elan ornielan orni
كۆرۈش: 4243|ئىنكاس: 76

ئېنگلاند vs قازاقىستان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2008-10-12 04:10:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئەنگلىيە شۇ يەر ۋاقتى2008-يىلى 10-ئاينىڭ11-كۈنى17:15دە(بېيجىڭ ۋاقتى12-كۈنى00:15دە) 2010-يىللىق جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ياۋرۇپا تاللاش رايۇنىنىڭ 6-گۇرۇپپىسىدىكى 3-ئايلانما مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلدى.ئېنگلاند ساھىبخان مەيدانى بولغان ۋېنبۇرى مەيدانىدا قازاقىستان كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى.
مۇسابىقە ئېنگلاند 1:5قازاقىستان نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى.ئېنگلاند كوماندىسىدىن كاپىتان فېردىناند بىرىنچى توپنى ئۇردى(ئەسلى كاپىتان تېررى يارىلىنىپ مۇسابىقىگە قاتنىشالمىدى).كېيىن رۇنى ئىكككى توپ ئۇردى.ئاخىرىدا مەيدانغا چىققان دىفۇمۇ بىر توپ ئۇردى.قازاقىستان ئۆزىگە خائىن توپتىن بىرنى ئۇردى ھەم ئاشلى كولنىڭ ئەجەللىك سەۋەنلىكىدىن پايدىلىنىپ بىر توپ ئۇردى.
مۇسابىقىدە رۇنىنىڭ ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولدى.خېسكىنىڭ رولى چوڭ بولدى .ۋولكوتمۇ تىرىشىپ ئوينىدى.مۇسابىقە تۈگەشكە ئون مىنۇت قالغاندا بېكھام 15-نومۇرلۇق كىيىمنى كىيىپ،7-نومۇرلۇق ۋولكوتنىڭ ئورنىغا چۈشتى،ئىپادىسى ياخشى بولدى.رايت فىلىپپىس سەپلىمە ئەزا قاتارىدا مەيدانغا چۈشۈپ ئېچىلىپ كەتتى. لەمپارد ھەم جېرراد ئىككىسى ئوتتۇرا مەيداندا ئىنتايىن ياخشى ئوينىدى.ئاشلى كول بىر ئەجەللىك خاتالىق ئۆتكۈزدى،لېكىن پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى خاتالىقىنى يېپىپ كېتەلەيدۇ. ۋېس.بۇرۇۋن مانچېستېردىكى ئىپادىسىنى دۆلەت كوماندىسىغا ئېلىپ كەلدى،رۇنىغا بىر ياردەمچى پاس بەردى.تېررى يارىدار بولغاچقا غەربىي ھام كوماندىسىدىكى ئۇپسۇن ئۇنىڭ ئورنىدا ئوتتۇرا بېك ئوينىدى،بىر قانچە ئىختىيارى توپ ھەم كورنىك توپلاردا كاللا توپنى يامان ئەمەس تالاشتى،مۇداپىيىسى خېلى ئوبدان.كاپىتان فېردىناند ئىنتايىن ئېچىلىپ كەتتى ھەم مۇسابىقىدە بىرىنچى توپنى كىرگۈزۈپ ئېنگلاندنىڭ توپ تىقىش بوھرانىنى باشلىۋەتتى. جامىس قېرىپ قالغان بىلەن يەنىلا چەستەي ئوينىدى.
شۇنىڭ بىلەن ئېنگلاند كوماندىسى تاللاش مۇسابىقىسىدا ئالدىنقى ئۈچ مەيداننىڭ ھەممىسىدە غەلىبە قىلىپ گۇرۇپپىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇردى.

مۇسابىقىگە دائىر سۈرەتلەر:










كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە تولۇق كۆرۈنۈشى(ئۆزۈم سىنغا ئالغان):

چىقماي قالسا بۇنى كۆرۈڭ(ئالدىدا بىر مىنۇت ئېلان بار،بۇنىمۇ ئۆزۈم سىنغا ئالغان)
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-10-12 05:06:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالغا ئىنگىلاند
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2008-10-12 08:06:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قازاقلارمۇ ياخشى ئوينايدىكەنتۇق ~~~~~
بىرىنجى مەيداننى غەلبىلىك ئاياقلاشتۇرغان  ،ئىككىنجى مەيداندا بىر كاللا توپ ،بىرنى ئۆزىگە ئۇرۇپلا تۈگىشىپ كەتتى . قازاقلاردىن 7-نۇمۇر بىلەن 21-نۇمۇر ياخشى ئوينايدىكەن  .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2008-10-12 10:18:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاپىرو ئادەم ئىشلىتىشكە يامان ئىكەن ....  
  ھەربىر ئالماشقان ئەزا نىڭ مەيداندىكى رولى ناھايىتى چوڭ بولۇپتۇ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2008-10-12 10:33:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مۇسابىقىدە ئىنگىلاندتىن ئىپادىسى ناچار ئەزانى تاپقىلىمۇ بولمامدۇ نىمە.  مۇشۇنداقلا ئويناپ بەرسە كىرودىيەنى گەپ سۆزسىز جەنۇبىي ئافىرقىغا بارغۇزمايدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2008-10-12 10:38:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىنقى مەيدان پەقەت قىززىمىغانىدى، جېررارد پاسلاردا كۆپ سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ كەتتى، كېيىنكى مەيداندا جېرراردنى چۈشۈرىۋېتەرمىكىن دېسەم خېلى ئوبدان ئويناۋاتقان بارىنى چۈشۈرىۋەتتى. ئالدىنقى مەيدان باشلىنىپلا ۋولكوت بەك پېچەت ئوينىغان، ئارىدا ئوتتۇرا مەيداندىكىلەرنىڭ پاسلىرىنىڭ ئانچە تايىنى بولماي يوقاپ كېتىپ كېيىن يەنە پەيدا بولدى، قاناتتا بەكلا ئېسىل ئويناپ قويىدىغان گۇيكەن بۇ...

رۇنى ئالدىنقى مەيداندا سول تەرەپكە كۆپرەك بېرىۋېلىپ خېسكىينى ئوتتۇرىدا يالغۇز قويغانلىقتىن ھۇجۇم سېپى بەكلا قالايمىقان بولغان، كېيىنكى مەيدان كاپېرو فىلىپىسنى سول قاناتقا چۈشۈرۈپ رۇنىنى ئازات قىلىۋەتتى. ئاشلى كولنىڭ بىر سەۋەنلىكى سەۋەبلىك ئېنگىلاند مەستانىلىرى ئۇ ھەر توپ ئالغاندا چۇرقىرىشىپ ئۇنىڭغا خېلى بېسىم قىپ قويدى. بېكخام يەنىلا ئېنگىلاندلىقلارنىڭ ئەڭ پەخىرلىك پۇتبولچىسى سۈپىتىدە ئالقىش بىلەن مەيدانغا چۈشتى، ھەمدە شۇنداق ئېسىل توپتىن بىر نەچچىنى تاشلاپ خېسكىيغا ئوبدان پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەردى.

جېررارد بىلەن لامپارد تەڭ چۈشكەن ئېنگىلاندنىڭ مۇسابىقىلىرىدە ئوتتۇرا مەيدان كونتىرول قىلىنىشى ھەمدە ئوتتۇرا مەيداندىكى ماسلىشىشچانلىق سەل تۆۋەنلەپ قالىدىكەن، كاپېرو بۇلارغا نەچچىلىك پۇرسەت بېرىدىكىن قېنى....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2008-10-12 10:39:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قازاقىستان كوماندىسى  شەخسى تېخنىكا، بەدەن سۇپىتى جەھەتتىن ئېنگىلاد كوماندىسىدن رۇشەن  پەرقىلىندىكەن. ئۇلارنىڭ مىھمان مەيداندا بۇ  مۇسابىقىنى  تاماملىشىمۇ ئاسانغا توختىمىدى. بۇلۇپمۇ ئالدىنقى يېرىم مەيدانىدا  ئىپادىسى خېلى ياخشى بولدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2008-10-12 10:43:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
7 قەۋەتتىكى 米兰抢手 نىڭ 2008-10-12 10:33 دە يوللىغان يازمىسى نەقىل قىلىندى  :
بۇ مۇسابىقىدە ئىنگىلاندتىن ئىپادىسى ناچار ئەزانى تاپقىلىمۇ بولمامدۇ نىمە.  مۇشۇنداقلا ئويناپ بەرسە كىرودىيەنى گەپ سۆزسىز جەنۇبىي ئافىرقىغا بارغۇزمايدۇ.

مۇسابىقە كۆرگەنلەر ئۇنداق قارىشى ناتايىن، ئاخشام ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولغانلار : ۋولكوت،خېسكىي،بېكخام ئۈچىسى
رۇنىي،لامپارد،بارىلار نورمال ئوينىدى، جېررارد ياخشى ئوينىمىدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2008-10-12 11:44:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
10 قەۋەتتىكى buhra نىڭ 2008-10-12 10:43 دە يوللىغان يازمىسى نەقىل قىلىندى  :


مۇسابىقە كۆرگەنلەر ئۇنداق قارىشى ناتايىن، ئاخشام ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولغانلار : ۋولكوت،خېسكىي،بېكخام ئۈچىسى
رۇنىي،لامپارد،بارىلار نورمال ئوينىدى، جېررارد ياخشى ئوينىمىدى

مەن مۇسابىقىنى تولۇق كۆرمىگەچكە تىمىغا قاراپلا ئىنگىلاندلىقلار شۇنداق شاش ئوينىغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن.  

جىراد بىلەن لامپارد نى بىللە مەيدانغا چىقارسا ئىش سەل بۇزۇلۇپ قالامدۇ قانداق؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2008-10-12 12:41:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قازاقىستاننى يىڭەلمىسمۇ سەت تۇرا...........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2008-10-12 12:51:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالغا ئىنگىلاد!!!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2008-10-12 12:52:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جېرراد بىلەن لەنپاردنى  زادى بىر مەيداندا ئويناتسا بولمايدىكەن..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-5-22 17:00

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش