ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 925 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا FC-Messi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-16 21:40
ئابلەتجاننىڭ دەلىل بىلەن سۆزلىشى، مەيلى تېما ياكى ئىنكاسلارنى ھېچقانداق يان بېسىش بولمىغان مەزمۇندا يورۇتۇپ بېرىشى مېنى قايىل قىلىدۇ. گەپ-سۆزلىرىدە ھېچقانداق يېنىكلىكنى ھېس قىلغىلى بولمايدۇ. مەن خېلى تەقلىد قىلغان بولساممۇ يەنىلا چاندۇرۇپ قويىۋاتىمەن. 
بىر مەسىلىنى سوراپ باقسام: سىز مۇشۇنداق ئېسىل ئىنكاس ۋە تېمىلاردا بەزى قەستەن جىدەل چىقىرىدىغان مۇنبەرداشلارغا ياكى گەپ - سۆزلەرگە ئۇچراپ باققانمۇ؟
تېمىغا نېسبەتەن: دەلىللەر ھەقىقەتەن قايىل قىلارلىق. ھەرقانداق بىر ھادىسىگە قانداق پوزىتسىيەدە بولۇش ھەركىمنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقىدىكى ئىش. مەنچە بولغاندا ھەرقانداق نەرسە بىر ھەددى بولغاندا، ئاسانلىقچە باشقىلارنىڭ دېققىتىنى تارتىپ كەتمەيدۇ. بەك كۆپ بولۇپ كەتكەندە بەزىلەرنى خۇش قىلسا بەزىلەرنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويىدۇ. مەسىلەن توپ كىرگۈزۈشمۇ ھەم ئوخشاش. بۇرۇنلاردا داڭلىق چولپان ھېسابلانغانلارنىڭ توپ كىرگۈزۈش پەرقى ھازىرقىدەك پەرقلىق چىقىپ كەتمەيتتى. ئۇ چاغلاردا مەستانە ئوبىيكتىپلىرىمۇ ئىنتايىن كۆپ ئىدى، ياكى كۇلۇبقا مەستانە بولۇش بىلەن چەكلىنەتتى. ھازىر بولسا مېسسى بىلەن رونالدو مەستانىسى ئاساسىي سالماقنى ئىگەللەپ قالدى. مېسسىنىڭ نەچچە يىللاردىن نورمال بولمىغان توپ كىرگۈزۈش سان-سېفىرلىرى ۋە ياراتقان نەتىجىلىرى، مېسسى ياكى بارسېلونا مەستانىلىرىنى خۇش قىلسا، خانلىق مادرىد ياكى باشقا مەستانىلەرنى قىسمەن خاپا قىلىپمۇ قويدى. رونالدونىڭ بۇ پەسىلدىكى نەتىجىلىرىمۇ ئوخشاشلا باشقا مەستانىلەرنى سەل ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويدى. دېمەك ھەر قانداق نەرسە بىر ھەددى بولغان چاغدا ئۇرۇش جېدەل، دە تالاشمۇ ئاز بولىدىكەن، مەيلى يالغان يېقىلىش، مەيلى توپ كىرگۈزۈش، مەيلى نۇقتا توپقا ئېرىشىش قاتارلىق ھادىسىلەرمۇ زىيادە كۆپ بولۇپ كەتكەن ۋاقىتتا، ئوخشىمىغان پىكىرلەرنىڭ چىقىشىغا شاھىد بولۇپ تۇرماقتىمىز.
مېسسىنىڭ ئىپادىسىدە چېكىنىش بولمىغان ئەمما ئوتتۇرا مەيدان ئاجىزلىشىپ، تاكتىكىغا ئۆزگىرىش كىرگۈزۈلۈپ، مېسسىنىڭ توپ كىرگۈزۈشىگە بىۋاستە تەسىرى بولىۋاتقان ھازىرقى شارائىتتا، مادرىدنىڭ ئوتتۇرا مەيدان ۋە ھۇجۇم سېپىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى، بۇ ئارقىلىق رونالدونىڭ توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمىنىڭ ئېشىپ كېتىشى، بىز بارسېلوناچى ياكى مېسسىچى بالىلارنى سەل ئەندىشىگە سېلىپ قويغىنى ھەقىقەت. بىز بۇنداق ۋاقىتتا رونالدونىڭ شۇ زىيادە كۆپ بولۇپ كەتكەن يالغان يىقىلىش بىلەن نۇقتا توپلىرىنى ۋە مېسسىنىڭ ياراتقان نەتىجىلىرىنى پەش قىلىپ تۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ كۆڭلىگە تەسەللىي ئىزدەۋاتىمىز. ھەم مۇشۇنداق تەسەللىيلەرنى بېرىپ تۇرۇش جەريانىدا مېسسىنىڭ يەنە سايە ھۇجۇم ئورنىغا قايتىپ كېلىپ، بارسېلونانىڭ بۇرۇنقى ئىپادىسىنى تېپىشىغا ۋاقىت ئۇزارتقاچ ساقلاۋاتىمىز. ئەمەلىيەتتە ئىككىلا ھۇجۇمچى جاھاندا تەڭداشسىز، ئەمما كۇلۇبنىڭ تاكتىكىلىرىدا پەرق زور بولىشى بىلەن بىۋاستە بىر تەرەپنىڭ ئۈنىمى تۆۋەنلەپ كېتىۋاتىدۇ. بۇمۇ بىز دېققەت قىلىۋاتقان ئاساسىي مەسىلە...
ئابلەتجاننىڭ يەنىمۇ ۋاقىت چىقىرىپ، مۇشۇنداق دەلىللىك، ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك تېما - ئىنكاسلارنى ھەدىيە قىلىپ تۇرىشىغا تىلەكداشمەن. |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|