تولۇق نۇسخىسىنى كۆرۈش: [-- ئەزىمەتلەر پۇتبول كۇلۇبى خەۋىرى ! --]

پۇتبول كۇلۇبى -> ئۆز كوماندىمىز -> ئەزىمەتلەر پۇتبول كۇلۇبى خەۋىرى ! [مەزكۇر بەتنى پېرىنتېرلاش] كىرىش -> تىزىملىتىش -> ئىنكاس قايتۇرۇش -> تېما يوللاش

dilmurat. 2012-05-02 11:26

2012-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى خوتەن بىرلەشمىسى چىمپىيونلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ 2-ئايلانما مۇسابىقىسىدە ئەزىمەتلەر پۇتبول كۇلۇبى(خوتەن كوماندىسى ) بىلەن خوتەن ئىلتەرىش كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى .
ئەزىمەتلىرىمىزدىن تۇرسۇنجان ، ھېبىبۇللا ، رۇزتوختى ، دىلمۇرات ، مەمەتجان ، سىراجىدىنلار مۇسابىقىگە قاتناشتى. قەشقەرلىك ماھىرلىرىمىز بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتناشمىدى.
مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي كوماندىمىزدىن  تۇرسۇنجان  بىر توپ ئۇردى . كىيىن كوماندىمىز ئەزاسى سىراجىدىن ئارقىمۇ -ئارقا ئىككى توپ ئۇردى . شۇنداق قىلىپ ئالدىنقى يېرىم  3:0نەتىجە بىلەن ئاخىرلىشى ئەزىمەتلىرىمىز ۋاقتىنچە ئۈستۈنلىكنى ئىگىلىدى .
كىيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپلا قارشى تەرەپكە ئىناۋەتسىز توپتىن بىرى ئىناۋەتلىك قىلىپ بېرىلدى .  يان رىپىر ئىناۋەتسىز دىسە يىراقتا تۇرغان باش رىپىر ئىناۋەتلىك قىلىۋەتتى . كىيىن سىراجىدىن يەنە بىر توپ ئۇرۇپ قالپاق كېيدى.
ئارلىقتا سىراجىدىن بىرقانچە قېىملىق ياخشى پۇرسەتلەرنى تۇتالماي قالدى.
مۇسابىقە نەتىجىسى 4:1 ئىدى .  قارشى تەرەپ ئارقىمۇ ئارقا ئۈچ توپ ئۇرۇپ مۇسابىقە نەتىجىسىنى تەڭلەشتۈرىۋالدى . مەيداندا تاماشىبىنلار ھەسسىلەپ كۆپەيگەن ئىدى بىزگە مەدەت بېرىدىغان بىرمۇ ئادەم يوق ھەممەيلەن ئىلتەرىش كوماندىسى ئۈچۈن ئالقش سادالىرىنى ياڭرىتىپ شۇلارغا مەدەت بېرىپ ئولتۇراتتى . بىزنىڭ ما مۇنبەردىن بىرمۇ ئادەم كەلمىگەن ئوخشايدۇ مۇسابىقىگە
مۇسابىقە ئاخىرلاشقىلى 30 سىكونت قالغاندا كوماندىمىز ئەزاسى تۇرسۇنجان بۇلۇڭ توپنى بىۋاستە كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 5:4كە ئۆزگەرتتى شۇنىڭ بىلەن ئەزىمەتلەر پۇتبول كۇلۇبى 1- 2- ئايلانمىدا غەلبە قىلىپ بىرلەشمىدە 6 نۇمۇرنى قولغا كەلتۈردى .

umidwar029 2012-05-02 11:50
مۇبارەك بولسۇن،داۋاملىق ئالغا!!!!!!!!!!!!!!

ankar528 2012-05-02 12:14
ئەزىمەتلەر تىخىدىنىمۇ تىرىشىڭلار!!!!!!
مۇنبىرىمىزنى زىيارەت قىلىۋاتقان خوتەن دىيارىدىكى قىرىنداشلارنىڭ مۇمكىن بولسا ھەر شەنبە-يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزىلىۋاتقان مۇشۇ پائالىيەتكە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ ئەزىمەتلىرىمىز ئۈچۈن ئازىراق بولسىمۇ مەدەت بىرىپ قويىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز !!!  ھىچ بولمىغاندا ئاشۇ توپ ئويناۋاتقان باللارنىڭ يىنىدا تۇرۇپ بەرسەڭلىمۇ ھىساب .

نەدە تايىنى يوق ، مىسسى بىلەن رونالدونى ماختاپ ئۇرۇشۇپ-تالىشىپ ئولتاماي ،

noyear 2012-05-02 12:17
ياخشى پىكىر بەردىڭىز.       

tanha84 2012-05-02 12:27
مۇسابىقە ھەقىقەتەن قىززىدى

hakanbuyuk420 2012-05-02 12:39
بۇلۇڭ توپنى  بىۋاستە  كىرگۇزۇش....پاھ،نىمە  دىگەن  ئىسىل...سىن  ھۆججىتى  بارمۇ؟بولسا  ھۇزۇرلىنايلى؟

hotan 2012-05-02 12:43
تۈنۈگۈن بىركۈندە ئوينالغان 6 مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن ياخشى سەۋىيە، ھەم ئىنتايىن قىزغىن كەيپىيات بىلەن ئېلىپ بېرىلدى، تاماشىبىنلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى ئايرىم بىرە كوماندىنىڭ مەستانىسى بولماستىن ھەممىسى دېگىدەك مۇسابىقىنىڭ، يۇقىرى سەۋىيەنىڭ مەستانىسى ئىدى، قايسى تەرەپ ياخشى ئوينىسا شۇ تەرەپ ئۈچۈن مەدەت چاۋاكلار چېلىنىپلا ئەتتىگەندىن كەچكىچە شورباغدا پۇتبول تەنتەنىسى بولدى. مەنچە مەستانىلەر دەل شۇنداق بولۇشى كېرەك، بولمىسا زىددىيەت چىقىدۇ... كۆڭۈلسىزلىك ھېچكىمگە ياقمايدۇ...

c.ronaldo777 2012-05-02 12:54
  

سېغىنىش 2012-05-02 13:22
مۇسابىقە بەك كەسكىن ئىلىپ بىرىلغاندەك قىلىدۇ، مۇداپىئەڭلاردىن چاتاق چىقتىمۇ نىمە، ئارقىمۇ - ئارقا 3 توپ كىرىپ كىتىپتۇ...

بېرنابۇ 2012-05-02 13:58
تاس قاپتۇ قارشى تەرەپ تەڭلىشۋالغىلى  

isimsiz 2012-05-02 15:54
ئىككى ئۇتۇق. نەتىجەڭلەر ياخشىغۇ بولسا ئاخرىغىچە غەلىبە قىلىڭلار.

uyboss 2012-05-02 17:59
ۋا ، جەنۇب بىلەن شىمالدا مۇسابىقىلەر كەسكىنغۇ  

madred. 2012-05-02 20:27
مۇبارەك بولسۇن  

humarim~putbol 2012-05-02 21:39
ياخشى باشلىنىش

exaniq 2012-05-02 21:49
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى ankar528دە2012-05-02 12:14يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
ئەزىمەتلەر تىخىدىنىمۇ تىرىشىڭلار!!!!!!
مۇنبىرىمىزنى زىيارەت قىلىۋاتقان خوتەن دىيارىدىكى قىرىنداشلارنىڭ مۇمكىن بولسا ھەر شەنبە-يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزىلىۋاتقان مۇشۇ پائالىيەتكە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ ئەزىمەتلىرىمىز ئۈچۈن ئازىراق بولسىمۇ مەدەت بىرىپ قويىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز !!!  ھىچ بولمىغاندا ئاشۇ توپ ئويناۋاتقان باللارنىڭ يىنىدا تۇرۇپ بەرسەڭلىمۇ ھىساب .

نەدە تايىنى يوق ، مىسسى بىلەن رونالدونى ماختاپ ئۇرۇشۇپ-تالىشىپ ئولتاماي ،



realmadridclub 2012-05-03 01:15
ياخشى بۇپتۇ.داۋاملىق ئالغا

arean418 2012-05-03 01:50
يارايسلەر~~~~

adidas777 2012-05-03 03:48
نىمىدىگەن ياخشى غەيرەت
777


تولۇق نۇسخىسىنى كۆرۈش: [-- ئەزىمەتلەر پۇتبول كۇلۇبى خەۋىرى ! --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.093531 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us