ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1607 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئاشۇ سېسىق شىۋىت ماڭا شۇندا دىگەن بولسا تويغۇزىۋېتىتىم ، ئابلەتجاننىڭ دىگەنلىرىگە تۈپتىن قۇشۇلىمەن ، مەيلى باشقا بىرەرسى مىنى ئا كىيۇ دىسىمۇ . شۇ ۋاقىتتىكى شۇ نەتىنجىنى ئۆزلىرى تارىخىي كىتابلارغا كىرگۈزۈپ ئۇتتۇرغىنىدىن تارتىپ يىزىپ يەنە ئاخىرىغا ‹‹قەدىمدىن تەنھەرېكەت ئاساسىي كۈچلۈك ياۋۇرپا ئېرقى بىلەن قانداش مىللەت توپى، يۇشۇرۇن مەدىنىيەت كۈچىگە ئىگە ئېتىقاد ئەقىدىسىدىن جان كەتسىمۇ كەچمەيدىغان خەلق ›› دەپ يىزىپ قۇيۇپ كۆتۈرەلمىسە ساڭگىلتىۋال دىگەندەك بېرىپ يەنە بىزنى سوراق قىلسا ، شىۋىتلارنىڭ غەربىي يۇرت تارىخىنى بىز يازمىغان ئۆز ئالىملىرى يازغان ، ئۆز تارىخچىللىرى يازغان .
مۇشۇ گەپنى قايسى بىر چاغلاردا مەھمۇدىيە كام بىر قېتىم مۇنبەردە دىگەن بىر شىۋىت شۇ ۋاقىتتىكى ئىشنى دەپ ئېسىلۋالغان دەپ ، دەل شۇ مەزگىللەردە مىنىڭ پايتەختتە تۇرۋاتقان ۋاقىتلىرىم بۇلۇپ ئادەتتە مەنمۇ پات پات بېيجىڭ چەتئەل تىللىرى ئونۋېرسىتىدا شىۋىت ، فىرانسۇز قاتارلىقلار بىلەن توپ تىپىپ قۇياتتىم ، ئادەتتە شىۋىتلارمۇ فىرانسۇزچە سۆزلىگەچ نورمال ئالاقىدە قىينالمايتتىم ، شۇ شىۋىتلارمۇ توپنى ياخشى تىپەتتى ، بىر قېتىم ئۇلار بىلەن شۇ مەكتەپتە ۋە يېنىمىزدىكى مەركىزى مىللەتلەر ئونۋېرسىتى ۋە سانائەت ئونۋېرسىتىدىكى ئويغۇر بالىلار بىلەن توپ ئويناپ يېڭىلىپ قالدۇق (مەن مۇنۇ كۆكۆزلەر بىلەن بىللە ئىدىم ) كىيىن پارىژدىن كەلگەن ئىككى دوستۇم (ئەرەب لىكىن فىرانسىيىلىك) ۋە شۇ شىۋىتلار بىلەن شۇ يەردىكى يېقىن مىللى تائام ئاشخانىسى ئاماننىساخاندا تاماق يىگەچ سۆھبەتلىشىپ قېلىپ مۇنازىرە پۇتبۇلغا يۆتكەلدى ، كىيىن مەن مۇشۇ تارىخنى سۆزلىسەم ھېلقى شىۋىتلار ماڭا شۇندا دىگەن : تاغدىن ئىگىز تاغ بار ، بەلكىم ئەينى يىلى سىلەرگە ياۋۇرپا مەدىنىيىتىنى بىزنىڭ شۇ مىسسىيونېر ۋە تارىخچىللىرىمىز (تەتقىقاتچىلار) ئەكىرگەن بولغاچ سىلەرنىڭ بۇنىڭدىكى يۇشۇرۇن كۈچۈڭلارنى ھېس قىلىپ يىتەلمەي سەل قاراشتىن بۇ نەتىنجە كىلىپ چىققان ، لىكىن بۇ تارىخقا ئايلاندى ، ئۆزۋاقتىدا فىرانسىيە مۇ ئافرىقىدىكى مۇستەملىكە ئەللىرىگە ئۆز مەدىنىيەت كۈچىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى بىلدۈرۈپ قۇيۇش ئۈچۈن مۇستەملىكىللىرىدىكى ئاجىز خەلقلىرى بىلەن مۇسابىقە ئويناپ ئۆز ئۈستۈنلۈكلىرىنى كۆز كۆز قىلىشقان ئىدى ، بۇمۇ شۇنىڭدەكلا ئىش ، شۇلارنىڭ نىيەت مۇددىئاسى بەلكىم سىلەرگە مەدىنىيەت جەھەتتىكى ئارتۇقچىللىلىرى ئارقىلىق سىلەرنى ئۆزىگە تارتماقچى بولغان بۇلىشى مۇمكىن ، لىكىن مۇددىئاسىغا يىتەلمەي قالغان دەپلا تۈگىتىپ گەپنى بۇرېۋەتتى ، دىمىسىمۇ راست فىرانسىيىمۇ ئۆز مۇستەملىكىسى سېنگالنىڭ قۇلىدا تۇنجى مەيدان دۇنيا لوڭقىسىدا قاندا يېڭىلدى (سېنگالنى كۆزدە تۇتتۇم ). شۇ شىۋىتلارمۇ ماڭا ئۇنچە ئېسىلىۋالمىغان قارېغاندا مەھمۇدىيە كام جىڭ تۇخۇ پۇقى ئىچكىردە تولا ياشاپ بىزنىمۇ مۇنۇ قېرىنداشلىرىمىزدەك چەتئەللىكنىڭ ئۇسۇرېقى ئەنبەر دەيدىغانلاردىن پەرقى يوق جوڭگۇلۇق دەپ قارايدىغان شىۋىتقا ئۇچراپ قالغان چېغى . بۇرۇنقىسىنى ئېيتمايلى بۇ كۆككۆزلەر ھازىرمۇ جوڭگۇلۇقنى بەك بوزەك قىلىدۇ ، پەس كۆرىدۇ كۆزگە ئىلىپمۇ قويمايدۇ بۇ مىنىڭ بېيجىڭدا 3 يىل ياشاش جەريانىدا كۆرگەنلىرىم . ئەگەر ئىشەنمەيدىغان دوستلار بولسا بېيجىڭغا بارغاندا سەنلىتۇن (چاۋياڭ رايۇنىدىكى ) گە بېرىپ سودا ساراي ئارېلاپ باقسا ، يا بولمىسا كەچ بولغاندا شۇ يەردىكى قاۋاقخانا كوچىسىدىكى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا كىرىپ باقسا ئىشىنىدۇ ئۇ يەردە نىمە تولا شىۋىت بىلەن رەڭلىك تەنلىكلەر ، جوڭگۇلۇقنى ياچەرنىڭ ئورنىدىلا كۆرىدۇ ، ئۇف بەك جىق سۆزلەپ كەتتىم . |
|