ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2623 |
تۆھپىسى: سەر |
|
پوتبۇلدا مۇنتىزىم كەسپى تەربىيە 13 ياشتىن ئەڭ كىچىككەندىمۇ 15 ياشتىن ئىشىپ كەتمەسلىكى كىرەك . بالىڭىزنىڭ يىشىمۇ تالانتىمۇ سىز دەپ بەرگەنگە قارىغاندا نەق مۇۋاپىق ۋاقىتكەن . ئۇيغۇر باللارنىڭ كىچىكلىرىنىڭ مەملىكەتنى سورايدىغانلىقىمۇ نەق مۇشۇنىڭدىن ، بىزدىكى توپقا بولغان تۇغما سىزىم ھەر قالغان مىللەتلەرنىڭكدىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ . مۇنتىزىم كەسپى تەربىيە يىتەرلىك بولمىغاچقىلا ياش چوڭايغانسىرى قالغانلارنىڭ بىزدىن ‹‹يامان ›› چىكىتىدىغىنى شۇ . بالىڭىز ئەمدى كەسپى تەربىيەنى ئالسىمۇ كىچىكمەيدۇ . توپنى ھەقىقىي سۆيسە توختىماي تىرىشسىلا بىر سەنجەر دىگەندەك ئاخىرىدا بىر گەپ بولىدۇ . مىرئەخمەتمۇ لونىڭغا بارغان بەش بالا ئىچىدىكى ‹‹ئەڭ ياخشىسى ›› ئەمەس ئىدى ، لىكىن توختىماي تىرىشچانلىق ۋە بۇ بالىدىكى ئىرادە ئۇنى مانا ھازىرقىدەك ئۇيغۇرنىڭ ئەڭ تالانتلىق توپچىسىغا ئايلاندۇردى ، ئۆتكۈرمۇ شۇ . بۇ ئىنىمىزمۇ جاپالىق مەشىقنىڭ تىرىشچانلىقنىڭ مىۋىسىنى ئەمدى كۆرۋاتقانلاردىن .
ئەمدىكى مۇھىم گەپ ئىخدىسادى مەسىلە : يوقاردا يىللىق كىرىمىڭىز توغرىسىدىمۇ ئۇچۇر بىرىپسىز ، توغرا بۇ ئىختىسادىي كىرىمدە بالىڭىزنى نەچچە كۈنلۈك يىراقتا ئوقۇتۇشقا تەۋەككۈل قىلىشتا ئازراق ئىككىلىنىپ قىلىشىڭىزمۇ چوقۇم . مىنىڭچە تۇنجى يىلى ئازراق قىينىلىپ قالىسىز ، ئاندىن ئاستا ئاستا ئۇنىڭمۇ ئىپىنى ئىلىپ كىتەلەيسىز ، يىللىق كىرىمىڭىزمۇ ئاۋۇ ساندىلا توختاپ قالماس بەلكىم . سىز بىر ئاتىكەنسىز ، نەچچە يىل بۇرۇن مۇئەللىم دىگەن بىر ئىغىز گەپنى سىزگە سوۋغا قىلاي ئاكىسى : ‹‹ داداڭلار قانداق قىلسام بولار ؟ دەپ تۇرۇپ پەقەت سىلەر ئۈچۈنلا چوقۇم يەنە ئامال قىلالايدۇ قوقماڭلار ›› دىۋىدى . نەچچە يىللار ئۆتۈپ كەتتى ، ھازىر ئويلاپ باقسام ئاتا دىگەن راسىت شۇنداق بولىدىكەن .
مەنمۇ سەنجەرنىڭ گىپىنى قوللايمەن . خىڭدا ياكى باشقا مەكتەپ دىگەن بىلەن ئۇ يەنىلا شەخىسنىڭ ، بايلارنىڭ قاچان توپتىن زىرىكىپ قالدىغىنىنى بىلگىلى بولمايدۇ . لونىڭدەك ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى كۇلۇپ ھەم جۇڭگۇنىڭ ‹‹كونا زەردارى ›› يەنىلا ياخشى تاللاش . ئۇنىڭ ئۈستىگە لۇنىڭنىڭ بىز خەق بىلەنمۇ بۇرۇندىن ئانچە مۇنچە تونۇشلىقى ياخشىراق . بولسا بىيجىڭ ئامانلىق كوماندىسىدەك كوماندىلار بىلەنمۇ ئۇيغۇرنىڭ ھەمكارلىقى شەكىللەنسە ياخشى بولاتتى .
مىنىڭچە سىز پۇل ياكى باشقا نەرسىلەرنىڭ ئامالىنى چوقۇم قىلىپ كىتەلەيسىز ، مۇھىمى گەپ بالىڭىزدا ھەم ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىدا . بۇ گەپنى ئۇ ساقىمىزغا يەتكۈزۈپ قويارسىز ‹‹تىرىشقان تاغ ئاشىدۇ ›› مىرئەخمەت ھەم ئۆتكۈر ئاكىسىنى ھازىردىن باشلاپ ئۈلگە قىلسۇن .
بۇ ئىنىمىزغا ھەم سىزگە ياخشى كۈنلەردە ئامەت تىلەيمەن . ئامەتلىك بولسۇن بۇ ئىنىمىز ! |
|