تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 1674|ئىنكاس: 61

بىرازلىيە بەدەل تۆلىدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
   ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوستلەر، كەمىنە دوستۇڭلار ئابلەتجان ياسىندىن ئوتلۇق سالام:
   بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە مۇناسىۋەتلىك بەزى تەھلىللەرنى يېزىپ، سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئويلىغان بولساممۇ، لېكىن بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە باشلىنىپ تا ھازىرغىچە خىزمەت ئالدىراشلىقى ۋە مۇسابىقە چۈشەندۈرۈش ئالدىراشچىلىقى سەۋەبلىك دېگەندەك ۋاقىت چىقىرالمىغانىدىم. بۈگۈنكى مۇسابىقە مېنى قاتتىق ئويلاندۇردى ۋە قەلەمنى قولۇمغا ئېلىشىمغا مەجبۇرلىدى.
ئالدى بىلەن ئۆزۈمنىڭ ئىتالىيەنىڭ توپ مەستانىسى ئىكەنلىكمنى قەيت قىلىۋېتەي، مەن پەقەت ئوتتۇرىدا تۇرىدىغان بىر توپ مەستانىسى سۈپىتىدە بۇ تەھلىلنى يازدىم، ئورتاقلاشقايمىز:
                                                                                               بىرازىلىيە بەدەل تۆلىدى
   بۈگۈن سەھەردە ئۆتكۈزۈلگەن يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، بىرازىلىيە كوماندىسى ئويلىمىغان يەردىن 7 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن گېرمانىيە كوماندىسىغا ئېچىنىشلىق يېڭىلىپ قالدى. بۇ خىل «قانلىق» نەتىجىنى نۇرغۇن كىشىلەر، ھەتتا گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ ئۆزىمۇ ئويلاپ يەتمىگەن بولۇشى مۇمكىن. مېنىڭچە، بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ يېڭىلىپ قېلىش سەۋەبىنى تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن:
1.        ئەسلىدىنلا ئەڭ «ئاددىي» بىرازىلىيە كوماندىسى
بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە باشلىنىشتىن ئىلگىرى بىرازىلىيە كوماندىسى چېمپىيون بولۇش ئېھتىماللىقى ئەڭ زور كوماندىلارنىڭ بىرى، دەپ قارالغانىدى. ساھىبخانا، ئەنئەنىۋىي كۈچلۈك دۆلەت، ئەڭ كۈچلۈك مۇداپىيە سېپى، بۇ كوماندىغا پىشششىق تىرېنىر، چېمپىيونلۇققا تەلپۈنگەن ئادەتتىن تاشقىرى يۈرەك... بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئىدى. ئەپسۇس، تاشقى ئامىللارغا شۇنداق دىققەت قىلدۇق يۇ، ئەڭ ئاساسلىق ئامىل بولغان تەنھەرىكەتچىلەرگە سەل قارىدۇق. نېيمار، سىلۋا، ئوسكار دەپ ساناپ تېخى بەش بارمىقىمىزنى تولۇق ساناپ بولالمايلا توختاپ قالدۇق. بۇ ھەقىقەتەنمۇ «پۇقرا» لاشقان، چولپانلاردىن يىراقراق بىرازىلىيە كوماندىسى ئىدى. بەك يىراققا قارىماي، يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيانقى بىرازىلىيە كوماندىسىغا قاراپ باقايلى، بىرازىلىيەنىڭ ھۇجۇم سېپى ئەزەلدىن بۇنچىلىك چولپانسىراپ كەتمىگەنىدى. بۇ «پۇقراۋى» كوماندا دەل مۇشۇ ئەجەللىك ئاجىزلىقى بىلەن زىيان تارتتى، ئاساسلىق ئەزالىرى بىلەن زاپاس ئەزالىرىنىڭ ئەمەلىي كۈچ جەھەتتىكى پەرقىمۇ بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاپ بەردى. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ھەقىقىي بىرازىلىيەنىڭ سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلغۇدەك مۇسابىقە پەقەت بىر قانچە مەيدانلا بولدى، بىرازىلىيە كوماندىسى ئىلگىرىكى بىرازىلىيە كوماندىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يېتەلمىدى.
رونالدونىڭ يوقلىقى يەنە 10 – 15 يىلغىچە بىرازىلىيە كوماندىسىنى قىينىشى  مۇمكىن.
2. تىرېنىرنىڭ ئەجەللىك خاتالىقى
ئىلگىرى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە بىرازىلىيە كوماندىسىنى يېتەكلەپ چېمپىيون، پورتۇگالىيە كوماندىسىنى يېتەكلەپ تۆتىنچى قىلغان سىكولارىنىڭ قالتىس تىرېنىرلىقىدا گەپ يوق، ئۇنىڭ سەۋىيەسىنى باھالاشنىڭ ئۆزىمۇ ئەخمەقلىق. لېكىن، ئۇنىڭ بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىكى ئۈزۈل – كېسىل يېڭىلىق يارىتىش روھىدىن ئاز – تولا گۇمانلىنىشقا بولىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك بىرازىلىيە كوماندىسىدا پېشقەدەم ماھىرلار ئازمۇ ئەمەس، مايكون، سېسار، فېرىد ... لېكىن، بىرازىلىيە كوماندىسى ئەڭ ئېھتىياجلىق كاكا يوق. كاكانىڭ بۇرۇنقى كاكا ئەمەسلىكى ھەممىمىزگە ئايدىڭ، بىراق، تۈنۈگۈنكىدەك نېيمارغا ئوخشاش ھۇجۇم تايانچىسىدىن، سېلۋاغا ئوخشاش «قالقان»، ئەڭ مۇھىمى روھىي تۈۋرۈكىدىن ئايرىلغان بىرازىلىيەگە لازىمى تەجرىبىلىك، ئىجتىھادلىق، قايتارما ھۇجۇمغا ماھىر كاكا ئىدى. كاكا ئالدى بەل ئويناپ، ئوسكار ئوڭغا، خۇلك سولدا ئوينىغان بولسىمۇ، ھېچ بولمىدى دېگەندە بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ قايتارما ھۇجۇمىدىن ئۈمىد بار ئىدى. يەنە كېلىپ، بىرازىلىيە كوماندىسىنى مۇشۇ ھالەتتە گېرمانىيە كوماندىسى بىلەن ھۇجۇم جېڭى ئېلىپ بېرىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشمۇ تازا ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىدى.
3.        قالقان بىلەن نەيزىنىڭ تەڭلا يوق بولۇشى
بىرازىلىيەنى قەدىمكى زاماندىكى بىر ئەسكەر دەپ پەرەز قىلايلى: بۇ ئەسكەر مۇھىم دوئېلغا ئاتلاندى، رەقىبىمۇ ئۆزىدىن قېلىشمىغۇدەك بىر ئەزىمەت ئىدى. ئۇ جەڭگە ئاتلىنىش ئالدىدا شۇنى بايقىدىكى، ئەڭ ئۆتكۈر نەيزىسى (نېيمار) بىلەن ئەڭ مۇستەھكەم قالقىنى (سىلۋا) يوق ئىدى. ئىلگىرى مۇشۇ ئىككى قورالنى گۈلدەك ئوينىتىپ، زەپەر قۇچقان بۇ ئەسكەر ئامالسىز، ھاپىلا – شاپىلا توقماق - قامچىلىرىنى كۆتۈرۈپلا دوئېلغا چۈشتى... ئەپسۇس، رەقىبىنىڭ ئۆتكۈر ئايپالتىسى ۋە زۇلپىقىرى بار ئىكەن ئەمەسمۇ...
4. جەنۇبىي ئامېرىكا كوماندىلىرىنىڭ ئورتاق يېتەرسىزلىكى ــــ پىسخىكا ئاجىزلىقى
ئۆزىنى ئىسپاتلاش پۇرسىتىگە ئەمدىلا مۇۋەپپەق بولغان نېيمار ۋە ئوسكار، ئۇلاردىنمۇ گۆدەكرەك بولغان پاۋلىنىئو ۋە فېرنەندىنىئونىڭ بۇنداق چوڭ مۇسابىقىلەردە ئىزچىل ئەڭ ياخشى ئىپادىسىنى ساقلىشى قىيىن. ئۇلار تېخى ئۆگىنىش، تاۋلىنىش باسقۇچىدا بولۇپ، غايەت زور بېسىمنى يېڭىشىغا يەنە خېلى كۆپ ۋاقىت ۋە مۇسابىقە كېتىدۇ.
قېرىنداشلىرىمىز شۇنى ھېس قىلدىمىكىن، يېقىنقى يىللاردىن بېرى جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەتلىرىنىڭ كوماندىلىرى دۇنيا لوڭقىسىدا تازا دېگەندەك ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلمەي كەلدى. بۇنداق بولۇشىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى دەل ئۇلارنىڭ پىسخىكىدىكى ئاجىزلىقىدا ئىپادىلىنەتتى.
2010 – يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى ئىككى مەيدان مۇسابىقە ۋە بۈگۈن سەھەردىكى مۇسابىقە بۇنىڭ تىپىك مىسالى.
2010 – يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تۆتتىن بىر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە گېرمانىيە كوماندىسى ئارگېنتىنا كوماندىسىنى 4:0 نەتىجە بىلەن يەڭدى. مۇسابىقە باشلىنىپلا مۇللېر بىر توپ كىرگۈدى. ئارگېنتىنا كوماندىسى تېرىكتى، ھۇجۇمغا ئالدىرىدى، ئەكسىنچە گېرمانىيە كوماندىسى بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئارقا – ئارقىدىن نومۇر ئالدى، مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا، ئارگېنتىنا كوماندىسىنى «چىمدىپ ئۆلتۈردى». نومۇردا ئارقىدا قالغاندىن كېيىن، ھۇجۇمغا ئالدىرماي قانداق قىلىدۇ؟ بۇ تاماشىبىنلارنىڭ ئويى ۋە ئىنكاسى، ئەمما كەسپىي تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئىنكاسى بۇنداق بولسا بولمايتتى. بۇنىڭ جاۋابى ئىنگىلادنىڭ گېرمانىيەگە 1:4 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرغان مەيدانىدا چىقىدۇ. ئىنگىلاندمۇ مۇسابىقە باشلىنىپ نىسبەتەن بۇرۇنلا توپ كەتكۈزۈپ قويغان ( 19 - مىنۇت)، لېكىن ئىككى توپ كەتكۈزۈپ قويۇپ تۇرۇقلۇقمۇ، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ يەنە ئىككى توپ قوغلاپ يېتىشكەن، ئەپسۇس لامپاردنىڭ چىرايلىق كىرگەن توپى نەزەرگە ئېلىنماي، مۇسابىقە نەتىجىسى باشقىچە بولۇپ كەتتى، دېمەككى، ئوخشاش ئەھۋالدا ئارگېنتىنا ئىنگىلاندتىن كۈچلۈك تۇرۇپ، ئىنگىلادتەك قىلالمىدى.
يەنە شۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە، گوللاندىيە بىرازىلىيە بىلەن تۇتۇشتى. گوللاندىيە كوماندىسى مۇسابىقە باشلىنىپ 9 مىنۇتتىلا توپ كەتكۈزۈپ قويدى. بىرازىلىيەنىڭ ئالدىنقى يېرىم مەيداندىكى ھۇجۇمىنى ئەسەبىيلىك، دېگەن سۆز بىلەنلا ئىپادىلەش مۇمكىن ئىدى. ھەممە كىشى گوللاندىيە تۈگەشتى دەپ ئويلاۋاتقاندا، گوللاندىيە كۈچلۈك ئىنتىزامى، پەۋقۇلئاددە ياخشى پىسخىك ساپاسى بىلەن بىرازىلىيە كوماندىسىنى چېكىندۈردى ۋە بېشىدىلا توپ كەتكۈزۈپ قويۇش خەتەرلىك ئەمەس، خەتەرلىكى پىسخىكىدا، روھتا كەتكۈزۈپ قويۇش، دېگەن قائىدىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. بۈگۈن سەھەردىكى مۇسابىقىمۇ دەل مۇشۇ نۇقتىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. بەلكىم، پىسخىكىدىكى بۇ خىل پەرق مەدەنىيەت ساپا جەھەتتىكى پەرقتىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. دەرۋەقە، جەنۇبىي ئامېرىكا كوماندىلىرىنىڭ بۇ يىلقى ئىپادىسى ياخشى بولدى، كوستارىكا، ئۇرۇگۋاي كوماندىلىرى ئىتالىيە، ئىنگىلاند قاتارلىق كوماندىلارنى يەر چىشلەتتى، لېكىن، بۇ كوماندىلار ئەڭ ھالقىلىق، مۇھىم مۇسابىقىلەردە يەنىلا چاندۇرۇپ قويدى.
دېمەك، بىرازىلىيەنىڭ بۇ قېتىمقى مەغلۇبىيىتى ناھايىتى رەھىمىسز، تاسادىپىيدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە يەنە نۇرغۇن مۇقەررەرلىكنىڭ سىيماسىغۇ تەن بېرىش كېرەك. بىرازىلىيە كوماندىسى بەدەل تۆلىدى، لېكىن بۇ بەدەل بىكارغا تۆلەنمەيدۇ، «ئەرگە بىر نۆۋەت، يەرگە بىر نۆۋەت». بىرازىلىيە پۇتبولچىلىقىنىڭ جەۋھىرىمۇ دەل قايتىدىن ئىش باشلاپ، يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەسلىكتۇر. چولپان ئۈزۈلمەيدىغان، پۇتبول ئاساسى كۈچلۈك بىرازىلىيە «پۇتبول پادىشاھلىقى» دېگەن نامىدىن تېخى ئۈزۈل – كېسىل خوشلاشمىدى!!!

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 7مۇنبەر پۇلى +300 يىغىش سەۋەبى
روندو + 30 قالتىس!
سېغىنىش + 20 قوللاش!
nayil + 50 قوللاش!
مەھشەر + 50 داۋاملىق ...
@Messi + 50 قوللاش!
missi2 + 50 قوللاش!
بىرازىلىيە + 50 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن باشتىن ئاياغ  بىرازىلىيەنىڭ  بۇ يەرگىچە كىلەلىشى پەقەت رىپىرلارنىڭ ياردىمى بىلەن ساھىپخان ئەۋزەللىكى دەپ قاراپ كەلگەن ، تۈنۈگۈنكى نەتىجە بۇ قارىشىمنى ئىسپاتلاپ قويدى .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +10 يىغىش سەۋەبى
بىرازىلىيە + 10 ناچار

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-7-9 15:52
ماقالىنىڭ بېشىدىلا ئېيىتتىمغۇ، مەن ئىتالىيەنىڭ 16 يىل ...

ئابلەتجان  ئۇكام   سىزنى  قارشى  ئالمىز  ئېسمدە  قىلشىچە  سىز  بۇرۇن  بىر  قىتىم  تىزىملىتىپ  كىرگەن  كىيىن  كىرمىدىڭىز  مۇبارەك  قەدىمىڭىز  توختاپ  قالمىسۇن.خالىسىڭىز  مۇنبەرددىكى  كۇنا  .ئېسىمدىن بىرنى  ھەدىيە  قىلاي.  داۋاملىق  كىرىپ  تۇرۇڭ
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى تەھلىل قىپسىز مۇسابىقىدىمۇ شۇنداق ياخشى چۇشەندۇرەتتىڭىز مۇشۇ ئىنكاسىم ئارقىلىق سىزگە ۋە بارلىق سىز بىلەن بىللە بىزگە ئاڭلىتىش بىرۋاتقان قىرىنداشلاغا ئۇزەمنىڭ رەھمىتىنى بىلدۇرمەن ، سىلەرنى ھەممە پۇتبۇل مەستانىسى داۋاملىق قۇللايدۇ ۋە قۇۋەتلەيدۇ رەھمەت سىلەرگە ،
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ مۇھىمى نىمارنىڭ يارلىنىشنى بۇلار قەتتى خىيالغا كەلتۈرمىدى
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راۋرۇس ھۇجۇمچىسى يوق  بوپ قالدى
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىنىڭ چۈشەندۈرۈش خىزمىتىگە قوشقان تۆھپىڭىزگە ئاپىرىن.
ئەمدى تېمىغا قايتىپ كەلسەك،،،بىرازىليە دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر پولات قورغان سېپىغا،ۋە مۇنەۋۋەر قاپقاۋۇلغا ئىگە....
ئەمما ئوتتۇرا مەيدانچۇ؟ھۇجمغا ھاياتى كۈچ ئاتا قىلدىغان مۇسابىقە رېتىمنى كونتىرول قىلدىغان ھەم ھۇجۇم ھەم ئالدى بەل ئۇرۇننىڭ شۇنداقلا سول كىراينىڭ تۇلۇق ھۆددىسىدىن چىقىدىغان كاكا نەدە قالدى.؟
بۇنداق دىسەم شەخسى ھىسيات ئارلىشىپ قاپتۇ دەپ ئويلاپ قالماڭلار...شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ نەتىجىنىڭ يۈز بىرىشىنى ھەممىز بىلىپ يەتكەن.ئەمما بۇنچىلىك ئېغىر دەپ ئويلىمىغان ھەر ھالدا يامان ئەمەس ئوينايدىغان لۇكاسچۇ؟

گېرمانغا قارقساق ھەممىدىن ئەۋزەل ئورنى يەنىلا ئوتتۇرا مەيدان ھېدىرانىڭ ئىپادىسىگە گەپ كەتمەيدۇ،،ھۇجۇمچىسىز دۆلەتكە ئايلىنىپ قالاي دىگەن گېرمان شۇ بىرنەچچە ھۇجمچىلىرى بىلەن بومباردىمان قىلىپ كەتتى،ئۇلارغا شۇ پۇرسەتنى يارىتىپ دۈشمەنننىڭ ھۇجمىنى تۇسۇپ ھۇجۇمچىلارغا پاس چىقىرىپ بىرىدىغىنى يەنىلا شۇ ئوتتۇرا مەيدان...

ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈنۈگۈن ئىككى توپ يىگەندە بىرەرسى چىقىپ خۇددى كائىندەك ۋاقىراپ تىللاپ،پۇيولدەك ئەركەكتەك ھالدىكى مەدەت بىرىشنىنى بەكمۇ كۆرگۈم كەلگەن،ئەمما ھىچكىم بۇنى قىلالمدى.دىمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەن ئەزالار داۋاملىق توپ يىشىشنى باشلىۋالدى...
ھەي سىكولارى ھەي سىكولارى،
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئابلەتجان ئەپەندىم سالامەت تۇرۇپسىزمۇ سىز مۇنبىرىمىزدە كۆرۈپ بەك خوشال بولدۇم ئۇيغۇر تەنتەربىيە ئىشلىرىغا قوشقان ھەسسىلىرىڭىزگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئىيتىمەن سىزنىڭ بۇ تەھلىلىڭىز بەك ئەتراپلىق بوپتۇ
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گىرمانىيە رىكورىت يارتىپ قويدىدە
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتايىن ئەتراپلىق تەھلىل بوپتۇ .
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ئاخشام يىرىم كىچىدە تىلۋىزورنى ئاچسام سۆزلەۋىتىپتىكەنسىز . توساتتىن سىگنال ئۈزلۈپ قالدى باشقا قانال ساق سىلەرنىڭ قاناللا ئىچىلماي كۆرەلمىدىم مۇسابىقىنى
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلەتجان تېچلىقمۇ، مېنىڭ پۇتبول مەيدانىدا چۈشەنمىگەن بىر سۇئالىم بار ئىدى، پۇتبولچىلار مەيدانغا كىرگەندە نىمە ئۈچۈن ئۆسمۈر بالىلارنى بىرگە ئېلىپ چىقىدۇ؟؟
تەكلىۋىم: چۈشەندۈرگىچىلەر مۇشۇ مۇسابىقىگە نىمىشقا ئەتراپلىق تەيارلىق بىلەن كەلمەيدىغاندۇ؟ بۇ قېتىمقى چۈشەندۈرۈشتە ماڭا يارايدىغىنى شەۋكەت مۇئەللىم بىلەن بىلەن ئابلەتجان (سىز) بولدى، بۇلتۇرقىغا قارىغاندا سىزدىمۇ چېكىنىش بار، بۇلتۇر سىز بەكلا ياخشى تەيارلىق بىلەن چۈشەندۈرگەن، بۇ يىلقى چۈشەندۈرۈشمۇ بولۇپ قالىدۇ، ئەمما بۇلتۇرقىدەك ئەمەس، بولۇپمۇ شەۋكەت مۇئەللىم پۇتبول قائىدىلىرىدىن تارتىپ بوتبولچىلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى شۇنداق ئادەمنى رازى قىلغۇدەك چۈشەندۈرىدىكەن،  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-7-13 09:04 , Processed in 0.110046 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش