ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 6436 |
تۆھپىسى: سەر |
|
مىللىى ھىسيات ئۇرغۇپ تۇردغان پارتىزانلارچە يازما 
ئىككىمىزنىڭ مىللى قارشى ئازراق ئوخشاپ قالسىمۇ خەلىقئارا ئۇقۇمغا بولغان كۆز قارشىمىز ئاسمان زىمىن پەرىق قىلدىكەن
مىنىڭ نەزرىمدىكى خەلىقئارا پۇتبول مۇسابىقسى پەقەت ئېككى تەرەپتىن ساق سالامەت 11 دىن ئادەم يەنە زاپاسقا 3 تىن ئوشۇق ئەزا يەنە بىر ھۇشاۋۇر
ماددى بۇيۇملاردىن ئۆلچەملىك پۇتبول مەيدانى بىلەن ئۆلچەملىك تەنتەربىيە كىيىمى يەنە بىر ئادېل رىپىر
ئېككى تەرەپ چۇقۇم ئوخشىمىغان ئېككى دۆلەتكە ۋەكىل بولشى ئۇ ۋەكىللەرنى ھەر ئېككى دۆلەت خەلقى ئۆزنىڭ ۋەكىلى دەپ بىلشى
مۇسابىقىدىن بۇرۇن دەپدەبىلىك دۆلەت شېرى مانا بۇ مىنىڭ نەزرىمدىكى خەلىق ئارا پۇتبول مۇسابىقسى
مەن ھەتتە ئېككى دۆلەت زۇڭتۇڭلىرى باشلاپ كەلگەن زال ئېچى پۇتبولچىلىرى ئۇينىغان مۇسابىقىنىمۇ خەلىق ئارالىق دەپ بىلمەيمەن مانا بۇ مەن
بىز مۇنازىرە قىلۋاتقان ئېكساق روھى بىز ئۈچۈن غەپلەت ئۇيقۇسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس بۇنى تارىخ ئېسپاتلاپ بولدى
ئاردىن 100 يېل ئۆتتى 100 يېل جەريانىدا شېۋېتلار بىلەن ئېنگىلىسلار پۇتبول تەرىققىياتىنى نىمە قىلۋەتتى بىز چۇ؟
شۇ ۋاقىتلاردا بىز ئاكا دىگۇزۋەتكەنلەرنىڭ چەۋرىسى بولمىش رۇنى بىلەن ئېبرايىم تۆگنىڭ ھازىرقى ھالىتى بىلەن بىز چوڭ كۆرۋاتقان ئۇيغۇر توپچىلىرىنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى قاچانغىچە رىيالىقنى ئىتىراپ قىلمايمىز؟
ئەگەر ئاشۇ 90 يېل بۇرۇن ئوينىغان ئاشۇ دوسلۇق مۇسابىقسىنى خەلىقئارالىق مۇسابىقە دەپ بىلسەك بىز تولىمۇ ئەخمەقلىق قىلغان بولمىز
ئۇ ئېشلار ئۆتتى كەتتى بولدى تۈگدى تۈنگۈننى ئۇنتۇپ بۇگۈن تىرشىپ ئەتە ئۈچۈن ئۇل سالايلى
بىز تالاش تارتىش قىلۋاتقان ئېكساك روھى بەزى بىر يۇرتۋاز خائېن يازغۇچىلارنىڭ قەلمى بىلەن ئاللا بۇرۇن بۇرمىلنىپ كەتتى
قارشى تەرەپ ئۆتۈك كىيۋالغان بزنىڭ باللار يالاڭ ئاياق توۋا
ئاشۇ مۇسابىقە ئۇينالغان ئۇرۇن ھازىرقى كۆك ئېرىق ھويلا مەكتىۋىنىڭ ئورنى بولۇپ شۇ چاغلاردا بىر دېھقاننىڭ بىدىلىگى ئېكەنتۇق 5 ئايدىكى بىدىنى ئورۇپلا شۇ يەردە مۇسابىقە ئويناپتۇ توۋا ئورۋەتكەن بىدىنىڭ كۆتكىگە يالاڭ ئاياق دەسسىگىلى بولامدا ؟
ئېنگىلىسلارنىڭ نىمە ئۈچۇن قەشقەرگە كۇنسۇلخانا قۇرغىنى تارىخ ئوقىغانلار ياخشى بىلدۇ ئۇلار يەرلىك بىلەن ئاساسەن ياخشى ئۆتكەن
شېۋېتلارمۇ دوختۇرخانا ئېچىش نامى بىلەن دىن تارقىتىپ بارچە ئامال بلەن يەرلىكنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشقا ئۇرۇنغان
ئەقلى بار ئادەم ھىلقى يازمىدىكى ياۋايلار تەربىسىزلەر دىگەن تىل ئاقارەتنىڭ ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن چىققىنىغا ئېشەنمەيدۇ
بۇ پەقەت ئاتالمىش ۋەتەنپەرۋەر قارا قۇساق يازغۇچىلارنىڭ شۇ ۋەقەىلكنى ئەپسانىۋىلاشتۇرۇش ئۇچۈن توقۇپ چىققان دەرجىدىن تاشقىرى قۇشۇمچە ھىكايسى خالاس
ئۇنداق ۋەقەلىكلەر ئەمدى بىزنى بىخۇتلاشتۇرمۇسۇن
بۇنداق خەلىق ئارالىق مۇسابىقلەر قەشقەردە تولا نەچچە يىل بۇرۇن ئاتۇشتا ئۆتكۇزۇلگەن ئېزچىلار تەكلىپلىك پۇتبول مۇسابىقسى
بۇ مۇسابىقىدە قىىرغىزلار بىزنى قارتىپ قويۇپ چوڭ پەرىق بىلەن بىز ئۇيغۇرلارنى ئۇتۇپ قايتقان بۇمۇ خەلىق ئارالىق مۇسابىقىما؟
2000- يىلى قەشقەر سۇ مەكتەپنىڭ باللىرى قەشقەر سەمەن مىھمانخاسىدىكى بىر تەرجىمان بالىنىڭ تەكلىۋى بلەن قەشقەردە تىجارەت قىلۋاتقان پاكىستانلىق تىجارەتچى باللار بىلەن مۇسابىقە ئۇيناپ 2-1 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۋەتكەن بۇمۇ خەلىق ئارا مۇسابىقە بولامدا؟
شۇ يىلى يازدا قەشقەر 1- ئوتىرا مەكتەپ مەيدانىدا قەشقەردىكى بىر قىسىم تىجارەتچى باللار بىلەن پاكىستانلىق تىجارەتچىلەر مۇسابىقە ئويناپ 9-1 نەتىجە بىلەن قەشقەر باللىرى ئۇتتۇرۋەتكەن مەنمۇ شۇلارنىڭ قاتارىدا ئېدىم شۇمۇ خەلىق ئارا مۇسابىقە بولامدا رىياللىققا قايتايلى يىگىتلەر
خەلىق ئارالىق مۇسابىقە ئۇقۇمۇنى بۇنداق ھىسيات بىلەن ئاددىلاشتۇرۋالمايلى |
|