ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 701 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا totti تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-2 21:10

ئەسسالام ئەلەيكۇم تورداشلار ياخشىمۇسىلەر ،گەرچە مورىنھو كەتمىگەن ۋە بۇ مۇسابىقە پەسلى تىخى ئاخىرلاشمىغان بولسىمۇ ،پىقىر مورىنھو مادرىدنى تۇتقان 3يىلدىن بۇيانقى كوماندىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ،تۆھپىسى ۋە باشقا سەلبىي باھالار ھەمدە مادرىدنىڭ مورىنھو كەتكەندىن كىيىنكى مەشقاۋۇلى ھەققىدە بايانلىرىمنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچى .

مادرىد كۇلۇبىدا 2009.يىلى كاردىلون فېلورىنتىنو غا ئورۇن بوشاتقاندىن كىيىن ، ھەممە مادرىد مەستانىلىرى بۇ كىشىدىن چوڭ ئۈمىد لەرنى كۈتۈشكە باشلىدى ، ۋە شۇيىلى زور داغدۇغا بىلەن مورىنھو ئەپەندىمنى مادرىد كوماندىسىنىڭ سانغۇنلىقىغا تەيىنلىدى ، دەرۋەقە ئۇ مادرىدنى قولغا ئالغاندىن كىيىن ،تىزلىكتە شۇ يىلقى دۇنيا لوڭقىسىدا كۆزگە كۆرۈنگەن ،ئۆزىل،قەدىرا،دىمارىيا لارنى ۋە كاۋالو ،كانالىس ،پېدرو لىيون قاتارلىقلارنى كوماندىغا ئەكەلدى ، گەرچە ئەكەلگەن بۇ 6ئادەمنىڭ 4ئى ئاساسلىق ئەزالار قاتارىدىن ئورۇن ئالالىدى ،ۋە 3ھازىرغا قەدەر كوماندىغا كۈچ بىرىۋاتىدۇ ،كاۋالو 1يىل ئەسقىتىپ مەيدانغا چىقمىغاننى ھىسابلىمغاندا ،قالغان 2توپچى ھەرخىل سەۋەب تۈپەيلى باشقا كوماندىلارغا ئىجارە بىرىلدى ، دەرۋەقە تۇنجى پەسىل بىرلەشمىدىكى بىر نەچچە مەيدان تولۇق نۇمۇر ئالالماسلىق سەۋەبىدىن 2.ئورۇندا قالغان بولسىمۇ لىكىن كوماندىنىڭ ئىپادىسى ئومومى جەھەتتىن مۇقىم بولدى ،ھەم شۇ پەسىل بىرلەشمىدە 16مەيدان ئۇدا ئۇتۇش ھالىتى كۆرۈلدى ،
ياۋروپا ئۇزغۇنلىقىدا بولسا گورپىدىن 1.بولۇپ چىقىپ ياخشى ھالەتنى ساقلاپ4كۈچلۈككە كىرگەن بولسىمۇ لىكىن يەنىلا يىرىم ھەل قىلغۇچتا بارسېلونا تەرىپىدىن شاللىنىپ ئۇزغۇن بولىشى كىچىكتى .
لىكىن شاھ لوڭقىسىدا مادرىدنى 18يىلدىن بىرى ئىرىشمىگەن بىر لوڭقىغا ئىرىشتۈردى ،ئەلۋەتتە شاھ لوڭقىسى بىرلەشمىدىنمۇ نوپۇزى تۆۋەن بىر لوڭقا بولسىمۇ لىكىن بۇ يەردىكى مۇھىم ئىش مادرىدنىڭ مۇشۇ لوڭقىنى بارسېلونانىڭ قولىدىن تارتىۋالغىنى ھەمدە خىلىدىن بىرىقى بارسانى مەغلۇب قىلالماسلىقتەك ناچار ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولغانلىقى مادرىد ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئىش ئەلۋەتتە .
مورىنھو مادرىدنى تۇتقان 2.پەسىلدە بولسا ئالتىنتوپ ،كونتىراۋ ،كالىھون ،شاھىن ،ۋارانى قاتارلىقلارنى سىتىۋالدى ، بۇ2.پەسىلدە كوماندا مەيلى ياش جەھەتتىن ياكى ئورۇندۇق كۈچى ۋە باشقا جەھەتلەردىن بولسۇن ،بىرلەشمىدە ھەقىقەتەن كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولغان ،تېرنىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى ئوڭۇشلۇق بولغان بىر مۇسابىقە پەسلىنى ئۆتكۈزدى ، لىكىن ياۋروپا ئۇزغۇنلىقىدا بولسا مەلۇم دەرىجىدىكى كۈچلۈكلەر بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى باشتىن ئاخىر كەلمىدى ،لىكىن يىرىم ھەلقىلغۇچتا بولسا 4نۇمۇرلۇق دەربى ئوينىلدىغان مەزگىلگە توغرا كەلگىنى ئۈچۈن بايرىن بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ھەل قىلغۇچقا كىرىش پۇرسىتىگە ئىرىشەلمىدى ، ئەلۋەتتە شۇ ۋاقىتتىكى مۇسابىقىدە بايرېن مادرىدتىن بەدەن قۇۋۋىتى ،پىسخىك ھالەت ۋە باشقا جەھەتلەردە بولسۇن ھەمدە زەردارلار ئۇچرىشىش جەھەتتىكى جەريانلاردا بولسۇن ئۈستۈنلۈكتە ئىدى ، لىكىن بۇ پەسىلدە كوماندا ئۆزىنىڭ بىرلەشمىدىكى مۇقىم ئىپادىسى بىلەن ئاخىرى يۇقاتقىنىغا 3يىل بولغان بىرلەشمە لوڭقىسىغا ئىرىشتى ، لىكىن شاھ لوڭقىسىدا بولسا يەنىلا ئەشەددى رەقىبى بارسېلونا تەرىپىدىن شاللاندى ئەڭ چاتاق بولغىنى دەل مۇشۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى پۇيۇلنىڭ نەتىجىنى تەڭلەشتۈرگەن 1توپى مادرىد تىكى ئىچكى نىزا ،يىنىك تەپرىقچىلىقنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئاساس سالدى .
مورىنھو كوماندىنى تۇتقان 3.پەسىل مادرىد كۇلۇبى ۋە توپچىلار ئۈچۈن تازا ياخشى بولمىغان پەسىل بولۇپ قالدى ،
مادرىد بىرلەشمىنىڭ ئالدىنقى 10ئايلانمىدا نەچچە مەيدان نۇمۇر ئالالماسلىق كۆرۈلدى ،ھەمدە ئوتتۇر ئايلانمىلاردا بولسا كوماندىدا مۇھىم ياردارلار كۆپەيگەن، ئىچكى نىزا ئەۋجىگە چىققان ،تەپرىقچىلىق باش كۆتۈرگەن مەزگىلنى باشتىن كەچۈردى ، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقتا بولسا ھالاكەت گورپىسىدىن چەك چىققان بولسىمۇ لىكىن يەنىلا ئەپلەپ سەپلەپ گورپىدىن 2.بولۇپ چىقتى ، لىكىن بۇ پەسىل بىرلەشمىدە ئۇدا نۇمۇر كەتكۈزۈش ۋە ياردارلار نىڭ كۆپىيشىدەك ئەھۋاللار مادرىد نى بىرلەشمە لوڭقىسىغا ئىرىشىشتىن يىراقلاشتۇردى ، لىكىن ئۇزغۇنلۇقتا بولسا مانچىستىرنى شاللىغاندىن كىيىن مادرىدنىڭ چىمپىيونلۇققا ئىرىشىشى بىر مەھەل قىزق نۇقتىغا ئايلانغان بولسىمۇ لىكىن يىرىم ھەلقىلغۇچتا كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئىپادىسىنىڭ مۇقىمسىزلىقى ھەمدە پېپې نىڭ تەكرار سەۋەنلىكى تۈپەيلى كەتكۈزگەن توپلارنىڭ ئورنىنى تولۇقلىيالماي شاللاندى ،
ياۋروپا ئۇزغۇنلىقىغا ئىرىشىشنىڭ ئاددى شەرتى قانداق بولىدۇ ،
كوماندىنىڭ مۇقىم بولغان ئىپادىسى +جاپالىق جەريان (بۇنىڭدا زەردارلار بىلەن ئۇچرىشىش كۆزدە تۇتىلىدۇ )+ھەرقانداق كوماندىدا چوقۇم شەخىسكە يۆلىنىش كىسىلى بولماسلىق =3شەرت ھازىرلانسا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى قولغا كىلىدۇ ،
بۇ فورمۇلا بۈگۈنكىدەك سىستىمىلاشقان پۇتبول دۇنياسىدىكى رىقابەت كەسكىن ۋاقىتتا تىخىمۇ شۇنداق ،ھەمدە ئالدىنقى نەچچە ئوخشىمىغان كوماندىلارنىڭ ئەھۋالىغا قارساقمۇ مۇشۇ خۇلاسە چىقىدۇ ،بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىكىدەك نوقۇل شەخىسنى ياۋرو قىلىش شەخىسكە تايىنىپ ئوموميۈزلۈك غەلبە قىلىش ھازىر بارغانسىرى ئەمەلدىن قىلىۋاتىدۇ .
ئەمدە قارايدىغان بولساق يۇقارقى 3پەسىلدىكى ئۇزغۇنلۇق سەپىرىدە مادرىدنىڭ ئالدىنقى 2پەسىل ئىپادىسى مۇقىم ھالەتتە بولسىمۇ لىكىن زەردار لار بىلەن تۇتۇشىشى كۆرۈنەرلىك ئەمەس يەنى جاپالىق جەرياننى باشتىن كەچۈرمىگىنى ئۈچۈن شاللانغان بولسا بۇ پەسىل ئىپادىسى مۇقىم بولمىغان ھالەتتە ئۇزغۇنلۇقتىكى ھالاكەت گورپىدىن چىقتى ،ئەلۋەتتە بۇ قىتىمقى شاللىنىشتىكى ئاساسلىق سەۋەب كوماندا ئومومىيتىنىڭ مۇقىمسىزلىقى . ئەلۋەتتە يۇقارقىلاردا تىرنېر نىڭ مەسۇلىيتى يوق دىيىشكە بولمايدۇ .تۆۋەندە بۇ ھەقتە توختىلىمەن .
مورىنھو قانداق تېرنىر ،كۆپىنچە ئۇيغۇر مەستانىلىرىنىڭ نەزىرىدىكى نامى بولسا (لوڭقا تەلۋىسى )،تاكتىكا ئۇستىسى، ئۆزى توپ تەپمىگەن تۇرۇقلۇق ئوخشىمىغان بىرلەشمىلەردە ئۇزغۇنلۇق نىڭ تەمىنىنى تىتىيالىغان ،ھەمدە ئۇدا 9يىل تېرنىرلىق جەريانىدا ئۆز مەيدانىدا مەغلۇب بولمىغان بىر خاسىيەتلىك تېرنىر .لىكىن پېقىر مورىنھونىڭ بۇرۇنقى ئىش ئىزلىرىدىن ئانچە خەۋىرىم يوق، شۇڭا مادرىدنى تۇتقاندىن بۇيانقى ئەھۋالىغا قاراپ تۆۋەندىكى يەكۈننى چىقىرىمەن .
مورىنھودا ئەڭ زور دەرىجىدىكى ئۆزىگە ئىشىنىدىغان پىسخىك ھالەت شۇنداقلا توپچىلىرىنىڭ ئىپادىسىنى ئەڭ يۇقۇرى سەۋىيدە جارى قىلدۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلالايدىغان ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ، شۇنداقلا توپچىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ ئەڭ ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىلىپ باردىغان تالانت بار ، لىكىن ئۇ (تاكتىكا ئۇستىسى)دىگەن نامغا ماس كەلمەيدۇ.
ئۇ پۇتبول مەيدانىدا قايسى سەپ شەكلىنى ئىشلىتىدۇ دىگەندە ھەرقانداق مۇسابىقىدە ئۆزى سىزىك ھالەتتىكى 4-2-3-1سەپ شەكلىنى ئىشلىتىدۇ ،ناۋادا توپ ئۇرالمىغاندا ياكى تەڭلەشكەن ئەھۋال ئاستىدىلا ۋاقىتلىق 3-5-2ھالەتكە ئۆزگىرىدۇ ،خۇددى تاپانچىسىدا ئوقى تۈككەن ئەسكەر پىچاقنى ئىلىپ ئۇرۇشقاندەكلا ،
نۇمۇر ئىلىش ئوبىكتى قانداق دىگەندە مۇنداق 3تۈرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ ..
يەنى 1.قايتارما ھۇجۇم قىلىش ،2.سۈرئەت ئەۋزەللىكى بار ئەزالاردىن نوقۇل پايدىلىنىش ،3. شۇنداقلا نۇمۇر ئىلىشتىكى يانداشما ئامىللار بولغان نۇقتىلىق ئەزالارنىڭ ئەڭ ياخشى ھالەتتىكى ئىپادىسىگە تايىنىش 4.نۇمۇر ئىلىشتا ھۇجۇم يۆنىلىشىدە نوقۇل شەخسنى يادرو قىلىۋىلىش خالاس .
1.ناۋادا مادرىد بىلەن ئوينىغان كوماندا مۇداپىئەسى ياخشى بولسا مادرىدنىڭ توپ ئۇرمىقى مۈشكۈل ،بۇنىڭ ئاددى مىسالى؛ بىرنابۇدىكى 1.1بولغان مانچىستىرنىڭ مۇسابىقىسىدىن كۆرۋىلىشقا بولىدۇ .
2.ناۋادا قارشى تەرەپ مادرىدنىڭ قايتارما ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان 2يان تەرەپكە ئالاھىدە دىققەت قىلسىلا ،مادرىدنىڭ ھۇجۇمى كۆرنەرلىك ئاجىزلايدۇ .
3.مادرىدتا تا ھازىرغىچە ئالونسۇغا يۆلىنىش كىسلىدىن ساقايغىنى يوق ،مادرىدنىڭ كۆپىنچە ئۇتتۇرغان ۋە نۇمۇر ئالالمىغان مۇسابىقىلىرىغا قارايدىغان بولساق ،بىرگە ئالونسۇنىڭ ئىپادىسى ناچار بولغان مۇسابىقە ئاز بولسىمۇ لىكىن ئالونسو ئاساسلىق ئەزا بولمىغان مۇبىقىلەرنىڭ تولىسىدا چاتاق چىقىدۇ .
4.بۇنىڭدا ئاساسلىقى رونالدونىڭ ئۇرغان توپلىرىنىڭ پاسلىرىنىڭ كۆپىنچىسى كىمدىن كەلگەنلىكىگە دىققەت قىلساقلا جاۋاب چىقىدۇ يەنى ئۆزىل ياكى دىمارىيا ،بۇنىڭدىكى خەتەر تىخىمۇ چاتاق ھەرقانداق توپچىنىڭ مۇقىم ئىپادىسىنى ساقلاپ تۇرالىشى ناھايىتى تەس ،ناۋادا ئىپادىسى شەخسىي جەھەتتىن ياكى قارشى تەرەپنىڭ قاتتىق مۇداپىئە قىلىشى سەۋەبىدىن ياخشى بولمىسا رەقىبىنى ئۇتۇش مۇمكىن بولمايدۇ ، دورتموندقا 4.1يىڭىلگەن مۇسابىقە بۇ نۇقتىنى تولۇق ئىسپاتلىيالايدۇ .
گەرچە مورىنھو نىڭ توپ ئۇرۇشتا توپىلاڭدىن توغاچ ئوغۇرلاش ئىدىيسى تۆۋەن ،قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ ،چۈشكەن توپلارنىڭ ئۈنۈمدارلىقى يۇقىرى بولسىمۇ لىكىن شەخىسكە تايىنىش يۇقارقى ئۇسۇلنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىدۇ .
يەنە بىرسى مورىنھو مادرىدنى تۇتقاندىن بىرى ئورۇندۇق كۈچىدىن پايدىلىنىشى ئىنتايىن تۆۋەن ھەمدە ئورۇندۇق تەڭپۇڭلىقىغا ئىتىبار بىرىشى ياخشى ئەمەس ، يەنى توپچىلار يارلانمىغان ئەھۋالدىمۇ ،ئەزالارنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق غەلبە قىلىش ئاساسەن يوق دىيەرلىك ،ھەمدە ياشلارغا يىڭى مەيدانغا چىققانلارغىمۇ كوماندىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بولسىمۇ مەلۇم دەرىجىدە پۇرسەت بىرىپ چىنىقتۇرۇشىدىن ئىغىز ئاچقىلى بولمايدۇ ، مورىنھونىڭ نەزىرىدە مەيدانغا چىقىدىغان توپچى چوقۇم ئەڭ ياخشى ھالەتتە توپ تىپىشىشى كىرەك بىرە سەۋەنلىك ئۆتكەزدىمۇ بولدى ،يەنە ئاساسلىق ئەزا بولىشىدىن ئىغىز ئىچىش بەك تەس ،ئەلۋەتتە ھەممە مەشقاۋۇل شۇنداق ،لىكىن بۇ ئادەمدا سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەنلەرگە بىردىغان پۇرسەت ناھايىتى يوقنىڭ ئورنىدا ،شۇڭا كوماندىدىن ئىستىقباللىق ياشلاردىن بولغان ،كانالىس ،لىيوڭ ،لاس دىياررا ،گىرانىرو ،مادرىد لوڭقا ئالالماي يۈرگەن ۋاقىتلاردىمۇ مادرىدتىن كەتمىگەن ياخشى ئەسقاتقان گاگو ، ئەمدىلا 19ياشقا كىرگەن تۇرۇقلۇق 23ياشلىق 35مىليونلۇق كونتىراۋغا پۇل ئورنىدا ئالماشتۇرۇلغان گاراي قاتارلىقلار نىڭ كوماندىدىن كىتىشى ئەلۋەتتە بىۋاستە مورىنھو بىلەن مۇناسىۋەتلىك .
ئەلۋەتتە يۇقارقى تازلانغانلاردىن باشقا مادرىد كۇلۇبى شۇنداقلا كوماندىسىنىڭ ئەڭ چوڭ بۇ كىشى ئۈچۈن تۆلىگەن بەدىلى توپچىلىق ھاياتىدىكى قىران ۋاقىتلىرىنى مادرىدقا بىغشلىغان چىكىنگەندىن كىيىنمۇ مادرىد يۇقۇرى قاتلىمىدا ئەمەل تۇتقان ھەمدە نۇرغۇن تۆھپە قوشقان،شۇنداقلا بىرنابۇ شاھزادىسىنىڭ 1.كوماندىغا چىقىشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان دىرىكتور ۋالدانو مۇ دەل مۇشۇ ئەپەندى سەۋەبلىك پۈتۈن ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بەردى ھەمدە مورىنھو ئەپەندىم مادرىد تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ھوقۇقدار تىرنېرغا ئايلاندى .ئەلۋەتتە كۇلۇب يۇقۇرى قاتلىمى شۇ ۋاقىتتا ئامالسىزلىقتىن بۇ قارارنى چىقارغان بولسىمۇ لىكىن خاتالاشقان ئىدى ،ئۆتمۈش شۇنى ئىسپاتلىدىكەنكى؛ مادرىدنىڭ بارسېلونادىن غالىب كىلىشىگىمۇ ،ھەمدە بارسېلونا نىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇشقىمۇ مەلۇم ۋاقىت ،جەريان كىرەك ئىدى .
قايسى كۈنىدىكى تاراتقۇ زىيارىتىدە مورىنھو ئىنىق قىلىپ ،مادرىدتىن كىتىدىغانلىقىنى ئاشكارا ھالدا ئىغىزغا ئالدى ،دىمەك كىيىنكى پەسىل مادرىدقا كىم مەشقاۋۇل بولىدۇ ،نۆۋەتتە مادرىدنىڭ 1.تاللىشى ھەمدە كىلىش ئىھتىماللىقى يۇقۇرى تېرنىر بولسا ئەنچىلوتى .

مەيلى بۇداقى پەسىل كىم كىلىشىدىن قەتئىي نەزەر ،پىقىر مادرىدنىڭ ھازىرقى شەخىىسكە يۆلىنىپ ئويناش ھالىتىگە خاتىمە بىرىشىنى ،شۇنداقلا سىستىمىلاشقان قىلىپلاشقان ئويناش ئۇسۇلى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن ،ھەمدە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 3يىلدىن بىرى بىزگە ناھايىتى ئىسىل قىززىغان مۇسابىقىلەرنى تەقدىم ئەتكەن مورىنھو ۋە توپچىلارنىڭ كىيىنكى پەسىلمۇ ياخشى ھالىتىنى ساقلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
|
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|