تولۇق نۇسخىسىنى كۆرۈش: [-- چىدىساڭ ياشا ! --]

پۇتبول كۇلۇبى -> پۇتبول كۇلۇبىغا تەكلىپ -> چىدىساڭ ياشا ! [مەزكۇر بەتنى پېرىنتېرلاش] كىرىش -> تىزىملىتىش -> ئىنكاس قايتۇرۇش -> تېما يوللاش

gunasiz 2011-07-31 00:49

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مۇنبەردىكى بارلىق ئاكا-ئىنە قىرىنداشلار،ئالدى بىلەن ھەممىڭلارغا ئامەت،بەخىت سائەدەتلەرنىڭ يار بولۇشىنى ئۇلۇغ ئاللادىن تىلەيمەن.
بەلكىم بۇنداق تىما قويسام ھەيران بولغانسىلەر،بىراق مەن ئويلايمەن،بۇ تىمىنى كۆرگەن ھەربىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر پوتپولچىلىقى ۋە مۇنبەر تەرەققىياتىغا چوقۇم توھپە قوشالايدۇ.
2011\2012-يىللىق ھەر قايسى بىرلەشمە مۇسابىقىلەر ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرماقتا ھەم ھەر قايسى كوماندا ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئىلان قىلىنماقتا.بىراق كونا خۇيىمىز يەنىلا تۈگىگىنى يوق.بۇ دىگىنىم مەستانىلەر ئارىسىدىكى مەۋھۇم جىدەل.
بۇ ھەققىدە مۇنبەر باشلىقلىرى،مۇنبەر ئەزالىرى كۆپ تەكلىپلەنى بەرگەن بولسىمۇ،بىز يەنىلا كونا سەنەمگە دەسساۋاتىمىز.بىرسىمىز بارسلونانىڭ،يەنە بىرسىمىز خان مادرىتنىڭ،يەنە بىرسىمىز .......كۇلۇپلارنىڭ مەستانىسى.بۇ ناھايىتى نورمال ئىش.مەلۇم بىر كوماندىنى ياخشى كۆرۈش،ئۇنى قوللاش----بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىز.ئەمما بىر كوماندىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان كوماندىنى ئۆش كۆرۈش،ھاقارەتلەش،تىللاش،سۆكۆش،مەسخىرە قىلىش قاتارلىق ناچار ئادەتلەر پەقەت بىزنىڭ ناھايىتى نادان،ساپاسىزلىقىمىزدىن دىرەك بىرىدۇ،خالاس.
‹‹توپ› ›دىگەن يۇمىلاق،تەپكەن توپنىڭ ھەممىسى كىرىۋەرمەيدۇ،مۇسابىقە دىگەندىمۇ ئۇتۇش-ئۇتتۇرۇش بوپ تۇرىدۇ،بۇ بىر قىل سىغماس ھەقىقەت.بۈگۈن ئۇتتى،ئۇنىڭ ئەتە ئۇتىشى ناتايىن،بۈگۈن ئۇتتۇردى،ئۇنىڭ ئەتە يەنە ئۇتتۇرىشىمۇ ناتايىن،كىم بىلىدۇ،بۈگۈن كۆتەك بولغان كوماندا ئەتە چىمپىيون بولامدۇ تىخى،بۇنى بەندە بىلمەيدۇ.
ئابىيام تىخى زەردار كۇلۇبلارغا ئائىت تىمىلارنى كۆرۈپ قالدىم،تىمىنى كۆرۈپ بولۇپ ئىنكاسقا قارىسام،مەستانىلەر ئارىسىدا جىدەل يۇقىرى پەللىگە چىقىپتۇ،توۋا،تۇرۇپ ئويلاپ قالىمەن،بىز ئاجايىپكەنمىز،ئاشۇ بىر يات مىللەتنى،ئاشۇ بىر يات كۇلۇبنى،كۆز بىلەن كۆرۈپمۇ باقمىغان،رەسىمدە كۆرۈپ ئاشىق بولغان چولپانلارنى دەپ ئۆزىمىزنىڭ مىللىتىنى ھاقارەت قىلىدىكەنمىز،ھەر بىرىمىز دەپ باقايلى،بۇ خىل ھالەت مۇنبەردە بارمۇ يوق؟
سىزسىزمۇ ئۇ كوماندىلار ئۆز ئىشىنى ئۆزى قىلىپ كىتەلەيدۇ،سىزنىڭ يات بىرسىنى دەپ قان قىرىندىشىڭىزنى چۈشۈرگىنىگىز ھاجەتسىز،بىلىپ قويۇڭ،ئۇ ئەڭ تىتىقسىزلىق،ئەڭ لاۋزىلىق.
بىز ئۆز ئەتراپىمىزدىكىلەرنى قەدىرلىمەيمىز،مەيلى ئۇ قايسى ساھەدىن بولسۇن،بىز ئۇنىڭ ھەقدار ئىگىسى تۇرۇپ،ئۇنىڭ قەدرىنى قىلمايمىز،ئەمما باشقا بىر مىللەتكە تەۋە بولغان نەرسىنى بەكرەك قەدىرلەيمىز.بۇنىڭغا مىسال كەتمەيدۇ.
‹‹ئىنكاس››دىگەن نىمە بىلەمسىز ؟ ئۇنىڭ ئەسلى مەنىسى شۇ تىمىغا نىسپەتەن سىزدە بولغان كۆز قاراش،تەكلىپ-پىكىر.ئەمما كۆز ئالدىمىزدىچۇ ؟ئۇ ئىنكاسلارنى نىمە دەپ چۈشىنىمىز ؟ سىزنى ئىنكاس ياز دەپ بىرسى بۇيرۇق قىلغىنى يوق،تىمىنى كۆرۈپ باشقىچە ئويلىغىنىغىنىڭىز بولمىسا ئىنكاس يازماي چىكەتسىڭىزمۇ بولىدۇ،لاۋزا،تىتىقسىز،چاقچاق،گەپ سۆزلەرنى قىلىپ مۇنبەر كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزىشىگىزنى ھىچكىم خالىمايمىز،مۇنداق لاۋزىلىقتىن ئەمدى ساقلىنايلى.
بۇ قىتىم سىز ياخشى كۆرگەن كوماندا مەغلۇپ بولدى،بىراق ھىچقىسى يوق،قارشى كوماندىنى تىللىسىڭىزمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ،قارشى تەرەپنى تەبرىكلسىڭىزمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ،سىزچە قانداق ئۆتۈپ كەتسە ياخشى،قىنى دەپ بىقىڭە .........
ئەگەر قارشى تەرەپنى ماختاپ،تەبرىكلەپ قويسىڭىز،ئۇمۇ خوشال،سىزمۇ خوشال،مۇنبەرمۇ خوشال،بۇ نىمىدىگەن ياخشى كەيپىيات ھە.
ئاخىرىدا كەڭ مۇنبەر ئەھلىگە دەيدىغىىنىم،يۇقارقى سۆزلەرنى ئىسىمىزدە چىڭ تۇتايلى،بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر پوتپولچىلىقى،مۇنبەر تەرەققىياتى،جۈملىدىن ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈندۇر.ئەگەر تومۇرىدا ئىقىۋاتقاننى ئۇيغۇرنىڭ قىنى دەپ ھىساپلىمايدىغان مۇناپىقلار بولسا،ئۇلارغا روخسەت،چۈنكى ئۇلار بىزگە تەۋە ئەمەس.
شۇنداقلا مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرنىڭمۇ بۇ ئىشقا يۈكسەك قاراپ،خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى جازالاشنى كۈچەيتىشىنى،ئەزالىق سالايىتىنى ئىلىپ تاشلىشىنى ھەم بۇ ئارقىلىق ياخشى بىر مۇنبەر قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
ئىسىمىزدە بولسۇن،
بىزگە تەئەللۇقى ------- ئۇيغۇر پوتپولچىلىقى،ئۇيغۇر چولپانلىرى

بۇ پىكىرنى قوللايدىغان قىرىنداشلىرىمنىڭ ئىنكاس شەكلىدە خەت قالدۇرۇپ قويۇشىنى،ئۈزىنىڭمۇ ئويلىغانلىرىنىمۇ يىزىپ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئۈمۈت قىلىمەن.

سەرسان 2011-07-31 01:34
ما تېمىدا يەنە بىر قېتىم دەي ، ئۇ تېمىدا ئۆزۈمنى تۇتالمىغىنىم راس، دېمەيدىغان نۇرغۇن گەپلەرنى دېدىم ، تېمىنى كۆرگەن ھەربىر ئادەمنىڭ نەزىرىدىن چۈشتۈم، ھېس قىلىشىمچە زادى ئاشۇنداق گەپلەر بىر چىقمىسا بولمايدىغان يەرگە يەتكەن ، ئەمما شۇنىسى ئېنىق بولسۇن، ئۇ تېمىدا ھېچقانداق پۇتبولچى ياكى كوماندا ئۈچۈن خەخنى تىللىمىدىم !~~!  مېنى ئاۋال تىللىغانلىقى ئۈچۈنلا مەن ئاشۇرۇپ قايتۇرۇپ بەردىم !~~!
كېيىنچە ئوڭشىلىپمۇ قالارمەن !~~!

ئامېرىكا 2011-07-31 01:40
قارشى تەرەپنى ماختىغىنى بۇلمايدۇ..دۈشمەننى چۇقۇم تىللاش  كىرەك، سۈكۈش كىرەك  بۇ دىگەن ئۇرۇش  ...ئامېركىنىڭ داڭلىق جەڭگاھ  زۇڭتۇڭى ئىزىنخاۋىر شۇنداق دەپتىكەن
ياخشى  گەپ  بوپتۇ مەن ئىككى قۇلۇمنى تەڭ كۈتۈرۈپ ماۋۇ مۇنبەرداشنىڭ پىكىرىنى قۇللايمەن.
ئىناق مۇنبەر كەيپىياتى يارتايلى ھە  قىرىنداشلار........مەن مۇنبەرگە  كىرگەن  ياقى مۇشۇنىڭ بىلەن مۇشۇنداق تىمىدىن 20سى يۇللىنىپ بۇلدىغۇ دەيمەن.يەنە ئۇڭ قۇلاقتىن چىرىپ سۇل قۇلاقتىن چىقىپ كىتىدۇ بۇ گەپلەر...
تىما ئىسمى بىلەن مەزمۇن سەل باغلاشماي قالدىمۇ بۇرادەر....مەزمۇن ياخشى بوپتۇ تىما ئىسمى سەل ماس كەلمىگەن چىراي ...

ozhan 2011-07-31 01:55
مەن تۇنجى ئىنكاسنى يېزىپ بولاي دىگەندە توك ئۆچۈپلا كەلدى،
بۇ تىما يېڭى پەسىلنىڭ باشلىنىشىدا ياخشى يېزىلىپتۇ.
مەن مادرىدنىڭ سادىق مەستانىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بارسېلونا كولۇبى ھەم مەستانىلىرىگە ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن،چۈنكى بارسېلونا ھازىرقى زامان پۇتبۇل دۇنياسىنى ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدە.
مەن يېڭى پەسىلدە ئادىل رىقابەتلىشىش ئارقىلىق دۇنياۋى چولپانلارنىڭ ھەم دۇنيادىكى لوڭقاتەلۋىسىنىڭ جەمگاھى بولغان ئاق تۇلپارنىڭ دۇنيا پۇتبۇلچىلىقىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيسىگە ۋەكىللىك قىلىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۆمۈد قىلىمەن.

ozhan 2011-07-31 01:56
سەرسان ئىنكاسىڭىزدا يەنە قايىل بولمىغانلىقىڭىزنى ئېيتىپسىز ھە؟

boran618 2011-07-31 02:02
تېما ئىگىسىنىڭ يازغانلىرىنى قەتئىي قوللايمەن !   مەيلى سىز باسا مەستانىسى  بولۇڭ ۋە ياكى باشقىسى بولۇڭ ئىشقىلىپ ئوغۇل بالىدەك گەپ قىپسىز ....     
ئۆزەمنىڭ شەخسىي پىكىرىنى ئېلىپ ئېيىتسام  مۇنبەر دىگەندە ئۆز ئارا مۇلاھىزە دىگەن بولۇپ تۇرىدۇ ...
ئادەم تىللاشمايمۇ قايىل قىلارلىق جاۋاپ قايتۇرغىلى بولىدۇ ...  ئۆزەمنى ئېلىپ ئېيىتسام مەن بىر مادرىد مەستانىسى ..  مادرىدنى ھاقارەتلەيدىغان گەپلەرنى قىلسا مىنىڭ ئەلۋەتتە ئاچچىقىم كېلىدۇ ..  ئۇنىڭدىن باشقامەن مۇشۇ مۇنبەردە لۈكچەكلىك مىدالى تەسىس قىلغان بارلىق كۇلۇبلارغا ئامراق (بارسېلونادىن باشقىسىغا ) بارسېلوناغا كەلسەم ئۇنىڭ ئويناش ئۇسۇلىنى ئانچە ياختۇرۇپ كەتمەيمە (مەيداندىكى پاسلىرى قارشى تەرەپ ماھىرلىرىنى كۆزگە ئىلمىغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇماڭا ) لىكىن بارسېلونادىكى مىسسى ، شاۋى ، ئىنېستا،پۇيول مۇشۇ تۆتىدىن باشقىسىنى تازا ياختۇرمايمە .. مۇشۇ تۆت پاپىنىڭ تالانىتتىغا مەن قايىل      ھەم پۈتۈن دۇنيادىكى مەستانىلەر ئېتىراپ قىلىدۇ بۇنى ....
لىكىن نەچچە يىلدىن بېرى بارسا ۋە بارسا ماھىرلىرى ئېرىشكەن بىرقىسىم شەرەپلەرگە مەن تازا رازى ئەمەس .....   شۇڭا بىرقىسىم ئاتتىن چۈشسىمۇ ئۆزەڭگىدىن چۈشمەيدىغان مەستانىلەرنىڭ ئازراق ئويلۇنۇپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ..  تېما ئىگىسىگە رەخمەت !  

boran618 2011-07-31 02:09
ھەراسىت مەن پەقەت بىرقىسىم شەرەپلىرىگە تازا رازى ئەمەس دىدىم جۇمۇ  ھەممىسى ئەمەس  ...   چۈشەنمەي تىللاپ كەتمەڭلا يەنە !
  مەدەنىيەتلىك مەستانىلەردىن بولايلى !  

sultan 2011-07-31 02:24
رامىزاننىڭ كېلىپ قېلىشىغا ئەگىشىپ مۇشۇ تېمىنى ئوتتۇرغا چىققىنى ئىنتايىن ياخشى ئىش بولدى ...

سەرسان 2011-07-31 02:24
كىمنىڭ خەخبىلەن سوقۇشقۇسى بار؟ ياش ۋاقىتلىرىمدا قىزلانى دەپ خەخ بىلەن سوقۇشۇپ ئاغزى-بۇرنۇمغىچە تويغان ئادەممەن   ، ئەمدى ئۆتەپ تېشىپ مەندەك بىر ئىنساننىڭ بارلىقىنىمۇ بىلمەيدىغان ئادەملەر ئۈچۈن ئۇرۇشۇپ يۈرۈپ تەتۈر چۆگلەپ قالمىدىم ، ئاشۇ جېدەلگە سەۋەبچى  ئىنكاسىم مادىرىت 17ئوتتۇرا مەيدان بىلەن ئوينىسا تەلىيى كېلىپ ئۇتۇپ قالا دېگەن ئىنكاس . بۇ گەپنىڭ مادىرىتچىلارنىڭ زىتىغا تېگىدىغىنىنى ئوبدان بىلىمەن ، بىزدە پىچاقنى ئۆزۈڭگە تىق، ئاغرىمىسا خەخكە دەيدىغان گەپ بار، يۈرىكىڭىزنى تۇتۇپ سۆزلەپ بېقىڭ ئەجىبا سىز بارسىلونا مەستانىلىرىنىڭ زىتىغا تېگىدىغان ئىنكاس يېزىپ باقمىغانمۇ ؟ مىلانچىلارنىڭ زىتىغا تېگىدىغان ئىنكاس يېزىپ باقمىغانمۇ ؟شۇ ئىنكاسلىرىڭىزغا بىرەرسى سىزنى ھاقارەتلەپ باققانمۇ ؟ بەلكىم باردۇ ، ئەمما سىلەر مادىرىتچىلاردىن كۆپ ئاز، ھازىر تېمىدا بارسىلونانى ھاقارەتلەش، توپچىلىرىنى زاڭلىق قىلىش ئادەتتىكى ئىش ،كۆپ قىسىم بارسىلونا مەستانىلىرىمۇ چىداپ تۇرىدۇ ، ئەمما مادىرىتنى زاڭلىق قىلىپ ئىنكاس يازساق بومبا ئۇدۇل شەخسىيىتىمىزگە تېگىدۇ ،مادىرىت مەستانىلىرى ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە ئادەملەرمۇيە ؟ بارسىلوناغا بولۇشۇپ ئىنكاس يازساق ئىنكاس سەۋىيەسىنىڭ يۇقۇرى تۆۋەنلىكى بىلەن قىلچە كارىڭلار يوق مىلانچى ئۇچى بۇچىغا چۈشىسىلەر، ھازىر ئىسپان دېربىيسىنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ 2قۇتۇپلىشىۋاتقان مادىرىت -بارسا ۋەزىيىتىدە باشقىلار مادىرىتقا بولۇشسا بولىدۇ ، مىلانچىلار بارساغا بولۇشسا بولمايدۇ . مىلانلىقلار ئارپاڭلارنى خام ئوراپ قويغانمۇيە ؟ مىلانچىلارنى شۇنداق ئەزۋەيلىتىپ بارساغا چاپان يېپىشقا مەجبۇرلاۋاتقان دەل ئۆزۈڭلار ئىكەنلىكىڭلارنى ئويلاپمۇ قويمايسىلەر!~~!
مۇنبەرچىلىكتە ياقتۇرمايدىغان كوماندىلارنى سۆكۈپ ئىنكاس تېما يېزىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ ، ئەمما شۇ ئىنكاسقا قايتۇرۇلغان جاۋاب نېمە ئۈچۈن ئىنكاسنىڭ مەزمۇنىغا قارىتىلماي شەخسكە قارىتىلىدۇ ؟

شۇنداق دېيەلەيمەنكى مۇنبەردىكى قوش ماكانلىق مەستانە دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان مىلانچىلارنىڭ 100%تى مىلان بىلەن بارسا ئۇچرىشىپ قالسا قىلچە ئىككىلىنىش يوق مىلان دەپ توۋلايدۇ .

نېھال11 2011-07-31 05:55
بەزىبىر سەبىي چولپان مەستانىللىرىمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن  ،  مۇشۇ يەردە بىر ئىككى چولپان مەستنانىسى بار تۆۋە دەپ قالىمەن ؛   پەيغەمبىرىمىزدىن يۇقېرى كۆرەمىكىن دەيمەن مىسسى ، رونالدو ئۈچۈن  قېرىنداشلىرىغا قاتتىق ئازار بېرىدىغان بىر قانچىسى بار   يولۋاس نەچچە نەچچە دەپ كىرىدىغانلاردەك

bangbax 2011-07-31 09:21
ھەممىنى قىغان مۇشۇ رونالدو بىلەن مورىنيو .  ئۇلار ئىسپانغا كەلمەستە ، مۇنبەر بىر ئوبدان ئىدى ، ئاشۇلار كىلپلا ئۇرۇش تالاش باشلىنىپ كەتتى .  

c.ronaldo77 2011-07-31 10:19
راست مەنمۇ تېمىدىكى پىكىرنى قوللايمەن. ھەم شۇنداق قىلىشقا تېرىشىمەن.

ilhan0999 2011-07-31 10:43
تىمىڭىزغا رەھمەت،ياخشى ئويلاپسىز،ھەممىمىز بىر مۇسۇلمان قىرىنداش تۇرۇپ،ئاشۇ كاپىرلانىڭ سەنىمىگە دەسسەپ كىتىپ بارىمىز.

ozhan 2011-07-31 10:51
ھاھا سەرسانجان نىمانداق ئەزۋەيلەيدىغاندۇ؟
قوشماكانلىق دەڭ

gunasiz 2011-07-31 10:52
رەھمەت سىزگە قىرىندىشىم،بەك ئىسىل يىزىپسىز بۇئىنكاسنى.
مەن بۇندىن كىيىنمۇ بۇنداق ئىسىل مەزمۇنلارنىڭ يىزىلىشىغا تىلەكداشمەن.

gunasiz 2011-07-31 10:58
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى ozhanدە2011-07-31 01:55يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مەن تۇنجى ئىنكاسنى يېزىپ بولاي دىگەندە توك ئۆچۈپلا كەلدى،
بۇ تىما يېڭى پەسىلنىڭ باشلىنىشىدا ياخشى يېزىلىپتۇ.
مەن مادرىدنىڭ سادىق مەستانىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بارسېلونا كولۇبى ھەم مەستانىلىرىگە ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن،چۈنكى بارسېلونا ھازىرقى زامان پۇتبۇل دۇنياسىنى ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدە.
مەن يېڭى پەسىلدە ئادىل رىقابەتلىشىش ئارقىلىق دۇنياۋى چولپانلارنىڭ ھەم دۇنيادىكى لوڭقاتەلۋىسىنىڭ جەمگاھى بولغان ئاق تۇلپارنىڭ دۇنيا پۇتبۇلچىلىقىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيسىگە ۋەكىللىك قىلىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۆمۈد قىلىمەن.

رەھمەت قىرىندىشىم،بۇ ئىنكاسنى تولىمۇ ياخشى يىزىپسىز.
بۇندىن كىيىنمۇ مۇشۇنداق ياخشى ئىنكاسلارنىڭ يېزىلىشىغا تىلەكداشمەن.

غالپ 2011-07-31 11:31
بىزگە تەئەللۇقى ------- ئۇيغۇر پوتپولچىلىقى،ئۇيغۇر چولپانلىرى
بۇ يازمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى : پۇتبول كۇلۇبى , ئەسلى يازما ئادرىسى : read.php?tid=20137
          
ramos 2011-07-31 12:25
راس شۇنداق

يۈكسەل 2011-07-31 12:32
بۇنداق تىمىلا بەك تولا يوللاندى ۋە ھەممىمىزنىڭ قىزغىن ئالىقىشىغا ئىرىشتى.ئەمما ئەمەل قىلىۋاتامدۇق؟ كۆپىنچە جىدەللەرگە ھەتتا مەنمۇ ئارلىشىپ قالدىم. نىمە ئۈچۈن؟ بەزى بىر گەپلەرگە ئىچىم قايناپ شۇ....مەن بىر مادرىت مەستانىسى ئەمما چوقۇنغۇچى ئەمەس.ئۇ سەت كاپىرلا نىمە كارىم مىنىڭ؟ رونالدو ،مورىنىيو بولسا چاتىقىم نىمە...ئۇلار شىنجاڭغا كەلسىمۇ پىسەنت قىلمايمە مەن...ئەمما مەن مادرىت كۇلۇبىنى ھەقىقەتەن ياقتۇرىمەن. رونالدۇنىڭ توپ ئوينىشى ۋە مۇرىنىيونىڭ جەڭ تاكتىكىسىنى ئىنتايىن ياقتۇرىمەن. ھەم ناھايتى قىزىقىمەن. مادرىتنىڭ مۇسابىقىلىرىنى كۆرۈشكە ئامراق.ئۇلارنى غەلبە قىلسىكەنلا دەيمەن. لىكىن بىز ئۆزىمىزنى بىر مۇسۇلمان دەيدىكەنمىز ئۇ خەق ئۈچۈن بىر بىرسىمىزنىڭ دىلىغا ئازار بەسەك قەتتى بولمايدۇ. دوسلۇق مۇنبىرىگە كىرىپ تىمىلارنى ئانچە مۇنچە زىيارەت قىلىپ بىقىڭلا....
ئاتا ئانىمىزنى جەتتە جەمەتىمىزنى تىللاپ نىمە قىلىمىز؟ ئاشۇنداق قىلىش ئاقىلانىلىكما؟ ئۇنىڭ سورىقى بولمامدا؟ شۇ بىر ئىنكاسنى ئويلۇشۇپ يازساقلا بولدىغۇ...نىمە قىلىمىز ئەتەي باشقىلارنى ۋە باشقا كۇلۇپلانى زاڭلىق قىلىپ ئىنكاس يىزىپ..ئۆزىمىز قانچىلىكتۇق بىز...سوغۇققان بولۇشنى ئۈگۈنۈپ قويايلى قىرىنداشلا....

پارلاق 2011-07-31 13:59
قىزىقكەنسىلە سىلەرمۇ كونا خاماننى تولا سورۇيدىغان...نىمىگە كۆتۈرۈپ چىقىدىغاندۇ دەيمەن كونا تېمىلارنى..ئۆتكەن ئىش ئۆتتى........ بۇنداق تېما يازىۋەرسەك يەنە جىدەل چىقىدۇ..خويمۇ زېرىكتىم مۇشۇنداق تېمىلاردىن.......

gunasiz 2011-07-31 14:35
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 18قەۋەتتىكى يۈكسەلدە2011-07-31 12:32يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :

ئىسىل،ئىسىل،رەھمەت سىزگە.
سىزدەك ئويلايدىغانلار كۆپرەك چىقسىتى،

سەركە 2011-07-31 14:36
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 19قەۋەتتىكى دونادە2011-07-31 13:59يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
قىزىقكەنسىلە سىلەرمۇ كونا خاماننى تولا سورۇيدىغان...نىمىگە كۆتۈرۈپ چىقىدىغاندۇ دەيمەن كونا تېمىلارنى..ئۆتكەن ئىش ئۆتتى........ بۇنداق تېما يازىۋەرسەك يەنە جىدەل چىقىدۇ..خويمۇ زېرىكتىم مۇشۇنداق تېمىلاردىن.......

  ما گەپ ماڭا تەگدى جۇما.. دوناجون

gunasiz 2011-07-31 14:40
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 19قەۋەتتىكى دونادە2011-07-31 13:59يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
قىزىقكەنسىلە سىلەرمۇ كونا خاماننى تولا سورۇيدىغان...نىمىگە كۆتۈرۈپ چىقىدىغاندۇ دەيمەن كونا تېمىلارنى..ئۆتكەن ئىش ئۆتتى........ بۇنداق تېما يازىۋەرسەك يەنە جىدەل چىقىدۇ..خويمۇ زېرىكتىم مۇشۇنداق تېمىلاردىن.......

ئالىي ئەزا تۇرۇپ بۇنداق ئىنكاس يازسىگىز ماس كەلمەيدۇ،
ھەممىمىزنىڭ ئويلايدىغىنى پەقەت شۇ بىرلا.
ئىناقلىق،دوستانىلىك.شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر پوتپولچىلىقىنى،مۇنبەر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش.
تىما يازسىلا ھىساپ ئەمەس،بەلكى شۇنى چىن مەنىسى بىلەن چۈشىنىدىغان قەلىپ بولۇشى كىرەك.

ozugh 2011-07-31 14:50
مۇشۇ جەھەتتىن ھۇررا كۇلۇبى بىلەن پۇتبۇل مۇنبىرى ئاسمان -زېمىن پەرقلىنىدۇ . قالغىنىنى قۇدۇقنىڭ ئىچىدىكى پاقىدەك بولۇۋالماي ئانچە - مۇنچە ئەتراپقىمۇ نەزەر سىلىپ قويساق زىيان بولمايدۇ .
مەن بۇرۇنمۇ دېگەن ، ھازىرمۇ دەيمەن : « ئۇلار ئاچىمىزنىڭ ئىرى بولمىغاندىكىن ، نېمە قىلىمىز ئۇلارغا چاپانچىلىق قىلىپ ، پودىقىنى كۆتۈرەپ ، شالىمىزنى ئېتقىتىپ بىر-بىرىمزنى رەنجىتىپ كىتىدىكەنمىز ، ئەرزىمدۇ دەيمەن !!! »
شۇڭا شەخسكە چوقۇنمايلى ، ئۇلۇغ ئاي ، ئۇلۇغ كۈنلەردە  ئۇلۇغ نىيەت ، ئۇلۇغ مەقسەتلەر بىلەن ئەقلى ھۇشى جايىدا مەستانە بولايلى !!!

ئوسكار 2011-07-31 16:23
دەپ...دەپ...ئەمەل قىلمىسا  نىمە  پايدىسى  بۇنىڭ،  

kuyun0998 2011-07-31 16:29
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 18قەۋەتتىكى يۈكسەلدە2011-07-31 12:32يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
بۇنداق تىمىلا بەك تولا يوللاندى ۋە ھەممىمىزنىڭ قىزغىن ئالىقىشىغا ئىرىشتى.ئەمما ئەمەل قىلىۋاتامدۇق؟ كۆپىنچە جىدەللەرگە ھەتتا مەنمۇ ئارلىشىپ قالدىم. نىمە ئۈچۈن؟ بەزى بىر گەپلەرگە ئىچىم قايناپ شۇ....مەن بىر مادرىت مەستانىسى ئەمما چوقۇنغۇچى ئەمەس.ئۇ سەت كاپىرلا نىمە كارىم مىنىڭ؟ رونالدو ،مورىنىيو بولسا چاتىقىم نىمە...ئۇلار شىنجاڭغا كەلسىمۇ پىسەنت قىلمايمە مەن...ئەمما مەن مادرىت كۇلۇبىنى ھەقىقەتەن ياقتۇرىمەن. رونالدۇنىڭ توپ ئوينىشى ۋە مۇرىنىيونىڭ جەڭ تاكتىكىسىنى ئىنتايىن ياقتۇرىمەن. ھەم ناھايتى قىزىقىمەن. مادرىتنىڭ مۇسابىقىلىرىنى كۆرۈشكە ئامراق.ئۇلارنى غەلبە قىلسىكەنلا دەيمەن. لىكىن بىز ئۆزىمىزنى بىر مۇسۇلمان دەيدىكەنمىز ئۇ خەق ئۈچۈن بىر بىرسىمىزنىڭ دىلىغا ئازار بەسەك قەتتى بولمايدۇ. دوسلۇق مۇنبىرىگە كىرىپ تىمىلارنى ئانچە مۇنچە زىيارەت قىلىپ بىقىڭلا....
ئاتا ئانىمىزنى جەتتە جەمەتىمىزنى تىللاپ نىمە قىلىمىز؟ ئاشۇنداق قىلىش ئاقىلانىلىكما؟ ئۇنىڭ سورىقى بولمامدا؟ شۇ بىر ئىنكاسنى ئويلۇشۇپ يازساقلا بولدىغۇ...نىمە قىلىمىز ئەتەي باشقىلارنى ۋە باشقا كۇلۇپلانى زاڭلىق قىلىپ ئىنكاس يىزىپ..ئۆزىمىز قانچىلىكتۇق بىز...سوغۇققان بولۇشنى ئۈگۈنۈپ قويايلى قىرىنداشلا....

راس گەپنى قىلسام بارسانى چۈشۈردىغان گەپنى بىرىنجى بولۇپ سىزدىن ئاڭلايمەن.

kuyun0998 2011-07-31 16:36
راس مۇشۇنداق ئىشلىرىمىزنى بىر يۇغۇشتۇرۋالساق بولاتتى،  بىر كۇلۇبنىڭ يىتەرسىزلىكلىرىنى دىسەك بولىدۇ لېكىن تىللاش بىلەن ئەمەس بەلكى سىلىق سۆزلەر بىلەن دىيىلسە بولاتتى لېكىن ھازىر ئۇنداق بولماي قالدى  

پارلاق 2011-07-31 18:18
توۋا دىمىسە بىكار ھەي باللار........      

koklam 2011-07-31 18:48
ئۆزى ياخشى  كۆرگەن كولوپ ياكى  شەخس باشقىلار  تەرىپىدىن  ھاقارەتلەنسە ھەممە ئادەمنىڭ ئاچچىقى كىلىدۇ ئەلۋەتتە~~~
     ئامال با  مۇشۇنداق  ئىشلاردا ئۆزىمىزنى  تۇتىۋالساق~~~

مىلان كىچىسى 2011-07-31 21:43
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى سەرساندە2011-07-31 02:24يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
كىمنىڭ خەخبىلەن سوقۇشقۇسى بار؟ ياش ۋاقىتلىرىمدا قىزلانى دەپ خەخ بىلەن سوقۇشۇپ ئاغزى-بۇرنۇمغىچە تويغان ئادەممەن   ، ئەمدى ئۆتەپ تېشىپ مەندەك بىر ئىنساننىڭ بارلىقىنىمۇ بىلمەيدىغان ئادەملەر ئۈچۈن ئۇرۇشۇپ يۈرۈپ تەتۈر چۆگلەپ قالمىدىم ، ئاشۇ جېدەلگە سەۋەبچى  ئىنكاسىم مادىرىت 17ئوتتۇرا مەيدان بىلەن ئوينىسا تەلىيى كېلىپ ئۇتۇپ قالا دېگەن ئىنكاس . بۇ گەپنىڭ مادىرىتچىلارنىڭ زىتىغا تېگىدىغىنىنى ئوبدان بىلىمەن ، بىزدە پىچاقنى ئۆزۈڭگە تىق، ئاغرىمىسا خەخكە دەيدىغان گەپ بار، يۈرىكىڭىزنى تۇتۇپ سۆزلەپ بېقىڭ ئەجىبا سىز بارسىلونا مەستانىلىرىنىڭ زىتىغا تېگىدىغان ئىنكاس يېزىپ باقمىغانمۇ ؟ مىلانچىلارنىڭ زىتىغا تېگىدىغان ئىنكاس يېزىپ باقمىغانمۇ ؟شۇ ئىنكاسلىرىڭىزغا بىرەرسى سىزنى ھاقارەتلەپ باققانمۇ ؟ بەلكىم باردۇ ، ئەمما سىلەر مادىرىتچىلاردىن كۆپ ئاز، ھازىر تېمىدا بارسىلونانى ھاقارەتلەش، توپچىلىرىنى زاڭلىق قىلىش ئادەتتىكى ئىش ،كۆپ قىسىم بارسىلونا مەستانىلىرىمۇ چىداپ تۇرىدۇ ، ئەمما مادىرىتنى زاڭلىق قىلىپ ئىنكاس يازساق بومبا ئۇدۇل شەخسىيىتىمىزگە تېگىدۇ ،مادىرىت مەستانىلىرى ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە ئادەملەرمۇيە ؟ بارسىلوناغا بولۇشۇپ ئىنكاس يازساق ئىنكاس سەۋىيەسىنىڭ يۇقۇرى تۆۋەنلىكى بىلەن قىلچە كارىڭلار يوق مىلانچى ئۇچى بۇچىغا چۈشىسىلەر، ھازىر ئىسپان دېربىيسىنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ 2قۇتۇپلىشىۋاتقان مادىرىت -بارسا ۋەزىيىتىدە باشقىلار مادىرىتقا بولۇشسا بولىدۇ ، مىلانچىلار بارساغا بولۇشسا بولمايدۇ . مىلانلىقلار ئارپاڭلارنى خام ئوراپ قويغانمۇيە ؟ مىلانچىلارنى شۇنداق ئەزۋەيلىتىپ بارساغا چاپان يېپىشقا مەجبۇرلاۋاتقان دەل ئۆزۈڭلار ئىكەنلىكىڭلارنى ئويلاپمۇ قويمايسىلەر!~~!
مۇنبەرچىلىكتە ياقتۇرمايدىغان كوماندىلارنى سۆكۈپ ئىنكاس تېما يېزىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ ، ئەمما شۇ ئىنكاسقا قايتۇرۇلغان جاۋاب نېمە ئۈچۈن ئىنكاسنىڭ مەزمۇنىغا قارىتىلماي شەخسكە قارىتىلىدۇ ؟

شۇنداق دېيەلەيمەنكى مۇنبەردىكى قوش ماكانلىق مەستانە دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان مىلانچىلارنىڭ 100%تى مىلان بىلەن بارسا ئۇچرىشىپ قالسا قىلچە ئىككىلىنىش يوق مىلان دەپ توۋلايدۇ .

ما ئىنكاسنى كۆرۈپ ،ھەجەپ كۆڭلۈم ئىچىلىپ قالدى، باشقىلار ئويلىنىشقا تىگىشلىك ، مەنغۇ كۇلۇپ دىگەن يەرگە مەخسەتلىك 3 كۇلۇپنى كىرگۈزۋالدىم

tanhategin 2011-07-31 23:18
راست،ھەممەيلەن ئۆزىمىزدىن ئىزدەيلى!ئەمەل قىممىغاننىڭ نېمە پايدىسى دېمەي،چىداپ ئۆزىمىز ئەمەل قىلىپ باقمايلىما؟!بىر ئېغىز گەپنى ئاز قىلساق بىر يېرىمىز كاملاپ قالمايدۇ؟!...
جىق يېزىلسا نېمە بولاپتا بۇنداق تېما؟؟ئەمسە تىللىشىڭلار دەپ يازسا بولامىتىكى؟!ياكى خەقنى تىللاشتۇرىدىغان بەت سانى 20دىن ئاشىدىغان تېما يازسا ھە؟!

پارلاق 2011-08-01 16:22
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 30قەۋەتتىكى tanhateginدە2011-07-31 23:18يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
راست،ھەممەيلەن ئۆزىمىزدىن ئىزدەيلى!ئەمەل قىممىغاننىڭ نېمە پايدىسى دېمەي،چىداپ ئۆزىمىز ئەمەل قىلىپ باقمايلىما؟!بىر ئېغىز گەپنى ئاز قىلساق بىر يېرىمىز كاملاپ قالمايدۇ؟!...
جىق يېزىلسا نېمە بولاپتا بۇنداق تېما؟؟ئەمسە تىللىشىڭلار دەپ يازسا بولامىتىكى؟!ياكى خەقنى تىللاشتۇرىدىغان بەت سانى 20دىن ئاشىدىغان تېما يازسا ھە؟!

ما گەپ ھەجەپ تەگدى ماڭا ھە............ بۇ دىگەن مۇنبەر ......... مۇنبەر دىگەندەك سوقۇشۇش بولسۇن بىر بىرىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىشلاردىن قۇتۇلغىلى بولمايدۇ......... يازىۋەرسەكمۇ كىشىنىڭ ئىچى پۇشىدۇ.....مۇشۇنداق تېمىلارنى يېزىپمۇ باشقىلار يەنە قايتىدىن سوقۇشۇشقا باشلايدۇ..... ئۇنىڭ ئۈستىگە تېما ئىگىسى بۇرۇنقى تېمىلارنى سۆرەپ چىقىپتۇ...ئۆتكەن ئىش ئۆتتى ..ئۇ ئىشنى يەنە تەگەشنىڭ نىمە پايدىسى.......... تېمامدىن قۇسۇر ئىزدەۋاتامسىز..... ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ مېنىڭ دىگەن گېپىمگە سىز چۈشۈپ قالسىوڭىز بولمايتتى ئەمەسمۇ......تېما ئىگىسى ۋە ياكى تېمىسىدىن كۆرمەي ئۆزۈڭلار ياخشى مۇنازىرىلەشسەڭلا بولغان ئىش........... تەييار ناننى يىيەلمەي ئېغىزدىن كۆرگەندەك....... پاكىتنىڭ ھەممىنى قويۇپ قويدۇق..يەنە تىللىشىپ ئوينىسا بىزنىڭ نىمە ئامالىمىز........... تىللىشىپ بولۇپ ئارقىدىن يەنە ئۇنداق قىلمايمىز دەپ،يەنە بىر تېمىغا كىرىپ يەنە شۇنداق كونا سەنەمگە دەسسىسە بىزلەردە نىمە ئامال.......ھەقىقەتەن زېرىكىشلىك چۈشەنسىڭىز.....ھەم بىمەنىلىك.....

تولۇق نۇسخىسىنى كۆرۈش: [-- چىدىساڭ ياشا ! --] [-- top --]

Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.074685 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us