elan ornielan orni
كۆرۈش: 4048|ئىنكاس: 53

ئەلقەلب كۇلۇبى چېمپىيون بولدى !

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilmurat. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-19 18:19  

{9VOCG)Y%%_BXT7}5SV9C2V.jpg

ئەلقەلىب دوختۇرخانىسى رەھبەرلىكى ، دوختۇرخانا باشلىقى پەرھات ئەپەندى ، مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى ئابلەت ھاجىم ،  ئىقتىسادى جەھەتتىن زور دەرىجىدە قوللاپ - قۇۋەتلەپ ئەلقەلىب پۇتبول كۇلۇبى 2012-يىلى رەسمى قۇرۇلدى .


ئەلقەلىب كۇلۇبىنىڭ دەسلەپكى ئەھۋالى

ئەلقەلىب كۇلۇبى دەسلەپتە يوقلىقتىن بارلىققا كەلدى !

1T(]WD}CP(LFOJLR(H8MYU5.jpg

2012-يىلى 3-ئايدا توردىشىمىز ئەنقەر 528 ماڭا خوتەندە بىر كوماندا قۇرۇش تەكلىۋىنى بەردى . بۇ كوماندىنىڭ نامى ئەزىمەتلەر كوماندىسى دەپ بېكىتىلدى شۇنىڭ بىلەن مەن كوماندا تەشكىللەپ مۇنبىرىمىز نامىدا خوتەن بەش كىشلىك پۇتبول بىرلەشمىسىگە قاتناشتۇق لىكىن ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلمىدۇق ...مەن كوماندىنى تەرەقىي قىلدۇرۇش مەخسىتىدە  ئەزىمەتلەر كۇلۇبىمىزغا تەيچەنداۋ تېرىنىرىم يۈسۈپجاننى خالىس تېرىنىرلىققا تەكلىپ قىلدىم شۇنداقلا يۈسۈپجاننى مۇنبىرىمىزگە ئەزا بولۇشقا تەۋسىيە قىلدىم ... يۈسۈپجان ئۆزى تەنتەربىيەنى سۆيىدىغان ئۇستاز بولغاچقا بۇ ئىشنى باشتىن - ئاخىرى قوللاپ كەلدى . ئارلىقتىن ئۇزۇن ئۆيمەي يۈسۈپجان ئەلقەلىب دوختۇرخانىسىدىن ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم سورىدى ...ئەلقەلىب دوختۇرخانىسىدىكى پەرھات ئەپەندى ، ئابلەت ھاجىملار تۇنجى قېتىم 5000 مىڭ يۈۋەن ياردەم قىلدى شۇ بەش مىڭ يۈۋەن پۇلنى ئىشلىتىپ كوماندىمىز خوتەن بىرلەشمىسىدە سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى . كىيىن يەنە بىر پەسىللىك مۇسابىقە ئۈچۈن 5000 مىڭ يۈۋەن ياردەم قىلدى شۇ پەسىللىك مۇسابىقىدىمۇ ئوخشاشلا كوماندىمىز سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغىچە بۆسۈپ كىردى . ئەڭ خۇشاللىنارلىق يېرى شۇكى بۇ كوماندىدىكى ئەزىمەتلەرنىڭ كىيىمىنىڭ قورساق قىسمىغا ئەلقەلىب دوختۇرخانىسى دىگەن خەت بېسىلغان ئىدى ، مۇنبىرىمىزنىڭ تور ئادرىسىمۇ تەڭ بېسىلغان ئىدى .   



XKGL6{O2YT~UJ0P`O964L32.jpg

كوماندا نامى ئەلقەلىب كۇلۇبىغا ئۆزگەرتىلدى

2013-يىلى ئەلقەلىب ساغلاملىق لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئەلقەلىب دوختۇرخانىسى 70000 مىڭ يۈۋەن خەجلەپ ئۆتكۈزۈپ بەردى . دەل شۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ ئەزىمەتلەر كۇلۇبى ئەلقەلىب دوختۇرخانىسىنىڭ نامىدا مۇسابىقىگە قاتنىشاتتى شۇڭلاشقا ئەلقەلىب دوختۇرخانىسىغا رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن ئەينى ۋاقىتتىكى ئەزىمەتلەر كۇلۇبىنىڭ رەئىسى ئەنقەر 528 ، بىكەت باشلىقى نىجات ھەمىمىز بىرلىككە كىلىپ  كوماندا نامىنى ئەلقەلىب كۇلۇبىغا ئۆزگەرتتۇق شۇنداقلا شۇ پەسىللىك مۇسابىقىدە 4- بولدۇق  . كوماندا نامى ئۆزگەرتىلگەندىن كىيىن ئەلقەلىب كۇلۇبىنىڭ رەئىسى قايتىدىن بېكىتىلدى . دوختۇرخانا باشلىقى پەرھات ئەپەندى  ئەلقەلىب كۇلۇبىنىڭ رەئىسى بولدى ، مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى ئابلەت ھاجىم ئەلقەلىب كۇلۇبىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولدى . يۈسۈپجان مۇنبەردىكى ( تۈرۈك 222 ) كوماندا تېرىنىرى قوشۇمچە يىتىەكچى بولدى . مەن ياردەمچى تېرىنىر قوشۇمچە يىتەكچى ، كوماندا ئەزاسى بولدىم ... بۇ  كوماندىنىڭ قۇرۇلىشىغا سەۋەپچى بولغان ئەنقەر 528 غا ئەلقەلىب دوختۇرخانىسى نامىدىن رەھمەت ئېيتىمەن .



{T0HY8S_@]TQ8D%9_TQ9_IE.jpg


ئەلقەلىب كۇلۇبى نۇرھايات لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى

2014-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە خوتەندە ئۆتكۈزۈلگەن ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى كۈچلۈك كوماندىلاردىن 16 كوماندا قاتناشقان ، چوڭ  تىپتىكى 11 كىشلىك پۇتبول مۇسابىقىسى يەنى « نۇرھايات لوڭقىسى»نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئەلقەلىب كۇلۇبى ئۇدا بەش مەيدان غەلبە قىلىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگىچە بۆسۈپ كىردى .  ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئەلقەلىب كۇلۇبىمىز  ياڭاق پادىشاھى ( شىنجاڭ ئۇنۋىرستىتى كوماندىسى) نى 1:0 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلىپ چېمپىيون بولدۇق  شۇنداقلا كوماندا قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ نەتىجىنى قولغا كەلتۈردۇق !
بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە كوماندا قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن ئەلقەلىب دوختۇرخانىسى زور دەرىجىدە مەبلەغ چىقاردى شۇندقلا شىنجاڭدىكى ئەڭ ياش داڭلىق  ماھىرلارنى تەكلىپ قىلدى . بۇندىن كىيىنمۇ ئەلقەلىب كۇلۇبى شىنجاڭدىكى چوڭ تىپتىكى مۇسابىقىلەرگە ئىزچىل قاتنىشىدۇ ... بۇ قېتىملىق مۇسابىقە كىيىمىمىزدىمۇ ئوخشاشلا مۇنبىرىمىزنىڭ تور ئادرىسى بېسىلغان بولۇپ مۇنبىرىمىزنىڭ تور ئادرىسى مىڭلىغان توپ مەستانىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولدى ، ئەلقەلىب دوختۇرخانىسىنىڭ پۇتبولنى سۆيىدىغانلىقىنى پۈتۈن ئۇيغۇر توپ مەستانىلىرى بىلىپ يەتتى .  بۇندىن كىيىنمۇ ئوخشاشلا مۇنبىرىمىزنىڭ تور ئادرىسى داۋاملىق ئەلقەلىب كۇلۇبى مۇسابىقە كىيىمىگە بېسىلىدۇ  .  دەل شۇ كىيىمنى داڭلىق ماھىرلار كېيدى ، ھەم بۇندىن كىيىنمۇ كېيىدۇ...

QQ图片20140215012642.jpg

QQ图片20140215012623.jpg
QQ图片20140215012617.jpg
QQ图片20140215012556.jpg


بۇ قېتىم كوماندىمىز ئۈچۈن توپ تەپكەن داڭلىق ماھىرلار  مۇنبىرىمىنى زىيارەت قىلماقچى بولدى بۇ مۇنبىرىمىز ئۈچۈن ياخشى باشلىنىش ... ئەلقەلىب دوختۇرخانىسى ئالدىنى يىلى مۇنبىرىمىزگە 3000 مىڭ يۈۋەن ياردەم قىلغان ئىدى ئاللا خالىسا بۇ يىل مۇنبىرىمىزنىڭ بوشلۇقى تۈگەپ كەتسە يەنە 3000 مىڭ يۈۋەن ياردەم قىلىدۇ . ئۇلار داۋاملىق پۇتبولنى قوللايدۇ ...
ئەلقەلىب دوختۇرخانىسى رەھبەرلىكى بۇ كوماندىنى قۇرۇپ پايدا -مەنپەئەت كۆزلەپ باقمىدى پەقەت ئۇلار كارخانىچى بولغاچقا مىللىتىمىزنىڭ پۇتبولىنى تەرەقى قىلدۇرۇش ، قوللاش يۈزىسىدىن نۇرغۇنلىغان پۇللارنى غەجلىدى ھەم خەجلىمەكچى ... ئەلقەلىب كۇلۇبىنى مۇنبىرىمىزدىكى 13000 مىڭدىن ئارتۇق ئەزا مۇنبىرىمىز كوماندىسى دەپ بىلسە تامامەن بولۇدۇ بۇ ئىشتىن ئەلقەلىب دوختۇرخانىسى رەھبەرلىكىنىڭمۇ خەۋىرى بار  . « كوماندا نامى مەڭگۈ ئەلقەلىب كۇلۇبى » بولۇدۇ . چۈنكى پۇتبول مۇنبىرىدىكى توپ مەستانىلىرى  ئۆز مىللىتى قۇرغان ئەلقەلىب دوختۇرخانىسى رەھبەرلىكىدىكى  كوماندىنى ئۆزىمىزنىڭ كوماندىسى دەپ بىلەلەيدۇ ، ئەلقەلىب دوختۇرخانىسىغا مۇنبىرىمىز نامىدىن چوڭقۇر رەھمەتىمنى بىلدۈرىمەن .


ئەلقەلىب كۇلۇبىدىكى بەش چوڭ تۆھپىكار



G3QFK}{KF7CN4T4UN6H9`WL.jpg


ئوڭدىن سولغا ئابلەت ھاجىم ، دىلمۇرات ، پەرھات ئەپەندى ، يۈسۈپجان ،  رەسىمدە ئەنقەر 528 يوق بولۇپ قالدى .


1-دوختۇرخانا باشلىقى پەرھات ئەپەندى
2-مۇئاۋان دوختۇرخانا باشلىقى ئابلەت ھاجىم
3-كوماندا يىتەكچىسى ، كوماندا تېرىنىرى يۈسۈپجان
4-كوماندا يىتەكچىسى ، ياردەمچە تېرىنىر ، كوماندا ئەزاسى دىلمۇرات
5- توردىشىمىز ئەنقەر 528 ( نۇرمۇھەممەت ئەپەندى )

بۇ بەش كىشىنىڭ بەزىلىرى ئىقتىسادى جەھەتتىن زور ياردەمدە بولسا يەنە بەزىلىرى ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى بېغىشلىدى بۇلار بۇ شەرەپكە تامامان ھەقلىق ...
AE27DA24-21D1-4E98-9C3A-EBAB48468DD7.png




QQ图片20140215012544.jpg

ئەلقەلىبنى قوللىغان داڭلىق ماھىرلار  


ئەلقەلىب دوختۇرخانىسى چولپانلارنى يىغىپ نۇرھايات لوڭقىسىدا چېمپىيون بولدى . ھەم خېلى كۆپ پۇل چىقىم قىلدى بۇ پۇللارنىڭ بىر قىسمى 27نەپەر  كوماندىمىز ئەزاسىغا مۇكاپات قىلىپ تارقىتىلدى . يەنە بىر قىسمى بولسا كوماندىمىزنىڭ بارلىق چىقىمى  ئىدى . بۇ پۇللار ئۇ داڭلىق ماھىلارنىڭ لايىقىدا بولمىغان بولۇشى مۇمكىن لىكىن ئۇلار پۇلنى دەپ ئەلقەلىب ئۈچۈن توپ تەپمىدى پەقەت قېرىنداش بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئەلقەلىب دوختۇرخانىسىنى قوللاپ قۇۋەتلىدى ... ھەم ئەلقەلىب دوختۇرخانىسىمۇ ئۇلارنى قوللىدى ، رازى قىلدى . ئەلقەلىب كۇلۇبىنى قوللىغان داڭلىق ماھىرلار تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە



@ZDX]1@6]}YO9_SABQVVA%B.jpg


كوماندا يىتەكچىسى : يۈسۈپجان ، دىلمۇرات

كوماندا تېرىنىرى : ئابدۇغەنى ( مۇسابىقە ئويناش سالاھىيىتىگە ئىگە )

كوماندا ئەزالىرى : ئابدۇغەنى(شاڭخەي شىنخۇا) ، مۇستافا نۇرۇم(شىنجاڭ تاشئالما) ئەخمەتجان (شىنجاڭ تاشئالما) ، مەخمۇتجان ، (شىنجاڭ تاشئالما) ئەكرەم(شىنجاڭ تاشئالما) ، سابىتجان(شىنجاڭ تاشئالما) ،ئابلەت ( گۇيجۇ جىچېن) ، ئابدۇراززاق (شىنجاڭ لاتارىيە) ، ئابدىشۈكۈر ( شىنجاڭ ئۇ 19 ياشلىقلار )،ئابدۇراخمان  ( شىنجاڭ ئۇ 19 ياشلىقلار ) ، شىرئەلى  ( شىنجاڭ ئۇ 19 ياشلىقلار ) ، مەۋلان  ( شىنجاڭ ئۇ 19 ياشلىقلار )
ئىمىنجان ( قەشقەر ئەمىن پۇتبول مەكتىۋى) ، مۇھەممەت تۇرسۇن ( قەشقەر ئەمىن پۇتبول مەكتىۋى) ، مۇھەممەت يۈسۈپ  ( قەشقەر ئەمىن پۇتبول مەكتىۋى) ، قاھار ( قەشقەر ئەمىن پۇتبول مەكتىۋى) ، دىلشات ( قەشقەر ئەمىن پۇتبول مەكتىۋى) بەختىيار ( قەشقەر ئەمىن پۇتبول مەكتىۋى) مۇستافا ( قەشقەر ئەمىن پۇتبول مەكتىۋى) ، ئابدۇلئەزىز ( قەشقەر ئەمىن پۇتبول مەكتىۋى) ، ئاللا بەردى ( مۇنبەردىكى مىسكىن بوي )



ئەلقەلىب دوختۇرخانىسىغا بارلىق پۇتبول مەستانىلىرى نامىدىن يەنە بىر قېتىم تەشەككۈر ئېيتىمىز!!! چۈنكى ئۇلار پۇتبولنى قوللىدى ھۇررا ئەلقەلىب !!!  


ئالاقىدار رەسىملەر






ئەخمەتجاننڭ ھەل قىلغۇچتا ئۇرغان توپى
PHZU(XDD)0(}H9OLDWYQJ)M.jpg

سابىتجاننىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە قىزىل كارتا بىلەن ئاگاھلاندۇرۇلىشى

~EVN0C_]6T8OERFMM(76NFW.jpg


شاڭخەي شىنخۇا كوماندىسىدىكى ئابدۇغەنى دىلمۇارتقا كىيىمىنى سوۋغات قىلدى  

QQ图片20140215020558.jpg

ئىختىيارى توپ ئۇستىسى 2-نۇمۇر مۇستافا نۇرۇم مۇداپىيە قىلىۋاتىدۇ
[2}N~J21XTIMPQP@7(]WUNJ.jpg

شاڭخەي شىنخۇادىكى پەخىرلىك ماھىرىمىز ئابدۇغەنى  ئەلقەلىب كۇلۇبىنىڭ كىيىمىنى كېيگەندىكى كۆرۈنۈش



QQ图片20140215012609.jpg

مەزكۇر تېما مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 11مۇنبەر پۇلى +480 تىللا +23 يىغىش سەۋەبى
گېرمان + 20 قوللاش!
satuk + 50 قالتىس!
تەنھا520 + 10 قالتىس!
تۇران + 3 قوللاش!
چوكىنات + 100 قالتىس!
بىرازىلىيە + 50 يارايسىلەر!!!
zidanni005 + 20 ئەلقەلىپ دوختۇرخانىس.
سەۋدا + 50 قوللاش!
دىلكەش + 50 قالتىس!
ئەلبارىس + 100 بەك سۆيۈندىم! ئەينى ۋ.
kara-yakxanba + 50 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-15 16:07:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىر ھەپتىدىن بىرىقى مۇسابىقىلەر ئىچىدە ئەڭ قىززىغان مۇسابىقە ،شۇنداقلا بىرمەيداندا 2 قىزىل كارتا كۈرۈلگەن،نىسبەتەن جاپالىق مۇسابىقە بولدى، ئەسلىدە 8-نۇمۇر مىرازاھىتنىڭ ئورنىدا بۇرۇنراق مۇشۇ 10-نۇمۇر قىزىل كارتا بىلەن چۈشۈرىلىۋەتسە بولاتتى،ئۇ مەيدانداندا ھە دىسىلا قوپال ھەرىكەتلەرنى ئىشلەپ ،ھەتتا باش رىپىر ۋە ئۆزىنىڭ تىرىنىرى بىلەنمۇ تاكاللىشىپ يۈرۈيدۇ،قارىغاندا بۇ بالىدا كەسپى ئەخلاق دىگەن نەرسە بەكلا كام ئىكەن ! ئاخىرىدا تاس قالدى چوڭ جىدەل چىققىلى ،ھېلىمۇ خۇداغا شۈكرى،بولمىسا بۇندىن كىيىن خوتەن دىيارىدا بۇنداق چوڭ مۇسابىقىلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلىشىگىمۇ بىر نەرسە دىگىلى بولمايتتى !
مەنمۇ باشتىن ئاخىرى ئەلقەلىپ دوىتۇرخانىڭسىنىڭ چىمپىيو بۇلىشىنى ئۈمۈت قىلارتتىم ھەمدە ھەل قىلغۇچىنى ھېيتگاھ نۇرلۇق كوماندىسى بىلەن ئوينىشىنى ئۈمۈت قىلاتتى،مىنىڭ ھىس قىلىشىمچە گەرچە ھېيتگاھ كوماندىسىدا ئەكرەم،ئابدۇۋەلى،يەھيا ۋە پەرھاتتەك چولپانلار بولسىمۇ لېكىن باشقا ئەزالىرىنىڭ يىتەرلىك كۈچ بىرەلمەسلىكى ھەم ماسلىشالماسلىق سەۋەبىدىن ياڭاق پادىشاھى ئۆي مۈلۈكچىلىكى كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قېلىپ ئاخىرىدا نوقتا توپ جېڭىدە شاللىنىپ كىتىپ بۇ ئۈمۈدۈم يوققا چىقتى !ياڭاق پادىشاھى ئۆ-مۈلۈكچىلىكى كوماندىسىدىكى دۆلەت قۇملۇق پۇتبول كوماندىسىكى ماھىر تۇرسۇنجان(25-نۇمۇر)،35-نۇمۇر نىزامىدىن ۋە 8-نۇمۇر مىرزاھىتنىڭ ئىپادىسى بەك ياخشى بولدى!
ئەمما چوڭ ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئېشىپ ئەلقەلىپ دوختۇرخانىسىدىكى ماھىرلارنىڭ ياخشى ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرىشى بىلەن چىمپىيۇن بولدى !
ئاخىرىدا دىلمۇراتنىڭ قاتتىق سۇغۇقتا كۈنلەپ سوغۇق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ نەق مەيدان مۇسابىقىسىنى چۈشەندۈرىشى ھەم مۇسابىقە جەريانىدىكى توپچىلارنىڭ ماھارىتى،كىيىم نۇمۇرى ۋە توپ كونتۇرۇول قىلشى،توپ ئۇرىشى قاتارلىقلارنى دۇنياغا داڭلىق ماھىرلارغا ئوخشىتىپ چۈشەندۈرۈشلىرى ئادەمنى ھەقىقەتەن قايىل قىلىدۇ،دىلمۇراتنىڭ پۇتبولنى چۈشۈنىشى ۋە سەۋىيىسىگە يەنە بىر قېتىم قايىل بولدۇم،ئاخرىدا مۇشۇ مۇسابىقىنى ئۇيۇشتۇرغان نۇرھايات دوختۇرخانىسى قاتارلىق دوختۇرخانا،شىركەتلەرگە ھەمدە زور كۈچ بىلەن قوللىغان دىلمۇرات قاتارلىق قېرىنداشلىرىمغا رەھمەت ئېيتىمەن ،ئۇلارنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرى تېخىمۇ بەرىكەتلىك بولغاي !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-2-15 01:32:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ  كىيىىنكى ئىشلىرىڭلارنىمۇ ئاسان قىلسۇن  .بۇ بەك ياخش باشلىنىش بولدى  ،شۇنداق مۇسابىقىلەر كۆپرەك ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرسا نىمە دىگەن ياخشى ھە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-2-15 01:46:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىرنداىشلىمىزنىڭ يولنى ئاللا راۋان قىلسۇن....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-2-15 02:00:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن ! يازمىڭىز ئارقىلىق ئەلقەلب كۇلۇبى يەنى بۇرۇنقى ئەزىمەتلەر كۇلۇبىنى ياخشى چۈشەندۈرۈپسىز ، بۇ كۇلۇبنى بىلمىگەنلەرگە بىلدۈرىدىغان ياخشى ماتىرىيال بوپتۇ ، سىزلەرنى قوللاش ، شۇنداقلا مەدەت بېرىش نۇقتىسىدىن بۇ يازمىنى نادىرلىماي تۇرالمىدىم ... يەنە بىر قېتىم مۇبارەك بولسۇن !!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-2-15 02:02:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر تەكلىپىم : ئىچىدىكى رەسىملەرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى بىر تەڭشەپ كۆرسىڭىز ، بەزى رەسىملەر بەك كىچىك بولۇپ قاپتۇ ، مۇنداق بولسا بىر خىل رەتسىزدەك تەسىر بېرىپ قويىدىكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-2-15 02:02:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى چىمپىيۇن بولغان «ئەلقەلىپ» كوماندىسى موكاپات سوممىسى بولغان ئاۋۇ 20مىڭ يۈەننى ئىلپ كوللىكتىپ كىرىيەگە  بىرىپ ئاپەتكە ئۇچىرىغان قىرىنداشلارنى يوقلىغاچ  قىرىنداشلارغا ئەلنىڭ قەلبىنى يەتكۈزۈڭلا..بۇ پوتبۇل مونبىرىدىكى قىرىنداشلار بىلەن ئەلقەلىپ كوماندىسىنىڭ كۈڭلى دەپ.
چىمپىيۇنلارغا موبارەك..خوتەن پوتبۇلچىلىقىغا ئۇزۇن ئۈمۈر تىلەيمەن.
غولجلىقلار پوتبۇل موسابىقىسىگە بەكلام چاڭقاپ كەتتى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +150 يىغىش سەۋەبى
سەۋدا + 50 قوللاش!
ئەلبارىس + 100 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-2-15 02:52:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسابىقە   ئوينىغان  يەرلەر  تىچلىق  ئوخشىمامدۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-15 02:54:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
jasur007 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-14 11:02
بىر تەكلىپىم : ئىچىدىكى رەسىملەرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى بى ...

مەن رەسىمنىڭ چوڭ- كىچىكلىكىنى تەڭشىيەلمەي ئامالسىز يوللىۋەتتىم سىز تەڭشەپ قويغان بولسىڭىز  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-2-15 04:08:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەۋەرنى كۆرۈپ تۇنجى بولۇپ مەنمۇ شۇنى ئويلىغان ئىدىم..
ئەلقەلىب كوماندىسىنڭ چېمپيون بولغانلىقىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم. ئەزىمەتلىرىمىز ئۇدۇللا ئاپەت رايونىغا بېرىپ   قېرىنداشلىرىمىزغا بىر ئىللىقلىق يەتكۈزەلىسە تېخىمۇ بەك سۆيۈنگەن بولاتتىم.  ھېلىمۇ خوتەن پۇتبولچىلىقىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن بېسىلغان بۇ قەدەمنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىنى چىن قەلبىمدىن قۇتلۇقلايمەن.
مۇنبىرىمىزدىكى بارلىق جاپاكەش مۇخبىرلار (دىلمۇراتنى دېدىم) ، يەنە ئۈن-تىنسىز كۈچ چىقارغان بارلىق مۇنبەر ئەزالىرىغىمۇ كۆپ رەھمەت!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-2-15 09:08:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
77-نۇمۇرلۇق ، ھەل قىلغۇچتا قىزىل كارتا يىگەن سابىتنى تونىغاندەك قىلىۋاتىمەن . دەسلەپكى پۇتبول مەشىقلقلىرىنى غۇلجىدىك شاۋكەتكام ، ئىلياسكاملاردىن ئالغان بالا شۇغۇ دەيمەن خاتا تونىۋالمىغان بولساملا .

مۇبارەك بولسۇن ، خوتەندىكى قىرىنداشلاردىن يەنە بىر قىتىم چوڭقۇر ھال سورايمەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-2-15 09:37:45 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلبارىس يوللىغان ۋاقتى  2014-2-15 04:08
خەۋەرنى كۆرۈپ تۇنجى بولۇپ مەنمۇ شۇنى ئويلىغان ئىدىم..
ئ ...

قوللايمەن  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-2-15 10:21:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك  بولسۇن !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-6-1 00:59

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش