ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1359 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، بولسا بالىڭىزنى خېڭدا مەكتىپىگە بېرىڭ، خېڭدا مەكتىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا بالىڭىز توپنى ياخشى ئوينىسا ئەگەر تاللىنىپ قالسا دېمەكچى، سىزنىڭ ئائىلە ئىقتىسادى شارائىتىڭىزغا قارايدۇ، ئىقتىسادىي شارائىتىڭىز بەك ياخشى بولمىسا مۇۋاپىق ھالدە 10مىڭ يۈئەنچە چۈشۈرۈپ بېرىدۇ.
قايسى كۈنى بىر تەنتەربىيە مۇئەللىمى بىلەن سۆزلىشىپ قالدىم، ئۇ دېدى:‹‹ بالام توپنى بەك ياخشى تېپەتتى، ئۆتكەندە گۇڭجۇ خېڭدادىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغىلى كىلىپتىكەنتۇق، ئوغلۇم بىللە بارايلى دادا دەپ تۇرۋالدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە باردۇق، ئوغلۇمنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولغاچ تاللىنىپتىكەنتۇق، تولدۇرىدىغان نەرسىنى تولدۇرۇپ بولۇپ ساڭا تېلفۇن قىلىمىز دېدى، كېيىن تېلفۇن قىپتۇ، ئائىلەڭدە قىيىنچىلىق بارمۇ دەيدۇ، بار دېسەم، ئەمسە 20مىڭنى بەر يىللىقىغا، بالاڭنىڭ ئىپادىسى ياخشىكەن دېدى، مەن ئۇنىمىدىم، ئۇلارغا 10 مىڭنى بېرەي، مەن قەرىز تۆلىمىسەم بولمايدۇ، ئۆي ئجارىسى تۆلىمىسەم بولمايدۇ، شۇڭا 10مىڭنى بېرەي...دەپ چىڭ تۇرۋالدىم، ئۇلار كېيىن تېلفۇن قىلايلى دەپ قىلمىدى دەيدۇ›› شۇڭا دەيمەن، ئازراق چۈشۈرۈپ بېرىشى مۇمكىن، خېڭدانىڭ 50% پېينى مايۈن سېتىۋالدى، ھازىر تاۋباۋ خېڭدا بولدى، بەلكىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىيازى ياخشى بولۇشى مۇمكىن، ھەم خېڭدادا مەخىسۇس چەتئەللەردىن ئەكەلگەن تېرنىرلار بار، سېستىمىلىق تەربىيەلىنەلەيدۇ، شۇڭا ئاكا سىزگە ئەڭ چوڭ تەكلىۋىم بالىڭىزنى خېڭدادا ئوقۇتۇڭ......! |
|