2012-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى خوتەن بىرلەشمىسى چىمپىيونلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ 2-ئايلانما مۇسابىقىسىدە ئەزىمەتلەر پۇتبول كۇلۇبى(خوتەن كوماندىسى ) بىلەن خوتەن ئىلتەرىش كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى .
ئەزىمەتلىرىمىزدىن تۇرسۇنجان ، ھېبىبۇللا ، رۇزتوختى ، دىلمۇرات ، مەمەتجان ، سىراجىدىنلار مۇسابىقىگە قاتناشتى. قەشقەرلىك ماھىرلىرىمىز بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتناشمىدى.
مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي كوماندىمىزدىن تۇرسۇنجان بىر توپ ئۇردى . كىيىن كوماندىمىز ئەزاسى سىراجىدىن ئارقىمۇ -ئارقا ئىككى توپ ئۇردى . شۇنداق قىلىپ ئالدىنقى يېرىم 3:0نەتىجە بىلەن ئاخىرلىشى ئەزىمەتلىرىمىز ۋاقتىنچە ئۈستۈنلىكنى ئىگىلىدى .
كىيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپلا قارشى تەرەپكە ئىناۋەتسىز توپتىن بىرى ئىناۋەتلىك قىلىپ بېرىلدى . يان رىپىر ئىناۋەتسىز دىسە يىراقتا تۇرغان باش رىپىر ئىناۋەتلىك قىلىۋەتتى . كىيىن سىراجىدىن يەنە بىر توپ ئۇرۇپ قالپاق كېيدى.
ئارلىقتا سىراجىدىن بىرقانچە قېىملىق ياخشى پۇرسەتلەرنى تۇتالماي قالدى.
مۇسابىقە نەتىجىسى 4:1 ئىدى . قارشى تەرەپ ئارقىمۇ ئارقا ئۈچ توپ ئۇرۇپ مۇسابىقە نەتىجىسىنى تەڭلەشتۈرىۋالدى . مەيداندا تاماشىبىنلار ھەسسىلەپ كۆپەيگەن ئىدى بىزگە مەدەت بېرىدىغان بىرمۇ ئادەم يوق ھەممەيلەن ئىلتەرىش كوماندىسى ئۈچۈن ئالقش سادالىرىنى ياڭرىتىپ شۇلارغا مەدەت بېرىپ ئولتۇراتتى . بىزنىڭ ما مۇنبەردىن بىرمۇ ئادەم كەلمىگەن ئوخشايدۇ مۇسابىقىگە

مۇسابىقە ئاخىرلاشقىلى 30 سىكونت قالغاندا كوماندىمىز ئەزاسى تۇرسۇنجان بۇلۇڭ توپنى بىۋاستە كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 5:4كە ئۆزگەرتتى شۇنىڭ بىلەن ئەزىمەتلەر پۇتبول كۇلۇبى 1- 2- ئايلانمىدا غەلبە قىلىپ بىرلەشمىدە 6 نۇمۇرنى قولغا كەلتۈردى .
[ بۇ يازمىنىdilmurat.دە2012-05-02 12:05قايتا تەھرىر ]