭ 51% پايچېكىنى سېتىۋالغان، ھەمدە ئەڭ چوڭ پايچېك بولۇپ قالغان.

مۇشۇ گەپلەر راسمىدۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بايرېن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-12 06:24  

بايرېننىڭ بۈگۈنكى ئىپادىسىگە گەپ كەتمەيدۇ ، بارلىق توپچىللىرىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ئالاھىدە ياخشى بولدى ، مۇبارەك بولسۇن بايرېن ...

ئىبىرايىموۋىچقا بەرگەن قىزىل كارتا سەل ئىغىر كەتتىمۇ قانداق ؟ پارىژ ئۇنى - بۇنى قىلىپ ئاخىرى 8 كۈچلۈككە كىرۋالدى ، پارىژ ئاخىرى چىلسىنىڭ ئۆتكىلدىن ئۆتتى ، ئالدىنقى پەسىللەردە چىلسى پارىژنى مۇشۇنداق نۇمۇر بىلەن شاللىغان ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋا ، بايرىن قىرغىن قىپتۇغۇ ،  بايرىننىڭ يىڭىشى ئىنىقلا ئىدى بۇنداق يىڭە دىمىگەن ، روبېن بىرە ئىككىنى ئۇرۋەتكەن بولسا تىخىمۇ پىچەت ئىش بولاتتىدە .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەيرىن بۇ يىل سەل خەتەرلىك ،ھەممە كوماندا ئۇچۇرۇشۇپ قىلشتىن ئەنسىرەيدىدە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋويججججججججوئوئوئوئون。سۈرەت بەك تىزيا ?....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ  پارىژلىقلار  ھەجەپ  ئاۋارە  قىلادىيا   چېلسى  قۇش  ئارقا  بەلدە  زادى پايدا  ئالمىدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چېلسى  شاللاندى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇدىيە يوللىغان ۋاقتى  2015-3-12 04:08
چېلسى  شاللاندى

نۇقتا توپتىما ..؟ ھى ھى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پارىژ نىڭ  بىكلىرى يامان غۇ     
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىياگو سېلۋا كاللا توپتىن بىرنى ئۇردى 115 مىنۇت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجايىپ - غارايىپ مۇسابىقىلە بولىۋاتىدىغۇ مۇشۇ كۈنلەدە  .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەت قىززىۋاتدۇ ئەمما  چېلسى شاللىنامدۇ نېمە،مېھمان توپى ئاز كېلىپ قالدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-15 13:47

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش