elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
ئىگىسى: isyanqi

چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى خەۋىرى(3.11)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گىرمان يوللىغان ۋاقتى  2015-3-11 10:41
مادىرىتنىڭ تەلىيى بەك كەلدى ، بولمىسا ئاخشامقىدەك ئوي ...

سىرلار ئاستا-ئاستا ئېچىلىدۇ دەپتىكەن كونىلار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىپىر يوللىغان ۋاقتى  2015-3-11 06:55
قېرى ئوغرى، بۇ قېتىم ھەر ھالدا مارسىلو بىلەن سېرىق ئاس ...

ئەگەردە مارسىلو بىلەن مۇدىرىچ نەق ۋاقتىدا چۈشمىگەن بولسا مادىرىد بەلكىم ئۇزغۇنلۇقتىن شاللىنىپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى. خېدىرا ھەر ھالدا ئوتتۇرا مەيداندا يامان ئەمەس ئوينىغانىدى، ئەمما كونتىراۋ پەقەتلا ياخشى ئوينىيالمىدى، شارىكنىڭ ھېلىقى 19 ياشلىق كىچىك ماھىرى ئۇرىۋەتكەن توپتا كونتىراۋنىڭ بىۋاستە سەۋەنلىكى بار، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سول تەرەپ ھۇجۇم ھەم مۇداپىيەدىكى ئىپادىسى ياخشى ئەمەس. ئۇنىڭ ئورنىغا مارسىلو چۈشكەندىن كېيىن سول تەرەپتىن يامان ئەمەس ھۇجۇملار پەيدا بولدى. مۇدىرىچ مەيدانغا چۈشكەندىن كېيىن ئوتتۇرا مەيدان خېلى رولىنى جارى قىلدۇردى. مۇدىرىچنىڭ ھەر بىر ئورۇن ئېلىشى، ھۇجۇمغا پۇرسەت يارتىشىنى كۆزۈتۈپ شۇنى ھېس قىلدىمكى، مادىرىدنىڭ ئوتتۇرا مەيداننىڭ ھەقىقىي جېنى دەل مۇشۇ مۇدىرىچ ئىكەن. كىروسمۇ تازا ياخشى ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرالماي قالدى، ھەممىدىن بېل دېگەن مايمۇ كۆزۈمگە شۇنچىلىك سەت كۆرۈنۈپ كەتتى، ھېچقانداق رولى يوق، خەققە توپ تارتقۇزۇپ قويۇشتىن باشقا ئىش قىلىپ بېرەلمىدى. جامېسنى سېغىنىپ قالدىم. ھېلىمۇ شاللىنىپ كەتمىگەنگە شۈكرى دېسەك بولىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شارىك ئوغۇلبالىدەك ئوينىدى ئاخشام، ماتىپ دېگەن رەزگى رونالدونىڭ ئىلگىرى-كېيىن ئۇرغان ئۈچىلا توپىدا سەۋەنلىكى بار، بولمىسا بىر تارىخ يارىتاتتى بۇلارئاخشام، ئېسىت دېلاكىسلېر، فارفان.......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېنزېمانىڭ ئۇرغان توپى ئوفسايىت ئىكەن ئەسلى.....ئېسىت، شارىكنى بۇنداق ئوينار دەپ ئويلىمىغان، بولمىسا ئاخشام تولۇق كۆرەتتىم ئەمەسمۇ، دىماتىئونىڭ تاكتىكىسى قالتىسكەن....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇياش يوللىغان ۋاقتى  2015-3-11 10:54
بېنزېمانىڭ ئۇرغان توپى ئوفسايىت ئىكەن ئەسلى.....ئېسىت،  ...

شالكى توپچىسى خېۋىدىسنىڭ پۇتىغا تىگىپ ئاندىن بىنزىمانىڭ پۇتىغا چۈشتى ،بۇنى ئوفسايىت دىمەيدىغاندۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كوئ‍ېېنتىراۋنىڭ  رونالدوغا تاشلىغان شۇ توپىدىن باشقا  تۈزۈك ئىپادىسى بولمىدى ،ھېلقى شۇمتەك ئ‍ۇرىۋەتكەن توپتا  ئ‍ۇ يېنىپ بولالماي خاتالىق ئ‍ۆتكۈزدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جانۇزاي يوللىغان ۋاقتى  2015-3-11 10:57
شالكى توپچىسى خېۋىدىسنىڭ پۇتىغا تىگىپ ئاندىن بىنزىم ...

توپ خېۋېدېسنىڭ پۇتىغا چۈشۈشتىن بۇرۇن،5-نومۇر(كونتىراۋغۇ دەيمەن)نىڭ پۇتىدىن چىقىپ بولۇشىغان، بېنزېما ئورۇن ھالقىپ بوپتۇ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاس دېگەننى ئىلگىركىن ئويناپ قويدىغۇ كاساپەتلە … ئالدىنقى قېتىملىق مۇسابىقىسىنى كۆرگەندا ھەيران قالغانتىم قانداق كوماندا بۇ دەپ … ؟ ئاخشام تېخىمۇ ھەيران قالدىم ، چۈنكى ئالدىنقى قېتىمدىكى شارىكقا قەتئىي ئوخشىماي قالتىس ئوينىۋەتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇياش يوللىغان ۋاقتى  2015-3-11 11:02
توپ خېۋېدېسنىڭ پۇتىغا چۈشۈشتىن بۇرۇن،5-نومۇر(كونتىرا ...

ئەگەر خېۋىدىسقا تەگمىگەن بولسا ئوفسايىت بولاتتى،لىكىن ئۇنىڭغا تەگدىدە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شالىك 04ياخشى ئويناپتىكە ئەپسۇس .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جانۇزاي يوللىغان ۋاقتى  2015-3-11 11:03
ئەگەر خېۋىدىسقا تەگمىگەن بولسا ئوفسايىت بولاتتى،لىك ...

خېۋېدېسنىڭ پۇتىغا تېگىشتىن بۇرۇن ئوفسايتقا چىقىۋالدى بېنزىما، مەيلى تەگسۇن-تەگمىسۇن ئوفسايىت مېنىڭچە...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخشام مۇسابىقىنى كۆرۈپ بۇلۇپ، ئۇيقۇم كەلمىگەچ يېتىپ مۇسابىقىنى ئويلاپ خىيال سۈرۈپتىمەن،  "ھازىر مادرىد ئەزالىرى كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە نىمىلەرنى دىيىشىۋاتقاندۇ؟ كىمىلەر تاكاللىشىۋاتقاندۇ؟دىگەندەك. ئاندىن  كاللامغا قىزىقارلىق،غەلىتە خىيال  كىرىپ قالدى،يەنى ئەگەر بىز 20دەك بالىلار مادرىد ئەزالىرىنىڭ  ئىسمى ۋە نۇمۇرى  بېسىلغان كىيىمىنى كىيىپ،مۇشۇ مۇسابىقىنى  بىرلىكتە كۆرۈپ، مۇسابىقە تۈگىگەندىن كىيىن  كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدىكى ئىشلارنى مادرىد ئەزالىرىنىڭ رولىنى ئېلىپ، مۇشۇ مۇسابىقىگە بىرلەشتۈرۈپ،ھەم قىزىقارلىق  قىلىپ  بىر قىسقا فىلىم شەكلىدە ئىشلەپ باقسا قانداق بولا؟ دەپ ئويلاپ كەتتىم ئۆزەمچە.  ئەنچىلوتى يەنىلا سېغىز چايناپ ئولتۇرۇپ،بۇلارنى ماختاپ كەتسە(تازا ياخشى ئوينىيالمىسىمۇ،ئۆزىنى ئاقلاپ)، بېل بىلەن  رونالدۇ ئۇرۇشۇپ كەتسە، ئاخىرىدا كاشىلياس  (نىمىلا دىگەن بىلەن بىز ئۇتتۇق بولدى بىر-بىرىڭلاردىن ئاغرىنماڭلار،كېلەر قېتىم چۇقۇم تىرىشايلى ) دەپ خۇلاسە قىلىپ كەتسە."  قانداق ئويناپ باقىدىغانلار بارمۇ؟............  شۇلارنى خىيال قىلىپ بىر ۋاقىتلاردا ئوخلاپ قاپتىمەن، توۋا دەيمەن!  نىمىنى كۆپ خىيال قىلسا شۇ ئىشلار چۈشىگە كىرەمدۇ؟!  چۈشۈمدىمۇ شۇ چولپانلارنى كۆرۈپتىمەن(راست ،خۇدا ھەققى)،(لىكىن چۈش بولغاندىكىن بەكلا قالايمىقان بولىدىكەن. )مۇسابىقىدىن كىيىن  نىيمار،لۇكاس سېلۋا(شۇغۇ دەيمەن)،رونالدو،يەنە بىر مۇنچە توپچىلارمۇ بار(تازا تۇنىيالمىدىم)،بىزنىڭ مەھەللىگە كىلىپتۇ،(بىزنىڭ ئىلگىرىكى باغ-ۋارانلىق مەھەللەمىش،ھەم توي بۇلىۋاتقانمىش)، شۇكۈن نىيمار بىلەن يەنە بىر توپچىنىڭ ئوخشاشلا تۇغۇلغان كۈنىكەنمىش،ئۇلار بىر-بىرىنى  قۇچاقلىشىپ تەبرىكلەپتۇمىش،رونالدومۇ نىيمار بىلەن يانپاشلىرىنى سۇقۇشتۇرۇپ تەبرىكلەپتۇ، ئارقىدىن مەن بېغىمىزدىكى نەشپۈتتىن2تال ئېلىپ(لىكىن مايماق سەت نەشپۈتكەن)،بىرنى  نىيمارغا بېرىپتىمەن،يەنە بىرنى رونالدوغا بېرىمەن دەپ قارىسام رونالدو پەقەتلا تاپالمىدىم،شۇنىڭ بىلەن نىيمار نەشپۈتنى يەپلا بەك تېتىپ كېتىپتۇ، مەن نەشپۈت دەرىخىنى كۆرسۈتۈپ  قويسام ھەممىسى يۇپۇرلۇپ بېرىپ نەشپۈت دەرىخىگە ئېسىلىشىپ،ھەدەپ نەشپۈتنى ئۈزگىلى تۇرۇپتۇ........ئاخىرىنى ئويلاپ  نىمە بولغىنى بىلەلمىدىم.  قانداق سەل غەلىتە،بىمەنە بولسىمۇ،ئۆزۈمنىڭ راست قىلغان خىيالى ھەم راست كۆرگەن چۈشى بولغاندىكىن ،يامان چۈش بولمىغاندىكىن سىلەرگە ئېيتىپ بەردىم، ئەيىپكە بۇرىمىغايسىلەر.  ئەتىگەندە قۇپۇپلا  چۈشۈمنى ئويلاپ، تازا كۈلۈپتىمەن ئىچىمدە، ھەم مۇنبەرگە ۋاقتىدا بىر يوللاپ باقمايمۇ دەپ،مانا ئەمدى ئاران  يوللىيالىدىم.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-15 11:14

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش