akyipakelan roni : 13999092457
ئىگىسى: ئابلەتجان

يالغان يېقىلىشقا ئېنىقلىما

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-16 22:20:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   honda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-16 22:57  
ablatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 22:04
بۇرادەر، مەن ئەتىگەندىن بېرى نېمە دەپ كاپىلدىدىم؟؟  ...


بىرمۇنچە يېزىپ بولۇپ ئۆچۈرۋېتىپ قاپمەن.

ئەمىلىيەت بىر كۇلۇبتا ترېنېردىن سىرت، مەخسۇس مۇسابىقە ۋىدىئوسى كۆرگۈچى بولىدۇ.
پۇتبول سانلىق مەلۇمات شىركەتلىرى مەخسۇس مەلۇم توپچى ياكى رېپىرغا ئائىت نۇقتىلىق بولغان ۋىدىئولارنى يىغىپ بىز تىلۋىزىيە توردا كۆرگەندەك كۇلۇبلارغا تەمىنلەيدۇ.

دەل شۇناق پۇتبول سانلىق مەلۇمات ۋىدىئوسىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ترېنېر تاكتىكا تۈزىدۇ.

بەزى بىر يالغان يىقىلىشلار شۇ توپچى تەرىپىدىن مىنۇت سىكۇنىت ئىچىدىلا ئۆزىمۇ ئويلاشمىغان ۋە سەزمىگەن ھالدىلا ئورۇندىلىپ قالىدۇ.
بەزى يالغان يىقىلىشلار خۇددى تاكتىكىلىق قائىدىگە خىلاپلىق ھەرىكەتتەكلا تاكتىكىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىدە بولىدۇ.

مېنىڭ ئەنچىلوتتى، ئىنزاگىنى قوتۇپ قويۇشۇم .
دەل بۇنىڭ بىر خىل ترېنېرنىڭ تاكتىكىلىق ئورۇنلاشتۇرىشىدىن مۇستەستا ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتمەكچى.

چۈنكى بىر توپچىنىڭ ئىپادىسى ئىزچىل ياخشى بولمىسا ۋە ترېنېر ئورۇنلاشتۇرغان ھەرىكەتلەرنى ئورۇندىيالمىسا ھەم تاكتىكا ئورۇنلاشتۇرىشىغا تەسىر كۆرسەتسە ئۇ توپچى تىرېنېرنىڭ باشقىچە ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئۇچىرايدۇ.

يالغان يىقىلىش، تاكتىكىلىق قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش، توپ كۈرەش، پۇتلاش دىگەندەكلەرنىڭ ھەممىسى مۇسابىقىدىن ئىلگىرى ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان مەشىق تۈرى، دىمەك ئۇ بىر خىل تاكتىكىنىڭ تەركىبى.

بەزىدە ترنېرلار ئۆزىنىڭ تاكتىكىلىق ئورۇنلاشتۇرىشى مەغلۇپ بولۇپ، قارشى تەرەپ كوماندىسى تەرىپىدىن ئۇتتۇرىۋېتىپ قالغاندا تولا ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ قايسى ئەزانى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ياكى قايسى ئەزانىڭ تاكتىكىلىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇۋاپىق ئىشلىيەلمىگەنلىكى، ئۆزى مۇسابىقىدە ئورۇنلاشتۇرغان تاكتىكىسىنىڭ مەيداندىكى مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى تۆۋەن بولۇپ قالغان ئەھۋالدا ۋە باشقا، ئومۇمەن ھالدا 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدىكى دەل شۇنداق بىر قانچە تالاش- تارتىشلىق نۇقتىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تاكتىكىسىنىڭ شۇ مۇسابىقىدىكى يىتىشسىزلىك تەرىپىنى يوشۇرۇپ كېتىدۇ.

دەل مۇشۇ سەۋەپ تاراتقۇلاردا شۇ تالاش تارتىش بولىدۇ، ھېچكىم ئىككى تەرەپ  تاكتىكىسىدىكى يىتەرسىزلىكنى خەۋەر قىلمايدۇ، ھەم ئۇناق قىلسا ئۇ گېزىت- ژۇرنالنى كۆرىغانلار كۆپ بولماسلىقى مۇمكىن.
ئەمىلىيەت ئۇ بىر خىل تاكتىكا.
ئەمما بەزى يالغان يىقىلىشلار شۇ توپچى ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھەم ئويلاشمىغان ئەھۋالدا يۈز بېرىپ قالىدۇ.
يەنى پۇتبول ۋىدىئولىرىدىكى تاسادىپىيلىق كۆسەتكۈچى دەيمىز، دەل شۇناق كۆرسەتكۈچى يۇقىرى يالغان يىقىلىشلار.
يالغان يىقىلىش تاكتىكىلىق يالغان يىقىلىش ۋە تاسادىپىي يالغان يىقىلىش، قەستەن يالغان يىقىلىش...دىگەندەك تۈرگە ئايرىلسا ئاندىن مۇۋاپىق بولىدۇ.
بۇ يەردىكى چۈشىنىشمەسلىك قانداق يالغان يىقىلىش تاكتىكىلىق يالغان يىقىلىش، قانداق يالغان يىقىلىش قەستەن، قانداق يالغان يىقىلىش تاسادىپىيلىق شۇ مەسىلە مەۋجۇت.

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-16 22:25:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-17 10:39  

  قارىغاندا، گەپنىڭ ئېنىقىنى ۋە پوسكاللىسىنى مۇنۇ قوشۇمچە مەزمۇن بىلەن ئىپادىلىسەم بولغۇدەك:
  پەرۋەرنىڭ ئىنكاسىغا تەقلىد:
  ئىنزاگى سۆيۈملۈك يالغان يېقىلغۇچى، يالغان يېقىلىشمۇ ماھارەت. لېكىنزە، مېسسى بىلەن رونالدو يالغان يېقىلىشنى ئاشۇرۋېتىدۇ.نېدۋىدمۇ بىر قېتىم نۇقتا توپنى رەت قىلغان بىلەن نەچچە قېتىم نومۇسسىزلىق قىلغان--- مىلان مەستانىلىرىنىڭ نەزەرىدە.

   ئىنزاگى بەك چىدىماس، نومۇسسىز. ۋىئېرى يالغان يىقىلمايدۇ، بەزىدە ئۇنىڭغىمۇ ئامال يوق. --- ئېنتىر مىلان مەستانىلىرىنىڭ نەزەرىدە.

   ئىنزاگى، كېرىسپو مىلاننىڭ ساختىلىقىنىڭ ئۈلگىسى، ۋىئېرى بۇقىدەك تۇرۇپمۇ مۇنداقلا قىلىپ قويسا يىقىلىۋالىدۇ. نېدۋېد بىر قېتىم قويۇپ بېرىلگەن نۇقتا توپنى رەت قىلغان، ئېسىل تەنھەرىكەتچىدە بۇ. --- يۇۋېنتۇس مەستانىلىرىنىڭ نەزەرىدە.

    دىروگبا دىۋەمىش، ئۇ سېپى ئۆزىدىن سۇغا سەكرىگۈچى. مۇرىنىئونىڭ قولىدىن ياخشى ئادەم چىقمايدۇ. بىز يالغان يېقىلىشتىن نومۇس قىلىمىز. --- ئارسېنال مەستانىلىرى نەزەرىدە.

    پېرىس بىلەن ھېنرىنىڭ ئوينىغان سۇغا سەكرەش ئويۇنلىرىدىن زېرىكتۇق. يوقالسۇن سۇغا سەكرەيدىغانلار. ۋېنگېر مەخسۇس شۇنى ئۆگىتىدۇ.  --- چېلسى مەستانىلىرى نەزەرىدە.

    سۇئارىز فىلىپىستىنمۇ ياخشى ئۈزىدۇ سۇنى. بۇنداق ئەخلاقسىزلىق پۇتبول زېمىنىدىن بىر كۈن يوقىتىلمايدىكەن، پۇتبولغا بىر كۈن ھاقارەت بولىدۇ. ---- مانچېستىر بىرلەشمىسى مەستانىلىرى نەزەرىدە.

     ئاشىلى يوڭ ئۆزىنى پۇتبولچى دەمدىكەن؟ ئىسسىت ئۇنىڭ پۇتبولچى بولۇپ قالغىنى. تېشىلا ئەمەس، ئىچىمۇ قارىكەن ئۇ بەدبەخنىڭ. يالغان يېقىلىدىغانلارنى مەڭگۈ مەيدانغا يوللاتماسلىق لازىم. --- لىۋېرپول مەستانىلىرى نەزەرىدە.

     رونالدونىڭ باشقا ماھارىتىمۇ بارمۇ؟ رۇئېزمۇ ئۆگەنگىلى تۇرۇپتۇ. بۇرۇن تېخى دىمارىيا ئۇنىڭغا يانتاياقتى. بىزدەك مۆتىۋەر كۇلۇب يوق. --- بايرېن مىيۇنخېن مەستانىلىرى نەزەرىدە.

      لاماسىيا كىنو ئىنىستىتۇتى دەپ ئاڭلىغانمۇ؟ بۇسكېتىس مۇدىر، ئالۋېس سىياسىي يېتەكچى، ۋىللا پىروفېسسور ئىدى بۇ مەكتەپكە. روبېن شامالدىمۇ دۈم چۈشىدۇ. ھەممىسى تېخى بىزگە قارا چاپلايدۇ. نومۇس قىلسىچۇ!     --- رېئال مادرىد مەستانىلىرى نەزەرىدە.

    رونالدو مېسسىنى پەقەت بىرلا نۇقتىدا بېسىپ چۈشەلەيدۇ. ئۇ ئېرىشكەن ئوسكار مۇكاپاتى بەك كۆپ، مېسسىنىڭ پەقەت بىر قېتىملا ئىسىمى ئاتالغان. پېپېمۇ نەچچە قېتىم  يانداش پېرسوناژ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. قارشى تەرەپ بېكلىرى  مېسسىنى تارتسا، ئىتتەرسە يەرگە يىقىلماي، ئاسمانغا چىقىپ كەتسە بولامتى. ياخشى ماھىرلارنى ئىتتىرىدىغانلارمۇ كۆپ بولىدىكەن. ئىشقىلىپ، يالغان يېقىلىش نومۇسسىزلىق. ---- بارسېلونا مەستانىلىرى نەزەرىدە.   

مانا بۇ ئاخىرىقى يەكۈن. دېمەك،  يالغان يېقىلىشنىڭ توغرا - خاتالىقىنى بىزنىڭ كىمنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمىز ئىسپاتلايدىغاندەك تۇرىدۇ.  
      

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3مۇنبەر پۇلى +150 يىغىش سەۋەبى
مەشئەل + 50 قوللاش!
پەرۋەر + 50 ئوخشاش قاراش
muhsin + 50 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-16 22:26:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
honda يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 22:20
بىرمۇنچە يېزىپ بولۇپ ئۆچۈرۋېتىپ قاپمەن.

ئەمىلىيەت بى ...

بۇنى ئايرىم تېما قىلسىڭىزمۇ بولار...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-16 22:27:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈرگىچاق يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 22:16
شۇڭا سىز بىلەن بىرەرسى مۇنازىرلەشمەيدىكەن. سىز باشقى ...


  بۇ مېنى ماختىغىنىڭىزمۇ ياكى.... بىلەلمەي قالدىميا...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-16 22:41:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   honda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-16 22:50  
ablatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 22:26
بۇنى ئايرىم تېما قىلسىڭىزمۇ بولار...


ئۇناق قىلمايلىچۇ. مۇشۇ ياخشى سورۇن.




بۇ يەردە يەنى بىر مەسىلە مەۋجۇت.
دەل شۇ سانلىق مەلۇمات مۇسابىقە ۋىدىئوسىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، توپچىلارنىڭ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش ۋە رېپىرنىڭ پۈشتەك چېلىش ئادىتىنى ئانالىز قىلىغان گەپ.
برازىلىيە، ئىتالىيە دىگەندەك پۇتبول تاكتىكىسىغا پىشىپ كەتكەن دۆلەتلەر دەل مۇشۇ تەرەپتە باشقا دۆلەتلەردىن پەرق قىلىدۇ. چۈنكى ھەرقايسى رېپرى ۋە ھەرقايسى دۆلەت بىرلەشمىلىرىنىڭ پۈشتەك چېلىش قائىدىسى ئوخشاش بولمىغاچ، مانا مۇشۇ پەرقتىنمۇ توپچىلار پايدىلىنىپ كېتىدۇ.

مىسال 2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا برازىلىيە -گانا مۇسابىقىسىدە ئاساموئا گىئان بىر سېرىق كارتىسى تۇرۇپ چەكلەنگەن رايوندا يىقىلدى، لىكىن ئۇنىڭ ماھارىتى تۆۋەن بولغانلىقتىن قاملاشتۇرالمىدى، روبىنھو رېپىر ئورنىدا كارتا بېرىپ مەيداندىن چىقىرۋېتىشنى كۆرسەتتى.

بۇ دەل رېپىرنىڭ قانداق پۈشتەك چېلىشىدىكى مەسىلە، بەزى رېپىرلار نۇقتا توپ قويمايدۇ، ھەم يالغان يىقىلىش دەپ ھۆكۈم قىلىپ سېرىق كارتىمۇ بەرمەيدۇ، ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەي مۇسابىقىنى داۋام قىلغۇزىدۇ. بۇناق ۋاقىتتا قايتا قايتا رېپىرغا بېسىم قىلىپ ئۇدا يالغان يىقىلىغان گەپ ياكى يالغان يىقىلىشنى توختىتىدىغان گەپ.

چۈنكى ھېچقانداق ئەۋزەللىكى يوق، ئاساسەن تەڭ دىگۈدەك كوماندا قوشۇمچە تەرەپتىن پەرق قىلىدۇ.  مىسالەن 2006-يىلىدىكى گوللاندىيە بىلەن پورتوگالىيەنىڭ مۇسابىقىسىدە، سىكولارى ۋان باستىننى ۋە گوللاندىيە توپچىلىرىنى دەل مۇشۇ ئۇسۇلدا  پىسخىكىسىغا ھۇجۇم قىلىپ غەلبە قىلغان.

دەل ئەنە ئاشۇنداق يالغان يىقىلىش ئارقىلىق ياكى ئۇششاق تاكتىكىلىق ھەرىكەت ئارقىلىق قارشى تەرەپكە پىسخىكىلىق بېسىم پەيدا قىلىپ، چەكلەنگەن رايون ئەتىراپىدا يالغان يىقىلىۋەرسە ھەم يۇقىرى كەڭلىكتە بېسىم قىلىۋەرسە قارشى تەرەپ مۇداپىئەچىسى ھامان پىسخىكىلىق جىدىيلىشىپ توپ كۈرەپ پۇتلاشتا خاتالىق سادىر قىلىپ ئېغىرراق پۇتلاپ نۇقتا توپ ياساپ بېرىدۇ.

يەنى مېكسىكا گوللاندىيەنىڭكىدەك، روبىن قايتا قايتا يالغان يىقىلدى، مۇداپىئەچىمۇ جىدىيلىشىپ ئاخىر پۇتلىدى، بىر قېتىملىقى راست يالغان ئارىسىدا بولدى، رېپىرمۇ ئامال يوق بېسىمدىن جىدىيلىشىپ نۇقتا توپ ھۆكۈم قىلدى.

دىمەك بۇ ھەر تەرەپلىمىلىك مەسىلە.
شۇڭا يالغان يىقىلىشنى تاكتىكىلىق، قەستەن، تاسادىپىي دىگەندەك بىر قانچە تۈرگە ئايرىش ئەڭ مۇۋاپىق.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-16 22:41:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 22:27
بۇ مېنى ماختىغىنىڭىزمۇ ياكى.... بىلەلمەي قالدىميا ...

ئەمدى بۇ دىگەنلىك: جەمئىيتىمىزدە باشلىقىمىزغا ماتىريال يوللىساق يۈزدە يۈز ئىشەنچىلىك قىلىپ تاپشۇرساق مەزكۇر باشلىقنىڭ كۆڭلى بىئارام بۇلىدۇ. ئەكسىچە ئۇنىڭغا ئازراق ئۆز سۈزىنى قۇشقۇدەك بوشلۇق قالدۇرساق مەزكۇر باشلىق ئۈزىنىڭ بىزدىن ئەقىللىق دانا ئىكەنلىگىنى ئۇتتۇرىغا چىقىرىپ بىزنى يىتەكلەشكە ئۇرنىدۇ.
مىنىڭ سىزگە دىگىنىم سىزنىڭ پۇتبول بىلىمىڭىز بەك يۇقىرى بولغاچقا ئادەتتىكى كىشلەر سىز بىلەن مۇنازىرە قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىكەن. شۇڭا سىز شۇلارغىمۇ ئازتۇلا ئۆزكۆڭلىدىكى بىر ئىككى ئېغىز گىپىنى دىيەلۈگۈدەك دەرىجىدە ئاددىيراق نوختىدىن مۇنازىرە باشلاپ چۈشەنچە بىرىشنى ئادەت قىلسىكەن دەپ ئويلىدىم. ھەممە ئىش ئاددىي خەلق ئارىسىدا ئەمەسمۇ. سىز بىلەن بىرەرسىنىڭ قايتا-قايتا مۇنازىرە قىلىشقىنىنى پەقەت ئۇچىراتمىدىم.ھەممىسىدە سىز بىر ئېغىز ئەڭ توغرا جاۋاپ بىلەن قارشى تەرەپنى جىم قىلىپ قۇيسىزكەن. مەنچە يازغۇچى ھەم ئىجادىيەتچىلەر ئاددىي-ساددا ،ئەل ئارىسقا سىڭىشكە ئۇستا كىلىدۇ دەپ ئويلايمە. بىرىنجى ئىنكاسىم سىزنى ماختىغانلىق. ھازىرقىسى بولسا مىنىڭ يۈزەكى ئويلۇغۇنۇم خالاس. توغرا چۈشۈنەرسىز.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-16 22:43:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈرگىچاق يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 22:41
ئەمدى بۇ دىگەنلىك: جەمئىيتىمىزدە باشلىقىمىزغا ماتىري ...

ھە، چۈشەندىم. قوبۇل قىلىمەن. رەھمەت سىزگە.  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-16 22:49:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
FC-Messi يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 21:34
ئابلەتجاننىڭ دەلىل بىلەن سۆزلىشى، مەيلى تېما ياكى ئىن ...

ھەقىقەتەن ئىسىل ئىنكاس  ئۇغالبالا ئىنكاس دىگەننى ماندايازمامدۇ دەيمە ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-16 22:57:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
KUZEY` يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 22:49
ھەقىقەتەن ئىسىل ئىنكاس  ئۇغالبالا ئىنكاس دىگەننى مان ...

لېكىن رونالدونىڭ ھازىرقى قىسقا ۋاقىتتىكى ئىپادىسىنى دەپ مېسسىدىن يامان دېسە يەنە سەكرەيدىغان گەپ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-16 23:00:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر كىشىنىڭ ئۆزىگە خاس قارىشىنىڭ بولۇشى ئېنىق. ئەمما، قاراش ھەرگىزمۇ كۆزىنى يۇمۇۋېلىپ ئەمەس، مەلۇم پاكىت ۋە دەلىل ئاساسىدا بولۇشى كېرەك.   



ئۈشبۇ  گىپىڭىزنى  ئىمزا  دىگەن يەرگە  يىزۋالاي  دىسەم  يىزۋىلىشنى  بىلەلمىدىم!
كۆپ ئەجىر قىلىپسىز!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-16 23:46:59 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەيدىغاننىڭ  ھەممىسىنى  تىمىدا  دەپ  بوپتۇ   يەنە  تالاشقاننىڭ  پايدىسى   بامۇ   .ڭ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-26 11:09

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش