ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 3431 |
تۆھپىسى: سەر |
|
توۋا قىلدىم خۇدايىم ، يەنە دېسەم يەنە شۇ يەنە بىر دېسەم ، توۋا خۇدايىم .
بىرسى بىر نىمە دەپ بولغۇچە مۇش كۆتۈرۈپ چىقماي ، خەقنىڭ ئېغىزىغا نىمىشقا مۇشۇنداق چىقىپ قالغاندىمەن دەپ ئويلانماق لازىم بۇلىدۇ قېرىنداشلار . ئۆزىگە باشقىلارنىڭ تەنقىد پىكىرىنى يېقىن يولاتمايدىغان ئادەمنىڭ تەرەققى قىلالىشى مۇمكىنمۇ ؟ سىز ئىككى كۆز بىلەن مىليونلىغان شەخىسلەرنى كۆرگەن بىلەن ، مىليون كۆزلەر سىزنى كۆرىدۇ .
تېما ئىگىسى بىر بەلەن تېما يازسا ، ئارتۇقچە دېگەنلەرمۇ باركەن ، مۇشۇنداق تېمىلارنىڭمۇ بولمىغىنىدىن بولغىنى ياخشى قېرىنداشلار . بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان گەپ مۇنبەردە مۇنازىرە تالاش تارتىش قىلماڭ دېگەنلىك ئەمەس ، شۇنداق مۇنازىرە تالاش - تارتىشلار ئارقىلىقمۇ ئادەم نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالىدۇ . سىز ئۆتكۈر پىكىردىن ئىككى ئېغىز سۆزلەپ قۇيۇپ چىقىپ كەتسىڭىز ، بىرسى كىرىپلا سىزگە يوقلا گەپتىن 4 نى قىلىۋالغاندەك قىلغىنى بىلەن ، بىر كۈنلەردە شۇ كىشىمۇ ئەقىل تاپقاندا ، كاللىسىدىن ئۆتكەندە بىر ۋاقىتلاردا مۇنبەردە پالانىنىڭ يازغان ئېنكاسى ئەسلى مۇنداقكەندە دەپ ئويلىنىپ ، سىزدىن خۇرسەن بۇلۇپ تەبەسسۇم قىلىدىغان كۈنلەرمۇ كېلىدۇ ئېنشائاللا .
تېما ئىگىسىنىڭ دېمەكچى بولغىنى ، گەپ شۇنداقلا مېسسى ، رونالدو دەپ بولغۇچە ئىككىنجى بەتكە قارىسىڭىز بىر بىرىنىڭ ئاتا - ئانىسى ، ھەدە - سىڭىللىرىنى سۆرەپ چىقىرىدىغانلار بار . غۇلارغا دېيىلگەن گەپ بۇ چۈشەنسىڭىز . مۇشۇنداق تېمىلار باياقىدەك كىشىلىرىمىزگە تۇخۇمچىلىك تەسىر قىلالماسلىقى مۇمكىن ، ئەمما تېرىقچىلىك بولسىمۇ تەسىر قىلماسلىقىغا مەن ئېشەنمەيمەن . دېمەك ، شۇلارنىڭمۇ دەماللىققا كاللىسىدىن ئۆتمىگەن توغرا پىكىرلەرنى قۇبۇل قىلىدىغان كۈنلىرى ھامان كېلىدۇ قېرىنداشلار .
كۆپ سۆزلەپ قويدۇم ، كەچۈرگەيسىلەر ھە . |
|