akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1788|ئىنكاس: 39

مەڭگۈلۈك ئۇنتۇلماس دەقىقىلەرنى ئەسلەيمەن(يېڭى تەھرىرلەندى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەبرى22 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-11 22:57  

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى بارلىق قېرىنداشلار! ھەمىڭلارغا ئاللاھنىڭ سالىمى بولسۇن .
ئۆزەم بىر كاكا مەستانىسى ۋە بارسىلونا مەستانىسى بولغانلىقىم ۋەجىدىن ياخشىراق بىر تېما يېزىش ئويۇم بارئىدى . ئەمما ۋاقىت يار بەرمەي مانا ئەمدىلىكتە ھۇزۇرىڭلارغا سۇنۇپ ئولتۇرۇپتىمەن .
مانا نەتىجە، شان شەرەپ، ھۆرمەت ئىپتىخار، شۇنداقلا باشقىلار تەرىپىدىن ئېرىشكەن قايىللىق ھىس تۇيغۇلارنى يىغىپ كەلسەك سۆزلەپ
تۈگۈتەلمەيدىغان، ئاڭلاپ قانمايدىغان، مىلان ئۈچۈن شانلىق تارىخ ياراتقان، پۈتكۈل خەلىقئارادا مىلاننىڭ شاھزادىسى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان، ھوسۇلى ئەڭ مول، دۇشمەنگە ھۇجۇمغا ئۆتكەندە شامالمۇ قوغلاپمۇ يېتىشىلمەيدىغان، ۋارتارغا توپ ئۇرغاندا خۇددى ئوۋغا ئېتىلغان شۇڭقاردەك  ئەقىلنى لال قىلىپ بۆسۈپ كىردىغان، يۈكسەك تەمكىنلىك، ئەركەككە خاس ئېغىر-بېسىقلىق، ھەقىقىي ئىنسانغا لايىق ۋىجدانى-ئەخلاق پەزىلەتلەرنى ئۆزىدە يېتىلدۈرگەن، كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك كېلىشكەن قىياپىتىدىن بىرخىل مۇلايىملىق، كۆيۈمچانلىق، ۋاپادارلىق چىقىپ تۇردىغان مىلاننىڭ مەڭگۈلۈك 22-نۇمۇرلۇق رىۋايىتى كاكا بۇ يىل  31 ياشقا كىردى
.
Img244519244.jpg


ئۇنىڭ شانلىق دەۋرى تولىمۇ قىسقا بولدى. ئەمما بىز ئۈچۈن تەغدىم ئەتكەن يۈرەكنى تىتىرتىدىغان ھاياجانلىق مىنۇتلىرى شۇ يۈرەكتە ئۆز پېتى قالدى.
ئۇنىڭ شۇ يىللاردىكى ھەر قانداق بىر مۇسابىقىسى ئادەمگە ئاجايىپ بىر زوق بېغىشلايتى. كىشلەر ئۇنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈپ زېرىكمەيتى.
بەلكى پۇتبولغا باشچىلاپ كىرىپ كېتەتتى.
توۋا بۇرۇن بىلمەپتىكەنمەن، چوڭ بۇلۇپ تالاي مۇسابىقىلىرىنى كۆرۈپتىمەن. ئەمدى ئۇ ئۆزىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى، يۈرەك شۇ مىنۇتلارنى قايتا ئەسلەشكە، سېغىنىشقا باشلىدى.ھازىر بولسا ئۇنىڭ مەيداندىكى ئاشۇ ئىللىق تەبەسسۇم كەتمىگەن ،ئەمما شۇ تەبەسسۇملارغا يۇغۇرلۇپ كەتكەن مىسىكىن ،غەمكىن چىرايىدىن بىرخىل بىئاراملىق ھىس قىلىمەن...ئوغۇل بالا دەرتنى ئىچىگە يۈتۈپ كوڭلىدە يىغلايدۇ دەيدىكەن..بۇ بەلكىم كاكاغا بەكمۇ ماس كەلسە كېرەك...
ئەمما نېمە ئامال دەيسز... ۋاقىت شۇنداق ساقلاپ تۇرمايدۇ. ئىنسان ھاياتىنىڭ مەلۇم چوققىسىدا توختاپ كەينىگە قايرىلىپ كۆز يۈگۈرتكەندە، ھاياتنىڭ تولىمۇ چەكلىكلىكىنى، ۋاقىت تېنىقلىرىنىڭ تۇلىمۇ تېزلىكىنى ھېس قىلىدۇ. بىراق ئەسلىمە ئەسلەشكە ئەرزىيدىغان گۈزەل دەقىقىلەر بىلەنلا ئۆز قىممىتىنى تاپىدۇ. شۇ ۋاقىتلار ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن مەستانىلار ئۇنى تېخى ئۇنۇتقىنى يوق. شۇ گۈزەل ئەسلىمىلەرنىڭ تىرىك شاھىدى سۈپىتىدە يۈرەكتە ئەسلەپ كەلمەكتە.

1.jpg


ئىنسان مۇھەببەت، دوستلۇق،ھەمدەملىكى  بىلەنلا كۇلەلەيدۇ، ئەسلىمە ئارقىلىق بىر-بىرىنى قېرىتىشمايدۇ. يىللار بىزنى قېرىتىمىز دەيدۇيۇ،لىكىن بىز بىر بىرىمىزنى قېرىتمايمىز دەيمىز...شۇ يىللاردىكى كاكانىڭ مەيداندا خۇددى ،تۇلۇق  جابدۇنغان قەيسەر جەڭچىلەرگە خاس مەردانە قىياپىتى بىلەن پۈتۈن ئىشتىياق بىلەن ھۇجۇمغا ئۈتۈپ دۇشمەن ئىستىكامىنى ئاجايىپ بىر خىل ساراسىمگە سېلىۋېتىدىغان ،ۋارتار بىلەن بېكلەر ئۈزىنى تۈزەشتۈرۈپ بولغىچە مۇسابىقىنى تامامەن كونتىرول قىلىپ ،ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان دەرىجىدىكى يۇقىرى سەۋىيىدىكى پۇت ئاستى تېخنىكىسى بىلەن يىراقتىن توپ ئۇرۇشلىرىنى يەنە سېغىندىڭلار ھەقاچان....ئۈنى ھەربىر كۆرگىنىمدە شۇ مەنزىرلەر ھېلىھەم كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ....مانا 31 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان كاكا ئەمدى ئۆز تەغدىرى ئۈسىتدە ئويلىشىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلگەندەك قىلىدۇ. ئوڭۇشسۇزلۇق، بەختىسىزلىك، تەلەيسىزلىككەئۇچىرغان بۇ نەچچە يىلدا ئۇ گاڭگىردى، تېڭىرقىدى. ئەمما ئالدۇراڭغۇلۇق قىلمىدى، ساقلىدى، ۋاز كەچمىدى، شەخسىي مەنپەتنىڭ قۇربانى بۇلۇپ كەتسىمۇ ھېچكىمدىن ئاغرىنمىدى. ئەمما ئەمدى ۋاقتى يېتىپ كەلگەندەك قىلاتتى، بۇ ۋاقىت ئۇنىڭ ئۈچۈن ھالقىلىق پەيىت ئىدى. چۈنكى ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ. كېلەر يىلقى بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىدا ئۇنى قايتا كۆرۈش ئەڭ چوڭ ئارمىنىمىز ئىدى.
670242.jpg


قارا باسقان بۇ 4 يىلنى قىسقىغىنا ئەسلىگىنىمىزدە ئۇ ئېغىر يارلىنىپ ئىپادىسى بارا-بارا چېكىنىشكە باشلىدى، مورىنھىيو تاكتىسىغا ماسلىشالماي نۇرغۇن ئۆمۈرى ئورۇندۇقتا بىھۇدە ئۆتۈپ كەتتى. تۈرلۈك زىدىيەتلەر، ھەل قىلىش قىيىن بولغان چىگىشسىز ئىختىلاپلار ئارىسىدا ھەقىقەتەن قىينالدى. باشقىلارنىڭ پۇل تېپىش قورالىغا ئايلىنىپ قالدى. گەرچە مورىھنىيونى شۇنچە ھۆرمەت قىلساممۇ، ئەمما ئۇنىڭمۇ بەزى قىلىپ قويغانلىرى يوق ئەمەس.كىيىنچە ئۈزۈمدىن دائىم بىر سۇئالنى يەنى ،نىمىشقا ،نىمىشقا بۇ قىسمەتلەر كاكانىڭلا بېشىغا كىلىدۇ،بۇ جاھاندا ئاق كوڭۇللەرگە زادى ياخشى كۈن يوقمىدۇ،ھەممىلا يەردە مۇشۇنداق تەڭسىزلىك ئادالەتسىزلىك مەۋجۇتمىدۇ دەپ سۇئال قۇيىدىغان بۇلىۋالدىم..غەربنىڭ شۇ پۇتبولشۇناسلىرىدىن شۇنداق سورىغىم كىلىدۇ كاكا راسلا شۇنداق ئەرزىمەس ئادەمگە ئايلىنىپ قالدىمۇ؟ توۋا كاكانىڭ ئىپادىسى ھەقىقەتەن ئاشۇ ھالەتكە چۈشۈپ قالغانمىدۇ؟ ھەقىقەتەن ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىغانمىدۇ؟
بەلكىم بۇنىڭغا نۇرغۇن نۇرغۇن جاۋاپلار كىلىشى مۇمكىن ..ئەمما مەن قوقماي شۇنداق دىيەلەيمەنكى...
ياق، ئۇ ئەرزىيدىكەن، ھېلىھەممۇ ئەرزىيدىكەن. تېخى ھاياتى كۈچىنى يوقاتماپتۇ .2007-يىلنىڭ سابىق دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى كاكا تېخى ھاياتكەن . بۇ نۇقتىنى دورتمورنىد بىلەن بولغان  ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسنىڭ 2-قېتىملىق ئۈچۈرىششىدىكى ئاشۇ قىسقىنە 30مىنۇتتىن بىلىپ يەتكەندەك بولدۇم. بۇ ھەرگىزمۇ نۇقۇل بۇ بىر قېتىملىق مۇسابىقىنى كۆزدە تۇتقانلىقىمدىن ئەمەس. ئەمىليەت ھەممىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا. كاكانى چۈشۈندىغانلار بۇ نۇقتىنى بىلىپ يەتسە كېرەك .
توۋا ھەممىزگە ئايان بۇرۇنلاردا كاكانىڭ مۇسابىقىسىنى ئاجايىپ زوق ئىشتىياق بىلەن كۆرگەن بولساق ،كىيىنچە ئۈمۈد ئارزۇ بىلەن كۈرىدىغان بولدۇق.قاچان قايسى ۋاقىتتا مەيداننىڭ قايسى بىر بۇلۇق پۇشقاقلىرىدا پەيدا بۇلاركىن كۈزۈمىز تۆت بۇلۇپ كىتەتتى.ساقلايتۇق ساقلايتۇق بەزىدە شۇ تاڭ ئاتماس كېچىلەردە ساقلىغاچ ئۇيقىغا كىتەتتۇق...لىكىن بىز يەنىلا رازى ئىدۇق...نىمىشقا دەمسىز؟كىمنڭ بىزنىڭكىدەك ھەممىنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشكەن ،دۈشمەنلىرىنىڭمۇ قايىللىقىغا مۇيەسسەر بولغان،باشقىلارنىڭ كۆزدىن ياش چىقارسا بىزنىڭكىدەك يۇرەكتىن يىغلىتالايدىغان،تۈگىمەس ئەپسانە خىيال رىۋايەتلىرىگە چۆمدۇرەلەيدىغان،سۇرئىتى ئەڭ تىز،پاس تاشلاش ۋە ۋاراتارغا توپ ئۇرۇشى ئوخشاشلا قالتىس.ئەڭ كىلىشكەن پۇتبولچىسى بار..قىسقىسى  كاكا بۇنىڭغا تامامەن ئەرزىيدۇ.
بولدى، ئۆتكەن ئىش ئۆتتى، قايتا تەگەپ زارلىنىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھېچبىر ئەھمىيتى يوق.

11746501d78.jpg


ئېنسان ئۆزنىڭ قەيسەرلىكى بېلەنلا تەبىئەتنىڭ بۇ ئۇلۇق قۇدۇرتتى ئالدىدا ئۆزىنى ئاجىز ھېس قىلمايدۇ،تەبىي قانۇنيەتنىڭ قاپاق تۇرۇشلىگە مەردانلارچە يۈزلىنىلەيدۇ.
ھەي كاكا خاتالاشمىسام .ھېلھەم ،مەستانلىرىڭگە 2005-يىلدىن باشلاپ 2007-يىلغىچە بولغان شۇ ئۇنتۇلماس دەقىقىلەرنى قايتا تەغدىم ئەتكىڭ بولغىيتى  ھەقاچان .سەن دېسمىەڭمۇ بېزگە ئايان.........
خەيىر........ھايات شۇنداق بەزىدە ئازاپ ،بەزىدەخوشاللىق.بەزىدە بەخىت ئىچىدە بولساڭ ،يەنە بەزىدە كۆڭۈلسۈزلۈكلەر جەرياننى .لېكىن بۇمۇ بېرھاياتنىڭ سېناقلىرى .ئەگەر دۇنيادا ئازاپ ئۇقۇبەت،خوشاللىق بەخىت بېلەن تەڭ مەۋجۇت بولمىغان بولسا،بېزبەلكىم بەخىتنىڭ نېملىكىنى تېخغىچە ھېس قىلالماي ئەخمەقلارچە ئۈتۈپ كەتكەن بولاتتۇق.

17036676706219144318.jpg


توۋا مۇشۇ پەيىتتە مۇنداق بىر گەپ يادىمغا كىلىپ قالدى. قايسى بىر دانا ...ئىساننىڭ ۋۇجۇدىدا بىرلا يۈرەك بۇلىدۇ،بۇ يۈرەكتە ئىككى خىل تۇيغۇبىللە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدۇ ،ئىسىڭدىن چىقىرىپ قويمىغىنكى بەك قاتتىق كۈلمىگىن قايغۇ ئويغۇنۇپ كەتمىسۇن.
شۇنداق .ئىسان بەزىدە بەخىت ئىچىدە ياشاۋېتىپ قەدىرلەشكە تىگىشلىك نۇرغۇن نەرسىلەرنى قەدىرلىمەي بىھۇدە ئۆتكۇزۋاتىدۇ، ئىرىشكەنلىرىگە بولسا شۈكرى قىلمايدۇ،،مۇھىمى ئۇزىنى بىلىشنى چۇشىنىشنى خالىمايدۇ. ئازاپ ئۇقۇبەت ۋە بەخىتسىزلىك بېشىغا كەلگەندە بولسا روھى تەسەللى تېپىشقا ،باشقىلارنىڭ ھىسداشلىقىغا مۇھتاج بۇلىدۇ.لىكىن ئۈزىنىڭ تولىمۇ كىچىككەنلىكىنى كىيىن ھىس قىلىدۇ...شۇڭا كۆرگەن ھەربىر كۈنگە شۈكرى قىلىش كېرەك.
مۇشۇ بىر قەرنىدەپۇتكۈل قزىل قارا قۇشۇن نۇرغۇن ئىسسىق سوغوقلارنى تارتقاننىڭ ئۇستىگە ،نۇرغۇن توھپىكارلىرىدىن ئايرىلدى.شانلىق دەۋىرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يالدامىسى سۈپىتىدە يىللار كاكانىمۇ ئەكىتىشكە ئالدىراتماقتا.
كاكا ساڭا مەستانىلىرىڭ شۇنداق دىيەلەيدۇكى ،بىز تېخى ۋاز كەچكىنىمز يوق،ھەم ۋاز كەچمەيمىز،مەيۇسلەنمەيمىز ،ئاخىرغىچە قوللايمىز ،سەن ئەمدى بىزگە بۇرۇنقىدەك شانلىق دەۋىرلەرنى يارىتىپ بىرەلمىسەڭمۇ،قايتا تەقدىم ئىتەلمىسەڭمۇ بىزيەنىلا مەڭگۇ سىنى قوللايمىز..بىزگە ئاتا قىلغان شۇ قىسقىغىنە ئۇنتۇلغۇسىز مىنۇتلارنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۇن بولسىمۇ سىنى قەلبىمىزدە مەڭگۈلۈك گۇزەل  ئەسلىمە قىلىپ ساقلايمىز،،سىنىڭ قېلىپ قالغان مۇشۇ  ئازغىنا ۋاقتىڭدا بولسىمۇ ئورنىڭدىن دەس تۇرۇپ كىتىشىڭنى ،،بۇنىڭدىن كىيىنكى ھاياتىڭنىڭ ئوڭۇشلۇك،بەخىت ئىچىدە،خوشال خۇرام ئۈتۈشىنى تىلەيمىز.
پۇتبولغا قېزىققان بۇ ھاياتىمدا ھېشكىمگە ساڭا مەستانە بولغاندەك مەستانە بولغان ئەمەسمەن .

مەن سېنى ھېلى ھەم شۇ قاراقېزىل قۇشۇننىڭ بېر ئەزاسى دەپ قارايمەن مادىرىتتىكى كاكا ھەرگىزمۇ سەن ئۆزۈڭ ئەمەسسەن .چۈنكى مېلاندىن ئايرىلغان شۇكۈندىن باشلاپ سېنىڭ يۈرۈكۈڭ ئاللا بۇرۇن سۇقۇشتىن توختاپ قالغان .
ئەمدى بولسىمۇ قېپقالغان ئازغىنە ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ پۇتبول دۇنياسىغا چەپدەسلىكىڭنى ،جاسارىتىڭنى ،يەنە بېرقېتىم نامايەن قېلىشىڭنى ئۈمۈد قىلمەن .يازلىق يۆتكۈلۈش بازىردا بۇجايدىن ئايرىلىشڭنى تۇلۇمۇ ئۈمۈد قىلىمەن .قالدى گەپلەرنى پەيتى كەلگەندە ۋاقىت ئېسپاتلايدۇ.ئەمما شۇنى ئۇنۇتمىغىنكى مەستانلىرىڭ سەندەك بېرئېسىل پۈتبولغىچىغا مەستانە بولغىنىدىن پەخىرىلىندۇ.سەندەك پۇتبولچىنىڭ دەۋرىدە ياشاپ پۇتبولدىن ھەقىقىي ھۈزۈر ئېلىشققا نېسىپ قىلغان كېرىملىك ئۇلۇغ ئاللاغا مېڭ شۈكۈرلەرنى ئېيتىدۇ.شۇنداق دەيمەنكى سەن ئەڭ نوچىسى بولمىساڭمۇ ئەڭ ئېسىل سەن .

1326678899222.jpg



تۆۋەندىكىسى كاكانىڭ پۇتبولچىلىق ھاياتىنىڭ قىسقىچە چۈشەندۇرۇلىشى .
ئىسىمى : كاكا (KAKA)
تۇلۇق ئىسىمى : رىكاردو ئىزىكسۇن دوس سانتۇس لەيتى (Ricardo Izecson dos Santos Leite)
تۇغۇلغان ۋاقىتى : 1982-يىل 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
دۆلەت : بىرازلىيە
تۇغۇلغان شەھەر : بىرازلىيە پايىتەختى بىرازلىيە شەھىرى
ئىگىزلىكى : 1.86 مىتىر
ئىغىرلىقى : 76 كىلوگىرام
كەسپى : كەسپىي پۇتبول تەنھەركەتچسى
كەسىپ ئالاھدىكىلى : تىز سۈرئەتتە توپ ئىلىپ باستۇرۇپ كىرىش
كەسپدىكى بۇرۇلۇش : 2003-يىلى بىرازلىيە سان-پاۋلو كۇماندسدىن ئىتالىيە AC كۇماندسىغا يۈتكۈلۈش ۋە 2009-يىلى ئىسپانىيە خانلىق مادىرىد كۇماندسىغا يۈتكىلىش
قان تىپى : O قان تىپلىق
يۇلتۇز تۈركىمى : ئالتۇن ئۇي يۇلتۇز تۈركىمى
يىللىق مائاشى : 9 مىليون ياۋرۇ (ئىلىگىرى 12 مىليون ياۋرۇ ۋە 18 مىليون ياۋرۇ)
تىل قابىليىتى : پورتۇگال تىلى (ئانا تىلى) ، ئىتالىيان تىلى ، ئىسپان تىلى ، فىرانسوز تىلى ، ئىنىگىلىز تىلى ، گوللان تىلى
مەيداندىكى ئورنى : ھۇجۇمسىمان ئۇتتۇرا مەيدان
توپ تىپىشكە ماسلاشقان پۇت : ئوڭ پۇت
ھازىرىقى كۇماندسى : ئىسپانىيە خانلىق مادىرىد كۇماندسى
ئىلىگىرى توپ تەپكەن كۇماندىلىرى : بىرازلىيە سان پاۋلو كۇماندسى ، ئىتالىيە AC مىلان كۇماندسى
كۇلۇپتىكى نۇمۇرلىرى : سان-پاۋلو (8-نۇمۇر)  ، AC مىلان (22-نۇمۇر) ، خانلىق مادىرىد (8-نۇمۇر)
دۆلەت كۇماندسدىكى نۇمۇرلىرى : 2002-يىللىق دۇنيا لوڭقسى (23-نۇمۇر)  ، 2005-يىللىق قىتئەلەر ئارا چىمپىيونلۇق مۇسابىقسى (7-نۇمۇر)
2006-يىللىق دۇنيا لوڭقسى (8-نۇمۇر) ،  2009-يىللىق خەلىقئارا قىتئەلەر ئارا چىمپىيونلۇق لوڭقسى مۇسابىقسى ۋە 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقسى پۇتبول مۇسابىقسى (10-نۇمۇر) ، 2006-يىللىق دۇنيا لوڭقسى تاللاش مۇسابىقسى (16-نۇمۇر)
دۆلەت كۇماندسدىكى تۇنجى تۇپى  : 2002-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى  پولۋىيە كۇماندسىغا ئۇرىغان
دۇنيا لوڭقسى تەجىربىسى : 2002-يىللىق دۇنيا لوڭقسى ، 2006-يىللىق دۇنيا لوڭقسى ، 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقسى
دۆلەت كۇماندسى ئۈچۈن : 82 مەيدان مۇسابىقىغا قاتنىشىپ 28 توپ ئۇرىغان
ياۋرۇپادىكى ئۈچ چوڭ مۇسابىقىدە : 73 مەيدان مۇسابىقىغا قاتنىشىپ 25 توپ ئۇرىغان
ئۇزغۇنلۇق ئۈچۈن : 66 قىتىم مەيدانغا چىقىپ 24 توپ ئۇرىغان
ياخشى كۈرىدىغىنى : ئىنجىل ، گولىف توپ ، سېتكا توپ ، باۋلىڭ توپ ، سىنئالغۇ  قاتارلىقلارنى كۈرۈش، ئىنجىل بەخىت ناخشىسى  ئاڭلاش ، ئىلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇق ئويناش.
ياخشى كۈرىدىغان مۇزىكىسى : ئىنجىل مۇزىكىسى :
ياخشى كۈرىدىغان توپ تىپىش ئۇسلۇبى : يۇقىرى تىزلىك، ئاددىيلىق ، ئەمىلى قوللىنىش ، كونتىرول قىلىش
ياخشى كۈرىدىغان خىزمەت ئۇسلۇبى : ئەستايدىل ، مەسئۇلىيەتچان ، يۇقىرى ئۈنۈم ئۈستىدە ئىزدىنىش.
ياخشى كۈرىدىغان ئىنجىل مۇزىكا ئەترىتى : رىېسگات ۋە رېناككېر پىراس
ياخشى كۈرىدىغان ناخشىچى : ئەيلىن بارروس
ياخشى كۈرىدىغان مۇزىكا توپلىمى : رېناككېر پىراسنىڭ 6.مۇزىكا توپلىمى «ۋەدە»
ياخشى كۈرىدىغان ئايال ئارتىس : رېگنا داۋرىت
ياخشى كۈرىدىغان DVD : پەقەتلا رېناككېر پىراسنىڭ
ياخشى كۈرىدىغان كىنو : «يىشىل مۆجىزە» ، «غەزەپلەنگەن گىنرال»
ياخشى كۈرىدىغان تىلۋىزىيە پىروگىراممىسى : كنو قانىلى ، تەنتەربىيە پىروگىراممىسى ، يەرشارى تىلۋىزىيىسى «تەنتەربىيەدىكى ئاجايىپ مەنزىرلەر » پىروگىراممىسى
ياخشى كۈرىدىغان كىتابى : ئىنجىل ، سامباچىلارنىڭ ئەركىنلىك كۈرىشى
ياخشى كۈرىدىغان رەڭ : ئاق رەڭ
ياخشى كۈرىدىغان ئىچىملىكى : سۇ ۋە ئاناناس شەربىتى ۋە بىرازلىيە گۇالانا ئىچىملىكى
ياخشى كۈرىدىغان يىمەكلىكى : ئانىسى ئۇنىڭغا ئاتاپ پىشۇرۇپ بىرىدىغان تاماق «فىجىد» (ئانىسى ئۇنىڭغا مەخسۇس پىشۇرۇپ بىرىدىغان ئارزۇ تامىقى)  ۋە بىرازىلىيە كاۋىپى .
ياخشى كۈرىدىغان كىيىم – كىچىكى : تەنھەرىكەتچىلەر ئازادە كىيىملىرى
ياخشى كۈرىدىغان ماركىسى : ئامانى (ARMANI)
ياخشى كۈرىدىغان ئەترىسى : CK ۋە Hugo Boss
ئەڭ ياخشى كۈرىدىغان شەھىرى : توغۇلغان يۇرتى بىرازىلىيە شەھىرى
قەلبىدىكى گۈزەل : فىرناند لىما
قەلبىدىكى ئەڭ چىرايلىق ئەر : ئۈزى
دۆلەت كۇماندسى ئۈچۈن قاتناشقان چوڭ مۇسابىقلىرى : 2001-يىللىق دۇنيا ياشلار لەۋھە تالىشش مۇسابىقسى
-يىللىق دۇنيا لوڭقسى
2005-يىللىق قىتئەلەر ئارا چىمپىيونلۇق تالىشش مۇسابىقسى
2006-يىللىق دۇنيا لوڭقسى
2009-يىللىق قىتئەلەر ئارا چىمپىيونلۇق لوڭقسى
2010-يىللىق دۇنيا لوڭقسى
پۇتبول تىخنىكا سەۋىيەسى :
ھۇجۇم قىلىش : 9 نۇمۇر
پاس بىرىش : 9 نۇمۇر
سۈرئەت : 10 نۇمۇر
توپ ئىلىپ مىڭىش : 10 نۇمۇر
كاللا توپ : 8 نۇمۇر

ئۇنىڭ كۇلۇپتا ئىرشكەن شەرەپلىرى
2001-يىلى رىئودى-ژانىيرو شىتاتىنىڭ چىمپىيونى
2002-يىلى سان-پاۋلو شىتاتىنىڭ چىمپىيونى
2003-2004 ئىتالىيە بىرلەشمسىنىڭ چىمپىيونى
2004-يىلى ئىتالىيە دەرىجدىن تاشقىرى لوڭقسىنىڭ چىمپىيونى
2006-2007 ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقسىنىڭ چىمپىيونى
2007-يىلى دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقسىنىڭ چىمپىيونى
2007-يىلى ياۋرۇپا دەرىجدىن تاشقىرى لوڭقسىنىڭ چىمپىيونى
2011-يىلى ئىسپانىيە شاھىلىق لوڭقسىنىڭ چىمپىيونى

ئۇنىڭ دۆلەت كۇماندسدا ئىرشكەن شەرەپلىرى
2002-يىللىق دۇنيا لوڭقسىنىڭ چىمپىيونى
2005-يىللىق قىتئەلەر ئارا چىمپىيونلۇق لوڭقسىنىڭ چىمپىيونى
2009-يىللىق قىتئەلەر ئارا چىمپىيونلۇق لوڭقسىىنىڭ چىمپىيونى

ئۆزنىڭ شەخسىي شەرەپلىرى:
2001- يىلى بىرازىلىيە دۆلەت ئىچى بىرلەشمىسى ئەڭ مۇنەۋەر يېڭى توپچى .
2002- يىلى بىرازىلىيە دۆلەت ئىچى بىرلەشمىسى ئەڭ مۇنەۋەر توپچى ۋە بىرازىلىيە پۇتبول ئەپەندىسى.
2003.2004.مۇسابىقە پەسلى ئىتالىيىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر توپچى.
2003.2004.مۇسابىقە پەسلى ئىتالىيىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر چەتئەللىك توپچى.
2004.2005. مۇسابىقە پەسلى ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ئەڭ مۇنەۋەر ئوتتۇرا مەيدان تەنھەرىكەتچىسى.
2005.2006.مۇسابىقە پەسلى ئىتالىيىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر چەتئەللىك توپچى.
2005.2006.مۇسابىقە پەسلى ، دۇنيا پۇتبول مۇنبىرىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر سەپ شەكلىگە كىرگەن
2006.2007. مۇسابىقە پەسلى ، ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئويۇشتۇرغان مەستانىلەرنىڭ تور ئارقىلىق باھالىشىدا ياۋرۇپادىكى ئەڭ مۇنەۋەر توپچى.
2006.2007.مۇسابىقە پەسلى ، ياۋرۇپادىكى ئەڭ مۇنەۋەر توپ كىرگۈزگۈچى .
2006.2007.مۇسابىقە پەسلى ياۋرۇپادىكى ئەڭ مۇنەۋەر ھۇجۇمسىمان ئۇتتۇرا مەيدان .
2006.2007.ياۋرۇپادىكى ئەڭ مۇنەۋەر توپچى.
2008. يىلى 1. ئاينىڭ 21.كۈنى كىرودىيە كۈندىلىك گىزىتى «SN» يىللىق ئەڭ مۇنەۋەر توپچى .
2008.يىلى 1. ئاينىڭ 18 . كۈنى IFFH2007.يىللىق ئەڭ مۇنەۋەر ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى.
2008.يىلى 1. ئاينىڭ 17. كۈنى ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تورى 2007. يىللىق ئەڭ مۇنەۋەر سەپ شەكىلىگە كىرگەن.
2007.يىلى خەلىقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئەڭ مۇنەۋەر توپچى.
2007. يىلى ياۋرۇپا ئالتۇن توپ مۇكاپاتى.
2007.يىلى ئەنگىلىيە «دۇنيا پۇتبولى»ئەڭ مۇنەۋەر توپچى.
2007.يىلى دۇنيا كولۇبلار مۇسابىقىسى ئەڭ مۇنەۋەر توپچى
2007. يىلى12.ئاينىڭ 19. كۈنى  دۇنيا پۇتبول ئەپەندسى
2007.يىلى  IFFHS ئەڭ مۇنەۋەر ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى.   
2007.يىلى يۇقىرى بىلەت سانى بىلەن ياۋرۇپا پۇتبول مەستانلىرى تەرپىدىن ئەڭ مۇنەۋەر سەپ شەكلىگە تاللانغان
2007.يىلى ئىتالىيە بىرلەشمىسى ئەڭ مۇنەۋەر توپچى ۋە ئەڭ مۇنەۋەر چەتئەللىك توپچى.
2007.يىلى 12.ئاينىڭ 16 .كۈنى دۇنيا كولۇبلار مۇسابىقىسىدە ئەڭ مۇنەۋەر توپچى بولۇپ باھالانغان
2007.يىلى 12.ئاينىڭ 13.كۈنى .كاكا ئەنگىليە «دۇنيا پۇتبۇلى» ژورنىلى باھالىشىدا %50 ئاۋاز بىلەن ئەڭ مۇنەۋەر توپچى بولۇپ باھالانغان.   
2007.يىلى 12. ئاينىڭ 2.كۈنى . پارىژدا كاكا 2007.يىللىق ئالتۇن توپ ماكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2007.يىلى AIC تەرپىدىن ئوسكار پۇتبول مۇكاپاتىنى باھالاشتا كاكا 2007.يىللىق ئەڭ مۇنەۋەر چەتئەللىك توپچى بولۇپ باھالانغان
2007.يىلى 10.ئاينىڭ 5. كۈنى  خەلىقئارا كەسپى تەنھەرىكەتچىلەر  بىرلەشمىسى تەرپىدىن ئەڭ مۇنەۋەر توپچى بولۇپ باھالانغان
2007.يىلى 8. ئاينىڭ 30.كۈنى  2006.2007.مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋرۇپا بۇيىنچە ئەڭ مۇنەۋەر توپچى بولۇپ باھالانغان.
2007.يىلى 8.ئاينىڭ 24.كۈنى ، ئىتالىيە بوشلوق تىلۋىزىيىسى خەلىق رايىنى سىناش پائالىيىتىدە كاكا 2006.2007.مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋرۇپادىكى ئەڭ مۇنەۋەر توپچى بولۇپ باھالانغان.
2007.يىلى 6.ئاينىڭ 6.كۈنى خەلىقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تورىدا بىلەت تاشلاش ئارقىلىق %48.61 بىلەت بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋەر توپچى بولۇپ باھالانغان.
2007.يىلى 6.ئاينىڭ1. كۈنى ، كاكا گىرمانىيە «پۇتبولچىلار» ژورنىلى باھالىشىدا دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋەر توپچى بولۇپ باھالانغان.
2007.يىلى 5.ئاينىڭ 26.كۈنى ، خەلىقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تورىدا بىلەت تاشلاش ئارقىلىق 100000مىڭ ئاۋاز ئارقىلىق ئەڭ مۇنەۋەر توپچى بولۇپ باھالانغان.2007.يىلى 5. ئاينىڭ 23. كۈنى كاكانىڭ كىرگۈزگەن 10توپى ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىدىكى ئەڭ ئىسىل توپ قىلىپ تاللاندى.
2007.يىلى 5.ئاينىڭ 15.كۈنى 2007.يىللىق سانپاۋلوۋ  غالىبىيەت مىدالىغا ئېرىشىدۇ.
2008.يىلى 4. ئاينىڭ 29.كۈنى 2008.يىللىق سانپاۋلوۋ  غالىبىيەت مىدالىغا ئېرىشىدۇ .
2009.يىللىق قىتئەلەر ئارا چىمپىيونلۇق لوڭقسى مۇسابىقسىنىڭ ئالتۇن توپ مۇكاپاتى
2009.يىللىق ئىسپانىيە ماكا گىزىتى تەرەپدىن (جەلىپكار ئىنسان) مۇكاپاتى
2007.يىللىق ئامىرىكا (دەۋىر ژورنىلى) تەرەپدىن يىللىق 100 مۇنەۋۋەر شەخىس مۇكاپاتى
2009.يىلى 2010.يىللىق دۇنيا لوڭقسى تاللاش مۇسابىقسى دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكىلى


Img245331328.jpg

200904131146358196.jpg

1278174902134_000.jpg


xinsrc_04205052510442502856744.jpg

U336P6T12D2967862F44DT20070607101122.jpg

Img254144764.jpg


ئاپتورئىلاۋىسى :مۇنبەردەكاكا توغۇرلۇق ماتىرىيال خارەكتىردىكى تېمىلاركۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇنداق نەسىر شەكىلدە يازدىم  .كاكا توغرىسىدىكى بەزى سانلىق مەلۇماتلارنى قولايلىق بۇلۇش ئۈچۈن توردىشىمىز تەنتەربىيەنىڭ يازمىسىدىن كۆچۈرۈپ ئەكەلدىم توغرا چۈشۈنىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن .
     كۆڭلۈڭلاغارياققان بولسا ئىككى ئېغىزياخشى تېلەكلىرىڭلارنى يېزىشىڭلارنى ياقمىغان بولسا يانداپ ئۈتۈپ كېتىشىڭلارنى سورايمەن .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +150 تۆھپە +20 شۆھرەت +20 تەجرىبە +20 يىغىش سەۋەبى
تۇمشۇق + 50 + 10 + 10 + 10 قالتىس!
22kaka22 + 100 + 10 + 10 + 10 ئىسىل تىما

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-21 21:21:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما ...   شۇغىنىسى رەسىملەر چىقماپتۇ ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-21 21:23:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىىسل تىما ، رەسىملەرنى بىر تەھرىرلىۋەتسىڭىز ئالدىماي ئولتۇرۇپ ئۇقىسام بۇلاتتى ،  كاكا مەستانىللىرى ئۈچۈن ياخشى سوۋغا بوپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-21 21:25:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمىكەن   لېكىن رسىملەر چىقماپتۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-21 21:25:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەبرى22 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-22 07:24  

ئەسلى يازغىنىم خېلە كوپ ئىدى ..تەھرىرلەشتە كوپ جايلار  قىسقىراپ كىتىپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-21 21:26:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەبرى22 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-22 07:25  

نادىرلاپ قويغان بولساڭلار بەك رەھمەت ئېيتاتتىم.لىكىن تېما يازماق راسلا بەك تەسكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-21 21:30:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەبرى22 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-22 10:08  

دوسلارنىڭ مىنى قوللاپ ياخشى تىلەكلەرنى ئېيتقىنىغا تەشەككۇر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-21 21:34:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما، بىراق  رەسىم؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-21 21:35:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەبرى22 يوللىغان ۋاقتى  2013-6-21 21:30
دوسلار  بىر  ياردەم  قىلساڭلار  رەسىملەردىن  بىر  تەھرىر ...

بەك بولماي كەتسە رەسىمنى ئاۋال ئېكرانغا چۈشۈرۈپ ئاندىن رەسىم قېتىشنى بېسىپ ئاندىن ھۆججەتنى تاللاشنى بېسىپ ئاخىردا سۈرەتنى چېكىپ قويۇڭلار،چىقىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-21 21:36:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تىما ئىسىل  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-21 21:50:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2007-يىلى مۇشۇ كاكانىڭ يىلى.....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-21 22:04:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ كۆڭلۈم يىرىم بولدى دىسە مۇشۇ كاكانىڭ مىلاندىكى ۋاقىتلىرىنى يەنە كۆرگۈم كەپ قالدى    شۇنىڭغىمۇ يا كاكانىڭ بۇرۇنقى مىلاندىكى مۇسابىقىلىرىنى  قايتىلاپ كۆرۈپ باقمىدىم .
سىزنىڭ كاكانى تەسۋىرلىشىڭىز بەكمۇ جايىدا بوپتۇ .
ئەمەلىيەتتە مەن گەرچە بارىسلونا مەستانىسى بولغان بىلەن  مىلاندىكى  كاكا مەستانىسى  مىلانمۇ كاكادىن ئايرىلغاندىن تارتىپ ياۋرۇپادىكى پۇتبۇل سەركىلىكىنى بارىسلوناغا تاتقۇزۇپ قويدى  مانا ئەمدى بارىسلونا دەۋرى تۆگەپ بەيرىن دەۋرى باشلاندى  .
مەن مىلان بىلەن بارىسلونانىڭ  ۋە كاكالارنىڭ بۇرۇنقى شاھلىق ئورنىنى تىپىپ ياۋرۇپانى يەنە سورىسىكەن دىگەن ئۈمىددىمەن  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 15:37

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش