ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2534 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tagderem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-11 13:45
شاللاش مۇسابىقىسى دىگەن مۇشۇنداق قىززىغىنى ياخشى ، مادىرىتنىڭ ئۇتتۇرغىنى ئاندىن بەكرەك . چۈنكى ۋەزىيەت ئۆزىمىزگە پايدىلىق شارائىتلاردىكى ۋاقىتتا ‹‹ يارا ئىغىز ئالسا ›› بۇ كىيىنلىك باسقۇچلار ئۈچۈن مەنپەئەت قىلسا قىلىدۇكى زىيان قىلمايدۇ .
نەچچە كۈننىڭ ياقى ئوبدانلا ھاردۇق يىتىپ قاپىتكەن ، تېرىنىرنىڭ مەيدانغا چىقارغانلارنىڭ تىزىملىكىنى كۆرۈپ شالىكىنىڭ بوناۋۇدا ياخشى ئويناپ كىتىدىغانلىقا ئابايلا كۆزۈم يەتكەن .ئانچە مۇنچە كۆزۈم ئىلىنىپمۇ كەتتى نەچچە ، چۈشەندۈرگىچىنىڭ ۋارقىرىشىدا ئويغانغان بولسىمۇ مادىرىتتىن ئەنسىرەپ كەتمىدىم ، ئاخىرقى ۋاقىتلاردىمۇ شۇ .
‹‹ توشقانمۇ جان ئاچچىقىدا ئادەم چىشلەيدۇ ›› دىگەن گەپ بار ، ئاخشامقى شالىك ، نەچچە يىل ئاۋۋالقى لىۋىرپۇل ، ئۇزغانلىقتا ئون ئادىمى بىلەن قىلىپ ھۇجۇمنى قار يامغۇر قىلۋەتكەن مانچىستىر ... شۇ ۋاقىتتىكى بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇلارنىڭ جۈملىسىدىن . مەيداندا كۈرەش قىلىشتىن ‹‹ جان تىكىش ›› تىن باشقا ھىچقانداق تاللاش يوق ... چۈنكى بۇ پۇرسەت يەنە بىر يىلدىن كىيىن ئاران كىلىدۇ . غەلبە قىلىش نىسبىتىڭ ئازراق ، لىكىن ھۆرمەتكە ئالقىشقا ئىرىشىسەن .
شالىك ئاشۇ ھۆرمەتكە ئىرىشتى ، شۇنىڭ ئۆزى يىتەرلىك . |
|