ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 13 |
تۆھپىسى: سەر |
|
سالام ھۆرمەتلىك تورداشلار!ياخشىمۇ سىلەر!
مەن بىر پۇتبۇل ھەۋەسكارى ئىدىم،(تەنتەربيە مۇئەللمى) ئوغلۇم كىچىك چېغىدىلا مىنىڭ ئارقىمدا يۇرۇپ پۇتبول تىپىشقاقىزىقىپ قالدى،مەنمۇ ئانچە مۇنچە تەربىيلەپ قويدۇم،كىم بىلسۇن بۇ بالا پۇتبولغا باشچىلاپلا كىرىشىپ كەتتى.9 ياش ۋاقىتدا سوڭچىڭلىڭ پۇتبول مەكتىۋىگە ئېلىپ باردىم،ئۇ يەردىكى مەشقاۋۇللارغا ئوغلۇمىنىڭ تېخنىكىسى ياردىيۇ لىكىن ئۇ يەردىكى باللارنىڭ ئەڭ كىچىكى بولۇپ قالىدىكەن،مەن ئوغلۇمىنى ئۇيەرگە قويۇپ كىتىشكە كۆڭلۈم تىنمىدى.
باشلانغۇچىنى پۇتتۇرۇپ بولغاندىم كىيىن ئاتۇش شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە ئاپىرىپ بارى مۇئەللىمگە بەردىم ۋە ئىككى يىل تەربىيلەندى،قىشلىق تەتىل ۋە يازلىق تەتىلەردە مەكتەپ كاماندىسى بىلەن ئۇرۇمچى ،تۇرپانلاردا مۇسابىقە ئويناپ يۇرىدى،ھازىر قارمايدا مۇسابىقە ئويناۋاتىدۇ.
بۇ يىل تولۇقىسز 3-يىللىققا چىقىش ئالىددا تۇرماقتا.ھازىر 13 ياش.بوي ئىگىزلىگى 1.68 مىتىر.خاركتىرى چىقشقاق،گەپ ئاڭلايدىغان،يۇزى تۆۋەن.غورورى كۈچلۈك.
ئىلىم پەن دەرسلىىدە ماتىماتكىدىن باشقا پەنلەردە خېلى ياخشى،باشلانغۇچنى خەنزۇ تىل مەكتىۋىدە ئوقىغان.
ئۆيگە كەلگەن كۈنلەردە ماڭا توپ ئويناپ بىرىدۇ،توپنى پۇتىغا بىر ئالغىنچە بىر سائەتكىچە توپنى چۇشۇرۋەتمەي ئوينتۇپ زوقۇمىنى كەلتۇردۇ.ئۇنىڭ بەدىنى ۋە تۇرغى خۇددى پۇتبۇل ئۇچۇنلا يارالغاندەك شۇقەدەر مۇستەھكەم ۋە چەبدەس،پۇتنىڭمۇ خېلى جېنى بار.
پۇتبۇل تەپكۈزمەي دىسەم ئەمدى كىچىكىتىم،ئۇ ھازىر باشچىلاپلا كىرشىپ كەتتى،داۋاملىق تەپكۇزەي دىسەم كەلگۇسى ئوزنى باقالامدۇ يوق؟
ئوغلۇمىنىڭ كەلگۇسى ئۈچۈن توۋەندىكى ئىككى خىل پىلاننى سوقۇپ قويدۇم .
ئا پىلان: سوڭچىڭلىڭدا تەربىيلىتىش ياكى ئىچكىرىدىكى كولۇپلارغا ئاپىرىپ بىرىپ كەلگۈسىدە باشقا كەلگەننى كۆرۇش.
ب پىلان:تولۇق ئوتتۇرنى ئۇرۇمچىدىكى پۇتبۇل كاماندىسىغا ئەھمىيەت بىرىدىغان مەكتەپلەردە ئوقتۇپ پۇتبولىنى ۋاستە قىلىش ئارقلىق ئالى مەكتەپلەرگە قوبول قىلدۇرۇپ ئالى مەكتەپ دپلومىغا ئىرشش.
ھۆرمەتلىك تورداشلار! قانداق قىلسام بولار؟ ئەگەر سىلەرنىڭ پۇتبول مەشقاۋۇللىرىدىن تونۇشڭلار بولۇپ قالسا ئوغلۇمىنى تونۇشتۇرۇپ قويغان بولساڭلار،ئۇلارنىڭ ئىمتاھاندىن ئۆتسە تەربىيلەپ شىنجاڭ ئۈچۈن يارملىق بىر پۇتبولچى قىلىپ چىقشقا كۆزى يەتسە ئوغلۇمىنى خۇشاللىق بىلەن تاپشۇراتتىم.ئىقدزادى ئەھۋالممۇ يامان ئەمەس.
قىزلسۇ ئوبلاستى ئاقتۇناھيسىدىن ئۇرايىمجان ئابىلىمت
13179863927
|
|