تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
ئىگىسى: ablatjan

بىرازلىيە بەدەل تۆلىدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇدىيە يوللىغان ۋاقتى  2014-7-9 18:57
ئابلەتجان  ئۇكام   سىزنى  قارشى  ئالمىز  ئېسمدە  قىلشىچ ...

بولىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن ئورتاقلىشىپ، پىكىرلىشىپ تۇرارمىز.... سىلەرگە كۆپ رەھمەت...
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇرىكنى خېلى جانغا ئەسقاتىدۇ دەپ ئويلايتتىم ئەپسۇس ئۇنى روسىيە بىرلەشمىسى تۈگەشتۈرۈپتۇ ھەيرانمەن نىمىشقا روسىيەدە توپ تىپىدىغاندۇ  بۇ ياش تۇرۇپ
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-7-9 15:52
ماقالىنىڭ بېشىدىلا ئېيىتتىمغۇ، مەن ئىتالىيەنىڭ 16 يىل ...

سىزنى بىر بىزنىڭ بارىسلوناچى كۆردۈمغۇ     
  چۈشەندۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىلىپ بىرىۋاتىسلەر   سىلەرگىمۇ ئاسان ئەمەس  خەق نەق مەيداندا  چۈشەندۇرسە  سىلەر  تىلۋىزوردىن چۈشەندۇردىڭلار   بىراق بىر تەكلىۋىم مۇسابىقىنىڭ رىتىمى تىزلەشكەندە  يەنى قارشى تەرەپ ۋاراتارسىغا تەھدىد ئىلىپ كەلگەن ۋاقىتتا  ئۆزىمىزنى ئۇنۇتقان ھالدا ھىسياتىمىزنى قۇيۇپ بەرسەك  كەڭ پۇتبۇل مەستانىلىرىمۇ مۇسابىقىگە شۇنچىلىك كىرىشىپ كىتەتتى دەيمەن    ئەپسۇس  ئۆيدىكى سىملىق تىلۋىزىيىسىنىڭ  نەچچە ئايدىن بىرى توختاپ قىلىشىدىن  توردىن كۆرۈۋاتىمەن  
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلەتجان سالام سىزگە. مەن قايىل بولغان بىردىنبىر ئۇيغۇر پۇتبول تەھلىلچىسى سىز بولىسىز . سىزنىڭ بۇنداق ياخشى مۇلاھىزىلىرىڭىزنى تېلىۋىزوردا كۆرۈپ بەكلا قايىل بولىمەن سىز مەسىلىنىڭ دەل تۈگىنىنى تېپىپ ئوتتۇرغا قويالايسىز. بۇ تېمىڭزمۇ ناھايتى ياخشى يېزىلپتۇ . داۋاملىق ئىزدىنىپ ، مۇۋاپىقىيەتلەرنى قازىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. بىراق گېرمانىيە دۇنيا لوڭقىسىنى قولغا ئېلىۋالسا خېلى ئۇزۇنغىچە 10-30 يىلغىچە باشقىلارغا ئاسانلىقچە تارتقۇزۇپ قويماسمىكىن دەيمەن. چۈنكى گېرمانىيە ھازىر كۈندىن كۈنگە كۈچىيىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ گېرمانىيەدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن تۈرۈكلەر بۇ كوماندىنىڭ غوللۇق ئەزالىرىدن بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. گېرمان - تۈرۈكلەر بىرلەشسە دۇنيادا رەقىپ چىقماي قالىدۇ دەپ ئويلايمەن. بۇ پەلىسەپە مىللىتى بۇ جەسۇر ، تەمكىن ، ئىرادىلىك مىللەت ئەزەلدىن رەقىبلىرىگە باش ئەگكەن ئەمەس. پۇتبول مەيدانىدىمۇ شۇنداق.
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاكا بىلەن رونالدىنخونى ئالماي مەستانىلەرنىڭ قارغىشى تۇتقان ئوخشايدۇ،لېكىن بۇ قارغىش بەك ئېغىر تۇتتى،ھەتتا رەقىپلىرىمۇ قوبۇل قىلالمىغىدەك دەرىجىدە تۇتتى ! پۇتبولغا مەستانە بولغان ھەرقانداق ئادەم ،كۈچ سېلىشتۇرمىسى ئانچە پەرىق قىلمايدىغان كوماندىلارنىڭ نەتىجىسىنىڭ بۇنداق ئاسمان-زىمىن پەرىق قىلىشىغا قاراپ بىرازىليە توپچىللىرىغا ئىچ ئاغرىتماي تۇرالمايدۇ ! چۈنكى بىرازىليە دۇنيا پۇتبولچىلىقىنڭ بۈشۈكى يەنى كىلىپ پۇتبولچى تەربىيلەش بازىسى دىگەندەك چىرايلىق نامغا ئىگە بولغان ھەم بۇ ناممۇ ئۇنداق ئاددىيال بىرلىپ قالمىغان ئىدى ، مەن ئۆزەمنى بۇنداق تارىخى خارەكتىرلىك نۇمۇسلۇق نەتىجىگە شاھىت بۇلارمەن دەپ چۈشۈمدىمۇ ئويلاپ باقمىغان ! ھەتتا ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم يەنە ئاخشام زوھورلۇق يىگەچ مۇسابىقە كۆرگەن ئايالىممۇ بۇن نەتىجىنى كۈرۈپلا مۇشۇنداقمۇ مۇسابىقە بولامدۇ ،بۇلار بۇنداق ئويناپ ئۆز دۆلىتىگە قانداقمۇ يۈز كىلەر دەپ ئىچ ئاغرىتىپ كەتتى !  
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاكا 36 ياشلىق كىلوستىن قېرى ئەمەستۇ؟ خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە سىكولارى كاكانى كۆزىگە سىغمىغانلىقتىن كوماندىغا تاللىمىغانكەن. ئۆزىنىڭ شەخسى ھىسىياتىنى ئۆلچەم قىلىپ ئاخرى بۇرنىغا يېدى.
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلەتجان سىز چۈشەندۈرگەن مۇسابىقىلەرنى تولىمۇ ياقتۇرۇپ كۆرىمەن، مۇسابىقىلەرنى شۇنداق جانلىق ھەم ئۆزگىچە چۈشەندۈرىسىز ، مەن سىزنى 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى 4كۈچلۈككە كىرىش گانا كوماندىسى بىلەن ئۇراگىۋاي كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈپ تونىغان، شۇنىڭدىن بىرى سىز چۈشەندۈرگەن مۇسابىقىلەرنى قالدۇرماي كۆرۈپ كىلىۋاتىمەن ، سىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىڭىزغا ۋە خىزمىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن .
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىق ئويلاپ كېتىش مەسلىسى ئەمەس. « يۇقۇرىدا » بولسا ئورۇندۇلۇپ بولغاننى بىلدۈرەتتى، بۇ دېگەن ئاپتونۇم رايۇنلۇق تېلۋېزىيە ئىستانسى، چوقۇم توغرا ئىپادىلىشى كېرەك
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالجىرىيە ئۇسلۇبىدا ئوينىغان بولسىمۇ. مۇداپئىەنى ئاساس قىلىپ ، پۇرسەت تاپسا قايتارما ھۇجۇم قىلىپ. گېرمانلارنى ھاردۇرۇپ. بىرەر ئىككىسىنى يارلاندۇرۇپ دېەندەك. بەلكىم ئۇتالىشى ،ئۇتالمىسىمۇ بۇنداق  ھالغا چۈشۈپ قالمايىتتى. مانا ئالجىرىيە بىر ئوبدان ئونىدى. مۇداپئەسىمۇ ، ھۇجىمىمۇ شۇنداق چىرايلىق.  تېخى ئەزالىرى روزا تۇتۇپ تۇرۇپ ئاران بىر توپ بىلەن ئۇتتۇردى. شۇڭا ئۇ رەقىپلىرىنىڭمۇ،دۇنيادىكى مەستانىلەرنىڭمۇ ھۆرمىتىگە ۋە قايىللىقىغا ئىرىشتى، دۆلىتىدىمۇ قىزغىن قارشى ئېلىندى.  ‹‹ بەش يۇلتۇزلۇك مارشال›› چۇ؟ بىراق بىرازىلىيەچە ئويناش ئۇسۇلىنى بىر كۈندىلا ئالجىرىيە ئۇسۇلىغا ئۆزگەرتىش تەس. لىكىن سىكولارى چوقۇم ئەھۋالىغا قارپ تاكتىكا تۈزىگەن بولسا بولاتتى. تانكىغا نەيزە بىلەن تاقابىل تۇرماقچى بولدى. مانا بۇ ئەجەللىك خاتالىق. ھۇجۇمىڭ ئاجىز ۋاجتىدا تۈگىلىۋىلىپ، رەقىبىڭنى  بىخۇتلاشتۇرۇپ يىلاندەك تۇيقىسىز ھۇجۇم ئارقىلىق رەقىبىنى يېڭىش . كۆرەڭلەپ تۇرپ ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى يوشۇرۇشتىن جىق ياخشى نەتىجە بېرەتتى.
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-7-9 19:06
بولىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن ئورتاقلىشىپ، پىكىرلىشىپ تۇرا ...

ئابلەتجان سىز چۈشەندۈرگەن مۇسابىقىلەرنى تولىمۇ ياقتۇرۇپ كۆرىمەن،
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلەتجان سىلەر جاپا تارتتىڭلار.تېنىڭلار سالامەت بولسۇن.مەن ئەڭ ياخشى كۆردىغان پۇتبول تەنھەركەتچىسى سىز بولىسىز .ھەتتا مېنىڭ ئەزەلدىن ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈشنى ئاڭلىمايدىغان بىرنەچچە مىنكاۋخەن دوسلۇرۇممۇ سىز نىڭ مۇسابىقە چۈشەندۈرشىڭىزنى ناھايىتى ياقتۇرىدۇ.ئىشقىلىپ بىرخىل پەيزى چۈشەندۈرىسىز.2012-يىلى ياۋروپا لوڭقىسىدىمۇ ئالامەت چۈشەندۈرۈپ قويغانتىڭىز.
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلەتجان تېچلىقمۇ، مېنىڭ پۇتبول مەيدانىدا چۈشەنمىگەن بىر سۇئالىم بار ئىدى،  
1. پۇتبولچىلار مەيدانغا كىرگەندە نىمە ئۈچۈن ئۆسمۈر بالىلارنى بىرگە ئېلىپ چىقىدۇ؟؟
2. ئەگەر مۇسابىقە نۇقتا توپ باسقۇچىغا بېرىپ قالغاندا، زاپاس ئەزالارمۇ نۇقتا توپ تېپەلەمدۇ؟
3. بارلىق نۇقتا توپلاردىمۇ تەڭلىشىپ قالسا نەتىجىنى قانداق بەلگىلەيدۇ؟ ( بۇنداق مۇسابىقە بولۇپ باقمىغاندۇ، ئەلۋەتتە بۇنداق تەساددىبىلىقنىمۇ يوق دىگىلى بولمايدۇ)
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-7-14 22:46 , Processed in 0.069325 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش