ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 2847 |
تۆھپىسى: سەر |
|
مۇشۇ مۇسابىقە شۇنداقلا مۇسابىقە ئۆتكۈزىلىشىگە ئەڭ زور تۆھپە كۆرسەتكەن دىلمۇرات توغرىسىدا بىر تىما يازاي دەپ ئويلىغان. مۇشۇ جايدا يۈرەك سۈزۈمنى قالدۇراي:
خۇتەن دىيارىنىڭ پۇتبول تەرەققىياتى يېقىندىن بىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتىدۇ. بىراق ۋاسكىتبول، بوكىس قاتارلىق تۈرلەرنىڭ تەرەققىياتى، ئاممىنىڭ قىزغىنلىقى خېلىلا يۇقىرى. راستىنى ئېيتقاندا پۇتبول يەنىلا زور كۈچ بىلەن قوللاشقا، تەشۋىق قىلىشقا مۇھتاج. دىيارىمىزدا يىلىدا 30-40 مىليۇن زاكات ئايرىيدىغان بايلار، ھاجىلار بار. بىراق ئۇلار پوتبولنى ئەسلا چۈشەنمەيدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە پۇتبول ئىشقى شۇلارنىڭ ۋۇجۇدىغا سىڭىپ كىرسە بۇ ئالەمچە خۇشاللىق ئىش بۇلاتتى.
مۇسابىقىگە بارغانلار ھىس قىلغان بۇلىشى مۇمكىن، بۇ مۇسابىقە خۇتەن تارىخىدىكى تۇنجى زور كۈلەملىك مۇسابىقە بولدى. ھەتتا رادىئو ئونزۇللاردىمۇ تەشۋىق قىلىندى. بىراق بۇ مۇسابىقىنى باش پىلانلىغۇچى، نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغۇچى يەنىلا دىلمۇرات! گىرمانكام، باھادىر، قەلبىم قاتارلىق بۇرادەرلەر بىلەن پىكىرلىشىش جەريانىدىمۇ بۇ ھەقتە ئاز بولمىغان ئۇچۇرلارغا ئىرىشتۇق. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن بۇ مۇسابىقە غەلبىلىك تاماملاندى. شۇنداقلا مۇنبەر كوماندىسىنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاياقلاشتى. ھەقىقەتەنمۇ خۇشاللىنارلىق ئىش بولدى. ئاللا خالىسا بۇندىن كىيىن يەنە ئۆتكۈزۈلمەكچى. شورباغدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقە خەۋىرىنىمۇ دىلمۇراتنىڭ ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق بىلىپ كىلىۋاتىمىز. مۇشۇ بالىنىڭ قىزغىنلىقىنى قوللاش مۇنبەر ئەھلىنىڭ مەجبۇرىيتى. سىلەردىن شۇنى ئىلتىماس قىلىمەن! دىلمۇراتنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ مىداللارنى تاقىساڭلار! ئەگەر شۇ مىداللارنى پۇلغا ئالغىلى بولغان بولسا ئۆزۈم تاقاپ قۇياتتىم. ئويلىشىپ باقساڭلار!
|
|