akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1502|ئىنكاس: 51

بىز دېگەن ئۇيغۇر پۇتبول مەستانىسى ... ‹‹messi-10››

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى بارلىق چوڭ-كىچىك قېرى ياش بارلىق بالىلار ياخشىمۇ سىلەر ؟ نەچچە ۋاقىتتىن ياقى مۇشۇ تىمانى يازايمۇ-يازمايمۇ دەپ كۆپ ئويلىنىپ ئاخىرى يېزىش قارارىغا كەلدىم ...ھەققاچان تىمامنىڭ ماۋزوسىغا قاراپلا نىم دېمەكچى ئېكەنلىكىمنى بىلدىڭلار يا بىلمىدىڭلار ، مىنىڭچە بۇ بارلىق پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ بولۇپمۇ بارسېلونا ۋە مادىرىت مەستانىلىرى ھەم كىرىستىيانو رونالدو ۋە لىونىل مېسىسى مەستانىلىرىنىڭ  ئۇزاقتىن بېرى ئويلاپ كىرىۋاتقان ئېشى بولسا كېرەك دەپ قارايمەن ... ئەمدى گەپنىڭ پوسكاللىسىنى دەي ....
ئاۋال كۇلۇپ مەسىلىسىدە توقتىناي : ھەممىمىز بىلىمىز ھازىرقى پۇتبول ساھەسىدە بارسىلونا كوماندىسى ۋە خان مادىرىت كوماندىسىنى بارلىق پۇتبول كۇلۇبلىرىنىڭ سەركىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ ، (ئەمدى باشقا كۇلۇپ مەستانىلىرى باشقىچە ئويلاپ قالماڭلار) مۇنبىرىمىزدىمۇ بۇ ئېككى كۇلۇپ مەستانىلىرى خېلى كۆپ ... جۈملىدىن مەنمۇ بارسىلونا كوماندىسىنىڭ مەستانىسى لىكىن مېنىڭ كاللامدىن ئۆتمەيدىغان بىر ئېش بار ، بىز نىمىشقا ئويلىنىپ باقمايمىز ؟ ھەممىمىز ئۇيغۇرغۇ ؟ نىمىشقا بىر-بىرىمىزنى ھۆرمەت قىلمايمىز ؟ نىمىشقا ھەر قېتىمقى دىربىدىن كىيىن سوغۇق قانلىق بىلەن شۇ قېتىمقى مۇسابىقىدىكى يېڭىش - يېڭىلىشنىڭ سەۋەبىنى ئوبدان ئويلىنىپ باقمايمىز؟ بىزدىكى پۇتبول روھى شۇنچىلىكمۇ ؟ ئۇنداق قىلىشىپ كەتمەيلى قېرىنداشلار ، بىزشۇ كۇلۇپلارنى شۇنچىلىك قوللايمىزيۇ نىمىشقا ئۆزىمىزنىڭ شىنجاڭ كوماندىسىنى شۇنچىلىك قوللىمايمىز؟ بىزدىكى كاللا شۇنچىلىك ئاددى ...  ئەلۋەتتە، بارسىلونا ، مادىرىت دېگەن كۇلۇپلار پەقەت بىر شەھەرنىڭ كوماندىسى، شۇڭا ياۋرۇپادىكى مەستانىلەر ئۆز يۇرتىدىكى كۇلۇپلارنى شۇنچىلىك قوللايدۇ لىكىن بىزچۇ ؟ بارسىلونا مادىرىت مەستانىلىرىدىن سورايدىغىنىم : بىز شۇ كۇلۇپلارنى شۇنچىۋالا قوللىساقمۇ ئۇلار بىزگە نېمە قىلىپ بەردى ؟ بىزنىڭ ئۇيغۇر پۇتبولچىلىرىمىزدىن بىرەرسىنى شۇ كۇلۇپلارغا ئاپىرىپ مەشىقلەندۈردىمۇ ؟ كۆز قارىشىڭلارنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ بېقىڭلار ...

ئەمدى كىرىستىيانو رونالدو ۋە لىونىل مېسسى توغۇرلۇق سۆز ئاچاي...
مېسسى ۋە كىرىستىيانو رونالدو بولسا دۇنيادىكى دەرىجىدىن تاشقىرى داڭلىق پۇتبولچىلار ، بۈگۈنكى پۇتبول ساھەسىنى تىتىرەتكەن بۇ ئېككى چولپاننى بارلىق كۇلۇپلارنىڭ ئالغۇسى كىلىدۇ ئەلۋەتتە ... ئەگەر مۇشۇ ئېككسى بىر مىللەت ياكى بىر دۆلەتتىن بولغان بولسىدى چوقۇم چىقىشىپ كېتەلەيتى ، مۇنبەردىكى مەستانىلەر بىر مىللەتتىن بولساقمۇ مۇشۇ مۇنبەرنى ۋە چ چ توپلىرىنى تاس قالىمىز بىشىمىزغا كەيگىلى ...
يەنە ئويلاپ باقايلى قېرىنداشلار ، بىزنىڭ مۇشۇ جۇڭگو ئا دەرىجلىكلەر ۋە ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە چاڭ چىقىرىپ ئويناۋاتقان پۇتبولچىلار شۇنچىلىك جىققۇ ، بىز نىمىشقا شۇلارنىڭ پۇتبول مەستانىسى بولماي بىزگە يات بولغان شۇ مىللەتنىڭ پۇتبولچىلىرىغا شۇنچىۋالا ۋاي دەيمىز ؟ ئۇيغۇر بولغاندىنكىيىن مىللىتىمىز پۇتبولچىلىرىنى قوللاپ بېرەيلى قېرىنداشلار،دېگىنىمىڭ ئاساسى بارمۇ يوق ؟ بىزگە پەقەت ئالدىنقى قېتىمقىدەك بىر مەيدان ئېسىل مۇسابىقە ئويناپ بەرسە بولدى ،بىزگە شۇ كۇپايە دەپ قارايمەن ...   
بۇنۇڭدىن كىيىن بارلىق پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ خۇددى بىر ئائىلىدىكى ئاكا - ئۇكىلاردەك ئېجىل ئېتپاق ئۆتىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.مىنىڭچەبو بارلىق باشقۇرغۇچىلار ۋە پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ كۈندە ئويلايدىغان ئارزۇسى ....  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-5 17:06:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   missi2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-12 23:05  

ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك سۆز،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-5 17:10:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئارمانىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-5 17:11  

دىگىنىڭىز  ئورۇنلۇق  بۇلۇپتۇ   قېرىندىشىم  .  بىزنىڭ مۇنۇ  مۇنبىرىمىزدە  غەيۋاتخورلۇق  ، كۆرەلمەسلىك
بىر بىرسىنىڭ ئەيۋىنى  ئېچىش ،  بىر بىرسىنىڭ  قوڭىنى كولاش ئېخىر ،  بۇنىڭغا قەتتى ئامال بولمىدى .

تورداش كۆڭلىڭىزگە كەپ قالمىسۇن قاراڭ ،  مۇنۇ تېمىنى  يازغىنىڭىزغۇ  بوپتۇ  ئەجرىڭىزگە رەھمەت  . ئەمما لىكىن بىراق  بۇ بىر ئارتۇقچە ئىش بۇنداق تېمىدىن قانچە مىڭلىغاننى  يېزىپ مۇنبىرىمىزگە توشقۇزۋەتسىڭىزمۇ  
بەزەنلەرنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقمايدۇ. يەنە قىلدىغاننى دەيدىغاننى توختاتمايدۇ ،

قان بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقىدۇ !!      دەپتىكەن  كونىلار  ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-5 17:14:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ياخشى بىر ئويىلنىپ باقدىغان تىمىكەن بۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-5 17:34:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىنى مۇنبەردىكى ھەممىمىز قوللايمىز ..
تاشئالمىنىڭ مۇسابىقىلىرى بار ۋاقىتلاردا مۇنبەردە كۈندە دىگۈدەك سەپەرۋەرلىك تېمىلىرى ۋە بىلەت ئۇچۇرلىرى شۇنداقلا باشقا ئۇچۇرلار شۇنداق تەپسىلىي يوللىنىپ تۇراتتى ..ھەمدە ئۈرۈمچىدىكى ۋە يىراق يېقىندىكى نۇرغۇن مۇنبەرداشلار بىرلىكتە يىغىلىش قىلىپ ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ بايراق ، پىلاكاتلارنى ياسىتىپ كانىيىمىز يىرتىلغىچە مەدەت بەرگەن .. ھەتتا تاشئالمىنىڭ توپچىلىرى ئىچكىرىگە مۇسابىقە ئوينىغىلى كەتسىمۇ ئىچكىردە ئوقىۋاتقان مۇنبەر ئەزالىرى  كىچە-كىچىلەپ پويىزدا ئولتۇرۇپ ، ئۆلكە ئاتلاپ شۇلارغا مەدەت بەرگەن ،  ئۆزلىگىدىن تەشكىللىنىپ كوماندا ئەزالىرىنى تاماققا تەكلىپ قىلىپ زىيارەت قىلغان !   ئىشقىلىپ سۆزلەپ كەلسەك  ئاشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ پۇتبول مۇنبىرىدىكى مەيدىسىگە ھەرخىل كۇلۇبلارنىڭ مىدالىنى تاقىۋالغان ئوت يۈرەك پۇتبول مەستانىلىرى قىلغان .. ھەتتا مۇنبەر ۋاي ۋاي قانىلىدا ھەر قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىنى بىۋاستە ئاڭلىتىش قىلغان ..نەچچە مىڭ ئادەم ۋاي ۋاي خانىغا كىرىپ مۇسابىقە ئەھۋالىنى نەق مەيداندىن ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولغان !  ھەتتا مۇنبەر نامىدىن تاشئالمىغا مەدەت بەرگىلى مۇقىم كىيىممۇ تىكتۈرۈپ ئەكەلتۈرگەن ئىچكىردىن  !
ھازىر تاشئالمىنىڭ مۇسابىقىلىرى يوق ..شۇڭا ھەممىمىز ياۋرۇپانىڭ مۇسابىقىلىرىنى كۆرۈپ يۈرىۋاتىمىز ..لىكىن تاشئالمىنىڭ مۇسابىقىسى يەنە باشلىنىپ ،ئەزىمەتلىرىمىز قايتىدىن يېشىل چىملىققا قايتىپ مىللىتىمىز ئۈچۈن توپ تەپسە توۋلايدىغان شوئارىمىز يەنىلا ئوخشاش : ھۇررا شىنجاڭ !  ھۇررا ئۇيغۇر !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-5 18:18:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پاسچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-5 18:20  
پارتىزان يوللىغان ۋاقتى  2012-12-5 17:34
ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىنى مۇنبەردىكى ھەممىمىز قوللايمىز . ...


ناۋاتتەك  گەپ  قىپسىلە.. مەيلى قايسى كوماندىنىڭ  قايسى  داڭلىق چولپاننىڭ مەستانىسى بولسۇن ..مۇنبىرىمىزدە ئۆزىمىزنىڭ پۇتپولچىللىرىمىزغا  مەدەت تىلىمەيدىغان  ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىنىڭ گۈللىنىشىگە تىلەكداش ئەمەس مۇنبەردىشىمىز  يوق  دەپ كىسىپ ئېيتىمەن !!گەرچە بەزى مۇنازىرىلىدە قىززىققانلىق قىلىپ ئۇنى بۇنى دىگەن بىلەن  ھەممىمىز پۇتبولچىلىقىمىزنىڭ  روناق تېپىشىنى ئۈمىدقىلىمىز!! گەپنى مۇنداقراق دىسەك: قىزىقىش باشقا  سۆيۈش باشقا گەپ ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-5 18:22:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يەردە ئۇيغۇر پۇتپولچىلىقىنى قوللىمايدىغانلار بولمىسا كېرەك ،،،
مۇنبەر بولغاندىكىن تالىشىپ قويىدىكەنمىز ، سېسېق گەپمۇ بوپ قالىدىكەن ،   بەزى توپچىلارنى ياقتۇرغاچقا بىتەرەپلىمە سوزلەپمۇ قويىدىكەنمىز ،،   ئەمما بۇ يەردە دۇشمىنىم يوق دەپ ئويلايمەن ،،،   مەن بىرەسىنىڭ گېپىنى ئېغىر ئىلىپ باقمىدىم ،،  باشقىلار قانداقكىن ؟؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-12-5 18:24:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارمانىم يوللىغان ۋاقتى  2012-12-5 17:10
دىگىنىڭىز  ئورۇنلۇق  بۇلۇپتۇ   قېرىندىشىم  .  بىزنىڭ مۇن ...

دېگىنىڭىزمۇ توغرا  ... سىزنىڭمۇ كۆڭلىڭىزگە كەممىسۇن ...  ئەگەر شۇ مەستانىلەر گەپ چۈشەنسە چوقۇم ئويلىنىپ باقىدۇ ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-12-5 18:25:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پارتىزان يوللىغان ۋاقتى  2012-12-5 17:34
ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىنى مۇنبەردىكى ھەممىمىز قوللايمىز . ...

ناۋاتدەك گەپ قىلدىڭلار ...  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-12-5 18:28:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مارىس يوللىغان ۋاقتى  2012-12-5 18:22
بۇ يەردە ئۇيغۇر پۇتپولچىلىقىنى قوللىمايدىغانلار بولم ...

ھەممە ئادەم شۇ سىز بىزدەك بولسا مۇشۇ تىمانى يېزىپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورىنى بارمىتى ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-5 18:49:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  سايلامغا ئاز قالدى ،، ئەمەت تاز دەپ تىللىسا ،،، ھۇ سەمەت ماز دەپ تىللايدىغانلار ۋە چاپانچىلار ئاينىپ كېتىدۇ ،،، توغرا چۇشىنىشكە بولىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-12-5 19:50:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ronaldooo يوللىغان ۋاقتى  2012-12-5 18:46
مۇشۇ مۇنبەردە مىسسى مانچە مانچە  دەپ ئىسىم قۇيۇۋالغان  ...

گەپ چۇشىنىۋاتامسىز يا ؟  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 18:08

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش