بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-18 01:17
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى جامائەت، ھەممىڭلارغا كەمىنىدىن ئوتلۇق سالاملار يەتسۇن!
مۇنبىرىمىز تېمىلىرىنىڭ سەرخىللىقى، ئەزالىرىنىڭ كۈندىن-كۈنىگە زورىيىشى بىلەن ھازىرقى نۆۋەتتە ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ قىزغىن مەخسۇس پۇتبول مۇنازىرە مۇنبىرى بولۇپ شەكىللەندى. شۇ جەريانلاردا نۇرغۇنلارنىڭ يېڭىدىن ئەزا بولۇپ كىرىشى، مۇنبەر سېستىمىسىنىڭ قايتا-قايتا يېڭىلىنىشى سەۋەپلىك مۇنبىرىمىزدە تېما-ئىنكاسلارغا رەسىم قىستۇرۇش مەسىلىسى كۆپ ساندىكى تورداشلارغا قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلمەكتە. شۇڭا يۇقارقى قىيىنچىلىقنى كۆزدە تۇتۇپ قىممەتلىك ۋاقتىمنى ئاجىرتىپ بۇ دەرىسلىكنى تۈزدۈم، كۆپچىلىكنىڭ ئېتىبارغا ئېلىپ بۇ دەرىسلىكنى ياخشى تەكرار قىلىشىنى سورايمەن.
——————————————————————————————————————————————————————
تېما-ئىنكاسلارغا رەسىم قىستۇرۇش
1. تېمىغا رەسىم قىستۇرۇش
تېما يوللاش كۆزنىكىنى ئېچىڭ. (1-رەسىم)
1-رەسىم
تېما يوللاش كۆزنىكىدىكى «رەسىم قوشۇش» ئىقتىدار كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز تۆۋەندىكى 2-رەسىمدىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ.
2-رەسىم
بۇ كۆزنەكتىكى «رەسىم تىزىمى» نىڭ ئىچىدىكى «ھۆججەتنى تاللاڭ» دېگەن كۇنۇپكىسىنى بېسىپ كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ قاتتىق دېسكىسىغا قاچىلانغان رەسىم ھۆججىتىنى تاللايسىز. 3-رەسىمگە قاراڭ.
3-رەسىم
مەسلەن: مەن 桌面 دىكى real Madrid.jpg دېگەن رەسىمنى تاللاپ 打开 دېگەن كۇنۇپكىنى باسسام تۆۋەندىكى 4-رەسىمدىكىدەك كۆزنەك ئېچىلدى.
4-رەسىم
بۇ كۆزنەكتىكى بىز تاللىغان رەسىمنىڭ ئۈستىگە مائۇس بەلگىسىنى ئەكىلىپ بىرنى چەكسىڭىز تېما يېزىش رايونىغا رەسىمنىڭ 代码 سى پەيدا بولىدۇ. (5-رەسىمگە قاراڭ). ئاندىن «مۇقۇملاشتۇرۇش» دېگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ مەشغۇلاتنى ئاياقلاشتۇرىسىز.
5-رەسىم
«تېما يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى باسسىڭىزلا ئىش تامام ۋەسسالام دېگەن گەپ.
ئەسكەرتىش: رەسىملەردىكى قىزىل رامكا ئىچىگە ئېلىنغان، قىزىل رەڭدە كۆرسەتكۈچ بەلگە قويۇلۇپ رەقەم ئارقىلىق باسقۇچلىرى كۆرسىتىلگەن جايلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ.
——————————————————————————————————————————————————————
2. ئىنكاسقا رەسىم قىستۇرۇش.
بۇ باسقۇچنى ئالاھىدە سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. سىز پەقەت «ئالىي ئىنكاس» دېگەن جاينى باسسىڭىزلا كۆزنەك ۋە مەشغۇلاتلارنىڭ ھەممىسى يۇقاردىكى «تېمىغا رەسىم قىستۇرۇش» قا ئوپمۇئوخشاش. (6-رەسىمدە ئالىي ئىنكاس شەكلىگە كىرىش كۆرسىتىلدى).
6-رەسىم
——————————————————————————————————————————————————————
ھازىرچە مۇشۇنچىلىك چۈشەندۈرۈپ تۇراي. ھەممىڭلارغا رەھمەت!
خېلى جاپا تارتتىم، كۆڭلۈڭلار بولسا ئاز بولسىمۇ كۆپكە تاۋاپ قىلىپ قوبۇل قىلىمەن جۇمۇ! 
باھالاپ قويارسىلەر ھە
|