akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1605|ئىنكاس: 51

يالغان يېقىلىشقا ئېنىقلىما

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-16 20:19:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-17 11:11  

يالغان يېقىلىش دېگىنىمىز، A ماھىر B ماھىر تەرىپىدىن سوقۇلغاندىن كېيىن، A ماھىر گەرچە يىقىلىش گىردابىغا بارمىسىمۇ ياكى شۇ نۇقتىغا يەتمىسىمۇ، قەستەن يىقىلىپ، نۇقتا توپ، ئىختىيارىي توپقا ئېرىشىشنى ياكى قارشى تەرەپنى مەيداندىن چۈشۈرۈۋېتىشنى، ئۇنىڭ سېرىق كارتا بىلەن ئاگاھلاندۇرلۇشىنى مەقسەت قىلغان ئالدامچىلىقتۇر.
    ئالدامچىلىق، يەنى ئەخلاقسىزلىق بولغاندىن كېيىن ئەسلى بۇنىڭغا ئېنىقلىما بېرىش، ياكى ئۇنى ماڭا ئوخشاش ئاقلاشنىڭ زۆرۈرىيتى يوق ئىدى. لېكىن، مەسىلە شۇ يەردىكى بۇ ھەرگىزمۇ روھلاندۇرغۇچى دورا، مەيداندىكى زوراۋانلىق قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئېنىق، ئوبيېكتىپ، ئاسانلا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىش يەنە بەزىدە پۇتبولنىڭ جەلپكارلىقى، تۇراقسىزلىقى، كومېدىيەلىكلىكىگە باغلىنىپ بەزىدە ھەتتا غەلىبە - مەغلۇبىيەتنى ئايرىپ قويغاچقا ھۆكۈم قىلىش تەس ئىش بولۇپ قالدى.
   يالغان يېقىلىشنى بەزىلەر نومۇسسىزلىق دېدى، يەنە بەزىلەر تاسادىپىيلىق دېدى، يەنە بەزىلەر تاكتىكا ئېھتىياجى، دەپ قارىدى.
   ئۇنداقتا، پۇتبول ھەرىكىتىنى جۈملىدىن پۇتبول قائىدىلىرىنى  بېكىتىدىغان، ئۇنىڭغا ھۆكۈم چىقىرىدىغان خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى نېمىشقا بۇ نومۇسسىز قىلمىشقا ئېنىق ھۆكۈم چىقارمىدى؟ نېمىشقا ئەڭ ئېغىر بولغاندا بىر تال سېرىق كارتا بىلەنلا ئاگاھلاندۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى؟ نېمىشقا تېخىمۇ ئېغىر جازانى، تېخىمۇ قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش چارىسىنى يولغا قويمىدى؟ ئەجىبا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بۇ نومۇسسىزلىقنى بىلمەمدۇ؟؟؟

    خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى :"رېپىر ئېغىرراق يالغاندىن يېقىلىشنى تەنتەربىيە ئەخلاقىغا خىلاپ دەپ قاراپ، سېرىق كارتا چىقارسا بولىدۇ" دەپ بەلگىلىمە چىقارغان. بۇ بەلگىلىمىنى يەنە نۇرغۇن كىشىلەر بەك ئېغىر بولۇپ كەتتى، دەپ قاراپ كەلمەكتە.
   دېمەك، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ نەزەرىدە بۇ سېرىق كارتىغا لايىق قىلمىش. بۇ يەنە ئەخلاقنىڭ قائىدىدىن ئورۇن ئېلىشى. لېكىن رېپىر پەقەت بايقالغان ياكى ئۆزى بايقىيالىغان يالغان يېقىلىشقا سېرىق كارتا بېرىدۇ. بايقالمىغان نۇرغۇن يالغان يېقىلىش بولسا كۆپىنچە يېقىلىۋالغۇچىنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاياغلىشىدۇ.
   خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ  بۇ مەسىلىگە سوغۇققانلىق بىلەن قارىشىدا تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە ئامىل بولۇشى مۇمكىن:
1  . يالغان يېقىلىش ھەرگىزمۇ ئومۇمىيەت ئەمەس. قارايدىغان بولساق يالغان يېقىلىش گەرچە بەزى - بەزىدە كۆزىمىزگە چېلىقسىمۇ، ئۇنى ئومۇملاشقان، ياكى تەڭدىن تولا پۇتبولچى قوللىنىدىغان، پۇتبولنى تەرەققىيات بوشلۇقىدىن ئايرىيدىغان دەرىجىگە يەتتى دېيەلمەيمىز.
2.  يالغاندىن يېقىلىش بېشىدا دېيىلگەندەك ئېنىق ھۆكۈم قىلغىلى بولىدىغان، بىر قاراپلا بىلگىلى بولىدىغان، مەيداننىڭ ئۆزىدىلا ھەل قىلغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس. بىز بەزى يېقىلىشلارنى ئاستا كۆرۈنۈشنى يېنىش - يېنىشلاپ كۆرۈپ ئاندىن بىلىمىز. لېكىن يەنىلا ئېنىق ھۆكۈم چىقىرالالمايمىز. شۇنداق تۇرۇقلۇق رېپىر بۇنىڭغا نەق مەيداندا قانداقمۇ ھۆكۈم چىقىرالىسۇن. شۇنى بىلىش كېرەككى، رېپىرنىڭ ھەقىقىي يېقىلىشنىمۇ يالغاندىن يېقىلىش دەپ ھۆكۈم چىقىرىشى تېخىمۇ قورقۇنۇشلۇق. 2002 - يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسىدا توتتىنىڭ كورېيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدىكى ئېنىق يېقىلغان توپى ئەخمەقلەرچە يالغاندىن يېقىلىش دەپ قارىلىپ نۇقتا توپ قويۇلۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، توتتىغا ئىككىنچى سېرىق كارتىنى چىقىرىپ ئۇنى مەيداندىن چىقىرىۋەتكەن.  بۇ تاھازىرغا قەدەر رېپىرلارمۇ تىلغا ئېلىشنى خالىمايدىغان ئىش بولۇپ قالدى.
    3. ئەخلاق بىلەن پۇتبولنىڭ نىسپىي زىددىيىتى. ھازىرقى زامان پۇتبولىدا ئەخلاق كۈنسايىن تەكىتلىنىۋاتىدۇ. لېكىن ئەخلاق پۈتۈنلەي قائىدىنىڭ رولىنى ئوينىمايدۇ ھەم ئوينىيالمايدۇ. مەسىلەن: بىر ماھىر يارىلانسا قارشى تەرەپ رېپىر پۇشتەك چالمىغان ئەھۋال ئاستىدا توپنى توختاتماسلىققا ھوقۇقلۇق، ئۇ توختاتسا بۇ ئۇنىڭ ياخشى ئەخلاقى. لېكىن توختاتمىسا ئۇنى ئەخلاقسىز دېيىشكىمۇ بولمايدۇ،  چۈنكى، قائىدىدە رېپىرنىڭ پۇشتىكى چېلىنمىسىلا ماھىر توپنى توختاتمىسا بولۇۋېرىدۇ. دېمەككى، ئەخلاق ھەرگىزمۇ قائىدىنىڭ ئۆزى ئەمەس. تەنھەرىكەتچىنىڭ مەيداندا چوقۇم ئېسىل خىسلەتلىك بولۇش مەجبۇرىيىتى يوق. ئۇ قائىدىدىن چەتنىمىسىىلا بولدى. رېپىرنىڭ نەزەرىدە ئۇ يالغان يېقىلدى دەپ قارالسا ئۇ قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ، بولمىسا ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى باھالاش، ئەخلاق كاتېگورىيەسىگە چېتىۋېلىش ئارتۇقچە.
   4. بۇنىڭغا ئېنىق تۈزۈم چىقىرىش قالايمىقانچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ. مەلۇم بىر تۈزۈم ئوتتۇرىغا چىقىدىكەن ئۇنىڭ چوقۇم ئىلمىي ئاساسى ۋە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شارائىتى بولۇشى كېرەك، ھەرگىزمۇ قورقۇنۇشلۇق يوچۇق چىقىرىپ قويماسلىقى كېرەك. مەسىلەن:پۇتبولدىكى ھازىرقى بەزى ھەرىكەتلەرمۇ پۇتبولنىڭ روھىغا، ئادىل رىقابەتلىشىشكە خىلاپ. شۇڭا بۇنداق ھەرىكەتلەر سېرىق، قىزىل كارتا بىلەن ئاگاھلاندۇرىلىدۇ. لېكىن بۇلارنى نومۇسسىزلىق دېمەيمىز. مەسىلەن: A ماھىر قارشى تەرەپنىڭ ۋاراتىرى بىلەن  يەكمۇيەك قالدى، دەل شۇ ۋاقىتتا B تەرەپنىڭ ئاخىرقى مۇداپىيەچىسى ئارقىدىن كېلىپ A تەرەپ ماھىرىنى پۇتلاپ ياكى ئېسىلىپ يىقىتىۋەتتى. نەتىجىدە B ماھىر قىزىل كارتىغا ئۇچرىدى، نۇقتا توپ قويۇپ بېرىلدى. ئۇنىڭغا قىزىل كارتىنىڭ بېرىلگىنىنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭ پۇتبول قائىدىسىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقىنىڭ ئىسپاتى، يەنى قارشى تەرەپنىڭ نومۇر ئېلىشىنى يولسىز ۋاسىتە بىلەن توسقانلىقىنىڭ دەلىلى، پۇتلاش توغرا ئۈنۈم بەرسە قارشى تەرەپنىڭ ھۇجۇمىنى بىتچىت قىلغىلى بولىدۇ، ئاقمىسا ئېغىر جازاغا ئۇچرايدىغان گەپ، يا ئۆلۈم - يا كۆرۈم. سۇئال: ئۇ ئەخلاقسىزمۇ؟ ئەلۋەتتە ياق دەيمىز. غەلىبە قىلىش ئۈچۈن بۇنچىلىك تاكتىكىنى ئىشلىتىش خاتا ئەمەس. ئەمدى قارايدىغان بولساق، يالغان يېقىلغانلارمۇ نومۇر ئېلىش ئۈچۈن يولسىز ۋاسىتە قوللانغان بولدى، ئۇنىڭ نەزەرىدە نومۇر ئېلىش ئۈچۈن تاكتىكا قوللىنىش كېرەك. ئۈنۈم بەرسە ياكى نۇقتا توپ ياكى ئىختىيارىي توپ، ئۈنۈم بەرمىسە ئۆزى سېرىق كارتىغا ئۇچرايدۇ، ئامال يوق يا ئۆلۈم - يا كۆرۈم. ئۇنى ئەخلاقسىز دەمدۇق؟ يا ياق يا ھەئە. ئەمەلىيەتتە، ئۇمۇ تاكتىكا ئىشلەتتى. باشتىكى مىسالدىكىسى نومۇر ئالدۇرماسلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن تاكتىكا، كېيىنكىسى نومۇر ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن تاكتىكا. ئەخلاق دېدىڭىزما؟ 3 - مىسالدا دەپ ئۆتتۈم، ئەخلاق قائىدىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. تەنھەرىكەتچىنىڭ مەيداندا قائىدىگە بويسۇنۇش مەجبۇرىيىتى بار، لېكىن چوقۇم ئەخلاققا (بىزنىڭ نەزەرىمىزدىكى ئەخلاق) بويسۇنۇش مەجبۇرىيىتى يوق. ئەگەر ئەخلاق نەزەرىيەسىنى كۆتۈرۈپ چىقىدىغان بولساق، بىرەرسىنى پۇتلاش، يارىلاندۇرۇش ۋە بايىقىدەك رادىكال مۇداپىيەگە كاۋاك چۈشىدۇ. دېمەك، يۇقىرىدا دېيىلگەن مۇداپىيە توغرىلىق مىسالدىكى B تەرەپ ماھىرىمۇ  نومۇسسىز، ئەخلاقسىز دېيىلىشى، بۇنداق قىلمىشلار، قىسقىسى، بارلىق مۇداپىيە ھەرىكەتلىرى چەكلىنىشى كېرەك.
5. پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ جەلپكارلىقىنىڭ ئىپادىسى. خاتا چېلىنغان پۇشتەك، ۋاراتارغا كىرگەن توپلارنىڭ ئىناۋەتسىز قىلىنىشى، چۈشىنىكسىز روك، سىزىق ماجىراسى قاتارلىقلار ئەزەلدىن تۈگەپ باقمىدى. لېكىن، بۇ ئىشلار ھەرگىزمۇ پۇتبولنىڭ خاسىيىتىنى، جەلپكارلىقىنى ۋە كومېدىيەلىك تۈسىنى سۇسلاتمىدى، بەزىدە ھەتتا پۇتبولنى تېخىمۇ قايناق ھېسسىياتقا ئىگە قىلدى. نېمە ئۈچۈن پۇتبول مۇسابىقىلىرىگە  تېلېكامېرالارنىڭ، بۈركۈت كۆزلەرنىڭ رېپېىرلىق قىلىشىغا پىلاتىنى باشچىلىقىدىكى ياۋروپا پۇتبولچىلار جەمئىيىتى قوشۇلمايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى: پۇتبول دەل تالاش - تارتىش كۆپ، مۆلچەرلەش قىيىن بولغان، مۇرەككەپ تۈر. ئۇنى ھەرگىز قېلىپلاشتۇرۇشقا، ئۆلۈك ھالەتتە ئېلىپ مېڭىشقا بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بەزى خاتالىقلار، رېپىرلارنىڭ سەۋەنلىكىمۇ مەلۇم دەرىجىدە پۇتبولنىڭ خۇسۇسىيىتى، شۇنداقلا ئىنساننىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكىنىڭ دەلىلى ئەمەسمۇ!! دۇنيادا بىرەرمۇ ئۇۋالچىلىققا قالمىغان كوماندا، كۇلۇب بارمۇ؟ بارچە نەرسە دەل مۇشۇ خىل ئىلگىرىلەش ئاساسىدا مۇكەممەلللىشىشكە تىرىشىدۇ ۋە يېڭىلىنىدۇ.


  ئاخىرىدا دەيدىغىنىم: بۇ تېما يالغان يېقىلىشنىڭ نېمىشقا ئېغىر جازاغا تارتىلمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇنىڭمۇ مەلۇم دەرىجىدە تاكتىكا ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىش مەقسىتىدە يېزىلدى. ھەر كىشىنىڭ ئۆزىگە خاس قارىشىنىڭ بولۇشى ئېنىق. ئەمما، قاراش ھەرگىزمۇ كۆزىنى يۇمۇۋېلىپ ئەمەس، مەلۇم پاكىت ۋە دەلىل ئاساسىدا بولۇشى كېرەك.   

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 8مۇنبەر پۇلى +450 تىللا +2 يىغىش سەۋەبى
باقاۋۇل + 50 قالتىس!
ھەۋەس7 + 50
فەيسەل + 50 قالتىس!
بوغدا + 100 قالتىس!
ھەمراھ + 50 ئىسىل !
FC-Messi + 50 قالتىس!
پەرۋەر + 50 + 2 ئاساسى دەلىللەر يىتەر.
فارابى + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-16 22:25:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-17 10:39  

  قارىغاندا، گەپنىڭ ئېنىقىنى ۋە پوسكاللىسىنى مۇنۇ قوشۇمچە مەزمۇن بىلەن ئىپادىلىسەم بولغۇدەك:
  پەرۋەرنىڭ ئىنكاسىغا تەقلىد:
  ئىنزاگى سۆيۈملۈك يالغان يېقىلغۇچى، يالغان يېقىلىشمۇ ماھارەت. لېكىنزە، مېسسى بىلەن رونالدو يالغان يېقىلىشنى ئاشۇرۋېتىدۇ.نېدۋىدمۇ بىر قېتىم نۇقتا توپنى رەت قىلغان بىلەن نەچچە قېتىم نومۇسسىزلىق قىلغان--- مىلان مەستانىلىرىنىڭ نەزەرىدە.

   ئىنزاگى بەك چىدىماس، نومۇسسىز. ۋىئېرى يالغان يىقىلمايدۇ، بەزىدە ئۇنىڭغىمۇ ئامال يوق. --- ئېنتىر مىلان مەستانىلىرىنىڭ نەزەرىدە.

   ئىنزاگى، كېرىسپو مىلاننىڭ ساختىلىقىنىڭ ئۈلگىسى، ۋىئېرى بۇقىدەك تۇرۇپمۇ مۇنداقلا قىلىپ قويسا يىقىلىۋالىدۇ. نېدۋېد بىر قېتىم قويۇپ بېرىلگەن نۇقتا توپنى رەت قىلغان، ئېسىل تەنھەرىكەتچىدە بۇ. --- يۇۋېنتۇس مەستانىلىرىنىڭ نەزەرىدە.

    دىروگبا دىۋەمىش، ئۇ سېپى ئۆزىدىن سۇغا سەكرىگۈچى. مۇرىنىئونىڭ قولىدىن ياخشى ئادەم چىقمايدۇ. بىز يالغان يېقىلىشتىن نومۇس قىلىمىز. --- ئارسېنال مەستانىلىرى نەزەرىدە.

    پېرىس بىلەن ھېنرىنىڭ ئوينىغان سۇغا سەكرەش ئويۇنلىرىدىن زېرىكتۇق. يوقالسۇن سۇغا سەكرەيدىغانلار. ۋېنگېر مەخسۇس شۇنى ئۆگىتىدۇ.  --- چېلسى مەستانىلىرى نەزەرىدە.

    سۇئارىز فىلىپىستىنمۇ ياخشى ئۈزىدۇ سۇنى. بۇنداق ئەخلاقسىزلىق پۇتبول زېمىنىدىن بىر كۈن يوقىتىلمايدىكەن، پۇتبولغا بىر كۈن ھاقارەت بولىدۇ. ---- مانچېستىر بىرلەشمىسى مەستانىلىرى نەزەرىدە.

     ئاشىلى يوڭ ئۆزىنى پۇتبولچى دەمدىكەن؟ ئىسسىت ئۇنىڭ پۇتبولچى بولۇپ قالغىنى. تېشىلا ئەمەس، ئىچىمۇ قارىكەن ئۇ بەدبەخنىڭ. يالغان يېقىلىدىغانلارنى مەڭگۈ مەيدانغا يوللاتماسلىق لازىم. --- لىۋېرپول مەستانىلىرى نەزەرىدە.

     رونالدونىڭ باشقا ماھارىتىمۇ بارمۇ؟ رۇئېزمۇ ئۆگەنگىلى تۇرۇپتۇ. بۇرۇن تېخى دىمارىيا ئۇنىڭغا يانتاياقتى. بىزدەك مۆتىۋەر كۇلۇب يوق. --- بايرېن مىيۇنخېن مەستانىلىرى نەزەرىدە.

      لاماسىيا كىنو ئىنىستىتۇتى دەپ ئاڭلىغانمۇ؟ بۇسكېتىس مۇدىر، ئالۋېس سىياسىي يېتەكچى، ۋىللا پىروفېسسور ئىدى بۇ مەكتەپكە. روبېن شامالدىمۇ دۈم چۈشىدۇ. ھەممىسى تېخى بىزگە قارا چاپلايدۇ. نومۇس قىلسىچۇ!     --- رېئال مادرىد مەستانىلىرى نەزەرىدە.

    رونالدو مېسسىنى پەقەت بىرلا نۇقتىدا بېسىپ چۈشەلەيدۇ. ئۇ ئېرىشكەن ئوسكار مۇكاپاتى بەك كۆپ، مېسسىنىڭ پەقەت بىر قېتىملا ئىسىمى ئاتالغان. پېپېمۇ نەچچە قېتىم  يانداش پېرسوناژ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. قارشى تەرەپ بېكلىرى  مېسسىنى تارتسا، ئىتتەرسە يەرگە يىقىلماي، ئاسمانغا چىقىپ كەتسە بولامتى. ياخشى ماھىرلارنى ئىتتىرىدىغانلارمۇ كۆپ بولىدىكەن. ئىشقىلىپ، يالغان يېقىلىش نومۇسسىزلىق. ---- بارسېلونا مەستانىلىرى نەزەرىدە.   

مانا بۇ ئاخىرىقى يەكۈن. دېمەك،  يالغان يېقىلىشنىڭ توغرا - خاتالىقىنى بىزنىڭ كىمنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمىز ئىسپاتلايدىغاندەك تۇرىدۇ.  
      

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3مۇنبەر پۇلى +150 يىغىش سەۋەبى
مەشئەل + 50 قوللاش!
پەرۋەر + 50 ئوخشاش قاراش
muhsin + 50 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-16 21:34:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   FC-Messi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-16 21:40  

ئابلەتجاننىڭ دەلىل بىلەن سۆزلىشى، مەيلى تېما ياكى ئىنكاسلارنى ھېچقانداق يان بېسىش بولمىغان مەزمۇندا يورۇتۇپ بېرىشى مېنى قايىل قىلىدۇ. گەپ-سۆزلىرىدە ھېچقانداق يېنىكلىكنى ھېس قىلغىلى بولمايدۇ. مەن خېلى تەقلىد قىلغان بولساممۇ يەنىلا چاندۇرۇپ قويىۋاتىمەن.
بىر مەسىلىنى سوراپ باقسام: سىز مۇشۇنداق ئېسىل ئىنكاس ۋە تېمىلاردا بەزى قەستەن جىدەل چىقىرىدىغان مۇنبەرداشلارغا ياكى گەپ - سۆزلەرگە ئۇچراپ باققانمۇ؟
تېمىغا نېسبەتەن: دەلىللەر ھەقىقەتەن قايىل قىلارلىق. ھەرقانداق بىر ھادىسىگە قانداق پوزىتسىيەدە بولۇش ھەركىمنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقىدىكى ئىش. مەنچە بولغاندا ھەرقانداق نەرسە بىر ھەددى بولغاندا، ئاسانلىقچە باشقىلارنىڭ دېققىتىنى تارتىپ كەتمەيدۇ. بەك كۆپ بولۇپ كەتكەندە بەزىلەرنى خۇش قىلسا بەزىلەرنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويىدۇ. مەسىلەن توپ كىرگۈزۈشمۇ ھەم ئوخشاش. بۇرۇنلاردا داڭلىق چولپان ھېسابلانغانلارنىڭ توپ كىرگۈزۈش پەرقى ھازىرقىدەك پەرقلىق چىقىپ كەتمەيتتى. ئۇ چاغلاردا مەستانە ئوبىيكتىپلىرىمۇ ئىنتايىن كۆپ ئىدى، ياكى كۇلۇبقا مەستانە بولۇش بىلەن چەكلىنەتتى. ھازىر بولسا مېسسى بىلەن رونالدو مەستانىسى ئاساسىي سالماقنى ئىگەللەپ قالدى. مېسسىنىڭ نەچچە يىللاردىن نورمال بولمىغان توپ كىرگۈزۈش سان-سېفىرلىرى ۋە ياراتقان نەتىجىلىرى، مېسسى ياكى بارسېلونا مەستانىلىرىنى خۇش قىلسا، خانلىق مادرىد ياكى باشقا مەستانىلەرنى قىسمەن خاپا قىلىپمۇ قويدى. رونالدونىڭ بۇ پەسىلدىكى نەتىجىلىرىمۇ ئوخشاشلا باشقا مەستانىلەرنى سەل ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويدى. دېمەك ھەر قانداق نەرسە بىر ھەددى بولغان چاغدا ئۇرۇش جېدەل، دە تالاشمۇ ئاز بولىدىكەن، مەيلى يالغان يېقىلىش، مەيلى توپ كىرگۈزۈش، مەيلى نۇقتا توپقا ئېرىشىش قاتارلىق ھادىسىلەرمۇ زىيادە كۆپ بولۇپ كەتكەن ۋاقىتتا، ئوخشىمىغان پىكىرلەرنىڭ چىقىشىغا شاھىد بولۇپ تۇرماقتىمىز.
مېسسىنىڭ ئىپادىسىدە چېكىنىش بولمىغان ئەمما ئوتتۇرا مەيدان ئاجىزلىشىپ، تاكتىكىغا ئۆزگىرىش كىرگۈزۈلۈپ، مېسسىنىڭ توپ كىرگۈزۈشىگە بىۋاستە تەسىرى بولىۋاتقان ھازىرقى شارائىتتا، مادرىدنىڭ ئوتتۇرا مەيدان ۋە ھۇجۇم سېپىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى، بۇ ئارقىلىق رونالدونىڭ توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمىنىڭ ئېشىپ كېتىشى، بىز بارسېلوناچى ياكى مېسسىچى بالىلارنى سەل ئەندىشىگە سېلىپ قويغىنى ھەقىقەت. بىز بۇنداق ۋاقىتتا رونالدونىڭ شۇ زىيادە كۆپ بولۇپ كەتكەن يالغان يىقىلىش بىلەن نۇقتا توپلىرىنى ۋە مېسسىنىڭ ياراتقان نەتىجىلىرىنى پەش قىلىپ تۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ كۆڭلىگە تەسەللىي ئىزدەۋاتىمىز. ھەم مۇشۇنداق تەسەللىيلەرنى بېرىپ تۇرۇش جەريانىدا مېسسىنىڭ يەنە سايە ھۇجۇم ئورنىغا قايتىپ كېلىپ، بارسېلونانىڭ بۇرۇنقى ئىپادىسىنى تېپىشىغا ۋاقىت ئۇزارتقاچ ساقلاۋاتىمىز. ئەمەلىيەتتە ئىككىلا ھۇجۇمچى جاھاندا تەڭداشسىز، ئەمما كۇلۇبنىڭ تاكتىكىلىرىدا پەرق زور بولىشى بىلەن بىۋاستە بىر تەرەپنىڭ ئۈنىمى تۆۋەنلەپ كېتىۋاتىدۇ. بۇمۇ بىز دېققەت قىلىۋاتقان ئاساسىي مەسىلە...
ئابلەتجاننىڭ يەنىمۇ ۋاقىت چىقىرىپ، مۇشۇنداق دەلىللىك، ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك تېما - ئىنكاسلارنى ھەدىيە قىلىپ تۇرىشىغا تىلەكداشمەن.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
پەرۋەر + 50 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-16 20:41:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-17 03:12:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر چاغلاردا بارسىلونا دەۋىر سۈرگەن چاغلاردا ھەممەيلەن يالغان يېقىلىشنى،ئاتاق دادىنى كۈتۈرۈپ چىقىپ بارسىلونانىڭ نەتىجىلىرىنى ئىتىراپ قىلمايتتى.يالغان يېقىلىش ئۇچىغا چىققان نۇمۇسسىزلىق ئىدى.
بارسىلونا تەختتىن چۈشكەندىن باشلاپ ئاتاق دادا ،ئارتىس ھەممىسى جىملا يۇقالدى.
ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە ھازىرقى شاھلىق تەختىگە چىققۇچىنىڭ يالغان يېقىلىشى ،ئاتاق دادىسى بېشىنى سىلاۋاتقاندەك تۇيغۇ بىرىشى   تاكتىكا دەرىجىسىگە كۈتۈرۈلۈپ پەخىرلىنىدىغان ئىشقا ئايلىنىپ قاپتۇ.
تەرەققىيات ھەقىقەتەن زوركەن.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
tanhategin + 50 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-17 00:13:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنچە ئەۋزەيلەش كەتمەيدۇ ، ھەقىقى گەپ قىلساق ، ئۆزىمىز ياخشى كۆرگەن كوماندىنىڭ ئادەملىرى سەكرىسە يېشىل چىمغا سەكرەيدۇ ، قارشى تەرەپنىڭ سەكرىسە سۇغا سەكرىگەن بولىدۇ .
ئۆزىمىزنىڭ سەنئەتتەك كۆرىنىدۇ ، خەقنىڭ نۇمۇسىسىزلىقتەك تۇيۇلىدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-17 00:19:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-17 11:06  
ئەبرار يوللىغان ۋاقتى  2014-12-17 00:13
ئۇنچە ئەۋزەيلەش كەتمەيدۇ ، ھەقىقى گەپ قىلساق ، ئۆزىمىز ...


شۇڭا ئاستىغىلا سىزنىڭ گېپىڭىزنى ئىنچىكە شەرھىيلەپ يېزىپ قويدۇم.
  بەزى نەرسىلەر ساۋات ھېسابلىنىدۇ. مۇنبەردە مادرىد ۋە بارسېلونا ھەققىدىكى بىلىملەر، مېسسىنىڭ پايپىقى بىلەن رونالدونىڭ چۇخىيى ھەققىدىكى تېمىلار، ساۋاتلار شۇنچىلىك تولۇق ئىكەنيۇ، ئاساسىي پۇتبول بىلىمىگە ئائىت بىلىملەر تازا تولۇق ئەمەسكەن. شۇڭا ئاز - تولا ئەۋزەيلەپ قويدۇم.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-16 22:04:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇمشۇق يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 21:31
مىنىڭچە يالغان يىقىلىش ساختىلىق قىلىدىغان ئىش بولغانل ...

  بۇرادەر، مەن ئەتىگەندىن بېرى نېمە دەپ كاپىلدىدىم؟؟ قوپال ھەرىكەت ئوچۇق - ئاشكارا بولىدۇ؟ يالغان يېقىلىش ئادەم كۆرمەيدىغان قاراڭغۇ يەردە بولمايدۇ، ئۇمۇ شۇ مەيداندا، جامائەتنىڭ كۆز ئالدىدا بولىدۇ. ئۇنىڭ يوشۇرۇنلۇقى دەل پۇتبولچىنىڭ كۆڭلىدىكى جىنى. مەسىلە دەل مۇشۇ يەردە... يەنە كېلىپ ئوچۇق - ئاشكارا بولسا توغرا، يوشۇرۇنلۇققا ئىگە بولسا خاتا دەيدىغان قائىدە يوق. بىز سوبېكتىپ ھېسسياتنى ئەمەس، ھەقىقىي يۈز بەرگەن مەسىلىنى كۆزدە تۇتىمىز.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-16 21:02:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ھالقىلىق پەيىتتىكى نادىر سۇغا يىقىلىش






گروسسونىڭ 2006-يىلى دۇنيا لوڭقىسىدا ئىتالىيە- ئاۋىستىرالىيە مۇسابىقىسىدە 90-مىنۇتتا ۋاقىدە يىقىلىپ نۇقتا توپ ئېلىپ خۇئاڭجىيەنشىياڭنى ۋارقىرىتىۋەتكەن يىقىلىشى ئەڭ داڭلىق نادىر سۇغا سەكرەش بولسا كېرەك.


گروسسو شۇ ۋاقىت ئاتلاپمۇ ئۆتۈپ كىتەلەيتى، لىكىن ئارقىسىدىن توپنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ياكى ۋارتارغا كىرگۈزەلىشى ناھايىتى ئېنىقسىز بىر ئىش ئىدى. ئەمما ئەزەلدىن نامى چىقمىغان بىر بېك كاللىنى رىكىتتەك ئىشلىتىپلا ۋاققىدە يىقىلىپ شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا ئىتالىيەنىڭ چېمپىيون بولىشىدىكى تۆھپىكارغا ئايلاندى.


ئاڭلاڭلار ئېنتىردا ئاساس ئەزا بولالماي، ئىجارىگە بېرىلىپ يۈرگەن بىر بېك، ئەنە ئاشۇ يالغان يىقىلىشى بىلەن ئىتالىيەنىڭ كىلاسسىك 3-نومۇرلۇق توپچىلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇلۇش شەرىپىگە ئېرىشتى.  ھەتتا ئەينى ۋاقىت گروسسو بىردىنلا ئېنتىر مەستانىلىرىنىڭ مەدىيەلىشىگە ئېرىشكەن. ئېنتىردىلا نام قازانغان دىگەن گەپلەرمۇ بولغان.
ھېچكىم ئۇنى سۇغا سەكرىگۈچى دېمىگەن.


ئەمما بۇ توپچى جۇڭگودا بەلكىم خۇئاڭ جىيەنشىياڭنىڭ شۇ بىر ۋارقىرىشى بىلەنلا ئېنتىر مەستانىلىرى ۋە باشقا مەستانىلەرنىڭ ئېسىدە قالغان بولىشى مۇمكىن.
مانا مۇشۇنداق ھېچقانداق بىر نام قازانمىغان توپچىنىڭ ئەڭ نادىر يىقىلىشىدەك ھالقىلىق پەيىتلەردىكى يىقىلىشلار ئاز ساز بولۇپ تۇرسا يالغان يىقىلىشتىنمۇ بىر خىل ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ.
يالغان يىقىلىش ئەڭ نادىر سەنئەت. ھوللىۋود چولپانلىرى كىنوغا ئېلىشتىن ئىلگىرى نەچچە قېتىم رىپىتسىيە قىلىدۇ، توپچىلارمۇ مەشىق مەيدانىدا نۇرغۇن قېتىم مەشىق قىلسىمۇ، ئەمما دوغا دو نەق مۇسابىقە ۋاقتى چاندۇرماي قىلالىشى ناتايىن. چېنىپ قالغاندا شۇنداق كۈلكىگە قالىغان گەپ.

لىكىن گروسسونىڭكىدەك ھالقىلىق پەيىتتىكى يالغان يىقىلىش يەنىلا بىر خىل ھۇزۇرلۇق، كىشلەر ئۇنىڭ يالغان يىقىلغانلىقىنى ناھايىتى تېزلا ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ناھايىتى قاملاشتۇرۇپ يالغان يىقىلغانلىقىغا مەدىيە ئوقۇيدۇ.
ئىلگىرى نۇرغۇن كىشلەر گروسسونىڭ شۇ يالغان يىقىلىشىنى سۇغا سەكرەش دىمەي تۇرۇپ مەدىيە ئوقۇغان.
خۇئاڭ جىيەنشىياڭ ئۆزىنى ئۇنتۇلۇپ قېلىپ ۋارقىرىۋەتكەن.


ئەپسۇس بۈگۈنكى كۈندە خەنزۇچە تەنتەربىيە تور بەتلىرى مېسسى، رونالدو پەيدا بولغاندىن بۇيان ھەممە خەۋەرنى مېسسى، رونالدوغا چېتىش ئارقىلىق كۆرۈلۈشىنى ئاشۇرىدىغان كۆپۈك خەۋەر پەيدا قىلىۋاتقاچ، بۇنىڭ سەلبىي تەسىرى جەمىيەتكە يامراپ كەتتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-16 20:43:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرۋەر يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 20:41
ئالدى بىلەن مۇنبەردىكى بىر تىللىق پۇتبۇل مەستانىلىرى  ...

پەرۋەر باشقۇرغۇچى بولدۇڭما؟ تېما چوققىلاپسەنغۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-16 20:45:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-16 20:46:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۈرگىچاق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-16 20:52  

مىنىڭچىمۇ بىرتال سېرىق كارتا چىقىرىش ئەدەسسىز توغرا. ئەگەردە بەك ئېغىر جازالاپ مەيداندىن چۈشۈرۋېتىش ياكى قىزىل كارتا چىقىرىش قاتارلىقلار بىلەن جازالىسا ئاددىيسى شۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى تەبىئى ئاجىزلاپ كىتىدۇ. قىسقىسى تەنتەربىيە دۇنياسىمۇ زىددىيەتتىن مۇستەسنا ئەمەس.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-16 20:54:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لېكىن    قاملاشتۇرمىسا      بەك    سەت    تۇردىكەن،   ئوزى    يىقىلىپ   ، ئوزى    كارتا    يەپ  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-16 21:11:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ تېمىدىكى داڭلىق يىقىلغۇچى ئىنزاگى ئەنچىلوتتىنىڭ مەھسۇلاتى بولسا كېرەك.

يۇۋېنتۇستىكى ۋاقىتتا ئادەتتىكىچىلا بىر توپچى ئىدى.

ئوتتۇرا مەيدان پېرلو بىلەن ئوفسايىت سىزىق ئۈستىدىكى بالا ئىككىسى ئېنتىر ۋە يۇۋېنتۇستا چاقنىيالماي، ئەنچىلوتتى قولىدا پارلاپ كەتكەن توپچىلار.

ئۇنىڭ سۇغا يىقىلىش پىشىۋاسى، ئوفسايىت سىزىق بالىسى بولىشىدا ئەنچىلوتتىنىڭ تاكتىكىلىق ئورۇنلاشتۇرىشىمۇ ئاز پاز بار.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-16 21:12:14 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ  رونالدونىڭ  بىر   نۇقتا  توپ  ئۇرىشى   بىلەن  يالغان يېقىلىش   دىگەن   تىمىلا   مۇنبەردە   ئەۋج   ئەپ   كەتتىغۇ      ى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-16 21:13:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۈرگىچاق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-16 21:16  
honda يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 21:02
ھالقىلىق پەيىتتىكى نادىر سۇغا يىقىلىش


بىزمۇ بىلىمىز بۇ ئىشلارنى. نىمە قىلارسىز ئېلان بەرگەندەك ماۋۇ تىمىدا بۇ ئىشلارنى سۆرەپ چىقىپ. ئۈزىڭىز تىما قىلىپ يوللىغان بولسىڭىز ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بۇلارمىكىن دەپ ئويلىدىم.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-16 21:21:06 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارى، ئەينى مۇددىئا…ئاساسلار ئورۇنلۇق، دەلىللەر يىتەرلىك …
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-16 21:22:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-16 21:59  
honda يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 21:11
ئاۋۇ تېمىدىكى داڭلىق يىقىلغۇچى ئىنزاگى ئەنچىلوتتىنىڭ  ...


ئۆزىڭىزنى سەل تۇتۇۋېلىڭ. ئىككىمىز ناتونۇش ئەمەس.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-26 07:38

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش