ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 986 |
تۆھپىسى: سەر |
|
مورىنىيونى تاكتىكا ئۇستىسى ئەمەس دىسە قاقاقلاپ ئاچچىق كۈلگۈسى كېلىدىكەن.يەنىمۇ بىمەنە يېرى:مۇداپىيەسى كۈچلۈك كوماندىغا مورىنىيونىڭ كوماندىسى توپ ئۇرالمايدۇ،مۇشۇمۇ گەپمۇ ؟مۇداپىيەسى كۈچلۈك بولسا توپ ئۇرالماسلىقمۇ تېرىنىرنىڭ مەسئۇلىيتىمۇ؟
مورىنىيو قولغا ئېلىپ بىر تەرەپتىن كوماندىنى تەرتىپكە ساقلىدى،يەنە بىر تەرەپتىن بىرلەشمىدىكى ياخشى ھالىتىنى ساقلاپ يەنە بىر تەرەپتىن ئۇزۇن يىل بولغان ئۇزغۇنلۇقنىڭ 4كۈچلۈك چەمبىرىكىگە ئۇدا كىردى.ئۈچىلا قېتىمدا شاللانغان بولسىمۇ ،قايسى كوماندىلاردىن شاللانغانلىقىغا قارايمىز.تۇنجى قېتىم بارسېلونادىن شاللاندى.بارسېلونانىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ھەيۋىسى ھەممىزگە ئايان.2-قېتىم بايرىندىن شاللاندى.سىز تىمىڭىزدا دىگەندەك 4نومۇرلۇق ئەمەس 6نومۇرلۇق دىربيغا توغرا كەلدى.(چۈنكى ،بارسېلونا ئۇتسا ،بارسېلونا 3نومۇرنى ئېلىپ قايتىدۇ.مادرىد 1نومۇر ئۈستۈنلۈكتىن 2نومۇر ئارقىدا قالىدۇ.مادرىد ئۇتسا ،مادرىد 3نومۇرنى ئېلىپ ،بارسېلونادىن 4نومۇر ئېشىپ كېتىدۇ.دىمەك ئەسىلىدە 2نومۇر كەينىدە قېلىش ئېھتىماللىقى بىلەن 4نومۇر ئېشىپ كېتىشتىن مەلۇمكى بۇ 6نومۇرلۇق مۇسابىقە)ئۇنىڭ ئۈستىگە بايرىننىڭ مەيدانىدا 1-2يېڭىلدى،ئۆزىنىڭ مەيدانىدا بولسا 2-1ئۇتتى.نوختا توپ جېڭىدە ئۇتتۇردى.بۇ يىل بولسا دورتموندنىڭ مەيدانىدا مورىنىيو تاكتىكىدا خاتالاشقان بولىشىمۇ ياكى ئەزالار ئېچىلىپ ئوينىيالمىغان بولىشىمۇ،دورتموند ئەزالىرى ئەڭ ياخشى سەۋىيەسىنى جارى قىلدۇرغان بولىشىمۇ مومكىن.ئۆز مەيدانىدا ئوينالغان مۇسابىقىدە مادرىد ھەقىقى جان تىكىپ ئوينىدى.ئەڭ ياخشى سەۋىيەسىدە مۇسابىقە ئوينىدى.ئالدىنقى 10مىنۇتتا ئالتۇندەك پۇرسەتتى ئۈچى كەتتى.ھىگۋايىن بىردە-بىر توپنى ئۇرالمىدى.ئۆزېل بىر ياخشى پۇرسەتنى بىكار قىلدى.رونالدو بىر پۇرسەتنى ئىسراپ قىلدى.بۇ تېرىنىرنىڭ خاتالىقى ئەمەس.چۈنكى تېرىنىر ئادەملىرىنىڭ ئەڭ ياخشى سەۋىيەسىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرسا بولدى.ئۇلارغا توپ ئۇرۇشنى ئۈگىتىشىنىڭ ھاجىتى يوق.چۈنكى ھەممىسى توپ ئۇرۇشنى بىلگەچكە مادرىدقا كەلگەن.سىز مورىنىيونىڭ سەپ شەكلىنى مەسخىرە قىپسىز.مورىنىيو دەل شۇنداق تاكتىكىسى بىلەن مادرىدنىڭ مۇسابىقىلىرىنى كۆرگەنلەرگە پۇتبۇلنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرىۋاتىدۇ.سىزچە بولغاندا كەينىدە قالغاندا ھۇجۇمغا كۈچىمەي،مۇداپىيەنى قاتتىق قىلىش كېرەكمۇ؟مورىنىيونىڭ كاكاغا پۇرسەت بەرمەسلىكىگە مەنمۇ خاپا بولغان.لىكىن كاكانىڭ مۇداپىيە ئېڭىنىڭ تۆۋەن بولىشى زاپاس بولىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن توغرا چۈشەندىم.مورىنىيونىڭ مادرىدتا خۇشال بولالماسلىقى ،مادرىدنىڭ باشقۇرۇلىشى ئىنتىر ھەم چىلىسىدەك ئاددى ئەمەس.چىلىسى بىلەن ئىنتىرنىڭ خوجايىنلىرى ئېسىل پۇتبۇل مەستانىلىرى.ئۇلار مۇسابىقىدە غەلبە قىلسىلا ،تېرىنىرنىڭ تەلەپلىرىنى قاندۇرىدۇ.لىكىن مادرىد مۆتىۋەرلىكى بىلەن تەلۋە مورىنىيونىڭ ئوتتۇرىسىدا مەلۇم بوشلۇق بار.مەستانىلەرمۇ مورىنىيونىڭ كۆڭلىدىكىدەك قىزغىن ئەمەس.مورىنىيونىڭ ئەڭ زور كەمچىلىكى دىسە ،مېنىڭچە:ھەربىر پۇتبۇلچىغا كۆيۈنۈش كەمچىل.ئۇنىڭدىن باشقا كەمچىلىك ،ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى يېپىپ كېتەلمەيدۇ.مەن مورىنىيو كەتسە ئەنچىلودىنىڭ كېلىشىنى بەك خالايمەن.ئەنچىلودى مادىردقا ئوخشاش مۆتىۋەر تېرىنىر.لىكىن ھازىرقى مادرىدقا ھەم مېنىڭ ياشلىقىمدىكى ئوت مەستانىلىكىمگە مورىنىيودەك تەلۋە تېرىنىر بولسا ياخشى.مورىنىيونى بولمىدى دىگەندە 2پەسىل تۇرۇپ بېرىشىنى ئۆمۈد قىلىمەن. |
|