سىز بۇ تېمىنىڭ 700 - ئوقۇرمىنى
تېما: ئەزىمەتلەر پۇتبول كۇلۇبى خەۋىرى !
3-ئەۋلاد پۇتبول شاھى
مەن توردا يوق !
دەرىجە: پۇتبول لۈكچىكى

UID: 9222
جەۋھەر: 9
يازما: 1841
شۆھرەت: 3241 نۇمۇر
پۇل: 2238808 سوم
تۆھپە: 51 نۇمۇر
ياخشى باھا: 249 نۇمۇر
توردا: 321(سائەت)
تىزىملاش: 2011-06-30
ئاخىرقى: 2012-05-24
0  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-02 11:26

ئەزىمەتلەر پۇتبول كۇلۇبى خەۋىرى !

2012-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى خوتەن بىرلەشمىسى چىمپىيونلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ 2-ئايلانما مۇسابىقىسىدە ئەزىمەتلەر پۇتبول كۇلۇبى(خوتەن كوماندىسى ) بىلەن خوتەن ئىلتەرىش كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى .
ئەزىمەتلىرىمىزدىن تۇرسۇنجان ، ھېبىبۇللا ، رۇزتوختى ، دىلمۇرات ، مەمەتجان ، سىراجىدىنلار مۇسابىقىگە قاتناشتى. قەشقەرلىك ماھىرلىرىمىز بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتناشمىدى.
مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي كوماندىمىزدىن  تۇرسۇنجان  بىر توپ ئۇردى . كىيىن كوماندىمىز ئەزاسى سىراجىدىن ئارقىمۇ -ئارقا ئىككى توپ ئۇردى . شۇنداق قىلىپ ئالدىنقى يېرىم  3:0نەتىجە بىلەن ئاخىرلىشى ئەزىمەتلىرىمىز ۋاقتىنچە ئۈستۈنلىكنى ئىگىلىدى .
كىيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپلا قارشى تەرەپكە ئىناۋەتسىز توپتىن بىرى ئىناۋەتلىك قىلىپ بېرىلدى .  يان رىپىر ئىناۋەتسىز دىسە يىراقتا تۇرغان باش رىپىر ئىناۋەتلىك قىلىۋەتتى . كىيىن سىراجىدىن يەنە بىر توپ ئۇرۇپ قالپاق كېيدى.
ئارلىقتا سىراجىدىن بىرقانچە قېىملىق ياخشى پۇرسەتلەرنى تۇتالماي قالدى.
مۇسابىقە نەتىجىسى 4:1 ئىدى .  قارشى تەرەپ ئارقىمۇ ئارقا ئۈچ توپ ئۇرۇپ مۇسابىقە نەتىجىسىنى تەڭلەشتۈرىۋالدى . مەيداندا تاماشىبىنلار ھەسسىلەپ كۆپەيگەن ئىدى بىزگە مەدەت بېرىدىغان بىرمۇ ئادەم يوق ھەممەيلەن ئىلتەرىش كوماندىسى ئۈچۈن ئالقش سادالىرىنى ياڭرىتىپ شۇلارغا مەدەت بېرىپ ئولتۇراتتى . بىزنىڭ ما مۇنبەردىن بىرمۇ ئادەم كەلمىگەن ئوخشايدۇ مۇسابىقىگە
مۇسابىقە ئاخىرلاشقىلى 30 سىكونت قالغاندا كوماندىمىز ئەزاسى تۇرسۇنجان بۇلۇڭ توپنى بىۋاستە كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 5:4كە ئۆزگەرتتى شۇنىڭ بىلەن ئەزىمەتلەر پۇتبول كۇلۇبى 1- 2- ئايلانمىدا غەلبە قىلىپ بىرلەشمىدە 6 نۇمۇرنى قولغا كەلتۈردى .
[ بۇ يازمىنىdilmurat.دە2012-05-02 12:05قايتا تەھرىر ]

3-ئەۋلاد پۇتبول شاھى رونالدو !
مەن توردا يوق !
دەرىجە: ھەۋەسكار پۇتبولچى
UID: 10548
جەۋھەر: 0
يازما: 368
شۆھرەت: 335 نۇمۇر
پۇل: 369 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردا: 206(سائەت)
تىزىملاش: 2012-04-06
ئاخىرقى: 2012-05-23
1  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-02 12:39

بۇلۇڭ توپنى  بىۋاستە  كىرگۇزۇش....پاھ،نىمە  دىگەن  ئىسىل...سىن  ھۆججىتى  بارمۇ؟بولسا  ھۇزۇرلىنايلى؟