ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3516 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ بىر ھەپتىدىن بىرىقى مۇسابىقىلەر ئىچىدە ئەڭ قىززىغان مۇسابىقە ،شۇنداقلا بىرمەيداندا 2 قىزىل كارتا كۈرۈلگەن،نىسبەتەن جاپالىق مۇسابىقە بولدى، ئەسلىدە 8-نۇمۇر مىرازاھىتنىڭ ئورنىدا بۇرۇنراق مۇشۇ 10-نۇمۇر قىزىل كارتا بىلەن چۈشۈرىلىۋەتسە بولاتتى،ئۇ مەيدانداندا ھە دىسىلا قوپال ھەرىكەتلەرنى ئىشلەپ ،ھەتتا باش رىپىر ۋە ئۆزىنىڭ تىرىنىرى بىلەنمۇ تاكاللىشىپ يۈرۈيدۇ،قارىغاندا بۇ بالىدا كەسپى ئەخلاق دىگەن نەرسە بەكلا كام ئىكەن ! ئاخىرىدا تاس قالدى چوڭ جىدەل چىققىلى ،ھېلىمۇ خۇداغا شۈكرى،بولمىسا بۇندىن كىيىن خوتەن دىيارىدا بۇنداق چوڭ مۇسابىقىلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلىشىگىمۇ بىر نەرسە دىگىلى بولمايتتى !
مەنمۇ باشتىن ئاخىرى ئەلقەلىپ دوىتۇرخانىڭسىنىڭ چىمپىيو بۇلىشىنى ئۈمۈت قىلارتتىم ھەمدە ھەل قىلغۇچىنى ھېيتگاھ نۇرلۇق كوماندىسى بىلەن ئوينىشىنى ئۈمۈت قىلاتتى،مىنىڭ ھىس قىلىشىمچە گەرچە ھېيتگاھ كوماندىسىدا ئەكرەم،ئابدۇۋەلى،يەھيا ۋە پەرھاتتەك چولپانلار بولسىمۇ لېكىن باشقا ئەزالىرىنىڭ يىتەرلىك كۈچ بىرەلمەسلىكى ھەم ماسلىشالماسلىق سەۋەبىدىن ياڭاق پادىشاھى ئۆي مۈلۈكچىلىكى كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قېلىپ ئاخىرىدا نوقتا توپ جېڭىدە شاللىنىپ كىتىپ بۇ ئۈمۈدۈم يوققا چىقتى !ياڭاق پادىشاھى ئۆ-مۈلۈكچىلىكى كوماندىسىدىكى دۆلەت قۇملۇق پۇتبول كوماندىسىكى ماھىر تۇرسۇنجان(25-نۇمۇر)،35-نۇمۇر نىزامىدىن ۋە 8-نۇمۇر مىرزاھىتنىڭ ئىپادىسى بەك ياخشى بولدى!
ئەمما چوڭ ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئېشىپ ئەلقەلىپ دوختۇرخانىسىدىكى ماھىرلارنىڭ ياخشى ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرىشى بىلەن چىمپىيۇن بولدى !
ئاخىرىدا دىلمۇراتنىڭ قاتتىق سۇغۇقتا كۈنلەپ سوغۇق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ نەق مەيدان مۇسابىقىسىنى چۈشەندۈرىشى ھەم مۇسابىقە جەريانىدىكى توپچىلارنىڭ ماھارىتى،كىيىم نۇمۇرى ۋە توپ كونتۇرۇول قىلشى،توپ ئۇرىشى قاتارلىقلارنى دۇنياغا داڭلىق ماھىرلارغا ئوخشىتىپ چۈشەندۈرۈشلىرى ئادەمنى ھەقىقەتەن قايىل قىلىدۇ،دىلمۇراتنىڭ پۇتبولنى چۈشۈنىشى ۋە سەۋىيىسىگە يەنە بىر قېتىم قايىل بولدۇم،ئاخرىدا مۇشۇ مۇسابىقىنى ئۇيۇشتۇرغان نۇرھايات دوختۇرخانىسى قاتارلىق دوختۇرخانا،شىركەتلەرگە ھەمدە زور كۈچ بىلەن قوللىغان دىلمۇرات قاتارلىق قېرىنداشلىرىمغا رەھمەت ئېيتىمەن ،ئۇلارنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرى تېخىمۇ بەرىكەتلىك بولغاي ! |
|