ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 4061 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بالون، دۇنيا لوڭقىسى تەييارلىق باسقۇچ مۇسابىقىلىرىنى مەركىزىي بەشىنچى قانالدىن بەكرەك CSPN (XJTV10 ) قويۇۋاتىدۇ، كېچە -كېچىلەپ مۇسابىقىلا كۆرىۋاتىمەن. كاپېرونىڭ ئىقتىدارىغا قايىلمەن، ئالدىنقى مەيداندا ئېنگىلاند ھۇجۇم قىلىشقا شۇنچە ئىنتىلىپ تۇرسىمۇ بىرەر توپ كىرمىگەنلىكتىن ئانچە ئەركىن ئوينىيالمىغانىدى، كېيىنكى مەيدان باشلىنىپلا ئالماشتۇرغان ئادەملىرى شۇنداق ئەسقاتتى، مەيدانغا چىقارغان ئۈچىلى ئادىمىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈمى كۆرۈلدى. مەن لېۋىرپۇلدىكى جېرراردقا بەك بەك قايىلمەن، كوماندا باشلىقىلىقىغا ئەڭ مۇۋاپىق توپ تېپىدىغان پۇتبولچى، چېلسىدىكى لامپارد راسلا تۆمۈر ئادەم نامىغا لايىق، ئۇزۇن مۇددەت نورمال ھالىتىدە توپ تېپەلەيدۇ، كەيپىياتى تۇراقسىز ئەمەس. دۆلەت كوماندىسىدا بۇ ئىككىسىنى تەڭ ئويناتقاندا كۆرۈشكە تېگىشلىك بولغان ئوتتۇرا مەيداندىكى ماسلىشىشلار يوقاپ قالىدىكەن، شۇڭا ئۇلارنى ئالماشتۇرۇپ ئالماشتۇرۇپ ئوينىتىشنى مۇۋاپىقمىكىن دېگەن قاراشقا كېلىپ قالدىم.. ( ھەر ئىككىلىسى مەن خېلى ياقتۇرىدىغان ئوتتۇرا مەيدان ئەزالىرى) |
|