تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
ئىگىسى: ablatjan

بىرازلىيە بەدەل تۆلىدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xjtv-5 تە باشقا كىنولار نورمال چىقىدۇ، نىمە ئۈچۈن ھەر قېتىم مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزۇن بولمايلا كاشىلا كۆرۈلىدىغاندۇ؟؟؟
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تەھلىل بوپتۇ .بىرازىلىيە ئۇتتۇرسىمۇ بۇنداق سەت ئۇتتۇرماسلىقى كىرەكتى .....
 ئىگىسى| ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    قېرىنداشلارنىڭ مەزكۇر تېمىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە ۋە بىزنىڭ ئۇلاپ تارقىتىش خىزمىتىنى قوللىغانلىقىغا، پىكىر - تەكلىپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت....
   بەزى قېرىنداشلىرىمىز ئېيىتقان تىل ئىشلىتىش مەسىلىسى، لوگىكا ۋە چۈشەندۈرۈش خاتالىقى قاتارلىق نۇقتىلارغا بىزمۇ دىققەت قىلدۇق، تۈزىتىشكە تىرىشىمىز. نەق مەيداندىن ئاڭلىتىلغاچقا بەزى سۆزلەرنى ئىشلىتىشتە كەتكۈزۈپ قويۇش، ئالدىراقسانلىق قىلىش كۆرۈلىۋاتىدۇ. قېرىنداشلىرىمىزنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
  مۇسابىقە ئۇلاپ تارقىتىشتىكى تېخنىكىلىق كاشىلىغا كەلسەك، ئەمەلىيەتتە، بىزنىڭ سۈنئىي ھەمراھدا تارقاتقان مۇسابىقىمىزنى قوشنا دۆلەتلەردىكى بەزى دۆلەتلەر قانۇنسىز ئىشلىتىۋالغاچقا، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئارىلىشىپ (چۈنكى ئۇلارغا ھەق تۆلىمەيلا ئىشلىتىشكە بولمايدىكەن، تارقىتىش ھوقۇقىنى مەركىزي تېلېۋىزيە ئىستانسسىغا ئوخشاش سېتىۋېلىش كېرەك ئىكەن،) پەقەت سىملىق تارقىتىشقا مەجبۇر بولدۇق، مۇسابىقە ۋاقتىدىكى سۈنئىي ھەمراھ تارقىتىلىشى پېچەتلەندى. ئەمەلىيەتتە، مەركىزي تېلېۋىزىيە ئىستانسسىنىڭ بىزنى قوللىغىنىنىڭ، ئاڭلىتىشىنى توختىتىۋەتمىگىنىنىڭ ئۆزىلا چوڭ ئىش بولدى. بىزنىڭمۇ تاماشىبىنلارنى ئازايتىقىمىز يوق، لېكىن تارقىتىش ھوقۇقى مەسىلىسى خەلقئارالىق، نازۇك مەسىلە بولغاچقا توغرا چۈشىنىشىڭلارنى سورايمىز.
   بىزمۇ چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى بارا - بارا چۈشىنىۋاتىمىز. چۈنكى، ھېچقايسىمىز كەسپىي چۈشەندۈرگۈچى ئەمەس، كۈندۈزى نورمال خىزمەت قىلىپ، كېچىسى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىگە قاتنىشىۋاتىمىز،  40 نەچچە سائەت ئۇخلىمغان كۈنلىرىمدىنمۇ نەچچىسى بولدى.، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېرىم كېچىدە ئىسسىق ئاڭلىتىش ئۆيىدە تېلېۋىزورغا قاراپ تۇرۇپ چۈشەندۈرۈش نەق مەيداندا چۈشەندۈرگەندەك ھۇزۇرلۇق، ھېسسىياتلىق بولمايدىكەن، شۇنداقتىمۇ، بىز يەنىلا ئەڭ زور تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىشكە، سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرۈشكە، سىلەرنىڭ پىكىر - تەكلىپىڭلارنى ئاڭلاشقا ھەر ۋاقىت تاييارمىز. خەلقىمىزنىڭ پۇتبول چۈشەنچىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئازدۇر - كۆپتۇر تۆھپە قوشۇش بىزنىڭ شەرىپىمىز ۋە بۇرچىمىز.
    سىلەرنىڭ تەكلىپ - پىكىرىڭلارنى، ئانا تىلىمىزدىكى ئاڭلىتىش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدىكى بايانلارنى ساقلاپ ئابلەتجان ياسىندىن.  چ چ: 629497988
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
ياخشى تەھلىل قىپسىز!
مېنىڭ يەنە بىر يەرنى تولۇقلاپ قويغۇم كەلدى!گەرچە بىرازىليەنىڭ بۇيەرگىچە يېتىپ كېلىشىنى پۈتۈنلەي رېپىردىنلا كۆرگىلى بولمىسىمۇ(مىكسىكا بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىگە قاراڭلار،ئەمەلىي كۈچى بار تەلەيلا كەمدە)،ئەمما ئوتتۇرا مەيدان بىرىنچى مەيداندىن تارتىپلا ئۆزىنىڭ ‹بەش يۇلتۇز›ئەمەسلىكىنى ئاشكارىلاپ كەلگەن!ئەنئەنىۋى بىرازىليەنى بىلىمىز،بەك ئەمدى يېقىنقى ئىسپانىيەدەك توپ كونتىرول قىلمىسىمۇ،يەنىلا توپنى سالماقلىق بىلەن توپ كونتىرول قىلىدىغان،قايتۇرما ھۇجۇملىرىدىن باشقىمۇ ،كۆپ پاس ئارقىلىق ،توپ كونتىرول قىلىش ئارقىلىق شۇنداق چىرايلىق توپلارنى كىرگۈزەتتى،قارشى تەرەپكە بېسىم ئېپ كېلەتتى...بۇقېتىم ناھايىتى ئوچۇق كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى ،بۇ ئالاھىدىلىك يوق!نېمىشقا؟!ئوتتۇرا مەيدان ‹يادروسى›يوق!ئاندىن ئالدىدىكى ئىككى ھۇجۇم ۋە ھېلىقى رو دەمدۇ،ئەسقاتمايدىغان يارىماسلار بار!
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەخ مەيدان ئاڭلىتىشقا قاتناشقان بارىلىق جاپاكەش قىرىنداشلىرىمغا ئاللاھنىڭ سالىمى بولسۇن . جاپا چەكتىڭلار  
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتراپلىق تەھلىل
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماگا ۇيگۇر چە خەت بېسىشنى  ۇگەنگىلى بۇلدىگان  软件  بولسا ەۋەتىپ بەرگەن بولساگلا كېرىنداشلىرىم       اللا سىلەدىن رازى بولسۇن    جىك تىمىلار نى يوللىگۇم بار ىدى    ەپسۇس ......  ويگۇرچە خەت مەسىلىسى ............................     چ چ :176707185
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گېرمان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-9 14:15  

بىرازىلىيەدە بۇقېتىمقى مەغلۇبىيەتنى قۇبۇل قىلالمىغان مەستانىلەر چاتاق چىقىرىپتۇ، يىگىرمە نەچچەئاپتۇبۇسنى كۆيدۈرۋىتىپتۇ
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
XATKAR886 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-9 13:04
ئەسلىدىنلا ئەڭ «ئاددىي» بىرازىلىيە كوماندىسى، ئەڭ چو ...

توغرا  تەھلىل .،.مەنمۇ  شۇ  قاراشتا  .،.ئوتتۇرا  مەيداندىكىلەرنىڭ تەشكىللەپ  قايتۇرما  ھۇجۇمغا  ئۆتۈشى  بەك كەسكىن  ياخشى  بولدى  .،.،
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرگەبىرنۆۋەت يەرگەبىرنۆۋەت مۇشۇ بىرئىغىز سۆزلا ھەممىنى ئىسپاتلىدى.
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇنبىرىمىزدە كۆرگەن ئەڭ ئېسل تەھلىل بوپتۇ، ئابلەتجانغا كۆپ رەخمەت!!!
مۇنبىرىمىزدە بىرازىلىيەنىڭ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان ئەزالار ئىسىملىگى(ئەڭ ئاخىرقى مۇقىمدالغان تىزىملىك) ئېلان قىلىنغاندا، كۆپلىگەن تورداشلار كاكا بىلەن رونالدىنھودەك تەجىربىلىك چولپانلارنىڭ يوقلىقىغا ئېچىنغان ئىدى، مەنمۇ شۇ قاتاردا سىكولارىغا نارازى بولغان. مېنىڭچە بولغاندىمۇ كاكا بىلەن رونالدىنھونى ئوتتۇرا مەيداندا ئويناتسىمۇ 100%ھۆددىسىدىن چىقالايتتى، ئاخشامقى مۇسابىقىدە ئوتتۇرا مەيدان توپچىلارنىڭ توپنى كونتىرول قىلالماسلىقى، بېكلارنىڭ تولا توپ تارتقۇزۇپ قۇيۇشى، ھۇجۇمچىلارنىڭ شۇنداق چىرايلىق توپلارنى بىر تەرەپ قىلالماسلىقى بىرازىلىيىنى مۇشۇنداق سەتچىلىككە قويدى دەپ قارايمەن.
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تەھلىل بوپتۇ ، نىيمار بىلەن سىلۋانىڭ يوقلىقى تېخىمۇ چوڭ نۇمۇر بىلەن ئۇتتۇرىشىغا سەۋەپ بوپ  قالدى دەپ ئويلايمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-7-14 22:25 , Processed in 0.070219 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش