ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1664 |
تۆھپىسى: سەر |
|
5 قەۋەتتىكى buhra نىڭ 2008-10-12 10:38 دە يوللىغان يازمىسى نەقىل قىلىندى :
ئالدىنقى مەيدان پەقەت قىززىمىغانىدى، جېررارد پاسلاردا كۆپ سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ كەتتى، كېيىنكى مەيداندا جېرراردنى چۈشۈرىۋېتەرمىكىن دېسەم خېلى ئوبدان ئويناۋاتقان بارىنى چۈشۈرىۋەتتى. ئالدىنقى مەيدان باشلىنىپلا ۋولكوت بەك پېچەت ئوينىغان، ئارىدا ئوتتۇرا مەيداندىكىلەرنىڭ پاسلىرىنىڭ ئانچە تايىنى بولماي يوقاپ كېتىپ كېيىن يەنە پەيدا بولدى، قاناتتا بەكلا ئېسىل ئويناپ قويىدىغان گۇيكەن بۇ...
رۇنى ئالدىنقى مەيداندا سول تەرەپكە كۆپرەك بېرىۋېلىپ خېسكىينى ئوتتۇرىدا يالغۇز قويغانلىقتىن ھۇجۇم سېپى بەكلا قالايمىقان بولغان، كېيىنكى مەيدان كاپېرو فىلىپىسنى سول قاناتقا چۈشۈرۈپ رۇنىنى ئازات قىلىۋەتتى. ئاشلى كولنىڭ بىر سەۋەنلىكى سەۋەبلىك ئېنگىلاند مەستانىلىرى ئۇ ھەر توپ ئالغاندا چۇرقىرىشىپ ئۇنىڭغا خېلى بېسىم قىپ قويدى. بېكخام يەنىلا ئېنگىلاندلىقلارنىڭ ئەڭ پەخىرلىك پۇتبولچىسى سۈپىتىدە ئالقىش بىلەن مەيدانغا چۈشتى، ھەمدە شۇنداق ئېسىل توپتىن بىر نەچچىنى تاشلاپ خېسكىيغا ئوبدان پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەردى.
جېررارد بىلەن لامپارد تەڭ چۈشكەن ئېنگىلاندنىڭ مۇسابىقىلىرىدە ئوتتۇرا مەيدان كونتىرول قىلىنىشى ھەمدە ئوتتۇرا مەيداندىكى ماسلىشىشچانلىق سەل تۆۋەنلەپ قالىدىكەن، كاپېرو بۇلارغا نەچچىلىك پۇرسەت بېرىدىكىن قېنى....
بۇغرانىڭ يۇقارقىدەك ئېسىل تەھلىل قىلغانلىقىغا ئېنگلاند باشچىلىقىدىكى بارلىق ساۋاقداشلار رەھمەت ئېيتىمىز!
مۇسابىقىنى خېلى ئەستايىدىل كۆرۈپسىز...تۈنۈگۈن شۇ بىر مەيدان مۇسابىقىنى دەپ تورخانىدا تۈنەپتىمەن،شۇنىڭ بىلەن بۈگۈن بىر كۈن ئۇخلاپتىمەن..سىز قەيەردىن كۆردىڭىز ؟ ئىتالىيە بىلەن بۇلغارىيەنىڭكىنى توردىن xjtv-10دا كۆرگىلى بولىدىكەنتۇق،لېكىن سەت قېتىپ ئىچىمنى سىقىپ كۆرمەيلا قويدۇم.رۇمىنىيە فىرانسىيەنى راۋرۇس بوزەك ئېتىۋالدى دېسە..
تاققا تۇققا سۆزلەپ سالدىم، چۈشتە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئىككى ئىنكاس يېزىۋېتىپ يەنە ئۇخلاپ بايا تۇرغانىدىم،گېپىمنى چۈشەنمىسىڭىز ئەيىىبكە بۇيرىمىغايسىز.. |
|