تېما ئىگىسىنىڭ يازغانلىرىنى قەتئىي قوللايمەن ! مەيلى سىز باسا مەستانىسى بولۇڭ ۋە ياكى باشقىسى بولۇڭ ئىشقىلىپ ئوغۇل بالىدەك گەپ قىپسىز ....
ئۆزەمنىڭ شەخسىي پىكىرىنى ئېلىپ ئېيىتسام مۇنبەر دىگەندە ئۆز ئارا مۇلاھىزە دىگەن بولۇپ تۇرىدۇ ...
ئادەم تىللاشمايمۇ قايىل قىلارلىق جاۋاپ قايتۇرغىلى بولىدۇ ... ئۆزەمنى ئېلىپ ئېيىتسام مەن بىر مادرىد مەستانىسى .. مادرىدنى ھاقارەتلەيدىغان گەپلەرنى قىلسا مىنىڭ ئەلۋەتتە ئاچچىقىم كېلىدۇ .. ئۇنىڭدىن باشقامەن مۇشۇ مۇنبەردە لۈكچەكلىك مىدالى تەسىس قىلغان بارلىق كۇلۇبلارغا ئامراق (بارسېلونادىن باشقىسىغا ) بارسېلوناغا كەلسەم ئۇنىڭ ئويناش ئۇسۇلىنى ئانچە ياختۇرۇپ كەتمەيمە (مەيداندىكى پاسلىرى قارشى تەرەپ ماھىرلىرىنى كۆزگە ئىلمىغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇماڭا ) لىكىن بارسېلونادىكى مىسسى ، شاۋى ، ئىنېستا،پۇيول مۇشۇ تۆتىدىن باشقىسىنى تازا ياختۇرمايمە .. مۇشۇ تۆت پاپىنىڭ تالانىتتىغا مەن قايىل

ھەم پۈتۈن دۇنيادىكى مەستانىلەر ئېتىراپ قىلىدۇ بۇنى ....
لىكىن نەچچە يىلدىن بېرى بارسا ۋە بارسا ماھىرلىرى ئېرىشكەن بىرقىسىم شەرەپلەرگە مەن تازا رازى ئەمەس ..... شۇڭا بىرقىسىم ئاتتىن چۈشسىمۇ ئۆزەڭگىدىن چۈشمەيدىغان مەستانىلەرنىڭ ئازراق ئويلۇنۇپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .. تېما ئىگىسىگە رەخمەت !