ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 459 |
تۆھپىسى: سەر |
|
مىنىڭچە بۇ تىما بەك ئەھمىيەتلىك بوپتۇ! راس قېرىنداشلار ئويلۇنۇپ باقايلى....توغرا ھەممىمىز پۇتبولنى بەك سۆيىمىز لىكىن پۇتبولنى قانداق سۆيۈشنى تازا بىلەلمەيۋاتىمىز، يەنى بۇنداق دىگىنىم، بىز پۇتبولنى سۆيگەنىكەنمىز پۇتبول تىپىدىغان مەيلى دىيارىمىز چولپانلىرى بولسۇن ۋە ياكى دۇنيا چولپانلىرى بولسۇن ھەممىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى ياقتۇرۇپ كۆرىشىمىز كېرەك ئەمما مەلۇم بىر كوماندا ياكى بىر چولپاننى ياختۇرىشىمىز مۇمكىن لىكىن شۇ ياختۇرشىمىز سەۋەپلىك شۇنىڭغا قەستەن يان باسماسلىقىمىز كېرەك يەنى بېرىدىغان باھايىمىز ئەمىلىيەتتىن چىقىش قىلىنغان ھالدا ئادىل باھا بولىشى كېرەك. مەسلەن: بارسېلونا مېسسى يوق ھالەتتە رىئال مادرىتقا ئۇتتۇرۇپ قويدى بۇنىڭغا ھەرەىزمۇ مېسسى يوق بولغاچقا ئۇتتۇرۇپ قويدى مېسسى بولغان بولسا ئۇتىۋالاتتى دىمەسلىك كېرەك چۇنكى ئىنسان غەيىپنى بىلمەيدۇ مېسسى بولغان ھالەتتە تېىىمۇ ئېچىنىشلىق ئۇتتۇرۋىتىشىمۇ مۇمكىن ۋە ياكى باشقا ئەھۋاللارمۇ بولىشى مۇمكىن، شۇڭلاشقا بارسا مەستانىللىرى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مېسسى يوق بولغاچقا ئۇتتۇرۋەتتۇق دىمەي بارسا ياخشى ئوينىيالماي قالدى، ئادەم ئورۇنلاشتۇرىشىدا مەسلە كۆرۈلدى دەپ ئەمىلىيەتنى چىقىش قىلىش ئاساسىدا يەكۈن چىقىرىش كېرەك، مېسسى بىلەن رونالدونىڭ ۋە باشقا مەسلىسىمۇ شۇنداق قېرىنداشلار، ئەپەندىلىكنى مېسسى چوقۇم ئالىدۇ رونالدو چوقۇم ئالىدۇ دەپ غەيىپنى جاكارلىماسلىقىمىز كېرەك(چۈنكى بىز غەيىپنى بىلمەيدىغان خۇسۇسىيەتتە يارتىلغان)چوقۇم، مېسسىمۇ بۇيىل ياخشى نەتىجە ياراتتى رونالدومۇ شۇ لىكىن قايسىنىڭ ئېلىشى بىزگە نامەلۇم لىكىن مەن مېسسىنىڭ ئېلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن دىيىشىمىز كېرەك ئەگەر مېسسى مەستانىسى بولساق، بۇمۇ بىر مىسال قېرىنداشلار!يەنى بىر كوماندىنى ياكى بىر چولپاننى ياختۇرىشىمىز بىلەن ئۇنىڭ رەقىبىنى ھاقارەت قىلماسلىقىمىز تۆھمەت چاپلاپ بەك تۆۋەن چاغلاپ قويماسلىقىمز كېرەك، بىز پەقەت ھەقىقەتنى چىقىش قىلىپ ئىنكاس يازساقلا ئىشلارغا ئەمىلىيەتتىكى نەتىجىلەرگە ئادىل كۆزىمىز بىلەن باھا بەرگەندىلا بىز ئاندىن ھەقىقى ئىسمى جىسمىغا لايىق ئۇيۇشقاق ئۇيغۇر پۇتبول مەستانىللىرىدىن بولالايمىز!!!!! ھۇررا شىنجاڭ........ |
|