elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1329|ئىنكاس: 95

مەھمۇدىيەكامغا جاۋاب

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-6 19:06  

سالام، مەھمۇدىيەكا ئاكا، ئۇزۇن بولدى يوقاپ كەتتىڭىز... سىزنىڭ «پۇتبول ئىشقىدا يانغان يۈرەكلەرئېكساق vs ئەنگلىيە» دىكى ئىنكاسىڭىزغا سىستېمىلىق جاۋاب بېرىشنى لايىق تاپتىم.
  مېنىڭ سىزنىڭ ئىنكاسىڭىز ۋە بۇ يازمىغا بولغان پىكىرىم تۆۋەندىكىچە:
  بۇ مۇسابىقىنى مۇنبەردىشىمىز بۇغرا ئوغلىنىڭ 9- ئاينىڭ 9 - كۈنى مۇنبىرىمىزدە ئېلان قىلغان "ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىدىكى ئەڭ ۋە تۇنجى" دېگەن تېمىسىدا مەن ئوتتۇرىغا قويغان. مۇنبەردىشىمىز خۇشخۇي بىلەن ئىككىمىز مۇشۇ ھەقتە خېلى ئوبدانلا مۇنازىرلەشكەنىدۇق. مەن تۆۋەندە ئۈچ نۇقتىدىن چۈشەندۈرىمەن:

1. بۇ مۇسابىقە پەقەت ئەل ئىچى ئۇيغۇرلارلا ئۆزى دەۋالغان نەرسە ئەمەس. ماۋۇ مۇھىم نۇقتا. مەن ئاشۇ يازمىدىمۇ ئېيتقان، 2010 - يىلى 7 - ئايدا ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ تەنتەربىيە خىزمىتى يىغىنىدا ئاپتونوم رايوننىڭ سابىق رەئىسى نۇر بەكرى ئالدى بىلەن يۇقىرىقى ئىككى مەيدان مۇسابىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاشۇ مۇسابىقىلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ تەنتەربىيە بولۇپمۇ پۇتبولنىڭ ھەقىقىي ماكانى  ئىكەنلىكىگە قەيت قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا مىجىت ناسىر قاتارلىق رەھبەرلەر ھەرخىل يازمىلىرىدا، خالىدە ئىسرائىلغا ئوخشاش يازغۇچىلار بەدىئىي ئەسەرلىرىدە بۇ مۇسابىقىلەرنى ھەرخىل يوللاردا شەرھىيلىگەن. تېخى يېقىندىلا «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» مىزنىڭ 2014 – يىلى 12 – ئاينىڭ 19 – كۈنىدىكى خەنزۇچە سانىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئورۇنلاشتۇرغان «شىنجاڭنىڭ زامانىۋىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى» سەھىپىسىدىمۇ مۇشۇ ھەقتىمۇ ئايرىم توختىلىپ ئاتۇش، قەشقەر پۇتبولچىلىقىنىڭ تارىخىغا ۋە مۇشۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئەھمىيىتىگە يۈكسەك باھا بېرىلگەن. دېمەك، بۇ مۇسابىقىنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكى، چەت ئەللىكلەرنىڭ يېڭىلگەنلىكى ھەقىقىي پاكىت، يەنە كېلىپ بۇ بىز ئۇيغۇرلارلا ئەمەس ھەر مىللەت خەلق ئېتراپ قىىلغان پاكىت. بۇ بىرىنچى نۇقتا.

1.jpg

2. خەلقئارا دېگەن گەپنىڭ مەنىسى. 国际 دېگەن گەپ ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق دۆلەت ۋە شۇ دۆلەتتىكى خەلقنىڭ مۇناسىۋىتى دېگەن گەپ. نۇرغۇنلىرىمىز خەلقئارا دېسە دەرھال ئوبامانى، پۇتىننى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى كەلتۈرىمىز. بۇ ئۆزىمىزدىكى خاتالىق. ئەمەلىيەتتە، مۇنبىرىمىزدىكى 20 - 30 كىشى ئىسپانىيەدىكى ئوخشاش مۇنبەردىكى 20 - 30 كىشى بىلەن دوستلۇق ئورنىتىپ، ئۇلار بىلەن باردى - كەلدى قىلساق بۇنىمۇ خەلقئارالىق دوستلۇق دەيمىز، يەنى دۆلەت ھالقىغان دوستلۇق دېگەن گەپ بولدى. ئەنگىلىيە ۋە شېۋىتسىيەدىن قىتئە ئاتلاپ كەلگەن كىشلەر كونسۇل ۋە دىن تارقاتقۇچىلار، دېمەك قانۇنلۇق كىشىلەر. خەلقىمىزمۇ قانۇنلۇق جۇڭگو پۇقراسى، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت خەلقئارالىق مۇناسىۋەت، ئوينىغان مۇسابىقىسى خەلقئارالىق مۇسابىقە بولماي، شەھەرلىك مۇسابىقە بولامدىكەن؟ ئەنگىلىيە بىلەن شېۋىتسىيە ئەزەلدىن بىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىمز ئەمەستۇ؟؟ خەلقئارالىق مۇسابىقە دېسە ھەممىسى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان، 40 - 50 تېلېكامېرادا سۈرەتكە ئېلىنىدىغان، 20 - 30 مىڭ تاماشىبىن كۆرىدىغان، چولپانلارلا ئوينايدىغان مۇسابىقە بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە 90 يىل مۇقەددەم ئەنگىلىيە ۋە شېۋىتسىيە دۆلەت كوماندىلىرى ئەمدىلەتىن قۇرۇلۇۋاتقان، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى چاپىقىنى ئۇۋلاۋاتقان، دۇنيا لوڭقىسى قاتارلىق خەلقئارالىق مۇسابىقىلەر تېخى روياپقا چىقمىغان بولۇپ، ئىككى - ئۈچ ئەل خەلقىنىڭ بىر يەرگە يىغىلىپ مۇسابىقە ئوينىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى.
   ئاددىي مىسال: مەن ئامېرىكىدىكى مەلۇم بىر تازىلىق ئىشچىسىغا تېلېفون قىلسام خەلقئارالىق تېلېفوندا سۆزلەشكەن  بولىمەندە، مىنۇتىغا 2.4 يۈەندىن تۆلەۋېرىمەن. ھەرگىز زۇڭتۇڭ ئوباماغا ئۇرمىغان سەۋەبلىك خەلقئارالىق تېلېفون ھېسابلانماي قالمايمەن. ھەتتا كەشمىردىكى باندىتقا تېلېفون ئۇرۇلسىمۇ ئۇ ئوخشاشلا خەلقئارالىق يەنى دۆلەت ئاتلىغان تېلېفون ھېسابلىنىدۇ. خەلقئارانى بەك مۇرەككەپ، غايەت زور نەرسە دەپ ھېسابلىۋالمايلى.


  3. ھېلىقى سېرىق چاچنىڭ تەن ئالماسلىق مەسلىسى. ئەمەلىيەتتە، ئاشۇ كىشىنىڭ سۆزلىرىگە رەددىيە بېرىشىمنىڭ قىلچىمۇ زۆرۈرىيىتى يوق ئىدى، ئەرزىمەيتتى، ئەمما مۇنازىرە بولغانىكەن دېيىشنى لايىق تاپتىم. ئاۋۋال شۇنى سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ: ئاشۇ سېرىق چاچ پۇتبولنى چۈشىنەمدۇ - چۈشەنمەمدۇ؟؟  پۇتبول دېگەن بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپنى زورلاپ مەيدانغا چۈشۈرىدىغان نەرسە ئەمەس. مۇسابىقىگە بىزنى تەكلىپ قىلغىنى دەل شۇلار، شۇلارنىڭ ھاكاۋۇرلىقى، خەلقىمىزنى مەنسىتمەسلىكى!!! بىز ئۇلارنى تەكلىپ قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار :" كىچىك بالىلار ۋە ئاياللاردىن تەشكىل تاپقان كوماندىمىز سىلەرنىڭ قوپال، يېگەن - ئىچكەندەك ئادەملىرىڭلار بىلەن ئوينىيالمايدۇ، پۇتبول دېگەندە ئەرلەر بىلەن ئەرلەر، ئاياللار بىلەن ئاياللار ئوينايدۇ، ئاز - تولا ياش پەرقى دېگەن نەرسىمۇ بار" دېيىشى كېرەك ئىدىغۇ، بۇ ئەقەللىي ساۋات ئىدىغۇ!!!  
   ھە بۇنىڭغىمۇ بوپتۇ دەيلى. ئىككى تەرەپ ئاشۇنداق ئوينىغانمۇ بولسۇن. مۇسابىقە باشلانغاندىن كېيىن مەيداندا چوڭ - كىچىك، ئەر - ئايال دېمەيمىز. چەت ئەللىكلەر شۇلارنى مەيدانغا چىقارغاندىن كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ شورى. ھەقىچان بىز يول قويۇپ، ئۇلارغا يېڭىلىپ بەرگەن بولساق، ئۇلارمۇ ئاياللار بىلەن بالىلارغا يېڭىلدى، دەپ چاۋىمىزنى چىتقا يايار بولغىيدى. يەنە كېلىپ ئادەملىرى يېقىلىپ، بىز ئەسكىلىك قىلغان بولساق مۇسابىقىنى توختاتسىلا بولمىدىمۇ؟؟ ئۇنچىلىك ھوقۇقىمۇ باردۇ ئۇلارنىڭ، يەنە كېلىپ ئۇلارنى شۇ چاغدىكى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋاي غوجام دەۋاتسا!!! مۇسابىقىدە قارشى تەرەپ يول قويامدۇ، قويمامدۇ، زاپاس ئادىمىنى سالامدۇ، خۇش ياققاندەك ئوينامدۇ - ئوينىمامدۇ ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشى، ئۇ بىز ھەل قىلىدىغان مەسىلە ئەمەس. ئالدىنقى كۈنلەردىكى رېئال مادرىدنىڭ مىلانغا ئۇتتۇرۋەتكەن مۇسابىقىسىدىن كېيىنكى ئاساسلىق زىددىيەتمۇ شۇ: بىر تەرەپ بىز كۈچىمىدۇق، زاپاس ئەزانى سالدۇق دەيدۇ، يەنە بىر تەرەپ مەن سېنى زاپاس ئەزالىرىڭنى سال، ماڭا يول قوي دېدىممۇ؟ بىڭسىڭ بولساڭ زاپاس بىلەنمۇ ئۇتمامسەن دەيدۇ. دېمەك، مەيلى قانداق ئۇتتۇرسۇن، ئۇتتۇرغانلىقىغا تەن بەرسىلا بولدى، باشقا گەپ ئارتۇقچە. پۇتبولنى نورمال چۈشىندىغان ئىنسان «ئۆزەڭنى ئەر چاغلىساڭ، ئۆزگىنى شىر چاغلا» دېگەننى ئوبدان بىلىدۇ، مۇسابىقىدىن كېيىن ھەرگىز  باھانە - سەۋەب ئىزدەپ ئۆزىنى چۈشەرمەيدۇ. يېڭىلسا جان كەتمەيدۇ، يەڭگەنگە بىز ئۇيغۇرلارغا دۇنيا لوڭقىسى بېرىلمىدى، ئەنگىلىيە بىلەن شېۋىتسىيەنىڭ پۇتبولى يوقاپ كەتمىدى، ھازىرمۇ كۆزىمىزدىن ئوت چىقىرىۋاتىدۇ.
     يەنە بىرى، چەت ئەللىك بولسىلا ئۇنىڭ توغرا بولىدىغان ئىش يوق. ئۇ بىزنى ماختىغانغا ياخشى، بىزنى مەنسىتمىگەنگە ئەسكى بولۇپ قالمايدۇ. ئۇنىڭ پۇتبولنىڭ ماھىيىتىنى، پۇتبولنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ساۋاتىنىمۇ بىلمەي تۇرۇپ، تارىخنى بۇرمىلاشقا ئۇرۇنۇشى ئۇنىڭ ساپاسىنىڭ تولىمۇ تۆۋەنلىكىگە شاھىت. ساپالىق كىشى مەغلۇبىيەتنى ئاقلىمايدۇ، بەلكى كېيىنكى غەلىبىسى بىلەن جاۋاب بېرىدۇ. يەنە كېلىپ شېۋىتسىيە ۋە ئەنگىلىيەلىكلەرنىڭ قەشقەردە قىلغان ئەسكىلىكلىرى، نۇرغۇن قىممەتلىك مىراسلىرىمىزنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەنلىكى ۋە كىشىلەرنى خىرىستىيان دىنىغا كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنغانلىقىدەك قىلمىشلىرىنى بىلىمىز، بىز ھېلىقى سېرىق چاچقا تېخى «مۇشۇ ئىشلىرىڭلاردىن نومۇس قىلمامسىلەر؟ ئۆزۈڭلارنى دېڭىزغا تاشلىۋالساڭلار بولمامدۇ؟ سىلەر سانائەت دۆلىتى تۇرۇپ نادان يېزا ئىگىلىك ئاھالىسىنى بوزەك قىلىشتىن ئۇيالماسىلەر؟» دېگەن سوئالنى قويمىدۇق. بىر مەيدان مۇسابىقىدىكى غەلىبىمىزدىن شادلانغىنىمىز نومۇسسىزلىق بولسا، ئۇنىڭ ئەجداتلىرىنىڭ قىلمىشىچۇ؟؟  گەپ دېگەننى ھېلىقى پەرەڭدەك دېسىلا ھېساب ئەمەس، پاكىت مۇھىم.
  
  يەكۈنۈم: 1927 - يىلىدىكى خەلقئارالىق مۇسابىقىدىكى غەلىبە، بىز بىلىدىغان ئەڭ بۇرۇنقى خەلقئارالىق مۇسابىقىدىكى غەلىبىمىز. بىز شۇ مەيدان مۇسابىقىدە خەقنى ئاكا دېگۈزۈپ يەڭگەن. ئۇلۇغ ۋەتىمىز ۋە دانا پارتىيەمىزمۇ بۇ نەتىجىنى ئېتراپ قىلغان، مۇئەييەنلەشتۈرگەن. بۇنىڭدىن قانداق پەخىرلەنسەك ئۇ ئۆزىمىزنىڭ قىممەت قارىشىمىزغا مۇناسىۋەتلىك. يەڭگەننى يەڭدۇق دەيمىز، يېڭىلگەننى يېڭىلدۇق دەيمىز. ياپونىيەمۇ تاھازىرغىچە يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەي يۈرمەمدۇ؟؟ بىزنىڭ يېڭىلگۈچىلەرگە يېڭىلگىنىنى چۈشەندۈرۈش ۋەزىپىمىز يوق.  


   تۆۋەندىكىلەرنى ئوقۇپ، كۆرۈپ بېقىڭلار.
  يانداشما نۇقتىلار: 2010 – يىلى 7 – ئايدا ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ تەنتەربىيە خىزمىتى يىغىنى ھەققىدىكى خەۋەر.


http://news.ts.cn/content/2010-08/04/content_5139217.htm

: مۇشۇ خەۋەردىكى پارچە  于7月下旬召开的新疆体育工作座谈会上,自治区党委副书记、自治区主席努尔•白克力在讲话中,不吝笔墨用了两页纸的篇幅谈到新疆足球的发展问题。他说,足球被誉为世界第一运动,足球运动在新疆有着非常广泛的群众基础,各少数民族对足球运动有着特殊的爱好。上世纪20年代,由现代足球发展较好的新疆阿图什市依克萨克村民组成的足球队,曾打败过英国当时驻喀什领事馆员组成的足球队,成为轰动一时的佳话。

  گېزىتىمىزگە بېرىلگەن بەتنىڭ ئادرىسى:
西域周末班02版 دېگەننى تاللاڭلار...

http://epaper.xjjjb.com/xjjjb/20141219/index.htm

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 14مۇنبەر پۇلى +750 تۆھپە +51 شۆھرەت +31 تەجرىبە +20 يىغىش سەۋەبى
بەگزات + 50 + 1 + 1 قالتىس!
jasur316 + 50 قالتىس!
داۋىس + 50 قوللاش!
باقاۋۇل + 50 + 10 قالتىس!
tarimtogriki + 50 قالتىس!
نېھال11 + 50 قالتىس!
بېرنابۇ + 50 ئالامەت پىكىر
زەربىدار + 50 + 10 قالتىس!
XATKAR886 + 10 قالتىس!
بارچۇق + 100 + 10 + 10 + 10 قالتىس!
dilmurat. + 50 قوللاش!
تۈمەن + 50 + 10 قالتىس!
بوغدا + 100 + 10 + 10 + 10 ئوغۇل!
تۇمشۇق + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-6 13:01:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-6 17:12  

  بۇ تېمىنى يېزىشتىكى مەقسەت ئۆزىمىزنى قارىغۇلارچە ماختاش ئەمەس. مەن ئۇنداق تار مىللەتچىمۇ ئەمەس، بولۇپمۇ پۇتبولغا كەلگەندە مىللەت، دىن ۋە تېرىتورېيەگە چېقىلماسلىق بۇرۇندىن تارتىپ داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان مىزانىم. بۇنى بەلكىم نۇرغۇن مۇنبەردىشىمىز ھېس قىلغاندۇ.
  جۇڭگو مەيلى كىمنىڭ ياردىمىدە بولسۇن 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپونىيەنى يەڭگەن.  ياپونىيەنى يەڭگەننىڭ ئۆزى، ياپونىيەلىكلەرنىڭ تەسلىمنامە تاپشۇرغانلىقىنىڭ ئۆزى بۇنىڭ پولاتتەك دەلىلى. لېكىن، بىز ئۇنىڭغا ئاساسلىنىپلا ھازىرمۇ ياپونىيەدىن كۈچلۈك تۇرۇۋاتىمىز دېمىدۇق، ھەم دېيەلمەيمىز. يەنى، بىزنىڭ شۇ چاغدا ئەنگىلىيە، شېۋىتسىيەلىكلەرنى يەڭگەنلىكىمىز پاكىت، لېكىن بىز ھازىرمۇ ئەنگىلىيەدىن كۈچلۈك دېمىدۇق. ئەگەر شۇنداق دېسەك، ئاستا مۇنبەرنى تاقاپ، دوختۇرخانىغا بارغايمىز..
.  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-7 12:32:39 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كورتلار ۋادىسىدا مۇنداق بايانلار ئۇچرايدۇ، يەھۇدى بىلەن ئامىركىلىق ناسارانىڭ يەھۇدى بىز بۇلارنى تۈركلەرنى دىمەكچى قۇرئاندىن يىراقلاشتۇرىۋىتىش ئۈچۈن نۇرغۇن كۈچ سەرىپ قىلدۇق لىكىن سىلەر بۇنىڭدا ۋەدە بەردىڭلار دىگەندە ناسارا، شۇنداق بىز ۋەدە بەردۇق لىكىن كىتاب ئۇلارنىڭ ئەمەس بىزنىڭ تەپسىرىمىز بويىچە بولىدۇ دەيدىغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-6 21:57:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللىى  ھىسيات  ئۇرغۇپ  تۇردغان  پارتىزانلارچە  يازما  

ئىككىمىزنىڭ  مىللى  قارشى  ئازراق  ئوخشاپ  قالسىمۇ  خەلىقئارا  ئۇقۇمغا  بولغان  كۆز  قارشىمىز  ئاسمان زىمىن  پەرىق  قىلدىكەن

مىنىڭ  نەزرىمدىكى  خەلىقئارا  پۇتبول  مۇسابىقسى  پەقەت  ئېككى  تەرەپتىن  ساق سالامەت  11 دىن  ئادەم  يەنە  زاپاسقا  3  تىن ئوشۇق  ئەزا  يەنە  بىر  ھۇشاۋۇر
ماددى  بۇيۇملاردىن  ئۆلچەملىك  پۇتبول  مەيدانى  بىلەن  ئۆلچەملىك  تەنتەربىيە  كىيىمى   يەنە  بىر  ئادېل  رىپىر
  ئېككى  تەرەپ  چۇقۇم ئوخشىمىغان  ئېككى  دۆلەتكە  ۋەكىل  بولشى  ئۇ  ۋەكىللەرنى  ھەر  ئېككى  دۆلەت خەلقى  ئۆزنىڭ  ۋەكىلى  دەپ  بىلشى
مۇسابىقىدىن  بۇرۇن  دەپدەبىلىك  دۆلەت  شېرى  مانا  بۇ  مىنىڭ  نەزرىمدىكى  خەلىق ئارا پۇتبول  مۇسابىقسى
مەن  ھەتتە  ئېككى  دۆلەت  زۇڭتۇڭلىرى  باشلاپ  كەلگەن  زال  ئېچى پۇتبولچىلىرى  ئۇينىغان  مۇسابىقىنىمۇ  خەلىق  ئارالىق  دەپ  بىلمەيمەن   مانا  بۇ  مەن
بىز  مۇنازىرە  قىلۋاتقان  ئېكساق  روھى  بىز  ئۈچۈن   غەپلەت  ئۇيقۇسىدىن  باشقا  نەرسە  ئەمەس   بۇنى  تارىخ ئېسپاتلاپ  بولدى
ئاردىن  100  يېل  ئۆتتى   100 يېل  جەريانىدا شېۋېتلار  بىلەن  ئېنگىلىسلار  پۇتبول  تەرىققىياتىنى نىمە  قىلۋەتتى  بىز  چۇ؟
شۇ  ۋاقىتلاردا  بىز  ئاكا  دىگۇزۋەتكەنلەرنىڭ  چەۋرىسى  بولمىش  رۇنى  بىلەن  ئېبرايىم  تۆگنىڭ  ھازىرقى ھالىتى  بىلەن  بىز  چوڭ  كۆرۋاتقان  ئۇيغۇر  توپچىلىرىنى  سېلىشتۇرۇپ  باقايلى  قاچانغىچە  رىيالىقنى  ئىتىراپ  قىلمايمىز؟
ئەگەر  ئاشۇ  90  يېل  بۇرۇن  ئوينىغان ئاشۇ  دوسلۇق  مۇسابىقسىنى  خەلىقئارالىق  مۇسابىقە  دەپ  بىلسەك  بىز  تولىمۇ  ئەخمەقلىق  قىلغان  بولمىز

ئۇ  ئېشلار  ئۆتتى  كەتتى  بولدى  تۈگدى   تۈنگۈننى  ئۇنتۇپ  بۇگۈن  تىرشىپ  ئەتە  ئۈچۈن  ئۇل  سالايلى
بىز  تالاش  تارتىش  قىلۋاتقان  ئېكساك  روھى  بەزى  بىر  يۇرتۋاز خائېن  يازغۇچىلارنىڭ  قەلمى  بىلەن  ئاللا  بۇرۇن بۇرمىلنىپ كەتتى
قارشى  تەرەپ  ئۆتۈك  كىيۋالغان  بزنىڭ  باللار  يالاڭ  ئاياق  توۋا
ئاشۇ  مۇسابىقە  ئۇينالغان  ئۇرۇن  ھازىرقى  كۆك ئېرىق  ھويلا  مەكتىۋىنىڭ  ئورنى  بولۇپ  شۇ  چاغلاردا  بىر  دېھقاننىڭ  بىدىلىگى  ئېكەنتۇق   5  ئايدىكى  بىدىنى  ئورۇپلا  شۇ  يەردە  مۇسابىقە  ئويناپتۇ  توۋا  ئورۋەتكەن  بىدىنىڭ  كۆتكىگە  يالاڭ  ئاياق  دەسسىگىلى  بولامدا  ؟
ئېنگىلىسلارنىڭ  نىمە  ئۈچۇن  قەشقەرگە  كۇنسۇلخانا  قۇرغىنى  تارىخ ئوقىغانلار  ياخشى  بىلدۇ  ئۇلار  يەرلىك  بىلەن  ئاساسەن  ياخشى  ئۆتكەن
شېۋېتلارمۇ  دوختۇرخانا  ئېچىش  نامى  بىلەن  دىن  تارقىتىپ  بارچە  ئامال  بلەن  يەرلىكنىڭ  كۆڭلىنى  ئۇتۇشقا  ئۇرۇنغان
ئەقلى  بار  ئادەم  ھىلقى  يازمىدىكى ياۋايلار  تەربىسىزلەر  دىگەن  تىل ئاقارەتنىڭ  ئۇلارنىڭ  ئاغزىدىن  چىققىنىغا  ئېشەنمەيدۇ  
بۇ  پەقەت  ئاتالمىش  ۋەتەنپەرۋەر  قارا  قۇساق  يازغۇچىلارنىڭ  شۇ  ۋەقەىلكنى  ئەپسانىۋىلاشتۇرۇش  ئۇچۈن  توقۇپ  چىققان   دەرجىدىن  تاشقىرى  قۇشۇمچە ھىكايسى  خالاس
ئۇنداق  ۋەقەلىكلەر  ئەمدى  بىزنى  بىخۇتلاشتۇرمۇسۇن
بۇنداق  خەلىق  ئارالىق  مۇسابىقلەر  قەشقەردە  تولا   نەچچە  يىل  بۇرۇن  ئاتۇشتا  ئۆتكۇزۇلگەن  ئېزچىلار  تەكلىپلىك  پۇتبول  مۇسابىقسى
بۇ  مۇسابىقىدە  قىىرغىزلار  بىزنى  قارتىپ  قويۇپ  چوڭ  پەرىق  بىلەن  بىز  ئۇيغۇرلارنى  ئۇتۇپ   قايتقان  بۇمۇ  خەلىق  ئارالىق  مۇسابىقىما؟
2000-  يىلى  قەشقەر  سۇ مەكتەپنىڭ  باللىرى قەشقەر  سەمەن  مىھمانخاسىدىكى  بىر  تەرجىمان  بالىنىڭ  تەكلىۋى  بلەن قەشقەردە  تىجارەت  قىلۋاتقان  پاكىستانلىق تىجارەتچى  باللار  بىلەن  مۇسابىقە  ئۇيناپ  2-1  نەتىجە  بىلەن  ئۇتتۇرۋەتكەن  بۇمۇ  خەلىق  ئارا  مۇسابىقە  بولامدا؟
شۇ  يىلى  يازدا  قەشقەر  1- ئوتىرا  مەكتەپ  مەيدانىدا  قەشقەردىكى  بىر  قىسىم  تىجارەتچى  باللار  بىلەن  پاكىستانلىق  تىجارەتچىلەر مۇسابىقە  ئويناپ  9-1 نەتىجە  بىلەن  قەشقەر  باللىرى  ئۇتتۇرۋەتكەن  مەنمۇ  شۇلارنىڭ  قاتارىدا  ئېدىم  شۇمۇ  خەلىق  ئارا  مۇسابىقە  بولامدا   رىياللىققا  قايتايلى  يىگىتلەر
خەلىق  ئارالىق  مۇسابىقە   ئۇقۇمۇنى  بۇنداق  ھىسيات  بىلەن  ئاددىلاشتۇرۋالمايلى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-6 15:51:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باقاۋۇل يوللىغان ۋاقتى  2015-1-6 15:01
ناھايىتتى ئەتىراپلىق شەرھىلەپسىز ، قەلىمىڭىزگە دەرىت  ...


رەھمەت...
  مانا، ئۆزۈم تىپىك قەشقەر يىگىتى تۇرۇپ، يەكەننىڭ دوپپىسىنى كىيگەنلىكىم مېنىڭ يۇرت ۋە تار مىللەتچىلىك ئىدىيەسىدىن خېلىلا ئازاد ئىكەنلىكىمنىڭ ئىپادىسى...
  ئاۋۇ سۈرەت توي كۈنۈم تارتىلغان. تۇرپانغا قىزنى يۆتكىگىلى بارغاندىكى سۈرىتىم...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-6 13:00:25 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇشبۇ تېما سەۋەپلىك نۇرغۇن بىلىملەرنى بىلىۋالدۇق…ئەمەلىيەتتە مەنمۇ تۇنۇگۇنكى تېمىغا چۇشكەن ئىنكاسلارنى كۇرۇپ ئابلەتكامنىڭ ئىنكاس يېزىپ چۇشەندۇرۇشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلغانىدىم، ئويلىغىنىمدەك بۇگۇن ناھايىتى ئەتراپلىق يېزىلغان بىر تېمىغا ئنكاس يېزىپتىمەن. رەھمەت سىزگە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-6 12:27:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ئەسلىدە بۇرۇنلا خەلىقئارا مۇسابىقىلەرگە قاتناشقىدەك سەۋىيىمىز بارتتى لىكىنزە ھەي ............................!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-6 12:30:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍ورۇنلۇق چۈشەندۈرۈشلەر بوپتۇ. شەخىس كوللىكتىپتىن ئ‍ايرىلغاندىن كېيىن كوللىكتىپقا ۋەكىل بولمايمەن دېسىمۇ ۋەكىل بوپ قالدىغان ئ‍ىشكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-6 12:35:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس چۈشەندۈرۈپسىز، مەنمۇ مۇشۇ نوقتىنى تا ھازىرغىچە ئايدۇڭلاشتۇرۋالمىغان.  ئۆز غەلبىمىزنى قانچىلىك مەدھىيلىسەك ئەرزىيدۇ.  ئۆتمۈشتە چوڭلىرىمىز ئۇلارنى ھەسرەتتە قالدۇرغان بولسا، پات يىقىندا ئىنىلىرىمىزنىڭ يەنە دۇنياغا تولۇپ ئۆتمۈشنى تەكرارلايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-6 12:48:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا دەيسىز چەت ئەل دىسە ئامرىكىنى يادىمىزغا ئالغاندەكلا ھە....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-6 12:48:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۇمشۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-6 12:53  

ئابلەتجاننىڭ يازمىللىرىغا قايىلمەن ، تىمىسىدىن تارتىپ ئىنكاسلىرىغىچە ھەر بىر مەزمۇننى ھەر خىل ئەمەلى مىساللارنى ئېلىپ تۇرۇپ چۈشىنىشلىك پاكىتلار بىلەن يۇرۇتۇپ بىرىدۇ . قالتىس

لىكىنزە ئاشۇنداق باشقا مىللەتلەر بىلەن بىرەر مەسلە ئۈستىدە دىيىشىپ قالغاندا بىز تۇلىراق قىيلىنىپ كىتىمىز ، چۈنكى تىل قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن ئۈزىمىز دىمەكچى بولغان گەپلەرنى چۈشەندۈرەلمەي ، ئوتتۇرا قويماقچى بولغان پاكىتلارنى ئوتتۇرا قۇيالماي قىيلىنىپ كىتىمىز ، ئۇيغۇرچە سۆزلەيلى دىسەك ئۇلار بىلمەيدۇ ، ئۇلارنىڭ تىلىنى بىز چۈشىنىمىز لىكىن ئىپادىلەش ئىقتىدارىمىز تۇلىمۇ ئاجىز ، مۇشۇنداق سەۋەپلەر تۈپەيلى كۆپ قىسىم مۇنازىرىلەر بولسۇن ، ياكى ئاشۇنداق دىيىشىپ قالغان مەسلىلەر بولسۇن كۆپرەك بىز زىيان تارتىپ قىلىمىز ، ئۈزىمىز دىمەكچى بولغاننى ئىپادىلىيەلمەي قىيلىنىپ ئاچچىقلاپ كىتىدىغان ئىشلار چىقىدۇ ، شۇڭا باشقا تىللارنى پۇختىراق ئۈگىنىشمۇ بەكلا مۇھىم ئىشكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-6 12:56:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىنقى ( پۇتبول ئىشقىدا يانغان يۈرەكلەر) دىگەن تېمىدا مۇنبەردىشىمىز تۇتىيا ماڭا، خالىدە ئىسرائىلنىڭ مەشئەل كۆتۈرگەن كىشلەر دىگەن پوۋسىۋىتنى ئوقۇپ چىقىشىمنى تەۋسىيە قىلغانتى،  مەنمۇ باشقىلارغا بۇكىتاپنى بىر ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلمەن.  

كىتاپ ئوقۇش خوش ياقمىسا،  ئېلكىتاب نۇسخىسى بۇيەردە بار مەن ساقلاپ قويغان قىزققۇچىلار چۈشۈرۈپ ئاڭلاپ بېقىڭلار.

http://book.menzil.biz/2013/05/06/526.html

ماڭا تېمىدا دىيىلگەن پۇتبولنىڭ ماھىيتىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ  تارىخنى بۇرمىلاشقا ئۇرۇنۇش دىگەن يەرلەر بەك ياقتى. ھەي بەك يامان بالىكەن بۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-6 12:56:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چۈشەندۈرۈش بوپتۇ . تېخىمۇ ياخشى چوڭقۇر بىلىۋالدۇق .  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-6 13:00:18 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇشبۇ تېما سەۋەپلىك نۇرغۇن بىلىملەرنى بىلىۋالدۇق…ئەمەلىيەتتە مەنمۇ تۇنۇگۇنكى تېمىغا چۇشكەن ئىنكاسلارنى كۇرۇپ ئابلەتكامنىڭ ئىنكاس يېزىپ چۇشەندۇرۇشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلغانىدىم، ئويلىغىنىمدەك بۇگۇن ناھايىتى ئەتراپلىق يېزىلغان بىر تېمىغا ئنكاس يېزىپتىمەن. رەھمەت سىزگە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-6 13:00:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇ  شۇ  تۈنۈگۈنكى  ئىنكاسنى «يەڭگەن بەگ بولۇر !»  دىگەن ماقال تەمسىلگە چۈشۈرۈپ يازغان ئىدىم!ئەپسۇس……

ئالدىنقى يىلى شاھلىق لوڭقىدا بىلنىڭ ئۇچقاندەكيۈگرەپ بارسىلونانى بوغۇزلىغان چاغدا.شۇ توپقا يىتىشەلمىگەن
بارسىلڭنانىڭ ئەزاسى(كىم بولغىيتى جوردى ئالبامۇ؟)، مۇسابىقىدىن كىيىن نىم دىگەن؟
مىنىڭ پۇتۇمدا  يارا  بار ئىدى،شۇڭا يىتىشەلمەي قالدىم ، بولمىسا چوقۇم يىتىشىۋالاتتىم دەپ ئۆزىنى ئاقلىغان.
ئۇگىپىنىڭ نىمگە پايدىسى.ئۇتتۇرغاندىكىن ئۇتتۇرغىنىنى تەن ئىلىشى  كىرەك ئەلۋەتتە،يادار ئادەمگە مەيداندا  نىم با؟

ئۈشبۇ چەشەنچە تىمىڭىزغا تەشەككۈر!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-19 00:36

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش