ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 4041 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-21 22:24
مەزكۇر تېمىنى تەستىقلىغۇچى كەمىنىدىن كۆپچىلىككە ئىككى ئېغىز چۈشەنچە ۋە تەۋسىيە:
يۇقارقى تېما ئىگىسى قېرىندىشىمىزنىڭ قىزغىنلىقى مېنى تەسىرلەندۈردى. تېما ناھايتى ئىجاتچانلىققا ئىگە يېزىلىپتۇ، مەزمۇنغا ھېسىيات چوڭقۇر سىڭىپ كىرىپتۇ. گەرچە سۆز ئىشلىتىشكە ئانچە باي دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، يېزىقچىلىق قابىليىتى ۋاي دەپ كەتكۈدەك بولمىسىمۇ، لېكىن قىزغىنلىقنىڭ شەكىللىنىشى ئەڭ ياخشى باشلىنىش دەپ قارايمەن، باشقا نۇقسانلارنى كېتىپ بېرىپ تۈزىتىۋالغىلى بولىدۇ.
مۇنبەرگە باشقۇرغۇچى بولغاننىڭياقى تۇنجى قېتىم «تەستىق كۈتىۋاتقان تېما بار، ۋەزىپىڭىزنى ئادا قىلۋېتىڭ» دەپ ئۇچۇر تاپشۇرۋېلىپ، مەزكۇر تېمىنى باشتىن-ئاياق تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتىم. نۇرغۇن نۇقسانلارنى بايقىدىم. بولۇپمۇ ئىملا جەھەتتە بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ يازمىسى مېنى سەل خاپا قىلدى. باشتىن-تارتىپ ئىملانى تۈزەپ «كاكانىڭ تەرجىمھالى» قىسىمىغا ئاز قالغاندا راسىت گەپ قىلسام ھېرىپ قالدىم، مېنى ئەڭ ئەجەپلەندۈرگىنى بۇ تېما ئىگىسى قېرىندىشىمىزنىڭ «ئى» ھەرىپىنىڭ ئورنىغا «ئې» ھەرىپىنى، «ئو، ئۇ، ئۆ» ھەرىپلىرىنىڭ ئورنىغا «ئۈ» ھەرىپىنى بەكمۇ ئارتۇقچە ئىشلىتىۋېلىشى، يەنە تېخى پەش-چېكىت قويۇلمىسىمۇ بولىدىغان جايلارغا ئوشۇقچە پەش-چېكىتلەرنى قويۇۋېلىشى بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن نۇقسانلار بايقالغان، ھەممىنى سۆزلەپ مىسال قىلىش بىھۇدە دەپ ئويلايمەن. شۇنداقتىمۇ ماڭا تۇنجى تەستىق سېلىشقا سۇنۇلغان بۇ تېمىنى رەت قىلغۇم كەلمىدى، شۇنىڭ بىلەن تەستىقلاپ قويدۇم.
تېما ئىگىسى قېرىندىشىم، تېمىڭىزدىكى رەسىملەر چىقمىغاندەك قىلىدۇ، ئەڭ ياخشىسى كومپىيۇتېرىڭىزغا قاچىلاپ قاتتىق دىسكىدىن يۆتكەپ چىقىرىڭ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مەن «ئىملا تۈزۈتۈپ ھېرىپ قالغان» يەردىن باشلاپ (قىزىل رەڭدە بوياپ قويدۇم) يازمىڭىزنىڭ ئىملاسىنى تەپسىلىي تۈزۈتۈپ چىقىڭ.
ئانا تىلىمىز مىللىتىمىزنىڭ جېنى، ئانا يېزىقىمىز بولسا مىللىتىمىزنىڭ قېنى. مىللەتنى سۆيىدىغان ھەر قانداق بىرىمىزنىڭ ئانا تىلىمىزنى، ئانا يېزىقىمىزنى ئەڭ ساپ، ئەڭ توغرا ھالەتتە ساقلاش، قوغداش مەجىبۇرىيىتىمىز ۋە مەسئۇلىيتىمىز بار. مېنى كۆپچىلىك باشقۇرغۇچىلىققا سايلىدى، مەن قولۇمدىن كېلىدىغانلا ئىش بولسا مەسئۇلىيىتىمدىن ئۆزۈمنى قاچۇرمايمەن. ئەمما مۇشۇ ئىملا مەسىلىسىنىمۇ بىزلەرگە يۈكلەپ قويساڭلار باشقۇرغۇچىلارنى باش كۆتۈرەلمەس جاپاكەشلەرگە ئايلاندۇرىۋېتىسىلەر. كۆپچىلىكتىن مەيلى تېما يېزىڭلار، مەيلى ئىنكاسلار بولسۇن، يازغان ۋاقىتتا ئالدىراقسانلىق قىلماي ئەستايىدىللىق بىلەن ئۇيغۇر تىلى گىراماتىكىسىغا ئەمەل قىلغان ئاساستا يېزىشىڭلارنى، پەقەت تور دۇنياسىدىلا ئەمەس، بەلكى تۇرمۇش جەريانىدا ئانا يېزىقىمىزدا يېزىش توغرا كەلگەن تۈرلۈك خەت-چەك ۋە ھۆججەتلەرنىمۇ يېزىقىمىزنىڭ پۈتۈنلىكىنى بۇزمىغان ئاساستا يېزىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!
ئۆزەم ئۇششاق ئىشلارغا كەلگەندە بەكمۇ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەممەن. مېنىڭ تېما تەستىقلاشتا كۆپچىلىككە قويىدىغان باشقا يۇقىرى تەلىپىممۇ يوق، پەقەت شۇ ئىملا مەسىلىسى. بۇنىڭدىن كېيىن ئىملا جەھەتتە كۆپ نۇقسان كۆرۈلگەن ھەر قانداق تەستىق كۈتىۋاتقان تېمىنى بىردەك كۆرسەممۇ كۆرمەسكە سالىمەن. بۇنىڭغا ناھايتى دىققەت قىلساڭلار قېرىنداشلىرىم! |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|