ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 891 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا isyanqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-11 06:15
ئۈرۈمچى ۋاقتى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى سەھەر سائەت 01:45 تە 2014-2015-يىللىق ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ 8/1 تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسىدە ئىسپانىيە زەردارى خانلىق مادىرىد كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا گېرمانىيە كۈچلۈك كوماندىسى شالىك 04 كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقە ناھايتى كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى. شالىك 04 كوماندىسى كۈچلۈك ھۇجۇم بىلەن مادرىد كوماندىسىغا بېسىم قىلدى. ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىنىڭ 20-مىنۇتىدا شالىك كوماندىسى بىر توپ ئۇردى. 30 مىنۇت بولغاندا رونالدو بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. 40 مىنۇت بولغاندا شالىك كوماندىسىدىن خونتىللار بىر توپ ئۇرۇپ يەنە ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. 45 مىنۇت بولغاندا مادىرىد كوماندىسىدىن رونالدو ئىككىنچى توپىنى ئۇرۇپ نەتىجىنى يەنە بىر قېتىم تەڭلەشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە ئاياقلاشتى. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقىدە 52 مىنۇت بولغاندا بېنزىما چىرايلىق بىر توپ ئۇرۇپ مادرىد كوماندىسى ئۈستۈنلۈككە چىقتى. يەنە 5 مىنۇتتىن كىيىن شالىك كوماندىسى بىر توپ قايتۇرۋېلىپ، نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۋالدى. مۇسابىقە 84 مىنۇت بولغاندا خونتىللار يەنە بىر توپ ئۇرۇپ مادرىد كوماندىسىنى 3 كە قارشى 4 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلدى. ئومۇمىي نەتىجىدە بولسا مادىرىد كوماندىسى 5-4 نەتىجە بىلەن 8 كۈچلۈككە كىردى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مادرىد كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى بولۇپمۇ مۇداپىئەسى ياخشى بولمىدى. شالىك 04 كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى بولسا ئۆز مەيدانىدا ئوينىغان مۇسابىقىسىگە قارىغاندا ئالاھىدە ياخشى بولدى.
ئۈرۈمچى ۋاقتى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى سەھەر سائەت 01:45 تە 2014-2015-يىللىق ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ 8/1 تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسىدە پورتىگالىيە پورتۇ كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا شۋېتسارىيە باسېل كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. مۇسابىقە باشلىنىپ 14 مىنۇت بولغاندا پورتۇ كوماندىسىنىڭ ئافىرىقا پۇتبول ئەپەندىسى بولغان توپچىسى بىراھمى ئىختىيارى توپ ئۇرۇپ دەسلەپ قىلدى ھەم مۇشۇ نەتىجە بىلەن ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە ئاياقلاشتى. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 47 مىنۇت بولغاندا ھېرىرا بىر توپ ئۇردى. 56 مىنۇت بولغاندا مادرىدتىن ئىجارە شەكىلدە پورتۇغا قۇشۇلغان كاسمىرو بىر توپ ئۇرۇپ نۇمۇر پەرقىنى چوڭايىتتى. 76 مىنۇت بولغاندا ئابدۇبەكىر بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 4-0 قىلىپ ئۆزگەرتتى. ئومۇمىي نەتىجىدە پورتۇ كوماندىسى 5-1 نەتىجە بىلەن 8 كۈچلۈك قاتارىغا كىردى.
|
|