ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 3276 |
تۆھپىسى: سەر |
|
kaltek يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 18:50 
قىزېل؛
ئۆزىنى دۇنيادا بىر چاغلايدىغان چولپانلار ، را ...
گەپنىڭ قىسقارتىپ ئېيىتساق مو تېرىنىرنىڭ مادرىد ئىچكى زىدديىتىگە ئارلىشىپ ئۇنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىگە مۇنداق ئامىللار سەۋەبچى:
1. ئىسپانىيە ئاخبارات ۋاستىسى . بۇلار ئەينى ۋاقىتتىكى مادرىدنىڭ قان تولۇقلاش جەريانىدىكى «پورتۇگال» ۋە «ئىسپان» گوروھىنىڭ مەسىلىسىنى چىڭ تۇتېۋېلىپ ، ئاق-قارا مەسىلىسىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتكەن.
2. كاسىللاس بىلەن بولغان كۈرەش ، كاسىللاس يارلىنىشتىن خېلى بۇرۇنلا باشلانغان . بۇنىڭغىمۇ دەل كاسىللاسنىڭ مۇخبىر قىز دوستى سارا سەۋەبچى. شۇ ۋاقىتلاردا توختىماستىن سارا مادرىدنىڭ ئىچكى مەخپىيىتىنى سىرىتقا تارقىتىۋاتقان «خائىن» دەپ خەۋەر چىقىپ بېسىقمىغان. شۇ ۋاقىتلاردىلا مو تېرىنىر لوپېزنى ئەكىلىپ بېرىشنى ئېيىتقان. مادرىنىڭ تۆھپىكارى ۋە بايراقدارى بولۇش سۈپىتى بىلەن مورىنىخو بۇ جەڭدە كاسىللاسقا ئۇتتۇرغان. بۇ پەسىلدە قولى يارلىنىپ قېلىپ تەغدىر مو تېرىنىرنى بىر مەھەل بولسىمۇ ئارام تاپقۇزدى. بىراق كاسىللاس بىلەن بولغان ئاخىرقى ئېلىشىشتا مو تېرىنىر يەنە ئۇتتۇردى دىيىشكە بولىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ مادرىدتتكى كۈنلىرى تەتۈر ساناققا كىرىپ بولغاندەكلا...
مو تېرىنىرنىڭ مەشقاۋۇللۇق ھاياتىغا نەزەر سالىدىغان بولساق ، ئۇ ئەزەلدىن كوماندىدا ئىتتىپاقلىق ۋە بىر سەپتە تۇتۇپ جەڭ قىلىش ئىدىيىسىنى تەرغىپ قىلغۇچى ، كىمكى ئۆزىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ قىلسا شۇنى كۆزدىن يوقىتىش ، (مىسالىدىن بالوتېللىنىلا تاپتىم )
مو تېرىنىر بىلەن چىقىشالايدىغانلا كۇلۇپ ئۇ ۋەدە بەرگەن ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىپ كەلدى. مىسالى ئېنتىر. موراتتىنىڭ ھازىرغىچە مورىنىىو ئىشقىدا كۆيىدىغىنىنى ھەممىمىز بىلىمىز . ئەڭ يارقىن مەسىلىگە قارايدىغان بولساق ئابلاموۋىچ ئەينى ۋاقىتتا مو تېرىنىرنى ئىشتىن بوشاتقاندا ئۇ كۆزى قىيمىغان ھالدا خوشلاشقان ئىدى . مۇرىنىئونىڭ خاتىرە فىلىمىدە بۇ ناھايىتى ئېنىق تەسۋېىرلەنگەن. ئۇ دەيدۇ:« مەن ناھايىتى كۆڭۈلسىز ھالدا خوشلاشتىم!» لېكىن چېلسىدىن باشقا كۇلۇبتىن ئۇ ئۇنداق ئەمەس . مادرىدتتىن ئايرىلدى دىگەن تەغدىردىمۇ مادرىدلىقلار ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاپىرىن ئوقۇشىدۇ ۋە ئامەت تىلەيدۇ . چۈنكى سىلە دىگەندەك بارسېلونانىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرۇپ ، مادرىد روھىنى تىكلەشتە ئۇنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجرى ھەرقانداق بىر تېرىنىرنىڭكىدىن يۇقىرى دەپ قارايمەن.
كېلەركى پەسىل مەيلى مۇرىنىئو مادرىدتتا قالسۇن ياكى كەتسۇن ، مادرىد ئىچكى زىدديىتىنىڭ بۇنداق تۈگىشىگە ھەرگىز ئىشەنمەيمەن. چۈنكى ئۇ مادرىد ئەمەسمۇ؟
خان جەمەتى ئاقسۆڭەكلىرىگە خاس مىجەزى بار بولغان «ئىسپان» گوروھى بىلەن تېرىككەك ، يۈز ئاياشنى بىلمەيدىغان «پورتۇگال» گوروھى ، قايسى تەرەپكە تارىتسا ماڭمايدىغان نېيىترال تەرەپ قاتارلىق ئۈ تەرەپ مەۋجۇتلا بولىدىكەن ، بۇ زىددىيەتنىڭ تۈگىشى تەس، بەلكىم يېڭى تېرىنىر كېلىپ بىر قاتار ئۆزگەرتىشلەر بىلەن مادرىدنى تۈزەپ كېتىشى مۇمكىن. بىراق كۆڭلۈمنىڭ يەنە بىر يەرلىرىدە مۇرىنىئو كەتسە مادرىتتىكى ئىچكى زىددىيەت ئاندىن رەسمىي پارتىلايدىغاندەك تۇيغۇ بار.
دىمەكچى بولغىنىم ، كۇلۇبتا كۆپرەك مەسئۇلىيەت بار. چۈنكى مۇرىنىئونى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، قىلىپ بەر دىگەننى قىلىپ بەرسە نەتىجە قازىنىشىدا گەپ يوق. لېكىن كۇلۇب ياكى توپچىلار بىلەن كېلىشەلمىسە خەيىر دەپ كىتىدۇ خالاس!
بەلكىم مادرىد كۈنلەرنىڭ بىرىدە يەنە مورىنىئونىڭ قەدرىگە يىتىپ ئۇنى قايتا تەكلىپ قىلىشىمۇ مۇمكىن. خۇددى ئابلاموۋىچقا ئوخشاشلا....
|
|